- تىزىملاتقان
- 2011-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2572
- نادىر
- 4
- يازما
- 2572
 
|

توتتېنھام كوماندىسى 12-ئاينىڭ 6- كۈنى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى تۈگەتتى. ئورۇق كوماندا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توتتېنھام كوماندىسى كىيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىن شاللىنىپ چىققان كوماندىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭغا نىسپەتەن، توتتېنھام باش تېرىنىرى بوئاس مۇنداق دېدى:
« ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى. بىراق ئۇزغۇنلۇقتىن شاللانغان كوماندىلارنى بىرلەشمە لوڭقىسىغا يولغا سېلىپ قويۇش ، لاتارىيە چىققاندەكلا بىر ئىش. ئۇزغۇنلۇقتىن شاللانغان كوماندىنىڭ ئەسلىدە بىرلەشمە لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتى بولمىسا توغرا بولىدۇ. بىراق ھازىرقى بۇ خىل تۈزۈم بىر ئادالەتسىزلىك!»
ئۇ يەنە بۇرۇنقى كوماندىسى چېلسى ئۈستىدە توختىلىپ:« ئېنىقكى چېلسى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولمايىتتى. بىراق بۇ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارى. بۇنى مەن ئۆزگەرتەلمەيمەن. بىراق مەن ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسىدا ئۇزۇنغا مېڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. چېلسىنىڭ ياشلاشتۇرۇش قەدىمى ياخشى بولدى. ئەگەر ئىككى كوماندا ئۇچرىشىپ قالساق، ئۇ چاغدا بىز توپ مەستانىلىرگە ئىككى مەيدان ئېسىل مۇسابىقە ھەدىيە قىلىشىمىزدا گەپ يوق! » دېدى.
32 دىن 16 گە كىرىش مۇسابىقە باشقۇچىدا ، بىر بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ ئۇچراشتۇرۇلماسلىق قائىدىسى بويىچە، توتتىنھام كۇلۇبى چېلسىغا ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار بەلكىم ئولىمپىياكىس ياكى بېنفىيكا كوماندىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بىراق كېيىنكى شاللاش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىدە ، بوئاس ئىلگىركى كوماندىسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى يەنىلا يۇقىرى. |
|