- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2843
- نادىر
- 0
- يازما
- 2843
|
تاش ئالما كوماندىسىنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشىپ، داۋاملىق ئىلگىرلەپ مېڭىشى ئەلۋەتتە ئىقتىسادى قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قوللاش، ھۆكۈمەتنىڭ، ۋە ياكى چوڭ-چوڭ شىركەتلەرنىڭ قولىدىن كەلمىسە، شەخسنىڭ قولىدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ.
بۇ تېمىدا دەۋاتقىنى بولسا ئىقتىسادى قوللاشتىن سىرت، روھى جەھەتتىن قوللاشنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى، مەيلى يېڭىلسۇن ياكى نەتىجە قازانسۇن مۇسابىقە مەيدانى تاماشىبىنسىز قالمىسۇن دەپ مۇراجەت قىلىنىپتۇ.
شۇڭا تاماشىبىنلار توپى ئازايماي، ھامان قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇرسا، مەيلى يېڭىلسىمۇ، مەدەت بېرىشنى توختاتمىسا، توپچىلارمۇ شۇ ئۆزلىرىگە ھەرۋاقىت بىر قىزغىنلىق بىلەن مەدەت بېرىۋاتقان تاماشىبىنلارغا يۈز كېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ، تېخىمۇ روھلىنىپ، جاپاغا تېخىمۇ چىداپ، نەتىجە قازىنىشقا ئاتلىنىدۇ.
مۇشۇنداق ھەر ۋاقىت مەدەت بەرگۈچى، زور تۈركۈمدىكى قوللىغۇچىلىرى بار كوماندىنى ئىستىقبالى باركەن دەپ، بىرەر چوڭ ئورۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشنى قانداقمۇ ئويلاشمىسۇن.
يەنى قوللىغۇچىلىر يوق كوماندىنى قانداق ئورۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشنى خالايدۇ؟!
شۇڭا بۇ شوئارلار ھەرگىز قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق ئاغزىدا بولسىمۇ مەدەت بەرگۈچى تاماشىبىنلار كۆپەيسۇن، كۆپەيگەنسېرى شوئارنى تېخىمۇ جانلىق توۋلىسۇن، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە توپچىلارمۇ تېخىمۇ روھلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلانسۇن.
شۇندىلا مانا مۇشۇنداق زور قوللىغۇچىلىرى بار كوماندىنى، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىشقا باشلايدۇ. |
|