بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-14 02:38
مەزكۇر تېمامنى مۇنبىرىمىزدىكى ئەلقۇت بۇرادىرىمگە بېغىشلايمەن.
پۇتبول شاھلىقى-بىرازىلىيە
دۆلەت بايرىقى
دۆلەت گىربى
بىرازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى لاتىن ئامىركىسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. نوپۇسى 192 مىليۇن 376 مىڭ 496 ئادەم (2011-يىلىدىكى ئىستاستىكا) بولۇپ، دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا، يەر زېمىنى 8 مىليۇن 514 مىڭ 877 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرازىلىيە تارىختا پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ كۆچمە يۇرتى بولغاچقا، پورتۇگاللار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ، دۆلەت تىلى پورتۇگال تىلى. پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرى. مۇھىم شەھەرلىرىدىن رىئودى ژانىيرو، سان پاۋلو، سالۋادور قاتارلىقلار بار.
رىئودى ژانىيرو
پۇتبول بىرازىلىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئېقىم. بىرازىلىيىلكلەرنىڭ مەيلى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى بولسۇن، مەيلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىنجىلىرى جەھەتتىن بولسۇن «پۇتبول دۆلىتى» دەپ ئاتاشقا تامامەن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
بىرازىلىيە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە نائىل بولغان دۆلەت، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ شەھىرى رىئودى ژانىيرو 2016-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ساھىبىخانى.
بىرازىلىيلىك نۇرغۇنلىغان خەلقئاراغا تونۇلغان پۇتبول چولپانلىرى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى دەل مۇشۇ دۆلەتتە باشلىغان. بىرازىلىيەدە ھازىر 22 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق تىزىمغا ئېلىنغان بىرازىلىيلىك ۋە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن كەسپىي پۇتبولچىلار توپ تېپىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بىرازىلىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىرازىلىيە شاھلىق لوڭقىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇسابىقە كەسىپلەشكەن. بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە 20 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن داڭلىق كۇلۇپ ھېسابلىنىدىغاندىن سانتوس كۇلۇبى، كىلىندىئان كۇلۇبى، فىلانمىگو كۇلۇبى، سان پاۋلو كۇلۇبى، كىرۇسېرو كۇلۇبى، بىرازىلىيە خەلقئارا كۇلۇبى... قاتارلىقلار بار.
ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى
شاھلىق لوڭقىسى
دۇنياغا داڭلىق پۇتبول مەيدانلىرىدىن رىئودى ژانىيرو شەھىرىگە جايلاشقان ماراكانا پۇتبول مەيدانى بار. بۇ پۇتبول مەيدانى 2014-يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1950-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇشۇ مەيداندا ئوينالغان. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بىرازىلىيەنىڭ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈدىغان مۇسابىقە مەيدانىغا قويغان يۇقىرى تەلىپىگە ئاساسەن ئەسلىدىكى 200 مىڭ ئادەم سىغىدىغان بۇ پۇتبول مەيدانى 2011-يىلىغا كەلگەندە مەيدان سىغىمى 82 مىڭ ئادەمگە قىسقارتىلىپ ياسالدى.
مالاكانا پۇتبول مەيدانى
سان پاۋلو پۇتبول مەيدانى
بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 1914-يىلى قۇرۇلغان، 1923-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولغان. بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن 19 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئۇدا تولۇق قاتناشقان بىردىنبىر دۆلەت، شۇنداقلا بىردىنبىر دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئەڭ كۆپ (5 قېتىم) نائىل بولغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرازىلىيە كوماندىسى ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-لىكىگە، ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 3-لىكىگە، بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 4-لىكىگە ئېرىشىپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى نەتىنجىسى ئەڭ ياخشى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2002-يىلىغىچە بىرازىلىيە كوماندىسى جەمئىي 7 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بۇ تۈردە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ.
1950-يىلى بىرازىلىيە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان، بۇ بىرازىلىيەنىڭ تاكى ھازىرغىچە بىردىنبىر دۇنيا لوڭقىسى ساھىبىخان دۆلىتى سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينىشى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ناھايتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ. ئەمما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئويلىمىغان يەردىن ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىغا 2:1 نەتىنجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. 1958-يىلى شېۋىتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى گارىنكا ۋە ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن پېلى قاتارلىق توپچىلارنىڭ جان تىكىپ ئويناپ تۆھپە يارىتىش نەتىنجىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىدۇ. 1962-يىللىق چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. 1970-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا 3-قېتىم دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چېمپىيونلىققا ئېرىشكەن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ دەۋىرلەردە بىرازىلىيەدىن دى دى، ۋا ۋا، گارىنكا، يايشىنىخو، پېلى قاتارلىق توپچىلار ئارقىمۇ-ئارقا يېتىشىپ چىقىپ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى گىگانىت چولپانلارغا ئايلىنىدۇ. 1994-يىلى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناپ شەپقەتسىز نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق ئىتالىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ 4-قېتىم دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ. 2002-يىلىغا كەلگەندە ياپونىيە ۋە كورىيەدە تەڭ ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە «تاشقى پىلانىت ئادىمى» رونالدو، رىۋالدو، رونالدىنىخولاردىن تەركىپ تاپقان كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسىنى 0:2 نەتنىجە بىلەن يېڭىپ 5-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ.
1950-يىلى (ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۆرۈنۈشى)
1958-يىلى
1962-يىلى
1970-يىلى
1994-يىلى
2002-يىلى
بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىدا داڭلىق پۇتبولچىلاردىن «پۇتبول شاھى» پېلى، گارىنكا، زىكو، فالكاۋ، سوكىراتىس، رومارىئو، بېبېيتو،رونالدو، رىۋالدو، رونالدىنخو، كاكا قاتارلىق چولپانلار يېتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پېلى شەك-شۈھبىسىز تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبولچى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
پېلى
گارىنكا
زىكو
فالكاۋ
سوكىراتىس
رومارىئو
بېبېيتو
رونالدو

رىۋالدو
رونالدىنىخو
كاكا
ئەنئەنىۋى مۇسابىقە كىيمى: يېشىل جىيەكلىك سېرىق مايكا، كۆك كالتە ئىشتان، يېشىل جىيەكلىك ئاق پايپاق.
زاپاس كىيمى: سېرىق جىيەكلىك قېنىق كۆك رەڭلىك مايكا، ئاق كالتە ئىشتان، يېشىل ۋە سېرىق جىيەكلىك قېنىق كۆك رەڭلىك پايپاق.
بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقلەردىكى نەتىنجىلىرى:
دۇنيا لوڭقسىغا قاتناشقان قېتىم سانى: ھازىرغىچە جەمئىي 19 قېتىم قاتناشقان (1930، 1934، 1938، 1950، 1954، 1958، 1962، 1966، 1970، 1974، 1978، 1982، 1986، 1990، 1994، 1998، 2002، 2006، 2010).
دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنلۇق قېتىم سانى: جەمئىي 5 قېتىم (1958، 1962، 1970، 1994، 2002).
ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چېمپىيۇنلۇق قېتىم سانى: جەمئىي 8 قېتىم (1919، 1922، 1949، 1989، 1997، 1999، 2004، 2007).
دۇنيا لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان قېتىم سانى: جەمئىي 7 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان.
1950-يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 2:1 ئۇرۇگىۋاي. 2-لىككە ئېرىشكەن.
1958-يىلى شېۋىتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 2:5 شېۋىتسىيە. چېمپىيۇن بولغان.
1962-يىلى چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 1:3 چېخسىلوۋاكىيە. چېمپىيۇن بولغان.
1970-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 1:3 چېخسىلوۋاكىيە. چېمپىيۇن بولغان.
1994-يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئويناپ 0:0 تەڭلىشىپ قېلىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە بىرازىلىيە 1:4 ئىتالىيەنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيۇن بولغان.
1998-يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 3:0 فىرانسىيە. 2-لىككە ئېرىشكەن.
2002-يىلى ياپونىيە بىلەن كورىيەدە تەڭ ئۆتكۈزۈلگەن. بىرازىلىيە 0:2 گېرمانىيە. چېمپىيۇن بولغان.
بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى:
دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي 97 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 67 مەيدان يەڭگەن، 15 مەيدان تەڭلەشكەن، 15 مەيدان ئۇتتۇرغان، جەمئىي 210 توپ كىرگۈزگەن، 88 توپ يېگەن، ساپ توپى 122 توپ.
دۇنيا لوڭقىسىدا ئېرىشكەن نومۇرى 216 نومۇر (ئۇتسا 3 نومۇر، تەڭلەشسە 1 نومۇر، ئۇتتۇرسا 0 نومۇر بويىچە ھېسابلاندى).
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق نەتىنجە: 1950-يىلى 1 گە قارشى 7 نەتىنجە بىلەن شېۋىتسىيە كوماندىسنى مەغلۇپ قىلغان.
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ نومۇسلۇق نەتىنجە: 1998-يىلى 3 گە قارشى 0 نەتىنجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسغا مەغلۇپ بولغان.
بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىسى: رونالدو، 3 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي 15 توپ كىرگۈزگەن.
بىرزىلىيە كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان مەيدان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ پۇتبولچىسى: دۇنگا بىلەن تافالېيىر، جەمئىي 18 مەيدان.
دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزگەن قېتىم سانى: 1 قېتىم، 1950-يىلى.
كافۇ
تافالىيېر
|