- تىزىملاتقان
- 2007-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 637
- نادىر
- 1
- يازما
- 637
|
جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شاللىنىپ كەتكەندىن كىيىن ، ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقە ئەھۋالى توپ مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىن يىراقلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ئوغلانىمىز ئىلھامجاننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تاشئالما كوماندىسىنىڭ كېلەر يىلى داۋاملىق مۇسابىقىگە قانتىشىدىغانلىقى سەۋەبىدىن شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ خەۋەرلىرىگىمۇ ئانچە مۇنچە دىققەت قىلىپ قويۇش كىرەك دەپ ئويلايمەن . نۆۋەتتە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىمۇ ئاخىرلىشىپ 4 كۈچلۈك كوماندىمۇ مەيدانغا كىلىپ بولدى ، نەتىجىدە شىمالى رايۇندىن شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن 4 كوماندا ئىچىدە چىڭخەي سېنكې كوماندىسىدىن باشقا 3 كوماندىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ بولۇپ شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىدى ، بولۇپمۇ دائىملىق مۇسابىقىدە يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمى بىلەن جەنۇبى رايۇن كوماندىلىرىغا خىرىس قىلىپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىرگەن خېبىي جۇڭجى ، بېيجىڭ يىكۇ ماشىنا ۋە ئاخىرقى بېلەتكە ئاران ئېرىشكەن شەنشى لاۋچېڭگېن كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە سۇغا چۈشكەن مۆشۈكتەك ئاسانلا رەقىبلىرىىگە يەم بولۇپ ، شىمالى رايۇن كوماندىرىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈپلا قالماستىن يەنە كىلەر يىللىق ئۆلگۈر رەقىبلىرىمىز قاتارىدا قېپ قالدى . كېلەر يىللىق مۇساپىمىز يەنىلا ئىنتايىن مۆشكۈل ، شۇنداقتىمۇ بىز شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان ھەر قانداق كوماندىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەدەت بىرىشكە ھەرقاچان تەييار ، كېلەر يىلى كوماندىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ؟ ھەممەيلەن ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك خەۋەرلىرىىمزنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرايلى . |
|