akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2435|ئىنكاس: 52

گېرمان روھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-20 18:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 22:22  


گېرمانىيە دۆلەت  ئەرلەر پوتبۇل كوماندىسى گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان بۇلۇپ ،ياۋرۇپادىكى تارىخى ئۇزۇن ھەم ئىستىقباللىق كوماندىلارنىڭ  بىرى. گىرمانىيە  بورۇن 3 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى، 3 قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ، گىرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن شەرىقىي گىرمان ھەم غەرىبىي گىرمانىيەگە بۈلۈنۈپ كەتكەن، 1991-يىلىگە كەلگەندە بىرلىككە كىلىپ خەلقئارادا گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نامىدا مۇسابىقىگە چۈشكەن.


قۇرۇلغان ۋاقتتى؛ 1900-يىلى1-ئايىنىڭ 28-كۈنى،
ئىنگىلىزچە؛Germany
پايتەختى : بېرلىن
دۆلەت تىلى : نىمىس تىلى
دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : لېف
داڭلىق چۇلپانلىرى؛بېكنپاۋل، مۇللىر، رۇمىينىگ، كلىنسمان، ماتتائۇس، كىلۇز، باللاك ، كائىن قاتارلىقلار.
ئىرىشكەن نەتىجىلىرى؛  3 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى، 3  قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بۇلغان.



كۇلۇپ ئارخىپى.
دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : لېف   2006-يىلدىن ھازىرغىچە.
كاپىتان؛ فىلىپ لام
ئەڭ كۆپ مەيدان مەيدانغا چىققان تۇپچى؛ ماتتائۇس (150 مەيدان)
ئەڭ كۆپ تۇپ كۈرگەزگۈچى؛ گايدى مۇللىر (68)
تۇنجى خەلىقارا مۇسابىقىى؛شىۋىتسيە 5-0 گىرمانىيە  1908-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى،
ئەڭ چوڭ نۇمۇر پەرىقى غەلبە؛ گىرمانىيە 16-و روسىيە 1912-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى،
ئەڭ چوڭ نومور پەرىقى مەغلوبىيەت؛ ئىنگىلاد9-0 گىرمانىيە 1909-يىلى3-ئاينىڭ 16-كۈنى،
دۇنيا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسدىكى ئەڭ چوڭ نومۇر پەرىقى غەلبە؛گىرمانىيە 8-0سەئىدى ئەرىبىستان 2002-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى،
گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىگە 17-قېتىم قاتناشقان؛ 1934-يىلى 3-بۇلغان، 1954-يىلى چىمپىيۇن بۇلغان،1966-يىلى  ئىككىنچى بۇلغان، 1970 يىلى 3-بۇلغان،1974-يىلى چېمپىيۇن بۇلغان. 1982-يىلى 2-بۇلغان، 1986-يىلى 2-بۇلغان، 1990-يىلى چىمپىيۇن بۇلغان، 2002-يىلى 2-بۇلغان،  2006-يىلى 3-بۇلغان، 2010-يىلى 3-بۇلغان.
پاۋرۇپا چىمپىيۇنلۇقىغا 10-قېتىم قاتناشقان؛ 1972-يىلى 1980-يىلى 1996-يىلى چىمپىيۇن بۇلغان، 1978-يىلى 1992-يىلى 2008-يىلى 2-بۇلغان،
ئۇلمپىك مۇسابىقىسى؛ 1970-يىلى چىمپىيۇن بۇلغان، 1980-يىلى ئىككىنچى، 1972-يىلى 1988-يىلى 3- بۇلغان.
خەلىقارا بىرلەشمە ئۇيۇشما لوڭقىسىغا 2-قېتىم قاتناشقان؛ 2005-يىلى 3-بۇلغان.




گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىلى ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرگەن،1934-يىلى دۇنيا چىمپىيۇنلىق مۇسابىقىسىدە 3-بۇلغان، لىكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا پارچىلىنىپ شەرىقى گىرمانىيە ۋە غەربى گىرمانىيەگە بۈلۈنگەن، 1950-يىلى شۇ نۈۋەتلىك دۇنيا چىمپىيۇنلۇق تالشىش مۇسابىقىدە چەكلەنگەن بۇلۇپ  قاتناشمىغان، ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۈتۈپ غەرىبى گىرمانىيە پۇتبۇلچىلىقى قۇرۇلۇپ  1954-يىلدىكى دۇنيا چىمپىيۇنلۇق تالشىش مۇسابىقىسىدە چمپىيۇن بۇلغان.1974-يىلى دۇنيا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە شەرىقى گىرمانىيە بىلەن غەرىبى گىرمانىيە  بىر گۇرۇپىغا بۈلۈنگەن بولۇپ  مۇسابىقىدە  ئەڭ ئاخىردا ئىپادىسى ياخشى بۇلغان غەرىبى گىرمانىيە غەلبە قىلىپ دۇنيا چىمپىيۇنى بۇلدۇ.غەرىبى گىرمانىيە  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇقىدا 1972-يىلى 1980-يىللىرى ئىككى قېتىم چىمپىيۇن بۇلغان  بۇ ۋاقىتلاردا  گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا  تالانىت تۇپچىلاردىن بېكنپاۋل  گايىت  مۇللىر رۇمىينىگ  ماتتائۇس  كىلىنسىمان قاتارلىقلار بار ئىدى.


ئىمپېراتور سېزار- بېكنپاۋل

ئىسمى؛ فرانىس بېكنپاۋل
دولەت تەۋەلىكى؛گىرمانىيە
بوي ئېگىزلىكى؛1.81
توپ ئوينىغان كوماندىلار؛سابىق ئتتىپاق گىرمانىيە دولەت كوماندىس ،بايرىن ميۇنخېن كوماندىس[1958-1977]،ئامىركائالەم كوماندىس[1977-1980]،ھامىبورگ كوماندىس[1980-1982]
ئىرىشكەن نەتىجىلىرى؛1972-يىل ياۋروپا ئەللىرىى پوتبول لەۋھە تالششى موسابىقىسدە چىېمپىيون بولغان؛1974-يىلى10-نۆۋەتلىك دونيا لوڭقىسى پوتبول موسابىقسىدە چېمپىيون بولغان؛1969-،1972-،1973-ۋە1974-يىلىرى ئتتىپاق گىرمانىيەA دەرىجىلىكلەر پوتبول بىرلەشمىە موسابىقىسدەچىېمپىيون بولغان؛1974-،1975-ۋە1976-يىللرى ياۋروپا پوتبول كولوبلىرىنىڭ چىمپىيون بولغان؛1976-يىلى ياۋروپا ۋە جەنوبىى ئامېرىكا كولۇبلىرىنىڭ قىتەلەر لوڭقىس موسابىقىسدە چمپىيون بولغان؛1966-،1967-،1969-ۋە1971-يىللرى ئتتىپاق گىرمانىيە پوتبولچىلار جەمىئيىتى لوڭقىس موسابىقىسدە چمپىيون بولغان؛1977-،1979-ۋە1980-يىللرى شىمالىي ئامىركا بىرلەشمىسىدەچىمپىيون بولغان؛1972-ۋە1976-يىللرى[ياۋروپا پوتبول ئەپەندىسى] بولوپ باھالانغان؛1966-،1968-،1974-ۋە1976-يىللرى ئتتىپاق گرمانىيە بويىچە ئەڭ مونەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولوپ  باھالانغان؛ 1983-يىلى ئتتىپاق گىرمانىيە كرېست ئوردېنىغا ئىرىشكەن.




بىكنپاۋل تىلغا ئېلىنسا كوپچىلىك ئونىڭ دونياغا تونولغان پوتبول ماھىرى ئىكەنلىكىنى،[پوتبول پادىشاھى]،[ئىپمېراتور سېزار] قاتارلىق چىرايلىق نامىنىڭ بارلىقىنى بىلىدو. ئۇ ئۆمرىدى ئتتپاق گىرمانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتىن 103مەيدان خەلقىئارا موسانىقىگە،جوملىدىن50 مەيدان موسابىقىگە كوماندا باشلىقى سۈپىتىدە قاتناشقان.1966-1970-1974-يللىرى ئۈچ نۆۋەتلىك دونيا لوڭقىسى پوتبول موسابىقىسگە قاتنىشىپ،ئتتىپاق گىرمانىيە كوماندىسنىڭ1974-يىلى10- نۆۋەتلىك دونيا لوڭقىسى پوتبول موسابىقسدە چمپىيون بولىشىدا زور خىزمەت كۈرسەتكەن ھەم مۇشو ئۈچ قىتىملىق دونيا لوڭقىسى پوتبول موسابىقسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەڭ مونەۋۋەر كوماندا كۈچىگە تاللانغان.


1982-يىل6-ئاينىڭ1-كونى،بىكىنپاۋل كەسپى پوتبول مۇنبىرىدىن رەسمىي چېكىنگەن،ئونى ئوزىتش يوزىسىدىن ئۈتكوزولگەن موسابىقدىن كىرگەن 45 مىڭ ئامىركا دۇللىرىنى مىيىپ بالىلار تەشكىلاتىغا ئئانە قىلغان.
ئۇ پوتبول مونبىرىدىن چىكىنگەندىن كىيىن  تەنتەرنىيە مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شوغوللانغان.1984-يىلى7-ئايدا،ئتتىپاق گىرمانىيە پوتبولچىلار جەمئىيتىنڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، ئتتىپاق گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنىرلىقىنى ئوستىگە ئالغان ھەم 1986-يىلى دونيا لوڭقىسى پوتبول موسابىقىسدە2-لىككە،1990-يىلى چېمپىيونلوققا ئېرىشكەن،
سەنئەت پىرى-رۇمېنېگ

ئىسمى ؛ كارل ھېنز رۇمېنېگ
بوي ئىگىزلىگى؛1.81مېتىر
ئىغىرلىقى؛ 74-كىلوگرام
توپ ئۇينىغان كوماندىلار؛ ئتتىپاق گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى، بايرىن ميۇنخىن كوماندىسى (1973-1987-يىلى) ، شۋېيتسارىيە جەنۋە كوماندىسى(1987-1989-يىلى).

ئېرىكەن نەتىجىلىرى؛ 1980-يىلى ياۋرۇپا  ئەللىرى پۇتبۇل لەۋھە تالىششى مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بۇلغان. 1982-ۋە1986-يىللىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسدە 2-بۇلغان، 1974-،1975-ۋە1976- يىللىرى  ياۋروپا پۇتبۇل كۇلۇبلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بۇلغان، 1976-يىلى ياۋروپا ۋەجەنۇبىي ئامېركا كۇلۇبلىرىنىڭ قىتئەلەر لۇڭقىسى مۇسابىقىسدە چېمپىيۇن بۇلغان، 1981-ۋە 1982-يىللىرى ياۋروپا پۇتبول  ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.
كارل ھېنز رۇمېنېگ  1955-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ميۇنخىن شەھىرىگە 600 كىلومېتىر  كېلدىغان لېپۇشىتات دېگەن كىچىك شەھەردە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى  قۇرولۇش ھۆددىگىرى بولۇپ، ئىلگىرى رايونلۇق كوماندا ھۇجۇمچى ئىدى. ئاكىسىمۇ بروسسئا كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ئىدى. بۇ خىل شارائىتتا، رۇمېنېگ كىچىكىدىنلا  پۇتبولغا ئىشتىياق باغلايدۇ،ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەن بىرگە تۇپ ئۇينايدۇ. ئۇ ئاكىتىپ، ئەستايىدىل ، ئىنكاسى تېز، پەملىك ئىدى. ئۇ يەتتە يېشىدا ۋېستفالۇن كوماندىسىغا كىردۇ، بۇ كوماندىدا تۇرغان 11يىلدا جاپالىق مەشىق، ياخشى مۇسابىقە ئىستلى بىلەن بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ.
رۇمېنېگ 18ياشقا تولغاندا، نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇ ئىتتىپاق گېرمانىيىدىكى داڭلىق كۇلۇپ بايرىن ميۇنخىن كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالاپ كەسپى پۇتبولچى بولىدۇ.بۇ كوماندىدا داڭلىق ماھىر، چۇلپانلار كۆپ بولۇپ، ئۇ خېلى مەزگىللەرگىچە زاپاس ئەزا بولىدۇ، لېكىن قىلچە مەيۈسلەنمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىىغانلىقىغا ئىشىندۇ.شۇڭا ئۇ  ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى زەن سېلىپ كۆرۈپ چۇلپانلارنىڭ  مەيداندىكى  ماھارىتىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگۈندۇ. لىكىن ئۇنىڭ  ئۇغسىنى قاينىتىدىغىنى  كوماندا يېتەكچىسى ئىدى، دائىم تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ  رۇمېنېگنى تەنقىدلەيتتى.  مۇشۇ سەۋەپتىن  ئۇ كوماندىدىن  ئايرىلىشنىمۇ ئويلىغان. بىراق ، ئاچچىغى يانغاندا  يەنىلا ئۆزنىڭ  مەيداندىكى كارامىتى بىلەن باشقىىلارنى  قايىل قىلىشنى  تۇغرا تاپتى. ئاخىرىمۇ پۇرسەتمۇ كېلىدۇ، ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ئامېركا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ قىتئەلەر لوڭقىس مۇسابىقىدە بايرىن ميۇنخىن كوماندىنىڭ غەلبە قىلشىغا زور ھەسسە قوشىدۇ. 1979-يىلى 1980-يىللىرى ئىتتىپاق گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك كۇلۇپلار پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بولىدۇ.

1976-يىلى 10-ئايدا، رۇمېنېگ ئتتىپاق گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىندۇ. 1978-يىلى، ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىسىدە ،ئۇ زاپاس ئەزامۇ بولالمايدۇ، بۇنىڭدىن ئۇ قاتتىق ئۆكۈندۇ.رۇمېنېگ  ئۆزىنىڭ  جاپالىق ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى  ئۈستىدە توختالغاندا مارادوناغا مۇنداق دېگەن؛ئاساسلىق ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلارغا، جۈملىدىن تىرنېرلارنىڭ كەمسىتىشى، سەپداشلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالىيشلىرىغا چىداش كىرەك. ئەلۋەتتە ، ئەينى چاغدا رۇمېنېگ بۇ سىناقلاردىن ئۆتمىگەن بۇلسا بۈگۈنكىدەك ياخشى نەتىجە قازىنالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

1980-يىلى ، ياۋروپا ئەللىرى پۇتبۇل لەۋھە تالىششى مۇسابىقىسدە ئىتتىپاق گېرمانىيە كۇماندىسى بىلەن  بېلگىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە  چۈشىدۇ. مۇسابىقە ئاىىرلىششقا بىر مىنۇت قالغاندا ئىككى تەرەپ بىردە بىر نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ، ئىتتىپاق گېرمانىيە كوماندىسى كورنېر توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. رۇمېنېە توپنى ياخشى قۇيۇۋالغاندىن كېيىن يان تەرەپتە تۇرغان فوتو سۈرەت مۇخبىرىغا؛ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ مۇشۇ توپ كىرىدۇ دەيدۇ. دەرۋەقە، ئۇ تەپكەن كورنېر توپنى سەپدىشى ئۈسۈپ  ۋارىتاغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ، ئۇلار چېمپىيون بولىدۇ ھەم ئىتتىپاق گېرمانىيە كوماندىسى ئۇدا 23 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولماسلىقتەك رېكوت يارىتىپ، ياۋروپا پۇتبۇل مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ. ئارگېنتىنا كوماندىسنىڭ ترېنېرى مېنوتتى ئەينى ۋاقىتتا؛ رۇمېنېگ بىلەن مارادونا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلاردۇر دېگەنىدى.
1982-يىلى، ئىسپانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىدە ئىتتىپاق گىرمانىيە كوماندىسى ئۈچكە قارش بىر نەتىجە بىلەن  ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋېتىپ 2-لىككە ئېرىشىدۇ. 1986-يىلىمۇ، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ئۈچكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئىتتىپاق گېرمانىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم 2- بولىدۇ.
رۇمېنېگ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ئەر ھەقىقىي ئەر ھېسابلانمايدۇ، توپ تېپش ياشاشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى، توپچىلارمۇ ئوخشاشلا ئەمگەكچى، توپ چولپانلىرى ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى قوغدىشى ھەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.
رۇمېنېگ دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن 95 مەيدان خەلقئارا مۇسابىقە ئوينىغان، 51 مەيدان مۇسابىقىدە كوماندا باشلىقى بولغان. ئىتتىپاق گېرمانىيە ئا  دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 162 توپ كىرگۈزگەن. نۇرغۇن چەت ئەل كۇلۇبلىرى ئۇنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇ ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان، پۇلغا قاراپ تەۋرەنمىگەن. قەيسەرلىك، كەسپچانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشدىكى سىردۇر.
ھازىر رۇمېنېگ بايرىن ميۇنخىن  كۇلۇبىنىڭ  رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ.


تۈۋەندىكىسى  گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ  فىلىم ئادىرسى.
http://v.ku6.com/show/lW-oO-s50D_UTtpW77kZEQ...html
http://www.tudou.com/programs/view/Gayyzxqk094/



چىملىقتىكى دۋىگاتېل- ماتتا ئۇس

ئىسمى؛ لوتار ماتتائۇس
بوي ئېگىزلىكى ؛ 1.74
ئېغىرلىقى؛ 71 كىلوگرام
توپ ئوينىغان كوماندىلار؛ گېرمانىيە  دۆلەت كوماندىسى، مونھېنگلادباخ كوماندىسى(1979-1984) بايرىن ميۇنخىن كوماندىسى (1984-1988) ئىنتېر مىلان كوماندىسى(1988-1992)  بايرىن ميۇنخىن كوماندىسى (1992-2000)

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى 1982-ۋە 1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2- بولغان؛ 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتنول مۇسابىقىسىدە  چېمپىيۇن بۇلغان؛ 1985- 1986-ۋە 1987-يىللىرى غەربىي گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بۇلغان؛ 1991-يىلى ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بۇلغان؛ 1994- ۋە1997- يىلى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولغان؛ 1990-يىلى دۇنيا پوتبۇل ئەپەندىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالانغان؛ 1980-يىلى ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالششى مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بولغان.

لوتار ماتتائۇس گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ باشلىقى ، پۇتبول مۇنبىرىدىكى داڭلىق خافبېك ۋە ئەركىن بېك، بېكىنپاۋل ماتتائۇسنى تەرىپلەپ؛ ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلارنىڭ بىرى، مەيداندىكى ھەرقانداق ئوروننىڭ  ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، مەيلى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ياكى مۇداپىئەدە بۇلسۇن ئىپادىسى ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك . بۇلاردىن سىرت ماتتائۇسنىڭ ئىنتىزامچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىشىنشكە بولىدۇ، دەيدۇ.


ماتتائۇس 1961-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ھېرىسمەن بولۇپ  پۇتبول تالانتىنى نامايەن قىلغان.11 يېشىدا ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرگەن ، گەرچە ئۇنىڭ بۇيى ئېگىز بولسىمۇ ھەرىكىتى چاققان بۇلوپ ، مەيداننى بىر ئالاتتى، باشقا ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ھۇجۇمچى بۇلوشنى ئارزۇلايتتى. ماتتائۇسلارنىڭ ئائىلىسنى بەك باياشات دېگىلى بولمايتتى، دادىسى ئائىلنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى  يەڭگىللىتىش ھەم كەلگۈسىدىكى تىرىكچىلىككە قولاي بولسۇن ئۈچۈن 13 ياشلىق ماتتائۇسنى ئۆي-جاھازلىرى زاۋۇتىغا  شاگىرت ئىشچىلىققا بېرىدۇ. 15-يىشىدا باۋرىيە رايونىدىكى كىچىكرەك بىر پۇتبول كۇلۇبىغا كىرىدۇ، 18 يېشىدا مۇنھېنگلادباخ كۇماندىسغا ئالمىشىپ بېرىپ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.
ماتتائۇس كىچىكىدىن باشلاپلا ؛پۇبول خاقانى بېكنپاۋلغا چوقۇناتتى، 1970-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئۇ تالانتى ۋە تىرشچانلىقىغا تايىنىپ ئەتراپلىق تېخنىكا ئاساسى  ھازىرلىغان. مۇنھېنگلادباخ كوماندىسغا كېلىپ 2-يىلىلا غەربىي گېرمانىيە ئا  دەرىجىلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بۇلغان. ئۇ  شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ  سەپداشلىرىم بىلەن بىرگە مۇكاپات مۇنبىرىدە تۇرغىنىمدا ئۆز  كۆزۈم ۋە قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم ، دەيدۇ. 1979-يىلى ماتتائۇس دۆلەت كوماندىسغا تاللىنىدۇ ھەم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن كۈچلۈك گوللاندىيە كوماندىسنى يېڭىدۇ. ئۇ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقە ئۈستىدە تۇختالغاندا؛ بۇ  ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك دەقىقىلەرنىڭ بىرى. مېنىڭ مەيداندىكى ئورنۇممۇ مۇقىملاشتى، ئوتتۇرا مەيداندا ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇشىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇنى ئېلىش پۇرسىتىنى قۇلدىن بەرمەيمەن ، ئەلۋەتتە، دەيدۇ.


