ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2047 |
تۆھپىسى: سەر |
|

10- ئاينىڭ 28- كۈنى دىيارىمىز ۋاختى سائەت21دىن50 مىنۇت ئۆتكەندە لوندۇن كۆكىرى ئۆز مەيدانىدا ئالۋاستىلارنى كۈتىۋالىدۇ،
بۇ مۇسابىقىدىكى قززىق نوختىلار
1- ئەڭ تەجىربىلىك ۋە ئەڭ تەجىربىسىز مەشقاۋۇل
مانچىستىرنى 25 يىل يىتەكلىگەن فورگىسىننىڭ تەجىربىسىنى مانچىستىردىن باشلىسىمۇ تىرىنىرلىق تەجىربىسى بىر يىلمۇ بولمىغان دىماتىئودىن 50 ھەسسە يۇقىرى، فورگىسىنغا 100 نۇمۇر قويساق دىماتىئو ئاران 2 نۇمۇر ئالىدۇ.
2- ئىككى يۇدا توررىس بىلەن ۋان پىرىس
ھەر ئىككىسى ئەشەددى رەقىپلىگە يۆتكەلگەن، توررىس قىزىل ئارمىيىدىن كۆك ئارمىيىگە، ۋان پىرىس لوندۇن قىزىللىرىدىن مانچىستىر قىزىللىرىغا يۆتكەلگەن، ئەمما ۋان پىرىسنىڭ قېنى يەنىلا قىزىل توپ ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا، بۇ يىل مەرگەن بۇلۇش ئىھتىمالى ئەڭ يۇقىرى، ياردەمچى پاستىمۇ بوش كەلمەۋاتىدۇ، توررىس قزىل ئارمىيەنىڭ كىيىمىنى كۆك ئارمىيەنىڭ كىيىمىگە ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈزىنىڭ ئەسكەرلىك ۋازىپىسىنى ئۇنتۇپ قالايلا دىدى، بۇ پەسىل ئانچە مۇنچە توپ ئۇرغان بولسىمۇ، ئىپادىسى رونى بىلەن ۋان پىرىسقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
3- كۇزۇر توپچى رونىي بىلەن توررىس(لامپارد)
توررىس كەلگەندىن كىيىن لامپارد كۇزۇر توپچىلىقنى توررىسقا ئۆتۈندى بىراق قاملاشمىدى، ئۇنى قايتا كۇزىرىمىز بۇلارمىكى دىسەك مانچىستىردا رونى ياردارلىقتىن قايتىپ كەلگەننىڭ ئەكسىچە لامپارد يارلىنىپ قالدى، تېررى چەكلەنگەن بولغاچقا كوماندىنىڭ 1- ۋە 2- روھى تۈۋرۇكى مەيدانغا چىقالمايدۇ، 3- تۈۋرۈك شىنخۇاغا كەتكەندىن بىرى بۇ ئۇرۇن بوش
مانچىستىر تەرەپتە رونى ۋان پىرىسلار چىگۇڭ يىغىپ ساقلاپ تۇرىدۇ.
4- كىم دۇنيادىكى 1- سول بىك
ئاشىلى كولنىڭ كىتىش خەۋىرى ئۈزۈلمەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىپادىسى ئېۋرادىن ياخشىراق بولىۋاتىدۇ بىراق ئېۋرانىڭ روھى پىسخىكا جەھەتتىكى كوماندا تۈۋرۈكلۈك رۇلى ئا كولدىن كۈچلۈك.
5- دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىككى ئوتتۇرا بىك
قززىق يىرى تېررى بىلەن ۋىدىچ بىراقلا مەيداندا يوق، ئىككى تەرەپ ھۇجۇمچىللىرىغا بايرام
6- ئەڭ كونا ۋە ئەڭ يىڭى قالتىس قاپقىچى
سەيسار بوففۇنلار قېرىدى،ھازىر كاشىلىياس بىلەن چىخ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس قاپقىچى، بىراق خارت نويىرلار بىلەن بىللە دىخىيامۇ ئەڭ قالتىس ياش ھەم شاش ۋارتالارنىڭ بىرى.
