ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1804 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنلاڭ تەنتەربىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13 -كۈنى بارسىلونا ئورگان تەرەپ كولۇپنىڭ كوماندىدىكى يان ھۇجۇمچى تېلىلو بىلەن يىڭى توختامدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى يەنى تېلىلو بىلەن 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە توختام تۈزىدىغانلىقى ھەمدە توختامغا خلاپلىق قىلىش ھەققى 10مىليون ياۋرو بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.تېلىلو بىلەن بولغان بۇ توختام 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنى دۈشەنبە بارسىلونا كولۇپ ئىشخانىسىدا ئىمزالىنىدىكەن .
تېلىلو بولسا 2002-يىلدىن 2007-يىلىغىچە بارسىلونانىڭ ھەر دەرىجىلىك ياشلار كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بولۇپ،كىيىن ئىسپانىيىلىكلەر كوماندىسىغا ئىجارە شەكلىدە بىرىپ چېنىقتۇرغان،2010-يىلى يازدا بارسىلونا تەييارلىق كوماندىسىغا كىرگەن ھەم ئاخىرى 2011\2012 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا چاقنىغان.
2011-يىلى بارسىلونانىڭ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدىكى لۇسپىلۇلەيت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىدە تۇنجى بولۇپ بارسىلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسى تەركىبىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان ھەم ئىككى توپ كىرگۈزگەن، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بارسىلونا بىلەن ۋىللا رىئال كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بارسىلوناغا كەلگەندىن كىيىنكى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن .
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى خانلىق جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدەئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بارسىلوناغا كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان .
مەنبە : شىنلاڭ تورى |
|