ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7092 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،سالامەت بولۇشقايلا،ھاۋا سوغۈق،سوغۇق ۋاقىتلاردا مانا مۇشۇنداق دۈگدەرەپ مۇنبەردە ئىسسىنىدىغان ئىشكەن،مانا ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك،نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى سوغۇقنى سوغۇق دىمەي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى جەنۇبىي ئوقۇتۇش رايونىدا قارمۇ قار كېچىپ توپ ئويناپ كېلىۋاتىمىز،ھازىرقى ئاشىق مەشۇقلارغىمۇ بۇنداق قارنى كېچىپ تۇرۇپ سەيلە قىلىش خوشياقمايۋاتسا بىز بېلىمىزچە كېلىدىغان قارلاردا توپ ئويناپ كەتتۇق،بۇنىلىرىمىز ئىچىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق،ئاغزىمىز ئىچىدىكى شۆلگەي بەزلىرى ئاجراتقان شۆلگەيلەرمۇ قېتىپ مۇراببا بولۇپ كەتكۈچە ئوينىدۇق،يۈزلىرىمىز سوغۇقتا قېتىپ يازدا تاۋۇز قوغۇن پىچىدىغان ئەمبەل-تاۋاقلارغا ئوخشاپ قالدى،قەھرىتان سوغۇقنىڭ ئىللىق شاماللىرىدا ئىڭەكلىرىمىز تېخىمۇ ئۇچلىيىپ،يۈزلىرىمىز كەينىگە تارتىشىپ بىزلەرنى مەجبۇرى ھىجايتقۇزۇۋەتتى،بىرى كېلىپ «سىلەر كىم بولىسىلەر» دىسە،«بىز پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى»دىسەك،ۋاي-ۋۇي بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاب يوق بولسا كېرەك،مابىتىمدىن ئايرىلىپ كېتىشكە رازىمەنكى ھەرگىز بۇنداق دەپ ئازابلىنشقا چىداپ تۇرالمىدىم. ئويلاپ باقساق بۇ تولىمۇ سەت ئىشكەن جۇما ئەمما،بىر شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر پۇتبول مۇنبىرى تۇرۇپ بۇنداق ئىشنى قىلساق تەنجاڭ nijat نىڭ يۈزىگە نىمە سەت دەيسىلەر،شۇڭىغىمۇ nijat تەنجاڭ بىزدىن يامانلاپ مۇنبەرگە ئىنكاس يازماسلام بولۇپ كەتتى.
ھە ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،11 ئادەم پۇتبول تورىدىكى ئۆزىنى قاپلان دەپ ئاتىۋالغان سېمىز پاقلانچاق بىلەن ( ئەمما چاقچاق ھە ) مەسلىھەتلىش ئارقىلىق بىر زال ئىچى پۇتبول مەركىزى ئۇقۇشتۇق،بۇنىڭدا ئاساسلىق ھەپتىدە بىر قېتىم توپ تېپىشنى مەقسەت قىلىمىز،چۈنكى ھاۋا سوغۇق،يەنە سىرتتا ئويناۋېرىپ ئاستىغا كىچىك ياغاچ سانجىلغان سۇلياۋ خالتا ئىچىدىكى 娃娃托 بولۇپ كېتىشكە ۋىجدانىمىز چىدىمىدى.ئاندىن ياز كەلگەندە سىرتتىكى مەيدانغا چىقىمىز.مەيدان خېلى بولۇپ قالىدۇ،7 كىشىلىك مەيدان،شۇڭلاشقا مۇقىم بارىدىغان 20 ئادەم تىزىملىۋالمىساق،ۋاقتى كەلگەندە ئاز ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن كۆپ پۇل چىقىپ كېتىپ ئۆيگە بارغاندا جاۋاب قايتۇرالمايدىغان ئىش چىقىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىم ئۆزىنىڭ تىلىنىڭ ئىتنىڭ تىلىدەك ئۇزىراپ كېتىشىنى خالىمايدىغۇ دەيمەن ؟! ئەگەر توپ ئويناشقا،مۇقىم بېرىشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلار بولسا ئالاقىلىشىش ئادېرىس،نومۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ.مۇقىملارنى بېكىتىۋېتىپ كېلەر ھەپتىدىن باشلايمىز بۇ پائالىيەتنى.
مەيدان ئورنى : ئۈرۈمچى پارلاق مېھمانسارىيى يېنىدا
ئاساسلىق ئوينايدىغان ۋاقىت شەنبە يەكشەنبە بولۇشى مۇمكىن ! ۋاىتنى چىڭ تۇتۇڭ،ئۆتۈپ كەتسە ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىسىز |
|