- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-18 13:25

ئىبرايىموۋىچ بولسا كىشىلەر ھەم ياقتۇرىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان تىپىدىكى پۇتبولچىغا تەۋە ! شىۋېتسىيىلىك بۇ دارازا مۇسابىقە جەريانىدا ھەر خىل شەكىلدىكى يۇقىرى سەۋيىلىك توپلارنى ئۇرىدۇ .پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر كىرگۈزگەن توپ سانىمۇ ئاز ئەمەس ،بۇ جەھەتتە توپ مەستانىلىرى ئىبرايىموۋىچقا ھەقىقەتەن قايىل ،بىراق بۇ ھۇجۇمچى بەزىدە قوپال ۋە قەبىھ ھەرىكەت ئىشلەيدۇ .ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى ،پارىژغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپ ۋارتارىنى قاتتىق تېپىۋېتىپ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن توختىدى .مەشىق جەريانىدا بىر نەچچە سەبدىشىنى قەستەن سوقۇۋېتىپ بىرسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىقتى .خىزمەتچى خادىملارنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدى .كۇلۇپ ئىبرايىموۋىچنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دېمىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى .ئەمدى ھازىر ئىبرايىموۋىچ يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى .
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ سانت -گېرمان بىلەن لىئۇن كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بىرىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ،ئىبرايىموۋىچ بىر پاس چىقارغان .ئاخىردا پارىژ 1 : 0 نەتىجە بىلەن لىئۇننى مەغلۇپ قىلغان .بۇ ئىبرايىموۋىچنىڭ تۆھپىسى ئەلۋەتتە ! بىراق ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 41 مىنۇت بولغاندا ئىبرايىموۋىچ توپ تالىشىش جەريانىدا بۇيىنىڭ ئېگىز بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپ ئەزاسىنى يىقىتىۋەتكەن .ئارقىدىن سەكرەپ ئۆتۈش جەريانىدا سول پۇتى بىلەن يەردە ياتقان ماھىرنىڭ بېشىغا دەسسىۋەتكەن .گەرچە ئىبرايىموۋىچ باش رېپىرنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ ،لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن لىئۇن كۇلۇبى بۇ ئىشقا قارىتا ئەرز سۇنغان .مۇبادا بۇ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت مۇقىملاشتۇرۇلۇپ قالسا ئىبرايىموۋىچ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىكەن .

|
|