- تىزىملاتقان
- 2012-8-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 37
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
|
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىزگىمۇ ئۇزۇن بولدى ئۆز ئەزمەتلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرمىگىلى. جۇڭگو پۇتبول بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش پۇرسىتى تېخىمۇ ئاز، ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسى قالدى. ،خۇددى بىزنى كۆرىۋالسۇن دىگەندە بۇ ئايلانمىنىڭ ئاخىرقى مەيدانىدا خۇنەن شاڭتاۋ كوماندىسى بىلەن شىنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىنى مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىرلەشمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىشلارنى تېخىچە بىلمەيمىز.
مەيلى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىسۇن ، بىز يىگىتلىرىمىزنىڭ بۇ يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. تۆۋەندە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى يوللاپ قويدۇم خەۋەاردار بولغايسىلەر، كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۈچىلىسى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چۈشەلىسە، ھەمدە تولۇق ئوينىيالىغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى.
مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا : خۇنەن شاڭتاۋ (ئەكرەم) VS شىنجىن قىزىل ياقۇت( يەھيا، دىلمۇرات)
مۇسابىقە ۋاقتى: 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 28 - كۈنى(30- ئايلانما) سائەت 12دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
مۇسابىقە ئورنى: جۇڭنەن ئۇنىۋېرستېتى تەنتەربىيە مەيدانى.(شارائىتى بارلا نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرسىمۇ بولىدۇ)
芒果TV网络电视台直播 金鹰纪实频道 دا كۆرگىلى بولىدۇ. تېلېۋزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ.توردا كۆرىمىز.
كۆرۈش ئادىرىسى: http://www.zueiai.net/tv/hn/7.html http://live.imgo.tv/live/live.html تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۇپ كۆرۈمىز
ھەر قېتىم ئەكرەمنىڭ ساھىبخانلىق مۇسابىقىسى بولسا مەن تولۇق كۆرەلەيمەن، مۇشۇ ئادىرىستا چىقىدۇ، ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇلاپ تارقاتماي قالمىسىلا. |
|