akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 45

ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى تاجسىز شاھ-- شاۋى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-23 00:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar310 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 01:01  

   2012- يىللىق FIFA ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈچ نامزاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن شاۋى بۇ قېتىم ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى. ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ 2012- يىللىق «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ئېنىستا بۇ قېتىم مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدودىن ئىبارەت بۇ ئىككى قاتىل ھۇجۇمچىلار بىلەن رىقابەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەمما ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياردەمچى پاس چىقارغان ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ «چوڭ مېڭە»سى شاۋىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا كىرىش پۇرسىتىمۇ بولماي قالدى، مانا بۇ بارسېلونا ۋە ئىسپانىيىدىن ئىبارەت زومىگەر كوماندىنى بارلىققا كەلتۈرگەن «چوڭ مېڭە»نىڭ نائىلاج قېلىشى. بۇ يىل بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار بىر يىل بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ بۇ قېتىم مەڭگۈلۈككە خوشلاشقاندەك قىلاتتى. بىراق شەك شۈبىھىسىزكى ئۇ بۇ دەۋىردىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى تاجسىز شاھتۇر.
    بىر مەسىلە بار: كىشىلەر نېمىشقا دائىم خەتەرلىك ۋاقىتتا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەمنى قەھرىمان دەپ ئاتايدۇ،  ئەمما دائىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىغان ئادەمنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ؟!
     شۇڭا، مېسسى مانا مۇشۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنىپ، ئۇتۇقلىرى بۇ دەۋىردىكى بارلىق گىگانىت چولپانلارنى بېسىپ قويدى، شۇ سەۋەپتىن شاۋىمۇ ئەڭ چوڭ شەخسىي شان شەرەپ بولغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بىلەن «سۈركىلىشىپ» ئۆتۈپ كەتتى.


     ئەمما ھەممەيلەن بۇ «كىچىك» ئادەم ئۈچۈن ئادالەت ياقىلايتتى، ھەممەيلەنگە مەلۇم، 21-ئەسىردىكى ئەڭ زەردارلاردىن بولغان بۇ ئىككى كوماندا مۇشۇ كىشى بولغاچقىلا شاھ دەپ ئاتالغان.


     ئۇ دەسلەپتە مېسسىدەك تەبىئىي تالانتى بىلەن ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئىگىسى ئەمەس ئىدى


    نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئادەمىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان تېخنىكىسى ۋە شامالدەك تېز سۈرئىتى يوق ئىدى


ئۇنىڭ قاۋۇل بەدىنى ،كېلىشكەن قامىتى يوق ، ھەممە جەۋھەر ئۇنىڭ مېڭىسىگە ساقلانغان: ئۇ ھەر قانداق بىر كىشىدىن بەكرەك تەپەككۇر قىلىشنى بىلىدۇ


     19 ياش ۋاقتىدا ئۇ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، كىشىلەر كىچىكلا تونۇلغان «يېڭىلمەس سانغۇن» مەيدانغا كەلدى دەپ ئويلىغانىدى


   20 ياش ۋاقتىدا ئۇ ئىسپانىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بىر ياشنىڭ ئارزۇ ئارمىنى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، كىشىلەر  بىر بەخىتلىك ياش مەيدانغا كەلدى دەپ ئويلىغانىدى


  بىراق تەڭرى شاۋىغا جەننىەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ، يەنە ناھايىتى تىزلا بۇ پارلاق مەنزىلگە تۇتىشىدىغان يولنى ئېتىپ تاشلىدى


   شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى بارسېلونادا قانچە تىرىشسۇن


ياكى ئىسپانىيىدە قانچە كۈچلەنمەكچى بولسۇن


ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى يەنىلا ، كەينى كەينىدىن كەلگەن مەغلۇبىيەت، ھەر بىر ئۈمىدنىڭ بەربات بولۇشى ۋە ھەر بىر قېتىملىق ئىلاجىسىزلىق بولۇپ چىقتى


   تەقدىر مۇشۇنداق رەھىمسىز ئىدى، ئۇ شاۋىغا ئۈمىدكە تولغان باشلىنىشنى  ۋە قارىماققا مەڭگۈلۈكتەك «قاراڭغۇلۇق» ئاتا قىلدى، ئالتە يىل چېمپىيون بولالالماسلىق ئۇنى بارغانسىرى ئېغىر بېسىق قىلىپ قويدى


ئۇ مۇشۇ سۈكۈت ۋە مەغلۇبىيەت ئىچىدە پۇتبولنى، ھاياتنى تەپەككۇر قىلاتتى، ئۇ مۇشۇنداق تەنقىت ۋە ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان مەغلۇبىيەت ئاستىدا، ئاشۇ كۆرۈنۈشكە ئىنتايىن ئاددىي، قىلچە كۆزنى قاماشتۇرمايدىغان  پاس بېرىش  ۋە توپ كونتىرول قىلىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ مەشىق قىلدى


  ھەر قانداق بىر شاھلىقنىڭ كۆتۈرىلىشى ئۈچۈن مەلۇم بىر پۇرسەت ۋە مەلۇم بىر يولباشچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك بولىدۇ، شاۋى ئەزەلدىن ئۇنداق ئالىي «قوماندان» ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ  ئاشۇ شاھ ئاتىلىدىغان كىشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەمرايى ئىدى، شۇڭا رونالدىنىيو بارسېلونانى باشلاپ قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى


ئۇ چاغلاردا شاۋى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئېغىر بېسىق، كۆرۈنۈشتە بىر پاس بېرىش « ماشىنىسى» غا  ئوخشايتتى، ئۇ چاغدا بەكرەك مۇكەممەل، بەكرەك توپ كىرگۈزەلەيدىغان  دېكو بارسېلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ھېسابلىناتتى


    بىراق بۇنداق نەم ئاتاقلار  شاۋىنىڭ قوغلىشىدىغان نىشانى ئەمەس ئىدى ، ئۇ خۇددى قارا ھەم قاتتىق بولغان ئۇل تاشقا ئۇخشاش بولۇپ، ئۆز بەدىنى ئارقىلىق ئاشۇ يورۇق مەرۋايىتنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مەرۋايىت ئاسانلا چېقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇل تاش ئاسانلىقچە يېرىلىپ كەتمەيدۇ.


شۇڭىلاشقا «چۈش2- كوماندىسى» پارچىلىنىپ كەتكەندە رونالدىنىيو ، دېكو لار كېتىپ قالدى، ئەمما شاۋى يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، ھەمراھلىرى بىلەن بارسېلونادا قېپ قالدى، چۈنكى بۇ يەر ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئائىلىسى ئىدى


   يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، شاۋى بارسېلونانىڭ يول باشچىسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى، ھەمدە  نۇرغۇن ۋاقىتلاردا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، يول باشچى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.


ئۇ بارسېلونانى يېتەكلەپ خان مادرىدنى ئۇدا مەغلۇپ قىلدى


مانچىستىر بىرلەشمىسىنى ئىككى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە  مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى


  «ئالتە لوڭقا شاھى» ۋە «بەش لوڭقا شاھى» دىگەن ناملارغا ئېرىشىپ، بىر ئەۋلات «ئالەم كوماندىسى»نى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتتى


خۇددى كۇلۇبتىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى غەلبىگە ئوخشاش، 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە زىدانى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى، ئەمما مۇشۇ قېتىملىق تۇتۇشۇش دۇنيادىكى بىرىنچى ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئالمىشىشىغا شاھىد بولدى


2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە كوماندىسى ئاخىرى «تاللاش مۇسابىقە شاھى» دىگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، شاھلىق ئورنىغا چىقتى، شاۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توررىسقا يارەمچى پاس بېرىپ گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولدى ھەمدە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى » مۇكاپاتىغا ئېرىشى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رەسمىي ھالدا دۇنيادىكى بىرىنچى «چوڭ مېڭە» گە ئايلاندى


2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شاۋى ئىسپانىيە كوماندىسىنى باشلاپ، دەرىجىدىن تاشقىرى توپ كونتىرول قىلىشتىن ئىبارەت جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، بارلىق رەقىپلىرىنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدۇرۇپ ، ئاخىرى دۇنيا چېمپىيونى دەپ ئاتالدى


  ئىسپانىيە كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، «بۇقا سوقۇشتۇرغۇچى»لارنىڭ قىزىل رەڭگى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى بىردىن بىر رەڭگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ پۇتبولى ناھايىتى نەپىس شۇنداقلا ھىيلىگەربولۇپ، ھەم سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ ۋەكىلى ھەم يەنە بىر خىلدىكى مۇتەسسىپلىكنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالدى، ئەمما ھېچكىم شاۋى كونتىرول قىلىۋاتقان ئىسپانىيىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى


2012-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، شاۋى ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان يۇۋىنتۇسنىڭ «مېڭە» سى پېرلو بىلەن تۇتۇشتى، زىدانىدىن كېيىن پېرلو بىردىن بىر شاۋى بىلەن تۇتۇشالايدىغان «چوڭ مېڭە» ئىدى


بۇ قېتىم ئاللىقاچان رەسمىي پىشىپ  يېتىلىپ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتكەن شاۋى ئاخىرقى غالىبىيەتچى بولۇپ قالدى


ئۇ ئىككى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىرىنچى بولۇپ قالدى


ھازىرقى دەۋىردىكى گىگانىت ئاتالغان ئىككى كوماندىنىڭ(ئىسپانىيە ۋە بارسېلونا) «چوڭ مېڭە»سى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا شاۋى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى ، ئەمما مەيلى ياۋروپا لوڭقىسى بولامدۇ


ۋە ياكى دۇنيا لوڭقىسى بولامدۇ


شاۋى پەقەت  ئۈچىنچىلىككىلا ئېرىشتى


ئەمما ئۇ بۇنىڭ ھەرگىز مەيۈسلىنىپ قالمىدى، بارلىقىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە بېغىشلىدى، چۈنكى قەيسەر كىشى ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ، بۈيۈك كىشىلەرلا باشقىلارنى قۇتقۇزالايدۇ ئەمەسمۇ


توررىس ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق ياردەمچى پېسىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈپ ، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانىغا ئايلاندى


ۋېللا ئۇنىڭ ياردەمچى پېسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىرىنچى مەرگىنىگە ئايلاندى


مېسسى بۈگۈنكى دەۋىردىكى بىرىنچى پۇتبولچىغا ئايلاندى


ۋاقىت مېسسىنى ئەينى چاغدىكى «ئوڭ يول شامىلى» ئوتتۇرا يولدىكى توپ ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇردى، ئەمما 32 ياشلىق شاۋى يەنىلا ئۆزىنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى ئىشى بولغان پاس بېرىش، توپ كونتىرول قىلىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى


ۋاقىت رائۇلنى دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىدى، رونالدىنىيونى بارسىلونادىن ئايرىدى، ئەمما شاۋى يەنىلا كوماندىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئومۇرتقا ئىدى


سەبداشلىرى ئۇنىڭغا پەقەت ھەۋەس قىلىپلا قالاتتى


ئۇزۇن ۋاقىتلىق «قاراڭغۇلۇق»تا بولسۇ ياكى ھازىرقىدەك نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئېرىشسۇن، ئۇ بارسېلونادىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى، ئەينى چاغدىكى مىللەننىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن قىزىقتۇرىشى بولسۇن ياكى  رەسمىي پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئەنجى نىڭ 20 مىلىيونلۇق يۇقىرى مائاشلىق قىزىقتۇرۇشلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتەلمىدى، چۈنكى بۇ  كوماندىغا بولغان  سادىقلىق ئىدى


ئۇنىڭ كاسىللاس بىلەن مۈرىنى  مۈرىگە تېرەپ، ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلىكتە ئىسپانىيە «رىۋايىتى»نى بارلىققا كەلتۈرىشى ناھايىتى دانالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ


بارلىق شان شەرەپلەرنى مېسسىغا سوۋغا قىلىپ، مىننەت قىلماسلىقى ئىنتايىن كەڭ قورساقلىق ھېسابلىنىدۇ


مانا بۇ شاۋى، مەڭگۈ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدىغان، ئەمما ھەر بىر قېتىم ئاشۇ ئلتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ «مونوپۇل قىلغۇچىسى» نىڭ « قۇربانلىق»ى ، گۈزەل پۇتبولنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى، ھازىرقى زاماندىكى ئىككى «گىگانىت»نىڭ ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى


ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بەلكىم مەڭگۈ ئۇنىڭ قولىغا تەگمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بۇ دەۋىردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئورناپ كەتتى.  چۈنكى سانسىزلىغان كىشىلەر 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى بۇ ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈل تاجى ۋە شانلىق دەۋىرىنىڭ ھەقىقىي ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ شاۋى ئىكەنلىكىنى ، شاۋىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ھەقىقىي تاجسىز شاھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:34:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 01:29  

شاۋى ھەقىقەتەن پاس شاھى... بەرگەن پاسلىرى ناھايتى ئەجەللىك ھەم شۇنداق چىرايلىق...
   لېكىن ھازىر سەل قېرىلق يېتىپ قاپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-23 00:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:34
رەسم ئاجايىپ كۆرنىۋاتىدۇ دېسە....ئاخپارات ۋاستىلىرنىڭم ...

ۋاي ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى رەسىملەر، قايتىدىن تەھرىرلەپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-23 00:38:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:34
رەسم ئاجايىپ كۆرنىۋاتىدۇ دېسە....ئاخپارات ۋاستىلىرنىڭم ...

ۋاي ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى رەسىملەر، قايتىدىن تەھرىرلەپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاۋىي ھەقىقەتەن بىر مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچى مەيداندا بىرەسى بىلەن سۇقىشىدىغان يا يالغان يىقىلۋالدىغان ئىشلىرى يۇق، ئىسمىى جىسمىغا لايىق كونتۇرول شاھى ھەم پاس شاھى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:42:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمبۇلاق يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:42
يەنە ئازراق ئىنچىكە يىزۋەتكەن بولساڭ نادىر تىما بولات ...

ھەقىقەتەن ئىسىل تىما


سېلى ھېلىقى يېڭىشەھەرلىك ئەنۋەرجان شۇما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:48:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       نادىر تىما

شۇنداق ياخشى تەسۋىرلەپىسز ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئوتتۇرا مەيداندىن قانچىسى باردۇ ھازىر

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:48:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwar310 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:38
ۋاي ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى رەسىملەر، قايتىدىن تەھرىرلە ...


ھەقىقەتەن ئىسىل تىما


سېلى ھېلىقى يېڭىشەھەرلىك ئەنۋەرجان شۇما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwar310 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:38
ۋاي ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى رەسىملەر، قايتىدىن تەھرىرلە ...


ھەقىقەتەن ئىسىل تىما


سېلى ھېلىقى يېڭىشەھەرلىك ئەنۋەرجان شۇما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر 92 مىنۇت بولغاندا بوغۇزلىۋەتتى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-23 00:52:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش