ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 128 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-19 18:18
مىرەخمەتجاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن«مىرەخمەتجان ھەققىدە ھىكايە»ناملىق ئەدىبى ئاخباراتنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.
كۈنلەر ئۆتمەكتە،دىلشاتنىڭ مەكتەپتىن كېتىشى بىلەن ئابلانىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئوغلىنىڭ تولا ئاغرىپ قىلىشىدىن،شۇنداقلا شۇنچە مەشىق قىلىپمۇ بويىنىڭ ئۆسمەي يەنە شۇ پىتى تۇرۇشىدىن ئىچى ئاغرىدى بولغاي، ئاتايىن ۋىيفاڭ شەھرىگە كىلىپ ئوغلىنى يوقلىغاچ ئۇنى ئىلىپ كىتىپ قەشقەردە ئوقۇتىشنىڭ غىمىگە چۈشتى.شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىمۇ ئابلانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىۋى شۇنداقلا ئابلانىڭ يىقىنقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئابلانىڭ كىتىشىگە قوشولدى.ئابلا يولغا چىققان كۇنى كەچ ياتاقنى يەنە بىر قىتىم موڭ باستى.ئۈچ يىل بىللە ياتقان ،قان قىرىنداش بولوپ ئۆتكەن بالىلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ كېتىپ قىلىشى قېلىپ قالغانلارنىڭ ئىچىگە بىر ئوتنى سىلىپ قويغان ئىدى.قىسقىغىنە بىر يىلدا ئىككى قىرىندىشىنىڭ كېتىپ قىلىشى بۇلارنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى قايسى چولپاننى بىسىپ چۇشىدىغانلىقى، قايسى كۇلۇپقا بىرىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى بىر- بىرىگە نۈۋەت بەرمەي ماختىنىپ دىيىشىدىغان پاراڭلىرىنىڭ پەقەت بىر ئارزۇ پىتى مەڭگۇلۇك ئەسلىمە بولوپ قالغانلىقىنى رەھىمسىز رىياللىق ئاستا-ئاستا تونۇتوپ قويدى. نۆۋەت كىلەركى قىتىم كېتىپ قىلىش نۆۋىتى كىمگە كىلەر؟. دىگەندەك ۋەھىمىلىك بىر سۇئال قالغانلارنىڭ ئىچىنى تاتلاپ ئۆتەتتى.بۇ كۈنلەرنىڭ مىرەخمەتجانغا مەززىسى قالمىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭدىمۇ كېتىپ قەشقەردە ئوقۇشدەك بىر ئىستەك يەنە پەيدا بولوپ دادىسىغا دەپ باققۇسى كىلەتتىيۇ زۇنۇن دادىسىدىن ئەيمىنىپ بىر مەزگىل ئىغىز ئاچالمىدى. ھەر قىتىم قەشقەردىن تىلىفۇن كەلگەندە چوقوم دەيمەن دەپ تەكرار قىتىم ئۆزىگە ۋەدە قىلغان، بۇغۇزىغا كىلىپ قالغان« كىتىمەن» دىگەن گەپنى دىيەلمەي تىلىفۇننى قويىۋەتكەن كۈنلىرىمۇ ئاز بولىمىدى.چۈنكى دىلشات بىلەن ئابلا كەتكەندىن كىيىن قەشقەردىن كەلگەن تىلىفۇندا مەيلى دادىسى مۇزەپپەر ياكى چوڭ دادىسى زۇنۇن مۇئەللىم بولسۇن ياخشى ئوقوشنى ياخشى مەشىقى قىلىشنى ، ئارتۇقچە ئويلاردا بولماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيىتتى. بۇنداق شارائىتتا مىرەخمەتجاننىڭ چىش يىرىپ ئىغىز ئىچىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم بالىلارمۇ مەكتەپتىن كېتىشكە باشلىدى.بۇلارنىڭ كېتىشىدە سەۋەپلەر ھەرخىل بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ئۆز باللىرىنىڭ پۇتبولدىن نان تىپىپ يىيىشىگە كۆزى يەتمەي ۋاقتىدا بىرەر مەكتەپ ياكى ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن باللىرىنىڭ رايىغا باقماي ئېلىپ كەتكەنلەرمۇ بولدى. بەزى بالىلار ئاتا -ئانىسىنىڭ زورى بىلەن بىر كۆزى كەينىدە قىلىپ كىتىشكەن بولسا يەنە بەزىللىرى دوراش بىلەن باشقىلارغائەگىشپلا مەقسەتسىز نىشانسىز چىكىنگەنلەرمۇ بولدى. ھەرقىتىم بىر بالىنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە خۇشلاشقان ۋاقىتتا مىرەخمەتجاننىڭ يۈرىكى بىر قىتىم تىترەپ كىتەتتى.شۇنچە يىل بىللە توپ تەپكەن بالىلارنىڭ مەقسەتسىز،نىشانسىز ھالدا كىتىپ قىلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلاتتى. شۇنداقلا بەزىدە ئۆزىدىمۇ مۇشۇ بالىلاردەك بىر كۈندىلا ئۆزى قارار قىلىپ ئۆزىگە تونۇش بولغان مۇھىتقا كىتىپ قىلىشدەك بىر خىيال يۈرىكىنى تاتىلاپ ئارام بەرمەيتتى. ئۇ مۇشۇ مەكتەپتە پەقەت زۇنۇن چوڭ دادىسى ئۈچۈنلا ئوقىۋاتقاندەك ھىسيات ئۇنى يەنىمۇ بەرداشلىق بىرىشكە ئۈندەپ تۇراتتى.دىمىسىمۇ مىرەخمەتجان مۇشۇ كۈنلەردە زۇنۇن چوڭ دادىسىىنى دەپلا چىداپ كىتىپ باراتتى. ئۇ ئۆزىنى قەشقەرگە قايتپ كەتكەن قىلىپ بىر خىيال سۈرۈپ يۈرتىغا كىتىشنىڭ پەيزىنى بىر سۈرۈپ باقماقچى بولدى.تونۇش كوچىلار، تونۇش بۇرادەرلەر،چاقچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلەر،يىقملىق سۆھبەتلەر،ئاتا ئانىسىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ بىللە ياشاش.ۋاھ نىمە دىگەن راھەت ئىش بو. ئەجەپ بۇرۇن قەشقەردىكى ۋاقىتتا نىمىشقىمۇ بۇنچىلىك كۇڭۇللۇك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولغىيدىم؟ بەلكىم كىچىكلىكىمدىن بولسا كىرەك،ياكى قەشقەردە تۇرغاندا قەدرى ئۆتۈلمىگەنلىكتىن بولسا كىرەك. كەتسەم ئاتا- ئانامغۇ ياق دىمەيدۇ،چوڭ ئاناممۇ ياق دىمەيدۇ.زۇنۇن دادامچۇ؟.ھەر تەتىلدە بارسام لونىڭدىكى مەشىقىم يەتمىگەندەك يەنە ھەتتا ئۆيدىمۇ مەشىققە سالىدىغان زۇنۇن دادامچۇ ؟.بەلكىم تىللاپ ئىچىنى بوشتىۋالار ،ياكى بولغۇلۇق بوپتۇ سالاۋات دىيىشىمۇ مۈمكىن.ئەمما مېنى بىر مىنۇتمۇ بىكار قويمايدىغان چوڭ دادام بۇنىڭ بىلەن ئىچ ئىچىدىن تۈگىشىپ كىتەر؟. ئاپامنىڭ دىيىشچە چوڭ دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆمىدى مىنىڭ چوڭ مۇسابىقىلىرنى ئوينىغىنىمنى كۆرۈش ئىكەن.ھەتتا ئۆزى تىرىشساڭ دۆلەت كۇماندىسىغا كىرەلەيسەن دىگەن. مەن قايتىپ كەتسەم چوڭ دادامنىڭ ئارزۇسى،ئۈمىدى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدىكەنمەن.ئۇنىڭ مىنى قاتتىق تۇتۇشى كىم ئۈچۈن؟. مېنى تەتىلدىمۇ ئۆزى مەشىققە سېلىشى كىم ئۈچۈن؟.مېنى دۆلەت كۇماندىسىغا كىرەلەيسەن دەپ مەدەت بېرىشى كىم ئۈچۈن؟.تۆت يىل ۋاقتىم لونىڭدا ئۆتۈپتۇ. بوپتۇ ،قەشقەرگە قايتىپ كەتتىمۇ دەي.مۇشۇنداقلار ئىككى قولۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپلا كەتسەم چوڭ دادامنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىدىغانلارنىڭ ئاغزىغا بىر كاللەك ناۋات سېلىپ قويغادەك بولمامدىم. گەپ تاپارلار «زۇنۇن مەلىم بېرىۋەتكەن بۈركۈت چۈچىلىرى قاغا بولۇپ قەشقەردە قاقىلداپ يۇرۇپتۇ » دىيىشتىن يانمايدۇ.ھىلىمۇ بۇنداق گەپنى ئاز قىلىشتىمۇ؟.بىر قىسىم كىشىلەر بىر قولىقىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتسە يەنە بىر قۇلىقىنى نىمە گەپلەر باردۇ؟ دەپ بىزنىڭ ئۆيگە ئاتاپ قۇيغانلار بار. توختا .مەنمۇ بىر ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن قەشقەرگە قەشقەرنىڭ يىگىتلىرىدەك ئەركەك سۈپەت باراي. قەشقەر دۆڭىمۇ،ئازگىلىمۇ بار بىر يەر.قەشقەرگە قاچقۇندەك ئەمەس بىر راۋىرۇس ئەركەكتەك بارمىسام ئوغۇلبالا بولماي كىتەي.مىرەخمەت قوي خىياللىرىنىڭنى.مەيدانغاچىق مەشىقى قىل!.
ئاقىۋەت كەتكەنلەر كېتىپ، قالىدىغانلار قېلىپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇخىل ھىسياتمۇ سۇسلاپ بېرىشقا باشلىدى.چۈنكى قەشقەردىن بىللە كىلىپ، كەتمەي قېلىپ قالغان ئۈچى بىر-بىرگە تىخىمۇ ئىچىكىپ بۇرۇنقىدىنمۇ يىقىن سىرداشلاردىن بولوپ قالدى.مىرەخمەتجان بۇ كۈنلەردە ئۆزىگە يڭى بىر پىلان تۈزۈپ ھەر كۈنى مەشىقتىن سىرت يەنە بىر سائەت مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تىرنىرلار بۇ ئىشنى بىلىپ قىلىپ،كۆپ مەشىقنىڭ بەدەن قۈۋۋىتىنى ئىسراپ قىلىۋىتىدىغانلىقى،مەشىقنىڭ سىستىمىلىق،ئۆلچەملىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭ مەشىقتىن سىرت يەنە مەشىق قىلىشىغا قوشۇلمىدى.دەسلەپ مىرەخمەتجان ھار ئالغاندەك قىلسىمۇ كېيىن قوشۇلۇپ ئىشتىن سىرت مەشىق قىلماسلىققا ۋەدە بەردى.ئەمما تىرنىرلار يوق ۋاقىتتا ئۇ يەنىلا ئىشتىن سىرتقى جاپالىق مەشىق بىلەن ئۆزىنى تاۋلاپ باراتتى.ئۆزىنىڭ يىرىم يولدا كىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،بولۇپمۇ زۇنۇن چوڭ دادىسىنىڭ يۈرىكىنى بىسىپ ياتقان ئارمىنىنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇش ، ئۆزىنى ئىسپاتلاش ، ئۆز نىشانىنى مەكتەپ كۇماندىسىغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىمۇ چوڭ كۇلۇپ ھەتتا دۆلەت كۇماندىسىغا كىرىش ئۈچۈن سالاھىتىنىڭ پۈتۈنلەي توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە شۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن يەنە تىرىشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدى. تىرنىرنىڭ ئۆزىنى مەيدانغا كۆپ چىقارمىغانلىقنىڭ توغرا ئويلىيالىسا ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى،ئەگەر مەيدانغا چىقالىغان بولسا شۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ ئۆتۈپلا بۇنداق چوڭقۇر ئويلىنىش پۈرسىتىنى ئەبەدىي ھىس قىلالمايدىغانلىقىنى ، يامان ئىشنىڭ ھامان ياخشى ئىشقا ئايلىنىپ قىلىش ئىھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتكەن ئىدى. مەشىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش روھىنىڭ بولىشى كىرەكلىكى،شەخسى ماھارىتىنى ئۆستۇرۇش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئاساسى نىشان قىلىۋالماي، ئەڭ ئاۋال تىرنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئىجرا قىلىشنىڭ ئىشنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنگەن ئىدى.دىگەندەكلا ئۈزۈن ئۆتمەي مەشىق جەريانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تاكتىكىلارنى ئىجرا قىلىشتا ئەستايىدىلىقى بىلەن تىرنىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ بىر قانچە قىتىملىق رىغبەتلەتلەندۈرۈشلەرگە ۋە ماختاشلاغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە كۇماندىنىڭ مۇسابىقلەردىكى مۇھىم ئەزاسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى . دىگەندەكلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئابىلجان بىلەن مەكتەپ كۇماندىسىدا غوللۇق ئەزالاردىن بولۇپ، توختىماي ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇسابىقىلەر ۋە كىلىۋاتقان شان-شەرەپلەر بۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ تۇراتتى.2007-يىلى5-ئايدا مىرەخمەتجان شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەت بويىچە چىمپىيۇن چىقىپ بوينىغا غالىپلىق مىدالىنى ئاسقاندا بۇ يولنىڭ ئۆزىگە شەرەپ ئىلىپ كىلىدىغان يول ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر چۇشەنگەندەك بولدى.
2007-يىلى شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبولدا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا مىرەخمەتجان بىر خۇش خەۋەرنى- يەنى مەكتەپ كۇماندىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ شەندوڭنىڭ چىڭداۋ شەھرىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە پۇتبول مەكتەپلىرى ئارا مۇسابىقىگە قەتئى ئوخشىمايدىغان بولوپ،كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىرلارنى كۇلۇپلار تاللىۋىلىش ئىمكانىيىتى كەڭرى ئىدى.مىرەخمەتجان بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويغىسى كەلمىدى.مەكتەپ كۇماندىسىدا مەشىققە ھەممىدىن بۇرۇن كىلەتتى.قىلغان مەشىقلىرى ئەستايىدىل،تىرنىرنىڭ دىگەنلىرىنى تولوق ئورونداشقا تىرىشاتتى.تىرنىرمۇ مىرەخمەتجاننى نەچچە قىتىم ماختاپ ئۈلگۇردى. مىرەخمەتجاننىڭ چىڭداۋ كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە شۇنداق قاتناشقىسى بار ئىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە پۇتبولچىلار جەمىيىى مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيلىنىۋاتقان رايۇنىمىز ماھىرلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر پۇتبول كۇماندىسىغا ئادەم تولۇقلاپ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.كۆپ تەرەپلىمە كىڭىشىش ئارقىلىق،كۇلۇپنىڭ كۆرسىتىشى ۋە تاللاش ئارقىلىق مىرەخمەتجان ئۈرۈمچى كۇماندىسىغا تاللىنىپ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى.گەرچە مىرەخمەتجان يىقىن ئاغىنىسى ئابىلجان بىلەن چىڭداۋ كۇماندىسىغا توپ تىپەلمەيدىغان بولسىمۇ ھەر ھالدا مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىگە ئۆزىنىڭ يۈرتىغا ۋاكالىتەن ئويناش پۈرسىتىگە ئېرىشىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش ئىدى.ئەمما مىرەخمەتجان شىنجاڭغا بارماي،ئۈرۈمچى كۇماندىسى ئىچكىرىگە مۇسابىقىگە كەلگەندە بىۋاستە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان شەھەرگە كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ماسلىشىش مەشىقىگە قاتننىشىدىغانلىقى بەلگىلەندى.قىزىقارلىق يىرى شۇكى ئابىلجان بىلەن مىرەخمەتجان بۇ قىتىمقى مۇسابىقدە رەقىپلەرگە ئايلانغان بولۇپ،بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى كۇماندىسى بىلەن چىڭداۋ كۇماندىسى مۇسابىقلىشىدىغان بولغاچ، بۇ ئىككى ماھىر تۇنجى قىتىم بىر بىرىگە قارشى مەيداندا ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كىتىشتى.
2007-يىلى 10-ئايدا مىرەخمەتجان ئۈرۈمچى كۇماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك 6-نۇۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.تۈنجى كۈنىدىكى چىڭدا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چىڭداۋ كۇماندىسى ئابىلجاننىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى بىلەن ئۈرۈمچى كۇماندىسىنى يىڭىۋالدى.مىرەخمەتجان ئۈرۈمچى كۇماندىسى ئەزالىرى بىلەن بولغان ماسلىشىش مەشىقىنىڭ كۆپ بولمىغانلىقى سەۋەپلىك تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆز رولىنى تازا جارى قىلدۇرالمىدى.كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە مەيداندا تەشكىللەشنى ياخشى قىلىپ ئۈرۈمچى كۇماندىسىدىكى ئەزالار بىلەن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئالدىنقى سەككىز كۈچلۈككە كىرەلمەي قالدى.شۇنىڭ بىلەن مىرەخمەتجاننىڭ ئۈرۈمچى كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناش ۋاقتى توشۇپ، لونىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ سالماق،تەمكىن ئىپادىسى،ۋە مەيداننىڭ بىر قانچە يىرىدە ئوينىيالىشىدەك ئارتۇقچىلىقى پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.دىمەك مىرەخمەتجان شىنجاڭغا كىلىپ توپ ئويناش ئالدىدا تۇراتتى.
2007-يىلى تەشكىللەنگەن شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيە كۇماندىسى شىمالى رايۇندا ئىككىنچى بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگىكە كىرىپ گۇاڭشى كۇماندىسى بىلەن تۈت كۈچلۈككە كىرىشنى تالاشتى.كۈتۈلمىگەندە شۇنداق ياخشى ئويناپ كىلىۋاتقان بۇ كۇماندا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاجىز بىر كۇماندىغا ئۇتتۇرۇپ يېنىپ كىلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۇماندىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىرپىسى «ئا» دەرىجىگە ئۆرلەش بولماستىن بەلكى 2009-يىلى گواڭجۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزا مەشىق قىلدۇرۇش بولغاچ، مۇسابىقىدىن كىيىن بىر قىسىم ماھىرلارنى شاللاپ يىڭى ماھىرلارنى تولۇقلاپ،كىلەركى يىلى داۋاملىق مەملىكەتلىك «ب» دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئەزالارنى مەشىقلەندۈرۈش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولدى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ كۆزى يەنە شەندوڭدىكى بالىلارغا چۈشتى. چۈنكى ئابىلجان2007-يىلى شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنىدا چىڭداۋ كۇماندىسىنى يىتەكلەپ بەش توپ ئۇرۇپ مەملىكەت بويىچە تۆت كۈچلۈككە كىرگەن.2007-يىلى 8-ئايدا پەرھات ۋىيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدا شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول كۇماندىسىنى يىتەكلەپ 6توپ ئۇرۇپ ئوخشاشلا تۆت كۈچلۈكلەرگە كىرگەن.مىرەخمەتجان مەملىكەتلىك 17ياشلىقلار غالىپلار لوڭقىسىدا چىمپىيۇن چىققان بولغاچ،بۇنداق ماھىرلار ئارقىلىق مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە يۈرۈش قىلسا نەتىجىنىڭ ياخشى بولىشىغا كۆزى يىتىپ 2002-يىلى شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ مەكتەپتە مەشىق قىلىۋاتقان بالىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن شەندوڭ لونىڭ مەكتىۋى بىلەن كۆپ قىتىم سۆزلىشىپ ئابىلجان،پەرھات،مىرەخمەتجان قاتارلىق بالىلارنى ئىجارە شەكلىدە توپ ئوينىتىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولدى.دىمەك مىرەخمەتجان يەنە بىر يىل ئۈرۈمچىدە مۇسابىقە ئويناش پۈرسىتىگە ئېرىشتى. چىڭداۋ كۇماندىسى مەملىكەت بويىچە تۈتىجى بولغاندىن كىيىن ئابىلجاننىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس لونىڭ كۇلۇبىدىمۇ نامى چىقىپ كىتىپ كەلگۈسىدىكى لونىڭ كۇلۇبىغا كىرىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىگە كىرىپ بولغان ئىدى.
2007 -يىلى10-ئايدا لۇنىڭ مەكتىۋىدىكى مۇسابىقە ئۈچۈن تارقىلىپ كەتكەن بالىلار يەنە مەكتەپتە جەم بولوشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇتۇقلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغىنى پەرھات بىلەن ئابىلجان بولوشتى.نىمە دىگەن بىلەن چوڭلار يەنىلا چوڭ بولغىنىغا لايىق ئىش قىلىشقان ئىدى.پەرھات ۋىيفاڭ خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چەت دۆلەت كۇماندىللىرىغا بىر قانچە توپ ئۇرۇپ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى چولپانلىق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.ئابىلجان بولسا مەملىكەتلىك شەھەرلەر تەنھەركەت يىغىنىدا توپ ئۇرۇپ چىڭداۋ كۇماندىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر ئارىسىغا كىرىشىگە ئۈزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى.بولوپمۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يۇرتى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن كەلگەن ئۇرۇمچى كۇماندىسىغا ئۆزى ئىككى توپ ئۇرۇپ،تۇنجى كۈنىلا داڭ چىقىرىۋەتتى. ئۆتكۈر بولسا لۇنىڭ 13ياشلىقلار كۇماندىسىنى يىتەكلەپ «نىك» لوڭقىسى جۇڭگۇ رايۇنىدا چىمپىيۇن چىقىپ كىلەركى يىلى مانچىستىرغا بىرىپ خەلقارا مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى. مىرەخمەتجان بولسا لۇنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەت بويىچە ۋىيفاڭ لۇڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا ئالدى.ئومومەن بۇ يىگىتلەرنىڭ قانىتى قېتىپ رەسمى ئۇچۇرما بولوپ پۇتبول ئاسمىنىدا ئەركىن قانات قىقىشقا تەييارلىق قىلىشۋاتاتتى.
مەنبە: «مىرەخمەتجان ھەققىدە ھىكايە» ئاپتۇرى .ئارچا |
|