- تىزىملاتقان
- 2011-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 544
- نادىر
- 0
- يازما
- 544
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لاچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-9 12:24
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق كچىك گۇرۇپ قىزىل قارا تاختاي
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە 13-2012 ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى، جەمئىي 128 مەيسان مۇسابىقە ئوينىلىپ 16 كۈچلۈك كوماندا مەيدانغا كەلدى. سوخۇ تەتەربىيىسى كىچىك گۇرۇپ مۇسابىقىسى جەريانىدىكى كوماندا ۋە چولپانلارغا قارتا قىزىل تاختاي ۋە قارا تاختاي ئىشلەپ چىققان.
1. ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا:دورتموند
ئىسپانىيەئا دەرىجىلىك،ئىنگىلانددەرىجىدىن تاشقىرى، گوللاندىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىلىرنىڭ چىمپىئونلىرى بىلەن ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن بۇ كوماندا بىرمۇ مەيدان يېڭىلمەسلىكتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپتىن بىرىنچى بولۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مادىرىد ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 ئۇتۇپ ئىككى تەڭلىشىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى، شاللاش مۇسابىقىسىدە ھەرقانداق كوماندا بۇلار بىلەن بىر گۇرۇپقا بۆلۈنۈشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.
2. ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرنىر : پېلىگېرىنى (مالاگا)
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولغان مالاگا كوماندىسىنى يىتەكلەپ كىچىك گۇرۇپتا بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىسى بىلەن مالاگا كوماندىسىنىڭ گۇرۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
3. ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى: بۇلاق-ئىرماس (غەلىتە ساراي)
كىچىك گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە س. لۇناردوغا ئوخشاشلا 6 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ كوماندىسىدا مادىرىدنىڭكىدەك ئۇنداق تېخنىكىلىق ياردەمچى قوشۇن يوق ھەم پۇتۇن كوماندا بويىچە كىرگۈزگەن 7 توپنىڭ 6سى ئۇنڭىغا تەۋە.دەسلەپكى ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە بىر تەڭلىشىپ ئىككى ئۇتتۇرۇپ بولغان خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بۇ تۈرۈك ئوغلانى كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ كىيىنكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىسىنىڭ تولۇق غەلبە قىلىشى ۋە كىچىك گۇرۇپتىن ئوڭۇشلۇق چىقىشىنى قولغا كەلتۈردى.
4. ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئەزا : لۇيىس، ئوسكار

23ياشلىق لۇيىس، 21 ياشلىق ئوسكارلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولسىمۇ لىكىن ئىپادىسى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.ئوسكار بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تورېس ئالدى مەيداندا كوماندىسىغا كۈچ بىرەلمەيۋاتقان شارائىتتا 6 ،ەيدان مۇسابىقىدە 40 مىتىر يىراقلىتىن لەيلىتىپ تىپىپ كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 توپ كىرگۈزدى. گەرچە لۇيىسنىڭ 6 ئايلانمىدا كىرگۈزگەن توپى 3 لا بولسىمۇ لىكىن دورتموندونىڭ ھۇجۇم سىپىدە ئورنىنى تولۇقلاپ بولمايدىغان يادرو مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ مادىرىد،مەنچىستىر شەھرى، ئاجاكىس كوماندىلىرىنىڭ ۋارتاسنى بومباردىمان قىلدى.
5. ئەڭ ئىسىل توپ: مىكېس (مىلان)
6. ئەڭ چوڭ ئىلگىرلەش:كىلىنتلىقلار
ئالدىنقى قېتىملىق بىر قانچە قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە دائىم باشقلار تەرىپىدىن بوزەك بولۇنۇپ بۇ قېتىممۇ ئۈمۈد يوق دەپ قارىلىۋاتقان بۇ كوماندا بارېسلونا كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرماي گۇرۇپىدىن چىقىشىغا يول قويماي ساھىپخان مەيداندا بۇلارنى 2:1 يېڭىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مىھمان مەيداندىمۇ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا بىر توپ كەتكۈزۈپ يېڭىلگەن بولسىمۇ بارسالىقلارنى ئوبدانلا ھالسىرىتىپ قويدى.
7. ئەڭ ناچار كوماندا: مەنچىستىر شەھرى
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىىسنىڭ چىمپىئونى بولغان بۇ كوماندىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توپچىلىرى بىلەن ئۈچ مەيدان تەڭلىشىش، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
8. ئەڭ ناچار تېرنىر : مەنچىنى
مەنچىستىرنىڭ يۇقاردىكى نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ، قولىدا شۇنداق ياخشى قارتا تۇرۇپمۇ ئوينىيالمايدىغان قىمارۋاز.
9. ئەڭ ناچار توپچى: خۇرېك
بۇ يىل يازلىق بازاردىكى ئەڭ قىممەت توپچى بولۇشىنىڭ ئەكسىچە بۇنىڭ زىنىت كوماندىسىدىكى نەتىجىسى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.6ئايلانما مۇسابىقىدە ئورغان توپى ئاران بىر.
10. ئەڭ نەس باسقان كىشى: دىماتىئو
ئالدىنقى پەسىل چېمپىئون بولۇش مۈمكىن ئەمەس دەپ قارالغان چېلسىينى تۇنجى قېتىمىلق ئۇزغۇنلۇق ساھىبى قىلغان بۇ تۆھپىكار ئارلىقتىن يرىم يىل ئۆتمەي ئابلاباي تەرىپىسىن ئىشتىن بوشىتىلدى، چېلسىيمۇ ئۇزغۇنلۇق كىچىك گۇرۇپتىن چىقالمىغان تۇنجى ياۋرۇپاچېمپىئۇنى بولدى.
11. ئەڭ بوزەك كوماندا : ساگىرىپدىنامو (كىرودىيە)
|
|