ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ۋولقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 18:57
بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى ئەڭ بالدۇر ياۋرۇپا لوڭقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ 1991-يىلى ئاسىيا ،ئافرىقا ،جەنۇبى ئامرىكا ۋە شىمالى ئامرىكا كارىب رايۇندىن بارلىققا كەلگەن 2يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلەتتى .ھازىر خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىنىڭ قارمىقىدا 2005-يىلىغا كەلگەندە 4يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى .9-نۆۋەتلىكى بىرازىليەدە ئۆتكۈزىلىدۇ . ھەرقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىندىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكەزمەكچى بولغان ساھىبخان دۆلەتتە ئۆتكۈزىلىدۇ . قاتنىشىدىغان كوماندا بولسا ،ساھىبخان كوماندا ھەر قايسى قىتئە رايۇننىڭ چىمپىيونلىرى قاتنىشىدۇ .
تارىخى ئارقا كۈرنىشى
1992-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى-ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا تۇنجى نۆۋەتلىك سەئۇدى -ئەرەبىستان پادىشاھى لوڭقىسى نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ (قىتئەلەر لوڭقىسى) خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن .ئارگىنتىنا چىمپىيون بولغان .3يىلدىن كىيىن 2-نۆۋەتلىكىدە دانىيەدە چىمپىيون بولغان .1997-يىلىغا كەلگەندە رەسمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭققىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن .
2003-يىلى كامىرون دۆلەت كوماندىسدىكى ۋېي ۋې ئەن .فور فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسىدا بەخىتكە قارشى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ خەلىقئارا بۇتبول بىرلەشمىسى 2005-يىلدىن باشلاپ لوڭقىنىڭ ئىسمىنى فور دەپ ئاتاپ كەلگەن كىيىن پۇتبول بىرلەشمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسىنى ئۆزگەرتىپ ئەسلىدىكى 2يىلدا بىر قېتىمنى 4يىلدا بىر قېتىمغا ئۆزگەرتكەن .ھەرقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىندىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكەزمەكچى بولغان ساھىبخان دۆلەتتە ئۆتكۈزىلىدۇدەپ بىكىتكەن .
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن FIFA سېستىمىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالاقە ،مەيدان باشقۇرۇش مۇكەممەللەشكەن دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاش شارائىتنى ھازىرلىغان بۇلۇپ ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ چىىمپىيونلىرى بۇلۇپمۇ ئاسىيا ،ئافرىقا ،ئوكيانىيە قاتارلىق 2-قاتار پۇتبول دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا پۇرسەت يارىتىپ بىرىدىغان سەھنىگە ئايلانغان .1997-2001-يىلى ئاۋىستىرالىيە بىلەن ياپۇنىيە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئەپسۇس بىرازىليە ۋە فىرانسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ بۇلۇپ 2-بولغان . .200-يىلى ئامرىكا ھەلقىلغۇچغا كىرگەن بۇلۇپ ئوخشاشلا بىرازىليە تەرىپىدن لوڭقا تارتىۋېلىنغان .
مۇسبىقە دەسلەپكى باسقۇچى
خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى مۇسابىقىىدە بىرازىليە گىرمانىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر 2-قاتاردىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن يېڭىلغان بۇلۇپمۇ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبخان كوماندا مىكسىكا كوماندىسى رونالدىنئۇ باشچىلىقىدىكى بىرازىليە كوماندىسىنى 3كە قارشى 4نەتىجە بىلەن يېڭىۋالغان .
مۇكاپات تارقىتىش
ئالدىنقى ئككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى سەئۇدى-ئەرەبىستانى كۈتۈرگەن بۇلۇپ مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى چىمپىيونغا 1مىلىيون 5يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرى، ئككىنجىگە 1مىلىيۇن ئامرىكا دوللىرى ئۈچىنجى تۆنجىگە 5يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرى تەسس قىلىنغان . بىرىنجى قېتىملىق مۇسابىقىگە كانىجىيا سىمونى باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا ،سەئۇدى-ئەرەبىستانى،ئامرىكا ،كوتىدۋور قاتناشقان .
كېڭىيىشى
1995-يىلى قاتنىشىدىغان كوماندا سانى 6گە كۈپەيتىلدى .دانىيە كوماندىسى ئاكا -ئۇكا لاۋادىروپ باشچىلىقىدا ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان . ياپۇنيەمۇ قاتناشقان بۇلۇپ گۇرپپا مۇسابىقىسىدە شاللانغان چىمپىيون مۇكاپات سوممىسى1مىلىيۇن 7يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرىغا كۈپەيتىلگەن . 1997-يىلى خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قارمىقىدا سەئۇدى-ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ 8كوماندىغا كۈپەيتلىگەن .ئاسىيا قىتئەسگە ۋاكالىتەن 1996-يىلى ئاسىيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى قاتناشقان بىرازىليە چىمپىيون بولغان تەنھا بۆرە رومارىئو نىڭ 7توپ كىرگۈزۈپ مەرگەن بولغان .
تارىختىن بۇيانقى نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزۈلىشى ۋە چىمپىيونلار
1992-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى لوڭقىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون :ئارگىنتىنا
2-سەئۇدى ئەرەبىستان
ھەل قىلغۇچ نەتىجە :سەئۇدى ئەرەبىستان3:1ئارگىتىنا
1995-يىلى 2-نۆۋەتلىك سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى لوڭقىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:دانىيە
2-ئارگىنتىنا
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:دانىيە0:2ئارگىنتىنا
1997-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:بىرازىليە
2-ئاۋىستىرالىيە
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:بىرازىليە0:6ئاۋىستىرلىيە
ئالتۇن توپ :نېرسىن (بىرازىليە)
ئالتۇن كەش:رونالدىنئو(بىرازىليە)
1999-يىلى 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى مىكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن
ساھىبخان:مىكسىكا
چىمپىيون: مىكسىكا
ئىككىنجى :بىرازىليە
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:مىكسىكا3:4بىرازىليە
ئالتۇن توپ ؛رونالدىنىئو(بىرازىليە)
ئالتۇن كەش:رونالدىنئو(بىرازىليە)
2001-يىلى3-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى ياپۇنىيە بىلەن كورىيەدە ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:فىرانسىيە
2-ياپۇنىيە
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:ياپۇنىيە1:0فرانسىيە
ئالتۇن توپ:پىرى (فرانسىيە)
ئالتۇن كەش:پىرى (فرانسىيە) كارىي (فرانسىيە)
2003-يىل 4-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:فرانسىيە
2-كامىرون
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:كامىرون1:0فرانسىيە(قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت)
ئالتۇن توپ:ھېنرى (فرانسىيە)
ئالتۇن كەش:ھېنرى (فرانسىيە)
2005-يىلى 5-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:بىرازىليە
2-ئارگىنتىنا
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:ئارگىنتىنا4:1بىرازىليە
ئالتۇن توپ :ئادىرنيانو (بىرازىليە)
ئالتۇن كەش:ئادىرنيانو (بىرازىليە)
2009-يىلى 6-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلدى
چىمپىيون:بىرازىليە
2-ئامرىكا
ھەلقىلغۇچ نەتىجە:ئامرىكا3:2بىرازىليە
ئالتۇن توپ :كاكا (بىرازىليە)
ئالتۇن كەش:فابىئانو (بىرازىليە)
بىرلەشكەن دۆلەتلەر چىمپيونلۇق لوڭقىسى
ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان كىچىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شەكلى بولسا دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ چىمپىيون كوماندىنىڭ نامى لوڭقىغا ئۇيىلىدۇ ئىگىزلىكى 40سانتىمىر ،ئېغىرلىقى 10كىلوگىرام
ئىلاۋە : تەجىرىبەمنىڭ كاملىقى تۈپەيلىدىن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر |
|