ماتتائۇس 1982-يىلى ئىسپانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسگە سەپلەنگۈچى ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان بۇلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان.
1984-يىلى ماتتائۇس 900مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يۆتكىلش ھەققى بىلەن بايرېن ميۇنخېن كوماندىىسىغا  ئالمىشىپ كېلىدۇ ھەم بىكنپاۋلنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدۇ. 1986-يىلى ماتتائۇس ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. مۇشۇ  نۆۋەتلىك  مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىتىن پۇتبول مۇنبىرىدىكى زاتلا ؛ئۇتتۇرا مەيداندىكى دۋىگاتىل دەپ تەرىپلشىدۇ. گەرچە شۇ نۆۋەتلىك  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇلار مارادونا يېتەكچىلىكىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسغا ئۇتتورۇپ 2- بۇلغان بۇلسىمۇ، ماتتائۇس مارادونانى بېقىپ ئۇنىڭغا قىلچە پۇرسەت قالدۇرمىغان.
ماتتائۇس گېرمانىيىدە ئون نەچچە يىل توپ تەپكەندىن كېيىن چەت ئەلگە، بولۇپمۇ داڭلىق توپ چۇلپانلىرى يىغىلغان ئىتالىيگە بېرىشنى قارار قىلغان،  شۇ  ۋاقىتتا ئىنتېر مىلان كۇلۇبىمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلۋاتاتتى. نەتىجىدە 1988-يىلى ماتتائۇس ئالتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى يۆتكىلشى ھەققى بىلەن ئىنتېر مىلان كۇلۇبىغا كېلىدۇ. ئەينى چاغدا، مىلان شەھىرىدىكى ئا س مىلان كوماندىسى گوللاندىيىلىك گۇللىت، ۋان باستېن ۋە رىجكاردلارنىڭ قاتنىششى بىلەن شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندى. ئۇ ؛ مېنىڭ كوماندىدا يادرولۇق ئەزا بولۇش- بولالماسلىقىم، گۇللىتنى بېسىپ چۈشۈش -چۈشەلمەسلىكىم مۇھىم ئەمەس،  مۇھىمى ئىنتېر مىلان كوماندسىنىڭ  ئا س مىلان كوماندىسىنى  بېسىپ چۈشۈشى. بۇ چۈش ئەمەس ، بەلكى تېزلا رېئاللىققا ئايلىندىغان ئۈمىد،  دېگەنىدى.1988-1989-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ  دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى برېھمى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بولىدۇ.


دەرۋەقە، 90-يىللارنىڭ بېشىدا ماتتائۇس كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويىدۇ. بولۇپمۇ 90-يىلى ئىتالىيىدە  ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە غەرىبىي گېرمانىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيۇن بولىدۇ ھەم شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىسگە ئاساسەن  دۇنيا پۇتبول  ئەپەندىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول ئەپەندسى بۇلۇپ باھالىندۇ90-91يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە  ئىنتېر مىلان كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياۋرۇپا پۇتبۇل كۇلۇبلىرنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بولىدۇ.

1991-1992-يىلىق مۇسابىقە پەسلىدە  ترېنېر ئالمىشش ۋە كوماندا ئىچىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئىنتېر مىلان  كوماندىسنىڭ نەتىجىسى  كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، تۇپ مەستانىلىرى بۇنى كوماندىدىكى چەت ئەللىك توپ چولپانلىرىدىن كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ ت ۆۋەنلشى بىلەن ماتتائۇس ئىنتېر مىلان كوماندىسنىڭ بايرىن ميۇنخىن كۇماندىسىغا ئالمىشىپ كىلىدۇ.

1994-يىلى ئامېركىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسدە  گېرمانىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋېتىپ ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرەلمەيدۇ، بەزىلەر بۇنى ماتتائۇستىن كۆرىدۇ. ترېنېر ۋۇگىتس بىلەن ماتتائۇس ئۇتتۇرسىدىمۇ زىددىيەت تۇغۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ترنېر  ۋۇگتس ئۇنى كوماندىغا قۇبۇل قىلشنى رەت قىلىدۇ. ماتتائۇس 96-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسگىمۇ قاتنىشالمايدۇ. بىراق ،ماتتائۇس دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 122 مەيدان خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇلۇپ ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.








تۇرداشلارنىڭ خاتا يەرلىرى بۇلسا تۈزۈتۈپ ئۇقۇپ تەكلىپ -پىكىر بىرەسىلەر.




  
































پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 21:24:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 21:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ گرمانلارنىڭ چىملىقتىكى ھەرىكىتىنى چۈمۈلىگە ئوخشىتىمەن، قەتئى بوي بەرمەسلىك، ئاخىرغىچە بۇشاشماي كۈرەش قىلىش ئۇلارنىڭ قان ېقىنىغا سىڭىپ كەتكەن. موشۇ سەۋەبتىنمىكىن گرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئالاھىدە قىزىقىمەن. تىما ئىگىسىگەرەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 21:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم ، كۆپ ئەجىر قىپسىزكەن، لىكىن يىلنامىلەردە خاتالىق باركەن، مەسىلەن؛1958-يىلى گىرمانلار 2-بولمىغان، شىۋىتسىيە دىسەك توغرا بولىدۇ، ئۇندىن باشقا ياۋروپا لوڭقىسى 2002-يىلى ئۆتكۇزۇلمىگەن ، دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۇزۇلگەن دىسەك بولىدۇ. 2006-يىلى گىرمانىيەدە ئۆتكۇزۇلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا 3-بولغانلىقىنى يازماپسىز، توغرا چۇشىنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-20 21:40:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-20 21:37
قىرىندىشىم ، كۆپ ئەجىر قىپسىزكەن، لىكىن يىلنامىلەردە  ...

تەپسىلى ئۇقۇغىنىڭىزگە رەخمەت  مەن تەھىرلەپ قۇياي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 21:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم ، كۆپ ئەجىر قىپسىز نادىر تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 21:45:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە دۆلەت كۇماندىسى 1- 2 -3 - لىكلەردە 3 تىن تۇرۇپ بىقىپتىكەن .. ئالامەت كۇماندا جۇمۇ بۇمۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 22:12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئېنتايېن ياخشې يېزپسز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 22:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى گىرمان ، نىمىس روھى بار بۇلاردا ، قەددي بوششماسلىق ۋە مۇستەكەم ئىرادە ..............................
گىرمانىيە كوماندىسنىڭ ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان شان  - شەرەپلىرى بار ، ئۇلارنىڭ قەيسىرانە روھى بىلەن ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىلار زەردارى بولۇپ كىتىپ بارماقتا ... ناۋادا تولا 2 - ياكى 3 - بوپ قالمىغان بولسا خىلى - خىلى شان - شەرەپلىرى بوپ قالاتتى گىرمان تانكىللىرىنىڭ ...
ھۇررا گىرمانىيە تانكىللىرى ! غەلبە تىرشقانلارغا مەنسۇب !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 22:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانلارنىڭ مۇشۇ روھى بولغاچقىمىكىن ، ئىشقىلىپ بىر يەرلىرىمدىن ئامراق بۇ كوماندىغا ...
ئەمما بۇلارنىڭ بىر كىسىلى بارمىكىن  دەيمەن ، مۇسابىقە ئويناپ قالسا دۇنيا لوڭقىسى ياكى ياۋروپا لوڭقىسى دىگەندەك مۇسابىقىلەردە ، دەسلىپىدە كىمنى كۆرسە پوش دىمەي گومباڭشىتىپ ساۋاپ قۇيىدۇ ، 4 كۈچلۈك ياكى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كەلگەندە گۇرۇپپىدا ئوينىغان گىرمانلارغا ئوخشىمايلا قالىدۇ دېسە ...
ئەلقۇت جاپا تارتىپسىلەر جۇما ... قەلىمىڭلار توختاپ قالمىسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 22:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2002  دىلا  كاھىنىڭ ۋارتا تۇرىشىنى كۆرۈپلا   ئامراق بوپ قالغان ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىكىسلەر مۇشۇ گىرمانىڭ كىيمىنى كىيىپ ئوينايتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-11-20 22:35:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە گىرمانىڭ مۇداپىيەسىدە يەنىلا مەسىلە مەۋجۈت  . 2014  كىچە مۇداپىيەنى ياخشىلاپ بىر چېمپىيون بولىۋەتسە ...  بايرام بولاتتىدە ماڭا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 13:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش