akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2726|ئىنكاس: 97

مۇنبەرنىڭ 5 يىللىق چوڭ خاتىرە يىغىلىشى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-22 19:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پارلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 20:40  



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،ياخشىمۇ سىزلەر،5 يىل ئالدىدا شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول تورى يەنى پۇتبول مۇنبىرى قۇرۇلۇپ نۇرغۇن پۇتبول سۆيەر مەستانىلەرنىڭ مۇنازىرىلىشىش ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغان ئىدى،مۇشۇ 5 يىل بولغان ئارىلىقلاردا مۇنبىرىمىزدىن نۇرغۇنلىغان تۆھپىكار ئەزالار،قان مەستانىلەر،ساراڭلار،كاللىسى ئادىشىپ قالغانلار،ئاچچىقىغا چىدىيالميدىغان ئەزالارمۇ كىرگەن ئىدى،كۈلكە چاقچاق،ئاچچىق گەپلەر بىلەن بىر بىرىگە نەشتەر سانجىش،ئىلمىي يوسۇندا مۇنازىرىلىشىشلەر تولىمۇ كۆپ بولۇپ كەلمەكتە،مۇشۇ ۋەجىدىن پۇتبول مۇنبىرىنى قۇرۇپ بىزگە مۇشۇنداق سورۇن يارىتىپ بەرگەن nijat قا رەھمەت ئېيتىمىز،مۇشۇلردىن تارتىپ مۇنبىرىمىزدە شەمشاد،بۇغرا،زەپەر،قاپلانچاق،ئوكو،تارىم،ئاخىرلاشتۇرغۇچى،ئوغلانى،مەھمۇدىيە،بەخىت،vieri،totti..............(ۋاقىت قىس تۈپەيلى نۇرغۇن ئەزالار تىلغا ئېلىنمىدى) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئوت مەستانىلەر،تۆھپىكارلار چىقىپ كەلدى،ۋە ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى تېمىدا يەنى ئوغلانىكامنىڭ تېمىسىدا مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۈرۈمچىدە يىغىلماقچى بولغان،تۈنۈگۈن يەنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنبەرنىڭ 5 يىللىق خاتىرىسىنى داغدۇغۇلۇق كۈتۈۋالدۇق،بۇ يىغىلىشقا كونا- يېڭى ئەزالاردىن تارتىپ يېتىپ كەلدى،بەزى ئەزالار ئارىلىق يىراق بولۇش تۈپەيلى بۇ يىغىلىشقا كېلەلمىگەن بولسىمۇ ھەرقايسى ئەزالارنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ قۇلىقىنى قىزىتىپ ئولتۇردۇق.تۆۋەندە بۇ يىغىلىشتىكى بەزىبىر نادىر رەسىملەرنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.يىغىلىش يەنىلا شىنجاڭ مەركىزى ئۈرۈمچى،ئۈرۈمچى مەركىزى خەلىقئارا چوڭ بازاردا ئېلىپ بېرىلدى.



ئاستىنقى رەت ئوڭدىن سولغا - دىلكەش ، بۇغرا ، قەشقەرلىك مېسسى ، پارلاق
ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن سولغا : soccer ، شەمشاد ، قاپلانچاق (11ئادەم پۇتبول تورى قۇرغۇچىسى) ، سەۋدا ،10 putbol ، مەھمۇدىيە ، ئوغلانى ، yarkuyi  رەسىمگە تارتقۇچى ئەسلىمە
------------------------------------------------------------------------------



ئەمدى سورۇندىن بىر كۆرۈنۈشلەر !



قاراڭلار ، ئوغلانىنىڭ بايرېننى كۆز كۆز قىلىپ كەتكىنىنى،دائىم 2- دىسە ئىشەنمەيدۇ

شەمشاد بىلەن قاپلانچاقنىڭ ئاغزاكى مۇنازىرە جېڭى....دېربى دەڭلا







ئەسلىمىنىڭ قاپلانچاققا سوۋغا قىلغان مىلاننىڭ بايرىقى


ئاستىنقى رەت ئوڭدىن سولغا : پارلاق ، ئوغلانى ، مەھمۇدىيە ، بۇغرا ، قەشقەرلىك مېسسى
ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن سولغا : دىلكەش، سوككېر ، ياركۈيى ، شەمشاد ، سەۋدا ، پۇتبول10 ، قاپلانچاق ، ئەسلىمە


كانىيى بوغۇلغان قاپلانچاق


مەھمۇدىيەنىڭ قۇچقاچلىرى





مىلاننىڭ بايرىقىنى شالداما قىلىۋالغان شەمشاد


تاماققا كەلمەمسىلە






قەدەھ سوقۇشتۇرۇش


نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ناتىق ئوغلانى



ئەسلى بۇلار بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى




قاتىل ئىنتېرچىلار ( پارلاق ، شەمشاد )



ئوغلانى : چېلسى بولغانغا تويە
مەھمۇدىيە : كۆرەلمەيۋاتىدۇ



شەمشاد نىمە بولدى ؟!







پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەرەپشان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 20:00  

مەھمۇت قېرىنىڭ ئوغلانكامنىڭ يېنىدا بايراقنى كۆتۈرۈپ رەسىمگە چۈشىۋالغىنى قىززىق....

سەۋدا دىگەن ئاغىنىمىزنىڭ.... پاھۇي.... يۈزى ئېچىلمىغان 16 ياشلىق قىزلاردەكلا نازۇك ئوتتۇراپ كېتىپتا

ئەمما، ما شەمشادنى يامان يەردە تۇتىۋاپسىلىدە... بىرەر تال « مابۇ » تېپىلمىغانما؟  دىمىسەم قەستەن شۇنداق قىلدى بۇ پور


قاپلانچاق... قاپلانچاق.... ۋاي قاپلان ئەمەس، سېمىز پاقلاننىڭ ئۆزىكەنغۇ ئەسلى.... « چاقچاق »
يىغىلىشىڭلار كۆڭۈللۈك بوپتۇ... بولسا نەچچە ئايدا بىرەر قېتىم مۇشۇنداق يىغىلىپ، ھال-مۇڭ بولۇپ تۇرساڭلار ياخشى ئىش بولاتتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:51:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەشەت بولدى ئەمما  كەلمىگەنلەر ئارماندا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا سۇزۇك چىقماپتىمەن..قانداق ئاپىراتتى ئۇ؟....تېلفۇنۇمدا تارتسامچۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى دىگۈدەك مۇنبەر چوڭلىرىكەن.............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:56:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەمشاتقا قاراپ تىلىقىپ قاپتىمەن .. مىلەننىڭ بايرىقىنى شالداما قىلىۋالدىغان گەپ ......ھىھىھى .. مانداق بولسا مۇنبەردىكى كەيپىيات بىلەن ئوخشىماي قالىدىكەن ھە .. ھەمىمىز بىر قىرىنداش دىگەن گەپ مۇشۇ يەردە ئىپادىلىنىدىدە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىلىشىڭلارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك،غەلبىلىك،كۆڭۈللۈك ئاياغلاشقانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلەيمەن!
بۇ قىتىمقى يىغىلىشقا بارالمىغىنىمدىن كۆڭلۈم يىرىم شۇنداق بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 19:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 20:01:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك  يىغىلىش بولغاندەك قىلىدۇ ،  بولسا  پاراڭ خاتىرسى بولغان بولسا  قانداق ياخشى پىكىر مۇلاھىزىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويولغانلىقىنى بىلگەن بولساق  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 20:04:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپلانچاقنى يالغۇز دەپ بوزەك ئىتىپ ،مىلاننىڭ بايراقلىرىدا شالدۇرۇق قىلغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 20:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك سورۇننى ئۇيۇشتۇرۇپ بىزلەرنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ ساھىبى قىلغان ، مەھمۇدىيە ، ئوغلان باشلىق مۇنبەر ئاتامانلىرىغا ، سوغۇقنى سوغۇق دىمەي ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بەرگە مۇنبەر ئەزالىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
پائالىيەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئېلىپ بىرىلدى  ، يىغىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسىدى مۇنبىرىمىزنىڭ 5 يىللىق تويىنى كۈتۋىلىش ، بۇ جەرياندىكى ھەر خىل ئىسسىق سوغۇقلار شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تەراققىيات ، ھەم ئىقدىساد جەھەتتىكى پىلانلىرى بولدى .
ئارلىقتا ياۋروپا لوڭقىسى ھەم ھەر قايسى بىرلەشمىلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىلەرمۇ ئوبدانلا قىززىدى  .
پەقەت مۇنبەر يۈزىدىلا چەكلىنىپ قالماي ئەمەلى ئىش ھەركەتلەر بىلەن مۇنبىرىمىزنى مۇشۇنداق يىغىلىشلار ئارقىلىق  تىخىمۇ ئەمەلىي نەتىجىگە ئىگە قىلساق دىگەن ئۈمىدتمەن .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-22 20:10:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەمشاد ئۇسقاندا قاپلانچاققا يىتىشەي دەپ قاپتۇ، يوغان يۈزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش