- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7601
- نادىر
- 17
- يازما
- 7601
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :
مەن يەنە بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلماقچى ،بۇنى بىر نەچچە دوستلىرىمىز ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى ،ھەم ئۈزەم ئويلىغان ،ئېھتىمال مەن دىمەكچى بولغان بۇ سۆزلەر بەزى دوستىلىرمىزىنىڭمۇ يۈرەك سۈزى بۇلۇشى مۈمكىن ،ھەمەيلەنگە ئايان ،پۇتبول مۇنبىرى بولسا باشقا مۇنبەرگە سېلىشتۇرغاندا پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى خەۋەرلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بىرەلەيدىغان بىكەتنىڭ بىرسى ،چۈنكى بۇ مۇنبەردە خېلى غوللۇق ئەزالار بار ،ئەلۋەتتە باشقا مۇنبەرمۇ شۇنداق ،لېكىن ئەزا ۋە زىيارەت سانى جەھەتتە يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەلەيدۇ .بەش يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىسسىق -سوغاقنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقىدەك ھالەتتكە يەتتى .بۇ جەرياندا كۆپلىگەن پۇتبول بىلىمى يۇقۇرى دوستلىرىمىز كۈچىنى ئايىمىدى .بۇلارغا رەخمەت ئېيتىمەن ،ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ،ماڭا بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگىلى ئىككى يىلغا يېقىن بۇلاي دەپ قاپتۇ ،يېڭى كىرگەن ۋاقىتلاردا بەزى سەۋىيىسى يۇقۇرى ئەزالار بار ئىدى ،كۆپلىگەن مۇنازىرلىك تېما يېزىلىپ تۇراتتى .تېما يازغۇچىنىڭمۇ ھۇردۇقى چىققىدەك ئىنكاسلار چۈشەتتى .بىر-بىرلەپ كۈرۈپ چىقاتتىم ،ئەمدى ھازىر شۇ دوستلىرىمىز بىربىرلەپ يۇقاپ كەتتى .يېقىندا مۇنبەر كونىلىرى يىغىلغان بىر تېما يېزىلدى .شۇنداق قىزغىن ، ئەلۋەتتە ھەر خىل سەۋەب ، يەنى تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى، تىرىكچىلىك دىگەندەك ،بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ .مەن شۇ چاغدا ياخشىتى ھازىر ئۇنداق ئەمەس دىمەكچى ئەمەس ،ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى ،لېكىن خېلى بولدى بۇ ھالەت داۋاملاشقىلى ،مۇنازىرلىك تېما ئازلاپ كەتتى ،نادىر تېما ئازلاپ كەتتى .ئىلگىرى ھەپتىدە بىرنى ياكى 10 كۈندە بىرسى يېزىلىپ تۇراتتى .ھازىر تۇيۇقسىز توختاپ قالدى .يېقىندا ئوغلانجان يازغان بىر تېمىنى ھەممىمىز بىلىمىز ،« دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەسىرى چوڭمۇ ؟ ياكى ئولىمپىك ؟ » يېزىلغان بۇ تېما 10 قۇرغا يەتمەيدۇ ، لېكىن چۈشكەن ئىنكاس ،قايىل قىلارلىق گەپ -سۆز ، بۇنىڭدا نۇرغۇن بىلىم بار ،مانا بۇ نادىر تېما ، نادىر ئىنكاس ،ئادەتتىكى خەۋەرگە قاراپ باقايلى ،بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پۇتبول لۈكچىكى گېرماننىڭ بىر تېمىسى يېزىلدى .« نويىېر »،ئېھتىمال بەزىلەر دىققەت قىلمىدى بولغاي ،تېما ياخشى يېزىلغان ،بۇ تېمىنىڭ گەپ -سۆز ، جۈملە ،ناھايىتى باغلاشقان ،تېما يازغۇچى ئۈزى بىلىدۇ ،ئەجىر قىلغىنىنى ،بىراق بىر كۈنگىچە پەقەت تۆت تال ئىنكاس ،مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ،ئۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك خەۋەرلەر يېزىلغان تەقدىردىمۇ تۈزۈك ئىنكاس يوق ،يازغان تەقدىردىمۇ بىر تاللا خەت ،ياكى بىربىرسىنىڭ چىشىغا تىگىدىغان گەپلەر ،يېقىندا بىر نەچچە دوستلىرىمىز مۇشۇ ئىش توغىرسدا ماڭا ئۇچۇر يوللىدى ،يەنى ، مەن مۇنبەگە يېڭى كىرگەن ئەزا ، تۇنجى تېمام يېزىلدى ،بىراق قارىسام 40 مىنۇت بولدى بىرمۇ ئىنكاس يوق ،بولدى ، ئەمدى يازمايمەن ،مۇشۇنداق گەپ ،ئېھتىمال بەزىلەر مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بولدىلا كۈرۈپلا چىقاي دەيدىغان بۇلۇپ قالغان بۇلۇشى مۈمكىن ،ئۆزىمىزنىڭ باللىنىڭ خەۋىرى يېزىلسىمۇ بىر ئىككى سائەتكىچە بىر تال ئىنكاسمۇ يېزىلمايدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە ؟ ھازىر مۇنبەردە پارتىزان ، ئامېركا ، توتتى ،ئەلبارىس ، يەنە باشقا بىر نەچچە باللىلا قالغاندەك تۇرىدۇ تۆت بەش جۈملە خەت بىلەن قايىل قىلارلىق ئىنكاس يازىدىغانلاردىن .مۇنبەر باشلىقلىرىمۇ ئىلگىرى پات-پات بەزى تەكلىپ پىكىر تۇراتتى .بەزى ئەزالارمۇ كۆڭلىدە ئويلىغىنى دەپ تۇراتتى .قىزغىنلىق يۇقۇرى ئىدى ،باشقىلارغىمۇ ئايان ،بەزى ئاتامانلار باشقا يەردە ئويناپ يۈرىيدۇ ،مەسلەن ، پارلاقجان ،ئەمدى بۇ ئۈزىنىڭ ئەركىنلىكى ،لېكىن بۇ ئۇكىمىز مەن يېڭى مۇنبەرگە كىرىپ تۇنىغان ھەم ماڭا كۆپ ياردەم قىلغان بالا ئىدى ،ئۇنتۇپ قالمىدىم ،مەن يەنىلا بۇ ئۇكامغا چاقىرىق قىلىمەن ،بۇ مۇنبەردە ئېغىر -بېسىق بولغان بىلەن ،باشقا يەردە خېلى سۆزلەپ قۇيىدىكەن ،يەنە تېخى چوكىنات ،مەن قايسى كۈنى بايقاپ قالدىم ،كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ،ئاخىردا دىمەكچى بولغىنىم ،ئەگەر دوستلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشسا مۇنازىرلىك تېمىنى كۆپرەك يازايلى ،ئۆز پۇتبولچىلىرىمزنىڭ خەۋىرىنى كۆپرەك يازايلى ،بۇلۇپمۇ يېڭى ئەزالارنى ئىلھاملاندۇرايلى ،مۇنبەرگە كىرگەنكەنمىز ،نىمىنى بىلسەك شۇنى يازايلى .لېكىن ئىنكاس يېزىش شەرت ئەمەس ،يەنە بىرسى ،بۇرۇن مۇنبەردە بەزى قىزىقارلىق ئىشلار يېزىلىپ تۇراتتى ،مەسلەن ،بېرنابۇنىڭ تەڭداشسىز پۇتبول پىرۇگىرامىسىدىكى ( توپ 10 )،ھەپتىدا بىر چىقىراتتى ،ئۇندىن باشقا مەخمۇدىيە ئۇكام ۋە ئىلىميارمۇ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل يۇمۇر سۆزلەپ قۇياتتى .زەرەپشان يازغان « ئاتىللانىڭ خاتىرىسى » بۇمۇ شۇنداق قاملاشقان ،قۇشۇمچە قىلىپ مانا مۇشۇنداق ھەر خىل ئىشلارنى ئىزدىنىپ يېزىپ تۇرايلى ،توپ ئۇردى .يەڭدى ،تۈگەشتى دەپلا ئۈتۈپ كەتمەيلى ،بەزدە مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارمۇ پۇتبولدىن بولغان جىددى كەيپىياتىنى باسىدۇ ،ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى .شۇنداقلا توپ تەپكۈچى ئارتۇق ئىشنى سۆزلەپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .ئەگەر باشقا ئەزالارنىڭمۇ دەيدىغان يۈرەك سۈزى بولسا يېزىپ قۇيارسىلەن .يەنە قانداق مەسلە بار ،مەن پەقەت تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇنازىرە بىلەن مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشنى ئويلاپ يازدىم ، |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 37
باھا خاتىرىسى
|