- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7605
- نادىر
- 17
- يازما
- 7605
|

خەۋەر كېچىككەن بولسىمۇ يەنە يېزىشنى قارار قىلدىم ،چۈنكى ئەكرەمجان توپ ئويناۋاتقان كوماندىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم :
10-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلىتىمىز ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ 28-ئايلانمىسى ئوينالدى .شىنجاڭلىق داڭلىق ھۇجۇمچى ئەكرەمجان توپ ئويناۋاتقان خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدوڭ رىجىچۈەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .بۇ مەيدان مۇسابىقىغا 10-نۇمۇرلۇق ئەكرەمجان يەنىلا ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى .خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى يېقىندىن بۇيان ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدا مەغلۇپ بولغان بولۇپ ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندا ئەزالىرى قاتتىق تىركەشتى .ئەكرەمجاننىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى .دەسلەپتە خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى .بىراق ئارىلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپ توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى .كېيىن ئەكرەمجان چىقارغان بىر نەچچە پاسىنى سەبداشلىرى قولدىن بېرىپ قۇيۇپ ئاخىردا ئۆز مەيدانىدا 1 : 3 نەتىجە بىلەن يەنە مەغلۇپ بولدى .
گۇاڭدوڭ كوماندىسى بۇ غەلبىدىن كېيىن 34 نومۇر بىلەن ئۇڭۇشلۇق ھالدا دەرىجىسىنى ساقلاپ قالدى . بىراق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى دەپ قارالغان خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى ئۇدا 6 مەيدان يېڭىلىپ ، 8 مەيدان غەلبە قىلماسلىقتەك ناچار نەتىجىسى بىلەن يېڭىدىن رىكورت يارىتىپ قويدى .ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىقىش نىشانى پۈتۈنلەي بەربات بولدى .ھازىرقى بىرلەشمە رەت-تەرتىپى 8-ئۇرۇندا .
بەزى خەۋەردىن ئىگىلىشىمچە ،ئەكرەمجان ھازىرغا قەدەر جەمئىي ئۈچ توپ كىرگۈزۈپتۇ ،گەرچە كىرگۈزگەن توپ سانى ئاز بولسىمۇ ، بىراق كوماندىدىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن ،ئاساسى جەھەتتىن دەسلەپتە مەيدانغا چىقىپ تولۇق ئويناپتۇ .ھەتتا مانچىستىر بىرلەشمىسىدە توپ ئويناپ كەلگەن دوڭ فاڭجۇمۇ زاپاس ئەزا قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ .فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن شېنجېن قىزىل ياقۇتتىكى ئىككى چەتئەللىك پۇتبولچى ئوخشاشلا 20 توپ كىرگۈزۈپ بىرىنچى ئۇرۇندا ئىكەن .شاڭخەي بىلەن ۋۇخەن 55 نومۇر ۋە 51 نومۇر بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كىرىپ بوپتۇ .ئاخىردا ئەكرەمجاننىڭ ئىچكىردىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشنى ،شۇنداقلا دوستلىرىمىزنىڭ ئۆز پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ خەۋىرىنى كۆپرەك يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .( ئەكرەمجاننىڭ رەسىمىنى باشقا يەردىن ئېلىپ كەلدىم )
 |
|