7- ئەڭ قالتىس ھەمكارلىق
ۋان پىرىس بىلەن رونىي دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇم سەپلىرىنىڭ بىرى، ماتا بىلەن خارزادمۇ ئەڭ قالتىس ئالدى بەل شەكلى شەكىللەندۈرۈش كىرەكتى، لېكى نبۇرۇن خارزاد چىقسا ماتا يوقتى، ئەمدى ماتا چىقسا خارزاد يوقاپ كىتىۋاتىدۇ. بىرلەشمە مەرگەنلىكتە ۋان پىرىس 1- ئورۇندا، بىراق ياردەمچى پاستا خارزاد ماتا لار 1- ئورۇندا رونى 2- ئۇرۇندا
8-سەپ شەكلى
ھەر ئىككىسى قارىماققا 4-2-3-1 دەك كۆرىنىدۇ بىراق چىلسىنىڭ جىڭ، مانچىستىرنىڭ جا، مانچىستىر ئىككى قاناتقا بەكرەك تايىنىدۇ، بەزىدە سىكولىس بىلەن رونىي ئالدىغا سۈرۈلۈپ 4-1-3-2 گە ئايلىنىدۇ.
9- بىرازىلىيىلىك ئىككى شۇمتەك
رافائىل بىلەن ئوسكار ئىككىلىسى بۇرۇتى خەت تارتاي دىگەن سېرىق تۈكلەر، لېكىن ئاساسلىق ئەزا.
10- كونا ئاداۋەت
تېررى بىلەن فىردىناندنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن باشلىنىپ كىچىك فىردىناندقىچە بولغان زىددىيىتى ئاخبارات ۋاستىللىرىدا قىززىق نوختا ، تېررى قاتناشمايدىغان بولسىمۇ بۇ ئوت ئا كولغا ياماشتى، فېرىدىنادنىڭ ئا كول بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشنىڭ گىپى بار، ئا كول بىلەن كۆرۈشكىسى كەلمىسە بۇلىچنى تېپىپ دەردىنى تۆكۈشسۇن.
11- مۇداپىئە
چىلسىدا تېررى يوق بىراق دۇئاخان بىلەن كاھىل روھى تۈۋرۈك بولالمىسىمۇ مۇداپىئەنى چاندۇرمايدۇ، مانچىستىر مۇداپىئەسى پەسىل بېشىدا خەتەرلىكتى، لېكىن بىكلىرى ئارقا ئارقىدىن ساقايدى. ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا 2 دىن توپ يىدى ، بىرلەشمىدە 2نى يەپ 4نى ئۇرۇپ ئىككىلىسى غەلبە قىلدى، ئۇزغانلىقتا چىلسى 2نى يەپ 1نى ئۇرۇپ مەغلۇپ بولدى بىراق مانچىستىر 2نى يەپلا جىن چاپلاشقاندەك 3نى ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.
12- ئىكى تەرەپنىڭ تۇتىشىش خاتىرىسى كونىنى كوچىلىساق چىلسى مانچىستىرنىڭ ئالدىدا بىر شوركا ، يىڭىنى دىگەندىمۇ مورىنىو كەتكەندىن بىرى مانچىستىر چىلسىنى بۇزەك قىلىپ كەلدى ئۇزغانلىقتا ئىككى قېتىم يىغلاتتى، ئەنچىلودىنىڭ 2- يىلى ۋە بوئاس مەزگىلىدە چىلسىنىڭ ياخشىراق نەتىجىسى تەڭلىشىش بولدى، يەنى چىلسى ئاۋال 3نى ئۇرۇپ بولغاندا ئالۋاستىلار يەنە 3نى ئۇرۇپ تەڭلىشىۋالدى. چىلسىنىڭ مانچىستىرنى ئۇتۇش تارىخىنىنى يەنىلا 3- يىل ئاۋالقىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ، (بولدىلا يارامنى تاتىلىماي)
13-ئۇرۇندۇق قۇشۇنى
ھۇجۇم سېپىدە ھېرنەندىز يەنىلا كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن، سىتورىچنى ئۇستىراق زەرگەردىن بىرى ئايرىمىسا نىمىلىكى نامەلۇم، مانچىستىردا نانى يەنىلا مۇسەيىس مارىنلاردىن قالتىس، بىزنىڭ ئارقا بەل ۋە بىكلىق قۇشۇندىكى زاپاسلىرىمىز مانچىستىردىن يامانتى، بىراق تېررى بىلەن لامپاردنىڭ يوق بولىشى بىلەن ئاران يىتىدىغان كۈنگە قالدۇق، بىك ياكى ئارقا بەلدىن چاتاق چىقسا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلمەۋاتقان ئىككى ئىسپان، رومىئو بىلەن ئاسپىلىكىيۇتاغا قاراپ قالىدىغان گەپ

قېنى بۇ مەيدان قىزىل ياش ئاقامدۇ كۆكمۇ تىكىشىپ باقايلى |
|