- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5984
- نادىر
- 12
- يازما
- 5984
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 22:11

مېسسى 76 توپ كىرگۈزۈش رىۋايىتىنى ياراتقاندىن كېيىن ، پۈتۈن دۇنيادا يەنە بىر قېتىم زىلزىلە قوزغىدى .كىشىلەرنىڭ يېڭى پۇتبول شاھى توغىرسدىكى تالاش -تارتىشى قايتىدىن ئەۋج ئالدى .« ماكا گېزىتى » قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ئورۇنلىرى مېسسىگە « بارسېلونانىڭ شاھى » دەپ نام بەردى .بۇ تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .ئارگېنتىنادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان « AoLai گېزىتى » مېسسى بولسا ھەقىقى « پۇتبول شاھى » دەپ خەۋەر بەردى .
ھەممەيلەنگە مەلۇم ،دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە كىشىلەر بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئىككى پۇتبول شاھى بار، يەنى مارادونا بىلەن پىلى،گەرچە دىستىفانو ،پۇسكاش ،كىرۇيىف ،يېقىنقى زاماندىكى « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدو، زىدانى قاتارلىق بۇ چولپانلارمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولسىمۇ ،لېكىن بۇلار يەنىلا پۇتبول شاھى دېگەن نامنى ئالالمىغان .1986-يىلىدىكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، مارادونا يەنە بىر قېتىم ئۈزىنى نامايان قىلغاندىن كېيىنكى 26 يىل جەريانىدا خەلقئارا پۇتبول ساھەسىدە تېخى ھېچقانداق بىر پۇتبولچى « پۇتبول شاھى » دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغىنى يوق ،بىراق ھازىرقى مېسسىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن توختىماي توپ ئۇرۇشى پىلى ۋە مارادوناندىن كېيىنكى ئۈچىنچى پۇتبول شاھى دىگەن نامنى ئېلىشىغا تامامەن ماس كېلىشى مۈمكىن ، ياكى ئېلىشىغا ناھايىتى ئاز قالدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .مېسسى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش كىرەك ؟ بۇ بىمەنىلىك ،شۇنداقلا مۇتەئەسىپلىك ،بۇ قاچانقى گەپ ،نىمىشقا كىشىلەر دائىم شۇنىڭغا ئېسىلىۋالىدۇ ؟ ئەمىليەتتە مېسسىنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى ئۇ ئىككى شاھتىن ئېشىپ چۈشىدۇ .مانا بۇ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ مېسسىگە بەرگەن باھاسى ،
مېسسى راستىنلا مارادونا ۋە پىلىدىن ئېشىپ چۈشۈپ يېڭى پۇتبول شاھى بولدىمۇ ؟ قېنى سىز قانداق قارايسىز ؟
ئۈچ پۇتبول شاھى :
 |
|