akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2591|ئىنكاس: 114

بۇرۇننى ئەسلەپ......(زەپەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 00:56  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! كونا-يېڭى بۇرادەرلەر، تىنچ-ئامان تۇرغانسىلەر!

       ئالدىراشچىلىق تۈگىگىلى خىلى ئۇزۇن بولدى، كۈندە بىكار ۋاقتىمنىڭ كۆپلىكىدە، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي كومپيوتېر ئالدىدا خىيال سۈرگەچ ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ كۈننى كەچ قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، مۇنبەردە بۇرۇن سۈرگەن پەيزى كۈنلەرگە بولغان سېغىنىشىم يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ، تاقى-تۇقا بولسىمۇ بىر نەرسە يازغۇم كەپقالدى...(بۇرۇندىن بىرقىسىم كونا ئەزالىرىمىزنىڭ تېما يازسا تېما ماۋزۇسى ئايىغىغا ئىمزاسىنى قىتىۋالىدىغان ئادىتى باتى، مەنمۇ بىر قېتىم دوراپ باقاي، مەنمۇ كونا بولغاندىكىن.يەنە ماۋۇ چىرايمۇ با )









      خىلى بىر مەزگىل بولدى... بۇرۇنقى زىرىكمەي مۇنبەر ئوينايدىغان، كىچىچە تۈنەپ بىر نېمىلەرنى يازىدىغان، كۆڭلۈمگە ياقمىغان ئىنكاسلارنى كۆرسەم، كىمنىڭ يازغىنى بىلەن كارىم يوق نەقىل قىلىپ، بەيدۇ-گوگېللارنى قىزىپ ماتېرىيال ئىزدەپ رەدىيە بەرگەچ «گال سىقىش»ىدىغان، ھەممىدىن بەك ئۈرۈمچىدىكى چىغىمدا ھەپتە ئاخىرى بولسىلا باللىلار بىلەن يىغىلىشىپ توپ ئويناپ تۇرىدىغان، مەيداندىن قايتقاندا بىللە تاماق يىگەچ بالىلارنىڭ قىلىشقان بەس-مۇنازىرىلىرىنى، قىززىق پاراڭلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرىدىغان كۈنلىرىمنى بەك سېغىنىۋاتىمەن.

      ئۈرۈمچىدىكى ھىلىقى بىزنىڭ «بــازا» بولۇپ قالغان ئۆيۈمنىمۇ شۇنداق سېغىنىمەن. ئىسىل مۇسابىقىلەر بولسا 10 دەك باللا توپلۇشۇپ مۇسابىقە كۆرەتتۇق؛ مۇسابىقىلىشىۋاتقان ئىككى كوماندىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ مەستانىسى «بــازا»مىزدا يالغۇز كەپقالغاندا، مەستانىسى كۆپ كەلگەن تەرەپكە قىتىلىپ، باشقا كوماندىنىڭ مەستانىسى بولغان بالىلارمۇ تەڭ بىرلىشىپ يالغۇز مەستانىنى تە قىلىپ بوزەك قىلاتتۇق؛  مۇنبەردىكى قىززىق تېمىلار، قىزىقارلىق ئىنكاسلار ئۈستىدە پاراڭ سوقىشاتتۇق، ئانچە-مۇنچە نىجاتنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشاتتۇق...


      تۇرۇپلا كۆز ئالدىمغا شۇ چاغدىكى،،، مەلۇم بىر مۇنبەر ئەزارىمىزنىڭ بىز ئوغۇرلۇقچە تارتىۋالغان سۈرىتىنى «مۇنبەرگە يوللىۋىتىمىز دەپ» قاقتى-سوتا قىلغان كۆرۈنۈشلەر؛ چىمەلتەكنىڭ(ھازىرقى چوكىنات) «ئوخشىماپتۇ» دەپ تۇرىشىمىزغا قارىماي، ئۆزى بىلەن ئۆزى قاھشىغاچ گاڭپەن ئەتكەن كۆرۈنۈشلەر؛  بۇغرانىڭ «ۋاي بەڭگىلەر!» دەپ بۇرنىنى تۇتۇپ ئاغزىدا نەپەس ئىلىپ ئولتۇرغان ھالەتلىرى؛  ئىشىنى تۈگىتىپلا، ئۆيۈمگە ئەڭ بۇرۇن كىلىۋالىدىغان، بىنا ئالدىغا كىلە كەممەيلا دەرىزەمنىڭ ئاستىدىن ئۆتكىچە «زەپەر ئىشىكنى ئاچە!!!!!!!» دەپ ۋارقىراپ، مېنى بالدۇر ئالدىغا چىقىرىدىغان شەمشادنىڭ كاۋىدەك يۈزلىرى؛ مەن بىلەن كومپيوتېر ئالدىدا ساناقسىز كىچىلەرنى بىللە ئۇيقىسىز ئۆتكۈزگەن شاپۇرنىڭ ھە دېسىلا مىلاننى ماختاپ، ئىنتېرنى چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان ھالىتى؛  مەندىن باشقا مەندىن يىشى كىچىكلەرنى ئاكا ئاكا دەپ تۇرىدىغان ئاغزى تاتلىق، توپ ئوينىشىمۇ شاش فابرىگاسنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرىدىغان چىرايى؛ ھە دىسىلا كومپيوترىغا نەلەردىندۇر ۋىروس يوقتىرىۋىلىپ، مەندىن «قانداق قىلىمەن» دەپ مەسلىھەت سوراپ تۇرىدىغان ubl، يەنە ئېرپان، مىسكىن، ئابدۇل، سوككىر،ئىلشات... قاتارلىق ئاغىنىلەرنىڭ ھەرقىسىم كۆرۈنۈشلىرى كىلىپ ئۆز-ئۆزۈم بىلەن كۈلۈپ كىتىمەن. ئىسىل چاغلار ئىدى، توردا تونۇشۇپ خۇددى بۇرۇندىنلا تونۇشىدىغاندەك يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ كەتكەن...

      ھەش-پەش دېگىچە مۇنبەرنى بۇرۇنقىدەك ئوينىمايدىغان بولىۋالغىلى 2يىل بولاي دەپتۇ. شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى بىر تاپاييا دەپ مۇنبەرگە كۈندە كىرىمەنيۇ، بىلمىدىم نېمە سەۋەبكىن، نېمە يېزىشىمنى بىلەلمەي يەنە چىقىپ كىتىۋاتىمەن. يا بۇرۇنقى كونا ئەزالارنى كۆرەلمەي زىرىكىشلىك ھىس قىلىپ قالدىممۇ ياكى بۇرۇنقىدەك مۇسابىقە كۆرۈپ تۇرالمىغانلىقىمدىن، مۇنبەردە ئۆزۈمنى چاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىممۇ؟ ئىشنى قىلىپ قولۇم كونۇپكا تاختىسىغا نەچچە قىتىم بارىدۇ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كىلىدۇ...

      نېمىلا قىلغان بىلەن 5يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن يەرگە باشقىچە مېھرى بولىدىكەن. ئىشىنىمەن، مۇنبەرگە ئانچە كىرمەس بولۇپ كەتكەن ياكى كىرسىمۇ بىرنەرسە يازماي چىقىپ كىتىدىغان كونا ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ماڭا ئوخشاش ھىسىياتتا. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ھازىرغا قەدەر مۇنبەردە ئىزچىل باش سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدىغان كونا ئەزالارغا بەك ھەۋىسىم كىلىدۇ. بىزدەك ئۇنى-بۇنى باھانە قىلىپ مۇنبەرگە كىرمەس بولۇپ كەتكەن كونىلار بۇرۇننى سېغىنىپ يۈرگىنىمىزدە، ئۇلار ئىزچىل مۇنبەرنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كىلىۋىتىپتۇ.

      خىزمەت، تۇرمۇش، خوتۇن-بالا دەپ ئالدىراش يۈرىدىكەنمىز، لېكىن ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ، ئاندە-مۇندە بىكار بولۇپ كومپيوتېرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىمىزمۇ ئاز بولمايدىكەن. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مەندەك مۇنبەردىن تېخى مېھرىنى ئۈزمىگەن كونا ئەزالار بولسا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرسا، مەندەك باشقا كونىلارمۇ تونۇش كونىلارنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرگەندە، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىزدىرەكسىز يوقاپ كىتىدىغانلار ئازىيامىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە، كۆپلىرىمىز بۇرۇنقىدەك ئىلھامىمىزنى دەماللىققا تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن، بەك چىقىپلا بىر قاتمال نەرسە يېزىپ كەتمىسەكمۇ، قولىمىز چىقىشقاندا بىرەر يېرىم تالدىن ئىز قالدۇرۇپ قويساقمۇ بولىدىغان ئىش.


      ھە راس، مۇنبەردىكىلەرگە سەپ سالسام، مەن ئىسمىنى كۆرۈپ تونىيالايدىغانلاردىن ساناقلىقلارنىلار بىلىدىكەنمەن. مەن كىرمىگەن چاغلاردا كونا ئەزالارنىڭمۇ ئىسىم ئۆزگەرتكەنلىرى خېلى كۆپ ئوخشايدۇ. مۇشۇ بانادا تېما ئاستىغا تېمىغا بولغان تەسىراتىمىزنى بايان قىلغاچ، ئايىغىغا دەسلەپكى ئىشلەتكەن ئىسىمدىن باشلاپ ھازىرغا توختىغان ئىسىملىرىمىزنى بىردىن ئەسكەرتىپ قويغان بولساق. بىرنەچچە تونۇش بۇرادەرلەرنى خېلى بىر مەزگىلگىچە تونۇيالماي يۈرۈپتىكەنمەن بىر چاغلاردا. يەنە بولسا قايتا تونىۋالاي، باشقا مەندەكلەرمۇ تونىۋالسۇن.

مېنىڭ :
2007-يىلى كۈزدە mzp_R9دەپ تىزىملاتقان. 2008-يىلىغا كەلگەندە ئىچىم پۇشۇپ زەپەر دەپ بىر ئىسىم تىزىملاتقان. كېيىن ئىككى نومۇرنى زەپەر دىگەن ئىسىمغا بىرلەشتۈرگەن.

mzp_R9 -- زەپەر


      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-4 02:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېۋان مېنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئىنزاگى دەپ بىر ئەزا بار ئىدى. نادىر تىما دىگەننى ياغدۇرۋىتەتتى مۇنبەرگە.ئۇزۇن بولدى..قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى..ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىلى كۆپ كونا ئەزالا يوقاپ كەتتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:32:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ئائلىڭىزگە قايتىپ كەلگنىڭزنى قارشى ئالمىز دوستۇم   ،،،،،دېمسمۇ مۇنبەردىكى بىر قانچە پشقەدەملەر يوقاپ كەتكىلى تۇردى ،،گىلادىئاتور ،،مۇزات ،شەمشاد ،،بۇغرا  قاتارلىقلار ،،،مۇمكىن بولسا مۇشۇ دوستلارنىڭ مۇنبەرگە قايتىپ ئېسل تېما ،قىزىقارلىق ،مېغزلىق ئىنكاسلار بىلەن بىزلەرگە خوشاللىق ئاتا قىلشنى ئۈمۈد قىلمەن ،،،،،،ئاندىن مۇنبەر باشلىقلىرغا تەكلىپ  خاپا بولماي ماڭا مادىرىد لۈكچىكى مىدالىدىن بىرنى ھەدىيە قىلساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:33:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:35:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ئەزالار يىغىلىدىغان تېمىكەن بۇ ، قېنى ئەمسە كونىلارغا ئورۇن بىرەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاپەركام   بۇرۇن مۇنبەردەا تېمىلىرنى ئىنكاسلىرنى كۆرەتتىم....مانا ئەمدى بۈگۈن كۆرۈشۈم دېگەندەك 2 يىل بولاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:49:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوربۇلاقنى ھەجەپ سېغىندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-4 02:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-4 03:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 00:32
2يىلنىڭ ئالدىدا  ئۈرۈمچىگە  بىرىپ  شەمشاد  بىلەن كۈرۈشۈ ...

ئۆزى ئەسكى يەردە بولسىمۇ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ پەيزى كۈنلىرى ئۆتكەن يەر ئەمەسمۇ؟ يەنە مەن ئوقۇغان مەكتەپنىڭ مەيدانىمۇ بار.

شۇ چاغلاردا شەمشاد، بۇغرا قاتارلىق بىر نەچچەيلەن مەيلى ھەر ھەپتىلىك يىغىلىش بولسۇن، ياكى شۇ چاغدىكى كوماندىمىزنىڭ ئىشلىرىدا بولسۇن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. شۇ چاغدا شۇلارنىڭ يىنىدا تۇرۇپمۇ تۈزۈك بىر ياردەمدە بولالمىغانلىقىمنى ئويلىسام خىجىل بولىمەن. ئۇلارنىڭ مۇنبەرگە بولغان مېھرى خېلى خېلى باللاردىن ئىشىپ چۈشىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-4 03:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 00:33
تىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.. ئۋۇ بىر ئابزاستىن مەنمۇ ش ...

يېڭى بولسىڭىز سىزمۇ ئالدىرماي بىزدەك كونىرايسىز. ئەمما بىزدەك كونىلاردىن ئۈگىنىپ قالماڭ، قەدىمىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 05:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش