elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7207|ئىنكاس: 24

چىملىقتىكى مەرگەن-ئىلھام ئىمىنجان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-27 14:20:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

2003-يىلى 8-ئاي.ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايۇنلۇق تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 10-نۈۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  قاراماي بىلەن قەشقەر كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. قاراماي كۇماندىسى مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىقى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ،  گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۆزىنى يىڭىۋالغان، بۇ قىتىم چىمپىيۇن چېقىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان قەشقەر كۇماندىسىنى پاسسىپ ھالەتتە چۈشۈرۈپ قۇيدى.بولۇپمۇ قاراماي كۇماندىسىنىڭ ئالدى ھۇجۇم سېپىدىكى  جۇغى كىچىك، ئەمما تولىمۇ چاققان بىر پۇتبولچى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.بۇ قاراماي كۇماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئىلھام ئىمىنجان ئىدى.كىيىنكى يىرىم  مەيداندا قاراماي كۇماندىسىنىڭ ۋارتاسى  ئىغىر خاتالىق ئىشلىگەنلىكتىن رىپىر تەرىپىدىن قىزىل تاختا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن چىقرىۋىتىلدى. قاراماي كۇماندىسى مەيداندا ئۈچ ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ بولغان شارائىتتا  ئورۇنباسار ۋارىتارنىڭ مەيدانغا چېقىش ئىھتىمالى يوق بولۇپ، ئامالسىز مەيدان ئىچىدىكى بىر ماھىر ۋاقىتلىق ۋارتار بولۇشقا توغرا كەلدى.قاراماي كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى بويى ئىگىز تەنھەركەتچىنى ئەمەس،بەلكى ھۇجۇم سىپىدىكى بويى پاكار ئىلھامنى ۋارتاردا تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.قەشقەر كۇماندىسى قاراماي كۇماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى ئاجىزلىغان،شۇنداقلا ۋارتاردا  كەسپى تەنھەركەتچى تۇرمىغان پايدىلىق شارائىتىنى چىڭ تۇتۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۇشكە تولىمۇ ئالدىرىدى. ئەمما قاراماي كۇماندىسىنىڭ بىكلىرى پۈتۈن سەپ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن قەشقەر كۇماندىسىغا پەقەت پۈرسەت بەرمىدى. ئۆزىگە تولىمۇ چوڭ كەلگەن ۋارتار كىيىمىنى كەيگەن ئىلھاممۇ بىرقانچە ھۇجۇم بىلەن تېپىلگەن توپلارنى ياخشى بىر تەرەپ قېلىپ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشتى. رىپىرنىڭ مۇسابىقە ئاياغلاشتۇرۇش پۈشتىكىنى چېلىشىش بىلەن قاراماي كۇماندىسى بۇ قىتىملىق تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.پۈتۈن مۇسابىقىدە ھۇجۇم ۋە ۋارتاردا قوش رول ئالغان ئىلھام بۇ قىتم قاراماي كۇماندىسىنىڭ چىمپىيۇن چېقىشىدىكى چوڭ تۆھبىكارىغا ئايلانغان ئىدى.
  ئىلھام ئىمىنجان 1986-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قارامايدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق مەزگىلىدە قاراماي 4-باشلانغۇچتا رىشات مۇئەللىمىڭ قولىدا دەسلەپكى پۇتبول تەربىيەسىنى ئالغان. ئىلھامنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان تىرنىرلاردىن يەنە شەۋكەت، ئەخمەتجان، ياڭ كەي قاتارلىق تىرنىرلارمۇ بار بولۇپ،شەۋكەت، ئەخمەتجان قاتارلىق مۇئەللىملەر مەكتەپ كۇماندىسىدا ئىلھامنى يىتەكلىگەن بولسا، ياڭ كەي قاراماي كۇماندىسىغا ئىلھامنى قۇبۇل قىلىپ چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئويناتقان. ئىلھامنىڭ تۇنجى چوڭ مۇسابىقىنى ئوينىشى 2002-يىلىدىن باشلاندى.2002 –يىلى  10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 8–كۈنىگىچە  كۆكخۇتتا ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەت بويىچە (15–u) ياشلىقلار ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە غەربىي – شىمال بويىچە چىمپىيۇن چىققان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20–ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىدىن باشقا يەنە ئاپتونۇم رايونمىزدىن قاراماي شەھەرلىك ئىشتىن – سىرتقى تەنتەربىيە مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى  ۋەيېڭىدىن قۇرۇلغان «ۋارس» پۇتبول  مەكتىۋى كوماندىسىمۇ قاتناشتى. مەملىكەتلىك ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 17 كوماندا  قاتناشقان بولۇپ، بۇ قىتىم ئىلھام قاراماي ئىشتىن سىرىتقى  پۇتبول مەكتىۋى كۇماندىسى تەركىبىدە قاتنىشىپ، تۆت توپ ئۇرۇپ قاراماي كۇماندىسى چىمپىيۇن چىقتى. ئارقىدىنلا تىرنىر ياڭ كەينىڭ يىتەكلىشى بىلەن 2003-يىلى ئۈرۈمچىدە 10-نۈۋەتلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنھەركەي يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىقتى.بۇ مۇسابىقىدە ئىلھام يەنە تۆت توپ ئۇرۇپلا قالماي،ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ۋارتاردىمۇ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇ كۇماندىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا ھەسسە قوشتى.2005-يىلى 7-ئايدا ئىلھام قاراماي كۇماندىسى تەركىبىدە  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بۇ كۇماندىسىنى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چىمپىيۇن چوقىسىغا ئېلىپ چىقتى.ئۇنىڭدىكى سۈرئەت ۋە تىخنىكىنى كۆرگەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتى ئىلھامنى ئالاھىدە تەنھەركەتچى قاتارىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول كۇماندىسغا قۇبۇل قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلھام پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتى كۇماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقلەرگە يۈرۈش قېلىشنى باشلىۋەتتى.
2006-يىلى ئىلھام مەكتەپ كۇماندىسى تەركىبىدە ئۈرۇمچىدە مەملىكەتلىك ئالى  مەكتەپلەر لې نىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش شىنجاڭ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە يەنە چىمپىيۇن چىقىپ،كېلەركى يىلى ئىچكىرىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى ھازىرلىدى.
  شىنجاڭ پىداگۇكا ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسى 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۇنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «لى نىڭ لوڭقىسى » ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ تاللاش مۇسابىقىسدە ،شىمالدىكى 13 ئۆلكىدىن كەلگەن ئالى مەكتەپلەر كۇماندىللىرى بىلەن كەسكىن تىركەشتى.ھەمدە شىمالى رايۇننىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ، شىمالى رايۇندا 3- بولۇپ، 9- ئايدا ئۇتكۇزۇلدىغان مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇ مۇسابىقىلەردە ئىلھام مەكتەپ كۇماندىسىدىكى باشقا ماھىرلار بىلەن ماسلىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە ھەسسىنى قوشتى.
2007  -يىلى9-ئاينىڭ 14-كۇنىدىن17-كۇنىگىچە مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شىنجىن ئۇنۋىرسىتىتىدا ئىلىپ بىرىلدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئىلھامجان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ كۇماندا نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
  2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن « لىنىڭ لوڭقىسى سىتودىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى » نىڭ شىمالىي رايۇنىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى ئىلھام،پەرھات،ئابدۇۋەلى،ئابدۇرازاق قاتارلىق ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شىمالى رايۇن بويىچە سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
、ئىلھام مەكتەپ كۇماندىسىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئاپتونوم رايۇنلۇق پۇتبۇلچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن 2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلدى.2009 -يىلى5-ئايدا ئىلھام شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسى تەركىبىدە  گۇاڭدۇڭ ،شاڭخەي،جىياڭشى ياشلار كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى، ئارقىدىنلا 2009-يىلى6-ئايدا خىخەي ئونۋىرسىتىتىدا ئۇتكۇزۇلگەن  جۇڭگو «لى نىڭ لوڭقىسى سىتىيۇدىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى» 16كۇچلۇكلەر گوروپپىسىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى تەركىبىدە قىتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 6-چىقىپ شىنجاڭ ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىنىڭ  ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۇردى.
2010—يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۇنى باشلانغان جۇڭگو «لى نىڭ لوڭقىسى سىتىيۇدىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى» لەنجۇ مۇسابىقە رايۇنىدا ئىلھام باشقا كوماندا ئەزالىرى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كۇماندىنى شىمالى رايۇن سەككىز كۇچلۇكلەر قاتارىغائېلىپ كىردى، ھەمدە شىنياڭدا ئىلىپ بىرىلدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.بۇ مۇسابىقىدە ئۇ تۆت توپ ئۇردى.      
2010  -يىللىق جۇڭگو«لى نىڭ لوڭقىسى سىتۇدىنتلار پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقسى» جەنۇبىي شىمال ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى 8 - ئىيۇل شىنياڭ سانائەت  ئۈنۋېرسىتىتىدا باشلاندى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ رەقىبى سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى ئىدى.بۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقە بولوپ چۇنكى سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى ئۇدا ئۇچ نۇۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى چىققان.بىرىنجى مەيداننى ياخشى ئۇينىغاندىلا ئاندىن ئۇمىت بار ئىدى . سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسىنى3-1 ئۇتۇپ ،بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى قارا تۇلپارلىق سەپىرىنى باشلىدى.9-ئىيۇل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسىنىڭ رەقىبى بۇلسا جەنۇپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۇچلۇك كۇماندا خەينەن ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى بولوپ مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئىككى تەرەپ كۇچلۇك ھۇجۇم ئارقىلىق ئىككىنجى ئايلانمىدىكى ئەڭ كەسكىن ئەڭ قىزىغان مۇسابىقىنىڭ  مۇقەددىمىسىنى ئاچتى 90 مىنۇتلۇق كەسكىن ئىلىشىش ئارقىلىق ھەر 9 مىنۇتتا بىردىن توپ كىرىپ ئاخىرى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسىدىكى ئەسقەر ، ئابدۇۋەلى ، پەرھات ۋە ئىلھام قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن 4كە قارشى 6 دەك ئاجايىپ نەتىجە ئارقىلىق ئۇزىنىڭ يەنە بىر كۇچلۇك رەقىبىنى يىقىتتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىلھام ئىككى توپ ئۇردى. ئىككى ئۇتۇق بىر تەڭ نەتىجە بىلەن 8كۇچلۇك كۇماندا قاتارىغا كىردى .6-ئاينىڭ 12-كۇنى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئالدى بىلەن «د» گۇرۇپپىدىكى 2-چىققان كۇچلۇك كۇماندا يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ،كۇماندا ئەزاسى يۇلۋاس كىينكى يىرىم مەيداندا قىزىل تاختا بىلەن مەيداندىن چۇشۇپ كەتكەن ئەھۋالدا  90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدا ئىلھامنىڭ تۇپ ئۇرۇشى بىلەن1-1بولوپ تەڭلەشتى،كۇماندىنىڭ كۆز ئالدىدا رەھىمسىز نوقتا توپ بىلەن بىر بىرىنى شاللاشتەك رەھىمسىز تاللاشقا دۇچ كەلدى. نۇقتا تۇپ تىپىش جىڭىدە ئىلھام يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ 2گە قارشى 4 بىلەن ئۇمۇمى نەتىجىدە 3كە قارشى 5بىلەن شىنجاڭ پىداگۈگىكا ئۈنۋىرسىتى كۇماندىسنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىشىگە ئۆزىنىڭ تۆھبىسىنى قوشتى.6-ئاينىڭ14-كۇنى چۇشتىن كىيىن ئىلىپ بىرىلغان يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى شاللىۋىتىپ تۇنجى قىتىم مەملىكەت دەرىجىلىك چىموىيۇنلۇقنى تالىشىش باسقۇچىغا كىردى.6-ئاينىڭ 15-كۇنى ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسنىڭ رەقىبى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى- تەييىۋەن تەبىئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بۇلۇپ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە غەلبە قىلىپ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى تۇنجى قىتىم مەملىكەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۇچۇن چۇڭ شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى.
ئىلھام 2010-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قارامايغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.2011-يىلى ئىچكىرىدىكى دىيارىمىز ماھىرلىنىڭ ئارقىمۇ  ئارقا نەتىجە ئېلىشى بىلەن دىيارىمىز پۇتبول ماھىرلىرىغا ئىچكىرى كۇلۇپلارنىڭ دىققىتى مەركەزلىشىشكە باشلىدى.ئىلھام ئالدىنقى يىلى «ئا»بىرلەشمىسدىن چۈشۈپ كەتكەن گۈيجۇ كۇماندىسىغا كېلىپ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىغا باشلىدى. سىناق مەشىق جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە ھارماي يۈگرەشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ بەش توپ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۇلۇپ بىلەن توختام تۈزۈپ توپ تىپىشكە باشلىدى .
2012 -يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى گۈيجۇ كۇماندىسى جۇڭگو پۇتبۇلچىلار لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىنى ۋۇخەن شەرق شامىلى تويۇتا كۇماندىسى بىلەن ئوينىدى.بۇ مەيداندا ئىلھامجان كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئالمىشىپ چىقىپ 72-مىنۇتتا ئۆزىنىڭ گۈيجۇ كۇماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرۇپ كۇماندىنىڭ نۈلگە قارشى تۆت بىلەن تۇنجى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ھەسسە قوشتى.
6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو پۇتپۇلچىلار لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقىسى گۈيجۇ كۇماندىسى بىلەن جۇڭگو ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسدىكى ۋۇخەن جۇئىر كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىپ،ئىككى تەرەپ بىردە بىر بولۇپ تەڭلىشىپ قىلىپ نۇقتا توپ تىپىشتى.ئىلھام بەشىنچى توپنى تىپىپ كىرگۈزۈپ بەشكە قارشى ئالتە بىلەن گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىغا يەنە ھەسسە قوشتى. 2012-يىلى6-ئاينىڭ 23-كۈنى گۈيجۇ جىچىڭ كۇماندىسى مەملىكەتلىك «ب»دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ 11-ئايلانما مۇسابىقىسىنى شېنجىن يېخۇا كۇماندىسىنىڭ مەيدانىدا ئوينىدى.بۇ مەيداندا ئىلھامجان گۈيجۇ كۇماندىسى ئۈچۈن باش بىلەن بىر توپ كىرگۈزۈپ شۇنداقلا بىر ياردەمچى توپ ياساپ بىر مەيدان غەلبىگە ئاساس سالدى.7-ئاينىڭ 21-كۈنى دوڭخۇەن  كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ يەنە توپ ئۇردى.
  7-ئاينىڭ 27-كۈنى گۈيجۇ كۇماندىسى مەملىكەتلىك «ب» دەرىجىدە مۇسابىقىسى 14-ئايلانمىسىنى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ ياشلار كۇماندىسى بىلەن  ئېلىپ باردى.بۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە ئىلھام تولىمۇ چىرايلىق بىر يىراقتىن تىپىلگەن توپ بىلەن  نەتىجىنى ئالدىغان سۈردى.گەرچە كېيىن بۇ مەيدان نەتىجىسى تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئىلھام ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بارا-بارا گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ يادرۇلۇق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالدى.
8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىلھام تۇرۇشلۇق گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسى بىلەن سىچۈن كوماندىسى تۇتۇشتى .بۇ مەيداندا ئىلھام بىر يادەمچى توپ ياساپ بەردى.  كېيىنكى مەيدان ئاخىرلىشىشقا ئاز  قالغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئارقىمۇ- ئارقا ئۈچ ئادەمدىن ئالداپ ئۆتۈپ قاپقىقا توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى ھەم كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي رايۇندا داۋاملىق بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلىشىغا زور تۆھپە قوشتى. 14-چىسلا ئاياقلاشقان جەنۇبىي رايۇندىكى يەنە بىر مەيدان ب دەرىجىلىك مۇسابىقىدە بىرىنجى ئىلھام تۇرۇشلۇق گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندىكى خۇبىي كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇيجۇ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 6:3 نەتىجە بىلەن جەنۇبىي رايۇندىكى بىرىنجىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.  ئىلھام ئىككى توپ ئۇرۇپ يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى 18-ئايلانما مۇسابىقىدە گۈيجۇ كۇماندىسى جىياڭسۇ خېخەي ئۈنۋىرسىتى كۇماندىسى بلەن تۇتۇشتى.گۈيجۇ كۇماندىسى ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ئارقىدا قالغان شارائىتتا كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئىلھام قارشى تەرەپنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن پۈرسىتىدىن پايدىلنىپ قارشى تەرەپ ئەزالىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ تولىمۇ چىرايلىق بىر توپنى ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى گۈيجۇ كۇماندىسى 21-ئايلانما مۇسابىقىنى چوڭچىڭ ياشلار كۇماندىسننىڭ مەيدانىدا ئوينىدى.نەتىجە بىر بىر بولۇپ تەڭلىشىپ قالغان شارائىتتا 75-مىنۇتتا ئىلھام يەنە بىر چىرايلىق توپنى ئۇرۇپ بىر مەيدان غەلبىنىڭ قولغا كېلىشىگە ئاساس سالدى.
9-ئاينىڭ  13-كۈنى 23-ئايلانما مۇسابىقە جەنۇب بىرلەشمە رايۇنىدا ئەمىلى كۈچى يامان ئەمەس شەنشى كۇماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.بۇ مەيداندىمۇ ئىلھام ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ جەنۇب رايۇندىكى بىرىنچىلىك ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىشىشىگە تۈھبە  قوشتى.ئەمما ئىلھامغا بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىدىن توختاش جازاسى بېرىلدى.شۇنىڭ بىلەن سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىدى.ئاخىرى چىڭخەي سېڭكې كۇماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدا مەيدانغا چىقىش پۈرسىتىگە ئېرىشتى.بۇ مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ ئىككىدە ئىككى بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئا دەرىجىگە چىقىش مۇسابىقىسى گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلدى.گۈيجۇ كۇماندىسى كەينىدە قىلىپ ۋەزىيەت خەتەرلىك بولۇپ قالغان ئەھۋالدا گۈيجۇ كۇماندىسى ئەزاسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۋالدى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا بىر نەچچە مىنۇت قالغاندا ئىلھام بىر توپ ئۇرۇپ چىڭخەي كۇماندىسىنى ئۈزۈل-كىسىل يىڭىپ،گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ ئا بىرلەشمىسىگە ئوڭۇشلۇق ئۆرلىشىدىكى چوڭ تۆھبىكارغا ئايلاندى. جۇڭگو «ب» دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسى  2012- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 14:30 گۈيجۇ ئۆلكىلىك يېڭى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنى بىلەن خۇبېي خۇاكەيئەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندا ئا دەرىجىگە ئۆرلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولغان بولسىمۇ، بىرلەشمىدىكى چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. 10- ئاينىڭ 31 - كۈنى  گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنى مېھمان مەيدانىدا 0:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەن،  بۈگۈنكى ساھىبخان مەيدان چېمپىيون بولۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى. مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىلھام توپ كىرگۈزىدۇ، گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنى ئىلھامنىڭ توپى بىلەن ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدۇ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ روھىمۇ كۈتۈرىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلھامنىڭ سەبدىشى توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:0 قىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا ئۈچ مىنوت قالغاندا ئىلھامنى مەيداندىن ئالماشتۇرۋىتىدۇ. كېيىن مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. گۇيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنى ئومۇمىي نەتىجە 2:1 بىلەن ب دەرىجىدىكى چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.ئىلھام گۈيجۇ كۇماندىسىغا قىتىلغان تۈنجى مۇسابىقە پەسلىدە بۇ كوماندا ئۈچۈن 13 توپ ئۇردى. ئۇنىڭ بىرى جۇڭگو  بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە،12سى مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە كىردى.بۇنىڭ ئىچىدە تۆت توپ كەينىدە قالغان  شارائىتتا كىرىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشتە،يەتتە توپ تەڭلىشىپ قالغان شارائىتتا كىرىپ غەلبە قىلىشتا ،شۇنداقلا قىممەتلىك نومۇر ئىلىشقا ئاساس سالدى.دىمەك ئىلھام گۈيجۇ كۇماندىسىنىڭ قايتىدىن  ئا دەرىجىگە ئۆرلىشىدىكى تۈھپىكارغا ئايلانغان ئىدى. بىز بۇ  ماھىرنىڭ كىلەركى يىلى بۇ كۇماندىنى يىتەكلەپ تىخىمۇ ياىشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.
   مەنبە:ئارچا يىڭىدىن يىزىپ چىققان«يىڭى يۇلتۇزلار»ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىلىپ بىرىلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 14:38:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  بىر پەخىرلىك ئۇغلانىمىز چىقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 14:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  پەخىرلىك ئۇغلانىمىز چىقىىنىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
بۇرون يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىزدەك رايونىمىزنىڭ  مىللىتىمىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرۇش  ئىشلىرىغا يىنىدىن پۇل چىقىرىپ  ياش ئۈسمۈرلەرنى تەربىيلەپ  مۇسابىقە ئۈتكۈزۈپ  بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرگەن ھەم پەيدىلىق مۇھىت يارتىپ بەرگەن ئىدى، مانا بۇلسا ھازىر بىر قانچە پۇتبول ئەزمەتلىرىمىز مەيدانغا كەلدى بۇنى يۈسۈپ ئاكىمىزنىڭ تۈھپىسنىڭ بىر مەھسۇلى دەپ قارايمەن.
بىزنىڭ پۇتبول ئەزمەتلىرىمىزنىڭ نەدىلا بۇلسا ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق يولنىڭ داغدام  ھەم ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 14:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامجان داۋاملىق تىرىشىڭ سىز بىزنىڭ پەخرىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 15:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېمىغۇ بۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 15:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئىلھام كوماندىنى غەلبىلىك ئا دەرىجىگە ئېلىپ چىقتى    
تاشئالمىغىلا ئەكىلىدىغان ئىشكەنتۇق باشتىلا    گۇيجۇدا ئۇرغان توپىنىڭ ۋە ياردەمچى پاسلىرىنىڭ يېرىمىنى تاشئالمىدا قىلغان بولسا تاشئالمىمۇ خېلى ئۇزۇنغا بېرىپ قالاتتى    
غەيرەت قىل ئىلھام بولسا كومانداڭنى كىلەر يىلى دەرىجىدىن تاشقىرىغا ئېلىپ چىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 15:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkuyi يوللىغان ۋاقتى  2012-11-27 15:42
نادىر تېمىغۇ بۇ ؟

ئەلۋەتتە ... مۇشۇنداق ئۇيغۇر پۇتبولچىمىزنىڭ چاقنىغان تەپسىلى خەۋىرى ئەلۋەتتە نادىر بولىدۇدە ...
ھۇررا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 15:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھامجاننىڭ بۇيىللق ئپادىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 16:37:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشئالمىدا مۇشۇنداق ھۇجۇمچىلار كەمتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 18:48:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىكى سۈرەت، چىدامچانلىق خېلى پۇتبولچىلاردا يوق جىمۇ.   تاشئالما كىچىك بالىلارنى يىغۋالغىچە مۇشۇنداق مۇسابىقە ئويناپ پىشىپ كەتكەنلەرنى ئەكەلسە بولمامدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 18:59:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010-يىللىق ‹‹ لىنىڭ لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىنى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزگەندە شىنجاڭ پىداگىگوكا ئۇنىۋىرسىتتىدىن بىزگە بەرگەن تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان ئىككى پۇتبولچى بىرسى تاشئالمىدىكى پەرھات ، يەنە بىرى دەل مۇشۇ ئىلھام ئىدى ، كاساپەت توپ دىگەننى شۇنداق چىرايلىق ئوينايدىكەنتۇق ، ھەركەتلىرى شۇنداق چاققان . ئاخىرى كۆكلەپ چىقتى مانا ...

ئۇنىڭ نىمىشقا تاشئالمىغا ئوينىمىغىنىنىڭ سەۋەبىنى ئۆتكەندە ئابدۇغېنىنى زىيارەت قىلغاندا بىلىپ بولدۇققۇ ...
ئەمدى قارىساق ئۇنىڭ تاشئالمىدا ئوينىمىغىنىمۇ ياخشى بوپتىكەن ، بۇنداق ئىستىقبالى يوق ، كوماندىنىڭ كەلگۈسىگە ھچىكىم كاپالەت بىرەلمەيدىغان كوماندىدا ئوينىغىنىدىن ، ئاشۇ كوماندىسىدا داۋاملىق ئويناپ ، قەھرىمان بولغىنى مىڭ ئەۋزەل ...

ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشىلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-27 19:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى بىر ئىككى مەيداندا بەسەيلەر  مەينەتلىك قىلىپ چەكلەپ قويمىغان بولسا مەرگەن  بولاتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش