مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ بىر قېتىملىق قىزىقارلىق تەقلىدىي پۇتبول مۇسابىقىسى
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئەھۋالى :
مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئەمەلىي پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشتەك ئوتتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندىكى تېمىنى دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا يېزىپ تەييارلىغان ئىدىم ، ھوزۇرلانغايسىلەر ! ( ئەمما چوقۇم چاقچاق كۆتىرىڭلار )
رىپىر : ئىرادە
مۇسابىقە ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگۈچى : پۇتبول
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن كوماندىلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىغا نەزەر !
باشقۇرغۇچىلار كوماندىسى ئەسلى مۇنبەر پۇلى يىغىش ئارقىلىق پۇتبول كۇلۇبى « قارا » دۇكىنى تەمىنلىگەن كۇلىدىن خېلى بۇرۇن كىرگۈزگەن بوتىسنى سېتىۋالماقچى ئىدى . ئەمما بەزى باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر پۇلىغا كۆزى قىيماي ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر ئارقىلىق مۇنبەر پۇلى تاپشۇرمىغان . شۇڭا مۇسابىقە كۈنىگە ئاز قالغانلىقىنى پەملىگەن تەنھەركەت ئەپەندىم ئۆزى ئاچقان مۇنبەر يەرئاستى ئامبىرىدا بىر ئۆمۈر كىيەمەن دەپ ساقلاپ قويغان 10 جۈپ « كالىچى » بىلەن كوماندىدىكىلەرنى ئاياق بىلەن تەمىنلىدى ھى ھى
ئەزالار كوماندىسىغا نەزەر !
ئەزالار كوماندىسىدا تىرىشچان ئەزالار ھەقىقەتەن كۆپ بولغانلىقتىن ھەممىىسى يىغىش قىلىپ پۇتبول ئايىقى سېتىۋالماقچى بولدى . ئەمما ئەزالارنىڭ مۇنبەر پۇلى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەر پۇلىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا پەرقلىق بولغانلىقتىن ياخشىراق ئاياق سېتىۋالالمايدىغانلىقى ئېنىق . شۇنداق بولسىمۇ ئەزالار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەممىسى پۇتبول مۇنبىرى قاراڭغۇ بازىرىغا بېرىپ بانكىدىكى پۇللارنى ئېلىپ مۇنبەر « قارا » دۇكىنىدىن پۇل يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئامالسىز « سېرىق چۇخەي » ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق بولسىمۇ بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا بارىكاللا . ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى مۇنبەر بانكىسىدىكى پۇللار غايەت زور دەرىجىدە ئازلاپ كىتىش سەۋەبىدىن پۇتبول كۇلۇبى كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋەتقان « ئۈمۈد قۇرۇلىشى » ئامالسىز ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى ھى ھى
مانا بۈگۈن مۇسابىقە باشلىنىش كۈنى بولغاچقا ئەزالار ئاياق ، كىيىملىرىنى كىيىپ تەييار قىلىپ مۇسابىقىگە چۈشۈشكە ھازىرلاندى . مۇسابىقە باشلىنىشقا يەنە 10 مىنۇتچە ۋاقىت بار . ئۇكەمگىچە كۆزھەركەت ئويناش ئارقىلىق « كۆزىڭىزلارنى ئارام ئالدۇرغاچ تۇرغايسىزلەر »
ماھىرلارنىڭ مەيدانغا كىرىشىگە يەنە 10 سىكۇنىت قالدى ئەمسە تەتۈر ساناق باشلاندى :
----------------------------------------------------------
پۇتبول چۈشەندۈرىشى : پۇتبول مۇنبىرى رادىئو ئسىتانسىسى،پۇتبول مۇنبىرى رادىئو ئسىتانسىسى ھۆرمەتلىك كومپىيوتىر ئالدىدا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ، ئۇيقۇغا كىتىشكە تاس - تاس قېلىۋاتقان ( بۇنى كەچتە يوللىغان ئىدىم ) بۇرادەر ئەزالار ياخشىمۇ سىلەر ؟ ھازىر مەن بىۋاستە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارغان پۇتبول كۇلۇبى باشقۇرغۇچىلار كوماندىسى بىلەن ئەزالار كوماندىسى مۇسابىقىسىگە نەزەر سالغايسىلەر . ھازىر پۇتبول كۇلۇبى ماھىرلىرى مەيدانغا كىرىشكە تەمشەلمەكتە [s:8] . ماھىرلار مەيدانغا كىردى .
ئاھ ! ئەسلى قائىدە بويىچە مەيدانغا بىردىن كىچىك بالا يىتىلەپ كىرىشى كېرەك ئىدى ئەمما ئىككىلى كوماندىدىكى ھەربىر ئەزالار بىردىن چوكان يىتىلىپ كىرىۋاتىدۇ . بۇ قانداق ئىش بوپكەتتى ئەمدى [s:3] . مەيلى بىز ئۇلارنىڭ تەققى- تۇرقىنى ئەمەس بەلكى مەيداندىكى ماھارىتىنى كۆرىمىز ئەمەسمۇ ؟!
يەنە بىر ئاھ ! ئۇلارنىڭ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېيىتقىنى دۆلەت شېئىرى ئەمەس بەلكى « بويتاقلار مارشى » بولدى . نىمىدىگەن كۆپ غەلىتە ئىشلاربۇ ؟ [s:17]
مەن تۆۋەندە مەيداندىكى ئىككى تەرەپنىڭ ماھىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقاي:
Aكوماندىدىكى ئەزالار ئاساسلىقى پۇتىغا « كالاچ » كىيگەن ، كىيىمى بولسا بىرازىليەنىڭ كىيىمىگە سەل ئوخشىتىپ كۆك كالتە ئىشتان بىلەن چاقماق مايكا كىيۋالغان .
B كوماندىدىكى ئەزالار پۇتىغا « سېرىق چۇخەي » كىيگەن بولۇپ پۇتىدىن قاچانلا قارىسا كۆكۈچ ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈپ تۇراتتى . بەلكىم ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن پۇتنىڭ ئىچى تەرلەپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ، ئىلاھىم ئۇلار ئايىقىنىڭ بۇقىچىنى چىڭ ئەتكەن بولۇپ مۇسابىقە جەريانىدا ئاياق پۇتتىن چىكەتمىسىلا بولاتتىغۇ ؟! [s:12]
مەيداندا ئەڭ كىشىنىڭ كۆزىنى چېلىقتۇرغىنى مۇنبەردىكى « بەخىت » نىڭ كىيىمى بولدى . چۈنكى ئۇ كىيىمىنىڭ كەينىگە بەخىت دىگەن خەتنى يېزىشنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ پەقەت « B » دەپلا يېزىپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ ؟!
مۇسابىقە باشلاندى ئاۋال توپ باشلىغىنى A كوماندا بولدى . مانا ھازىر توپنى پۇتىدا كونتىرول قىلىپ كىتىۋاتقان پۇتبولچى تەنھەركەت ئىدى . توۋا ! ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر بىز تەھلىل قىلىپ باقايلى ئۇ نىمە ئۈچۈن توپنى پۇتىدا ئېلىپ ماڭىدۇ بېشىدا ياكى مەيدىسىدە ۋە ياكى كاسسىدا ئېلىپ ماڭسا بولمامدۇ ؟ مەنچە بولغاندا بۇنى باشلانغۇچنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقىۋاتقانلارغا ئۈگىتىلىۋاتقان « يۈزمىڭلغان نىمە ئۈچۈن » ناملىق كىتابقا يېزىش كېرەك . تەھنەركەت توپنى پۇتىدا ئېتترىپ ماڭدى،ئۇ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭدى،يۈگۈردى،ماڭدى،يۈگۈردى،ماڭدى... ۋاي بولدى ...بولدى . توپ سىزىقتىن چىقىپ كەتتى . تەنھەركەت ئۆزىنى يازلىق ئۇزۇنغا يۈگرەۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك مانا بۇ ئادەتتە جاپالىق مەشىق قىلغاننىڭ نەتىجىسى ھى ھى ئىرادە بۇ توپنى B كوماندا ۋارىتىرى سەردارنىڭ باشلىشىغا بۇيرىدى .
مانا ئەمدى توپ B كوماندا ئەزالىرىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى . توپنى « رونالدو » دەپ نامى بار ، كول كونتىرول قىلىپ كىتىۋاتاتتى . توۋا ئۇ يۈگۈردى . ئۇنىڭغا ھېچكىم يىتىشەلمىدى بەلكىم بۇنىڭدىكى سىر ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان ئايىقىدا بولسا كېرەك . كول توپنى A كوماندا مەيدانىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا ئېلىپ كىردى . ۋاراتار ئالدىدا بىر بوشلۇق پەيدا بولدى ۋاھ ! كارامەت ئۇ توپنى تەپتى . ئەمما A كوماندا ۋاراتارسى ئىنتىزار چاققانلىق بۇ توپنى بارمىقى بىلەن توسىۋالدى . بەلكىم بۇ ئارمان ئوقۇغۇچىلار قۇۋەت تالقىنىنىڭ كۈچى بولسا كېرەك . ھى ھى [s:12]
ئىرادە بۇ توپنى ئىنزارنىڭ باشلىشىغا بۇيرىدى . مانا ئەمدى توپ باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى .
باگىيو بۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئېلىپ ماڭدى ۋاھ ! يالغان ھەركەت ئىشلەش ئارقىلىق كۆپ ماھىرلاردىن ئۆتۈپ كەتتى . ئەڭ ئاخىرىدا « كالتە پۇت يولۋاس » دەپ نامى بار داڭلىق بىك كارلوسنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى ئەگەر بۇنىڭدىن ئالداپ ئۆتۈپ كەتسىلا ۋاراتارنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر بوشلۇق ھاسىل بولغان بولاتتى . باگىيو دەرھال بىر ئامال تاپتىدە [s:1] كارلوستىنمۇ ئالداپ ئۆتۈپ كەتتى ھا ھا باگىيو يانچۇقىدىن 100 مۇنبەر پۇلىنى كارلوسنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويسا كارلوس توپقا قاراپمۇ قويمىدى . ۋاراتار ئالدىدا بىر بوشلۇق پەيدا بولدى ۋاراتار بىلەن توپنىڭ ئارلىقى پەقەت 5مىتىرلا قالدى . ئۇ ۋاراتارغا ئوڭ پۇتنى كەينىگە يېرىم مىتىر سوزۇپ تۇرۇپ زەرب بىلەن ۋاراتارغا تەپتى . توپنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچلۈك بولدىغىنىنى ئويلىغان قارشى تەرەپ ۋاراتار سەردار قورقۇپ كىتىپ كۆزىنى يۇمىۋېلىپ تۇرۇپ قوچىغىنى كەڭ ئېچىپ توپنى توسىماقچى بولدى . ئۇ تۇتىۋالدى . ۋوي ! ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ تۇتىۋالغىنى توپ ئەمەس بەلكى باگىيونىڭ ئوڭ پاي كالىچى ئىكەن توپ بولسا ەۈگىلەپ مەيداندىن چىكىتىپتۇ . [s:12] ھاۋاغا قۇرۇق پەشۋا ئاتقان باگىيو ئەپسۇسلانغىنىچە ئەسلى ئورنىغا بېرىپ يەنە مۇسابىقىگە كىرىشپ كەتتى .
ئىرادە توپنى ۋاراتار سەردارنىڭ باشلىشىغا بۇيرىدى . توپ ھەش-پەش دىگۈچە ئەزالار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى . توپنى « رونالدىنخو » دەپ نام ئالغان پۇتبولچى(چىرايىمۇ ئازراق ئوخشايدۇ ھى ھى ) نۇر ئېلىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ توپنى ۋاراتارنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىلىشىگىلا مالدىنى ئۇنى چا پۇتلاپ يىقىتىپ توپنى ئېلىۋالدى . نۇرنىڭ ئىككى چىشى بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا بايامقى يىقىلىشتا چىشى يەرگە پېتىپ قېلىپ ھازىرغىچە چىقىرالمايۋاتاتتى ...
توپنى يەنە ئەزالار كوماندىسنىڭ پۇتىدا ئىدى . توپنى ئاكاش كونتىرول قىلدى . ئۇ توپنى 50مىتىر يىراقلىقتىن سائىتىگە 100كىلومىتىر تېزلىك بىلەن تەپتى . ...ھا ھا بۇ توپ ۋاراتار ئىنتىزارنى قورقۇتۇپ قالالمايدۇ . ھوي....باشقۇرۇچىلار كوماندىسىنىڭ ۋارىتىرى كۆرۈنمەيدىغۇ ؟! توپ كىرىپ كەتتى...نەتىجە 1:0 بولدى . مەيداندا تاماشىبىنلار ئارىسىدا گۈلدۈر - قاراس ئالقىشلار ياڭراشقا باشلىدى . بۇ ۋاراتارنىڭ نىمىش قىلغىنىدۇر ئەمدى ؟ [s:16]
ۋاراتار تۈۋرىكىگە بىر قەغەز چاپلاقلىق تۇرىدۇ تىلكامىرانى يېقىن ئەكىلىپ كۆرۈپ باقايلى ...
نىمە ؟! قەغەزگە يوغان قىلىپ « كەچۈرۈڭلار ، ھاجىتىم قىستاپ قالدى مەن خالاغا بېرىپ كىلەي مەن خالادىن كەلگۈچە توپ كىرگۈزمەي تۇرۇڭلار ___ئىنتىزار تەستىقلىدى » دىگەن خەت تۇرۇپتۇ [s:17] . دىمىسىمۇ راست ھازىر ئوغۇللار كىچىك تاھارىتىنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلمىسا بۆرەكىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن ...ھى ھى
توپنى ھازىر باشقۇرغۇچىلار كوماندىسى ئوتتىرا مەيداندىن باشلىدى . مانا ئوتتىرا مەيداندىكى جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا . توپ ھازىر باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا ...ئەزالار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا.....باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا ...ئەزالار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا.....باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا ...ئەزالار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا.....باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا ...ئەزالار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا.....
ئوتتىرا مەيداندا جەڭ ئىنتايىن كەسكىنلەشمەكتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىمۇ توشاي دەپ قالغان ئىدى . ھازىر مەيداندا ئىرادە شىمىنى ئوڭشىغاچ ، ئىشتان بېغىنى چەگكەچ پەيدا بولدى . ئۇ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن پۈشتىكىنى ئىزدىمەكتە ئىدى....ئەپسۇس تاپالمىدى....ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن كۈچەپ چىقىراپ بەلگە بېرىش ئارقىلىق ئالدىن نۆۋەت مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى . ھۆرمەتىلىك دوستلار ...بىزنىڭ 15مىنۇت دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە كۆرۈشەيلى....ئاڭغىچە ھاجىتىڭلارنى تۈگىتىپ تۇرۇڭلار..
15مىنۇتلۇق دەم ئېلىش ئەھۋالى:
مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ بىر-بىرلەپ مۇنبەر بانكىسىدىن پۇلىنى ئېلىۋالغانلىقىدىن بولسا كېرەك ....؟! مۇنبەردە ئىقتىسادى كىرزىسىت پارتلاپ كېتىپ مۇنبەر مالىيەسىدە قىزىل رەقەم كۆپ كۆرۈلۈپ كەتتى . ئامالسىز مۇنبەرگە ئەر-ئاياللارغا بىرلا كشلىك ، بىرلا ئېغىزلىق ، بىرلا تۆشۈكلۈك .....«خالا» سالالىغان ئىدۇق . قائىدە بويىچە مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى تۈگەپ 15مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتىىدىن پايدىلىنىپ ماھىرلار ھەم تاماشىبىنلار ھاجەتخانىغا يۈگرەشتى . ئادەم بەك كۆپ ھاجەتخانا پەقەت بىرلا بولغاچقا ھەممە ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى . ھەربىرسى كىرىپ كىتىپ تەخمىنەن 19مىنۇتتا چىقاتتى . بۇلارغا قاراپ ئەتىگەن نىمە يىگەن بولغىيتتى دەپ قالدىم . ئۆچرەت تۈگمەي 10نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى . مىنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىش ۋاقتىممۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى .
بۇلار مىنى خەۋەرچى بولغانلىقىم سەۋەب بولسا كېرەك مىنى ئەڭ ئاخىرىقى ئۆچرەتكە تىزىپ قويۇپتۇ . خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ماڭا ئۆچرەت كەلدى. باشتا چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىپ بىلمەي ھاجەتخانىغا كىرىپ ساپتىمەن . ئۇـــــــف ....! ( تاس قالدىم كىسەل بولۇپ قالغىلى ) يۈگرەپ قايتىپ چىقتىم-دە 5قاتلىق ماسكا تاقاپ قايتىدىن كىردىم . كىرىپ 5~6 مىنۇت ھاجەتخانىدا ئولتىرا ئولتۇرمايلا قىز دوستۇمدىن تىلىفون كېلىپ قالدى.
__ سىز نەدە ؟
__ مەن....مەن ئۆيدە!
__ يالغان گەپ قىلماڭ !!!
__ مەن سىزگە قانداقمۇ يالغان سۆزلەي؟!
__ سىز ئۆيىڭىزدە ئەمەس بەلكى بىر موتونىڭ ئۈستىدە كىتىۋاتىسىز !! شۇنداقمۇ؟
__ .......
تىلفوننى قويۋىتىپ ، باياتىنقى گەپكە خېلى ۋاققىچە كۈلۈپتىمەن!!!
15مىنۇت ۋاقىتتىن كېيىن ھاجەتخانىدىن چىقتىم . ئارقىمغا قارىسام ھاجەتخانىنىڭ يېنىدىكى دەرەخ ھاجەتخانا سېلىنىۋاتقاندا ياپيىشىل تۇراتتى . ئەمما ، ھازىر بەئەينى كۈز كەلگەندەكلا ساغىرىپ كىتىپتۇ . بەلكىم ، بۇنىڭ سەۋەبى ھاجەتخانا ئىچىدىن چىققان PH قىممىتى 7دىن خېلىلا تۆۋەن بولغان كىسلاتانىڭ تەسىرى بولسا كېرەك . مەيدانغا كەلسەم ھەممە ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەق بولۇپتۇ . ماھىرلار مەيدانغا كىردى . مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ تۇنجى توپىنى ئەزالار كوماندىسى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ . مۇسابىقە باشلاندى ......
__كەچۈرۈڭلار ، داۋامىنى مۇشۇ بىر ھەپتە ئچىىدە يېزىپ بولىمەن ( گىپىم گەپ )
مۇنبىرىمىزدىكى بۇغرانىڭ كىلەركى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان لاھىيىسى:
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ پۇتبولجان ھاجەتخانىغا بەك ئىشلىۋەتكەنمۇ ئەيتاۋۇر،مەيدانغا كىرگۈچە چىرايىنى 72 خىل ئۆزگەرتىپ بولدى، ئاپلا بۇ قانداق بولغىنى دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام ماڭا قاراپ شەرەتلىمەمدۇ، ھە- نېمە بولدى؟ دەپ يېنىغا بارسام،مۇسابىقىغا سەن ۋاقتىنچە مەسئۇل بولۇپ تۇر،جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى، ھېلىلا كېلىمەن- دەپ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قولۇمغا مىڭ كوي تۇتقۇزۇپ قويدى (مۇنبەر پۇلى جۇما !). مەنمۇ <بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامداۋا > دەپ يۈرىدىغان نېمە بولغاچقا ئاۋۇ مىڭ كوينى كۆرۈپ ئوتتۇز ئىككىنى تەڭ چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ماقۇل دېدىم.
ئەمدى بىزنىڭ مۇنبەرنىڭ شاش ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقان مۇنبەرلىكىنى ھەر قايسىڭلار بىلىسىلەر، شۇڭا مۇسابىقىگە ئەزالارنى تاللاش ئىشلىرىدا بېشىم بىزنىڭ رۇسلان ئېيتقان 12-ئاينىڭ مۇزىدەكلا قېتىشقا باشلىدى، نېمە زىددىيەتكە باشچىلاپ كىرمەكچىدىم دەپ ھىيلە ئىشلىتپ، ئەزالارنىڭ ئىشلىرىغا باشقۇرغۇچىلار بەك چات كېرىۋالساق بولمىغۇدەك،شۇڭا مۇنبەرنىڭ كونىسى،ئەزالارنىڭ ئالىيسى بولغان ئاكاشنى ئەزالاردىن 11 نى تاللاپ مەيدانغا چىقىرىشنى تاپىلىدىم.
نېمە-نېمە ؟ پۇتبول : مەيدانغا كەلسەم ھەممە ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەق بولۇپتۇ . ماھىرلار مەيدانغا كىردى . مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ تۇنجى توپىنى ئەزالار كوماندىسى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ . مۇسابىقە باشلاندى ......
دەۋاتمامتى دېدىڭىزما ؟ نەدە ئۇنداق بولىدۇ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەيدانىغىمۇ ئەزالار كىرىۋېلىقلىق تۇرمامدۇ؟ پۇتبول بايا ئالدىراشچىلىقتا خاتا كۆرۈۋالغان گەپ...
باشقۇرغۇچىلار يىغىلغىچە ئاكاشنىڭ ئەزا تاللاشتىكى تاماشىسىنى بىردەم كۆرمەيمۇ دەپ مىڭ كوينى چىڭ تۇتۇپ ئاپتاپسىنىپ ياتتىم.ئاكاش ھە دەپ سۆزلەۋەتاتتى : مۇسابىقە دېگەنگە چۈشىمەن دەپلا چۈشىتقان گەپ ئەمەس، باشتا سەپ تۈزۈۋالىمىز ئېينا.. دەپ مانچېستېرنىڭ سەپ شەكلىنى سىزىشقا باشلىدى. مۇزەپپەر بىلەن ئاتېللا ماۋۇ تەرەپتە غۇدۇراپ پاراڭلىشىۋاتقانىدى: نېمە مانچېستېرنىڭ سەپ شەكلىنى تىزىپ يۈرۈيدۇ،مىلەننىڭ ياساپ قويغىنىنى ئۇنۇتقان ئوخشىمامدۇ،ئۇ چاغدا تېخى بىزنىڭ رونالدو يوق ئىدى....
نۇر مۇئەللىم ئاۋۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئاكاشنى بىر ياققا تارتىپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى : ساۋاقداش ئاكاش، سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئىختىيارىڭىزچە سەپ شەكلى تۈزۈۋېلىشىڭىز پىرىنسىپقا تاقىلىدىغان ئىش، شۇڭا سىز يولداشلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا سەپ شەكلى تۈزسىڭىز ئوبدان بولاتتى... ئاكاش بولسا < بىرنى بىر دېگۈلۈك > دەپ نۇر مۇئەللىمنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى... كەينى تەرەپتە پاراڭلار بولۇۋاتاتتى، نېمە ئىشكىن دەپ قارىسام كارلوس يېڭى ئەزالارغا مۇنبەر پۇلى تارقىتىپ ئۆزىنىڭ مەيداندا مۇقىم بولۇپ ئوينىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاۋاتاتتى. يەنە بىر ياندا بولسا باتى بىلەن شېۋچېنكو ھۇجۇم ئورنىدا قانداق ماسلىشىشنى مەسلىھەتلىشىۋېتىپتۇ،ئاۋۇ تەرەپتە بولسا ئېلشات ھە دەپ قاخشاۋاتاتتى : زادى قارا قورساق نېمىلەردە بۇ، ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنگەن بولسا گوللاندىيەدەك سەپ شەكلى تۈزۈپ ئوينىمامتى بۇلار ! يەنە بىر تەرەپتە بولسا..........
--- قوپەۋا ئۇخلايدىغان ! بىر مۇنچە پۇل بېرىپ تۇرۇپ كىچىككىنە ئىشنى تاپىلىسام ماۋۇ يەردە ئاپتاپسىنىپ ئۇخلاپ كەتكىنىنى مانىڭ،ئەكىلەۋا پۇلنى !....
كۆزۈمنى يىرتىپ ئاچتىم، ئەسلىدە ئاپتاپ خوشيېقىپ ئاكاشنىڭ تاماشىسىنى كۆرگەچ ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن،پۇتبول پۇلنى ئېلىۋالىمەن دەپ ھە دەپ ئېتىلىۋاتاتتى،باگگىيو بىلەن ئابلىمىت بولسا قويە ئادىشاۋا، ئۆزەڭ ئىشنى قويۇپ قېچىپ يەنە ئۇنىڭدىن ئاغرىنامسەن، بولدى-بولدى، ئۇ قانچىلىك پۇلتى دەپ ئۇنى توسۇۋالدى. رۇسلاندىن ئاڭلىسام نىجات بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن پۇتبولغا بەش مىڭ كوي ئاجرىتىپ بېرىپتىكەن،پۇتبول بولسا تۆت مىڭنى يانغا سېلىپ مىڭ كوي بىلەنلا بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇپ قۇتۇلماقچى بولۇپ كېتىۋالسا، نىجات ئۇقۇپ قېلىپ ئۇنىڭدىن بەش مىڭ كوينى تۇتۇۋالغانىكەن... [s:12]
نىجات : ئەزالار سىلەرنى ساقلاپ كەتكىنى نېكەم، چاققان سېپىڭلانى تۈزۈڭلار دەپ قويۇپ تېرىنېرلىق سۇپىسىغا كەتتى، باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ئىشى مالدىنىغا قالغانىدى. بىزدىن كوماندا تەشكىللەنگۈچە ئەزالار سېپىنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. ئۇلار 4-3-3 سەپنى ئىشلەتكەنىدى.
mzp√R⑨
shevqinko batigoal
米兰抢手
atilla705 sardar77
karlos 足球
nur110 bahit
sihinix
بەخىت نۇر مۇئەللىمگە: ئەسلىغۇ ھۇجۇمچىتۇق، بوپتۇلا ئىشقىلىپ ئوينىمىغاندىن ياخشى... دەۋاتاتتى. ئاكاش تېرىنېرلىق ئورنىدا تۇرۇۋېلىپ سېغىنىشقا ۋارقىراۋاتاتتى: بۇرۇن بولسىغۇ مەيلىتى، بىراق ھازىر توي قىلىپ تىلىرىڭ قالمىدى،شۇڭا ۋارىتار تۇرىۋەرگىن. تاماشىبىنلار ئورنىدا ئۇيغۇر ئاي باشچىلىقىدىكى مەدەت بېرىش گۇرۇپپىسى بىز بىلەن كارى يوق ھالدا نىجات بىلەن مۇڭدىشىۋاتاتتى، رۇسلان زەرەپشاننىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندەك قىلغىنى بىلەن نىجاتقا قاراپ ھومىيىپ قالغانىدى، مالدىنى كول بىلەن مىلەننىلا چاقىرىۋېلىپ مۇسابىقە تاكتىكىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقتى....
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئەھۋالى:
كېىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش پۈشتىكى چېلىندى. ئەزالار كوماندىسى توپنى باشلىدى.
توپنى soccer كونتىرول قىلىپ كىتىۋاتاتتى. پاھ ئۇنىڭ ئەپچىللىك بىلەن تىزىدا توپنى يىتىلەپ كىتىشى ھەممىنى ھەيرانۇ ھەۋەس قالدۇرۋاتاتتى. توپنى باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ بىكى مالدىنى يولۋاستەك يۈگرۈپ كىلىپ تارتىۋالدى. ئوتتىرا مەيداندا جەڭ ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. ھازىر توپ باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بۇغرانىڭ پۇتىدا ئىدى. ئۇ توپنى ئىتتتىرىپ ،يەنە ئىتتىرىپ،زورىغا ئىتتىرىپ قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ئەكەلدى.قارشى تەرەپ ئەزاسى مۇزەپپەر توپقا قاراپ «ئازات» ماشىنىدەك ئېتلىپ كەلدى. مۇزەپپەرنىڭ سۈرىتى بەكلا تېز...ئۇ بەك تېز سۈرەتتە توپقا ئېتلىپ كەلدى.ئۇ يېقىنلىشىپ قالاي دېدى. بىردىنلا باش رېپىر ئىرادە قاتتىق ئاۋازدا «كۆڭلۈمدىكىنى تاپ يايرىم»دىگەن مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ پۈشتەك چالدى. سەۋەبى نىمىدۇ؟ [s:3] ھاھاھا ئەسلى بۇ مەيداننىڭ سائەتلىك يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 10كىلومېتىر دەپ بەلگىلەنگەن ئىكەن. ئەمما مۇزەپپەر ئاللىقاچان سائىتىگە 20كىلومىتىر يۈگرىۋىتىپتۇ. مۇزەپپەر ئېرادىگە شۇنچە چۈشەندۈردى . ئەمما ئېرادە چۈشەندۈرۈشلەرگە پىسەنتمۇ قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئېرادە مۇزەپپەرگە قىزىل كارتا بەرمەك بولۇپ يانچۇقىنى ئاختۇردى..... تاپالمىدى...ئاخىرى قوينىدىن بىر قىزىل رەخىتنى چىقىرىپ مۇزەپپەرگە قاراپ پۇلاڭلاتتى. شۇنداق قىلىپ مۇزەپپەر مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.ھەي...ئەزالار كوماندىسى داڭلىق ھۇجۇمچىسىدىن ئايرىلدى. 
ھېچقىسى يوق ئەزالار كوماندىسى قەيسەرھەم باتۇر ئۇلار چوقۇم بوشاشمايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇلار مۇسابىقەدە بىر توپ ئالدىدا . 
توپ ھازىر باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا مالدىنى توپنى ئەپچىللىك بىلەن مىلەنگە بەردى. مىلەن يۇقىرى تېخنىكىسى بىلەن ئەزالار كوماندىسىنىڭ ئىككى بېكىنى ئالداپ-سالداپ ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى...قالتىس....ئەزالار كوماندىسىنىڭ داڭلىق بىكى كارلوس يۈگرەۋىتىپ ئايىغىنىڭ بوغىچىغا دەسسىۋېلىپ «پالاق»قىدە يىقىلىپ چۈشتى. مىلەن توپنى ئوڭ تەرەپتە توشقاندەك يۈگرە ئارلاش تاقلاپ كىلىۋاتقان بۇغراغا بەردى.بۇغرا ئەڭ ئاخىرقى بىك atilla705دىن ئالداپ ئۆتتى. ۋاراتار ئالدىدا بىر بوشلۇق ھاسىل بولدى. بۇغرا توپنى كۈچەپ تەپتى....ۋاھ....كارامەت ....توپ كىرىپ كەتتى. نەتىجە 1:1بولدى.
پاھ...بۇغرا خوشاللىقىدا ئۈستىدىكى مايكىسىنى سېلىۋىتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۇدۇل بېرىپ مەيدان سىرتىدا توختىماي مەدەت بېرىۋاتقان ئۇلارنىڭ روھىنى كۈچلەندۈرۋاتقان تېرنىرى تەنھەركەتنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى . نىمىدىگەن تەسىرلىك كۆرىنىش! ئەزالار كوماندىسى ۋاراتارى سەردارنىڭ روھى ھالىتى خۇددى ماۋۇنىڭكىدەك بولۇپ قالغان بولسا كېرەك . بىر تەرەپتە شۈمشەيگەن پېتى خىيال سۈرۈپ ئولتىراتتى.
بۇ توپنىڭ ئاستا كۆرىنىشىنى كۆرۈپ باقايلى ، توپ بۇغرانىڭ پۇتىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىپ ، ئۇدۇل بېرىپ گارغا ئۈسسىۋېلىپ ، قاڭقىپ ، ئەزالار كوماندىسىنىڭ بىكى batigoal نىڭ ئېزىق چىشىغا تىگىپ ، يەنە ۋاراتارغا قاراپ ئۇچۇپ ، ئاندىن ئەزالار كوماندىسى ۋاراتارى سەردارنىڭ توپنى قولى بىلەن شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ،توپ يەنىلا جاھىللىق بىلەن كىرىپ كەتتى. قارىغاندا بۇ توپنى بۇغرا خېلىلا بېسىم بىلەن تەپكەن ئوخشايدۇ. ھېرىپمۇ قالغاندۇ بەلكىم.
ھېچقىسى يوق بۈگۈن ئەزالار كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ئۇلار چوقۇم داۋاملىق تىرىشىدۇ ، باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىغا بىر توپ كىرگۈزۈش ئادەتتە ھۆكىمەت خادىملىرىدىن باشقا كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
مانا ئەزالار كوماندىسى توپنى ئوتتىرا مەيداندىن باشلىدى. شىۋىچىنكو توپنى ئولتۇرۇپ ئايىغنىڭ ياقىسىنى ئوڭشاۋاتقان غا بەردى.米兰抢手 توپنى ئەپچىللىك بىلەن مەيدىسىدە توختاتتى..
ئەزالار كوماندىسىنىڭ پاسلىشىشى ئىنتايىن چىرايلىق بولىۋاتىدۇ. قارىغاندا باياتىنقى كەتكۈزۈپ قويغان توپ ئۇلارنى خېلىلا سەگەكلەشتۈرۈپ قويغان بولسا كېرەك.
ھازىر ئەزالار كوماندىسى چەكلەنگە رايۇننىڭ يېنىدىن بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشتى. بۇنى ئەلۋەتتە ئەزالار كوماندىسىدىن مۇزتاغ تىپىتۇدە. ھەقىقەتەن داڭلىق ئوتتىرا مەيدان ماھىرى مۇزتاغ توپنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ كەينىگە چىكىپنىپ تۇرۇپ ....بارمىقى ئارقىلىق شامال يۈلىنىشىنى توغىرلاۋاتاتتى. ئۇ يۈگۈردى.....تەپتى....كارامەت ..توپ قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ ئۆلۈك بۇلىڭىغا قاراپ ماڭدى. توپ كىردى......ۋاھ....
ياق...ياق...قارىغاندا توپ كىرمەپتۇ. ۋاراتارغا كىرىپ كەتكىنى مۇزتاغنىڭ سول پاي چۇخىيى ئىكەن. توپ جايىدا تۇرۇپتۇ ئەنە...
مۇزتاغ توپنى قايتىدىن تەپمەكچى بولۇپ تەمشەلدى. ئۇ يۈگۈردى....تەپتى...توپنىڭ يۆنىلىشى بەك ياخشى..ھەي.......ئەپسۇس، توپ گەرچە باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئىنتىزارنىڭ ياقىسىدىن كېرىپ پۇشقىدىن چىقاي دىگەن بولسىمۇ، ئىنتىزار تەنتەربىيە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى چىڭ بوغۇۋالغاچقا،توپ كىرمەي قالدى...بىراق بۇ قېتىملىق ئىختىيارى توپ تىپىش ئىنتىزارنى تەمتىرىتىپ،بەك كۆپ تەلىتىۋەتكەچكە،ئۇ مىچچىدە بولۇپ قالدى...
ئەزالار كوماندىسىنىڭ كەينى-كەينىدىن قىلغان ھۇجۇملىرى مەيدان تاماشىبىنلىرىنى ھاياجانغا سېلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرغۇچىلار كوماندىسى ئەزالىرىنى خېلىلا تەمتىرتىپ قويدى. مەيدان ئىچىنى جىمجىتلىق باستى. بىردىنلا يوقاپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان قوللىغۇچىمىز 119 ئانىدىن تۇغما ھالىتىدە مەيدان ئىچىگە كىنگورودەك تاقلاپ كىرىپ باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ گېرپ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پايپاقنى قولى بىلەن باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى پۇتبولغا زەرب بىلەن ئاتتى. سائىتىگە 9كىلومىتىر تېزلىك بىلەن تەگكەن پايپاقنىڭ دەستىدىن پۇتبول ئارقىغا نەچچە قەدەمچە ئۇچۇپ كەتتى . بەلكىم پۇتبول ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىللىرىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغانلىقتىن بولسا كېرەك . كۆزىدىكى چاپاقنى ئېيتىپ تاشلىغۇچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن ئىشتىن ھەممە ھاڭ-تاڭ قالغان ئىدى. ھېلىمۇ 119نى مۇسابىقە مەيدانىنى قوغداپ تۇرىۋاتقان نەبىجان ، ئەپەندىم ، سەۋدا ...قاتارلىقلار كالتەك-توقماق بىلەن قوغلاپ چىقاردى. ھەممىنىڭ كۆڭلى بىر قىسىملا ئىدى. دىمىسىمۇ پۇتبول مەيداندا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا ئويناۋاتاتتى...
ھەممە يەنە قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. مۇسابىقە يەنىلا قىززىق ھالىتىگە قايتتى. توپ ئاخىرى مۇسابىقە باشلىنىپ پۇتىغا بىرەر قېتىممۇ توپ تىگىپ باقمىغان پۇتبولنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى.
ئۇ توپنى قولىدىن تۇتۇپ يىتەكلەپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئەزالار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى كولدىن ئالداپ ئۆتتى ھا ھا ھا پۇتبول بىرازىليەنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مىدالدىن بىرنى مەيدان سىرتىغا ئېتىۋەتسە كول توپقا قاراپمۇ قويماي مىدال چۈشكەن تەرەپكە قاراپ چېپىپ كەتتى..
بىر ئەزانىغۇ ھېيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما يەنە نۇرغۇن ماھىرلاردىن ئالداپ ئۆتۈپ كىتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتبولدەك پۇتبول ساپاسى تۆۋەن بىر ئەزانى ئېلىپ ئېيتساق بىراۋدىن توپنى پۇتتا ئالداپ ئۆتۈش ئاسان ئىش ئەمەس.شۇڭا يەنە داۋاملىق توپ ئېلىپ مېڭىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغان پۇتبول توپنى سەپدىشى توتتىغا قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەيدان چېتىدىن كول نىمىلەرنىدۇر پۇتبولنى تىللاپ كىلىۋاتاتتى... ھە! ئەسل باياتىن ئېتىۋەتكەن بىرازىليەنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مىدال يالغان ئىكەن..
توتتى بىلەن پۇتبول بىر يالغان مىدالنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىغا قارىماي پاسلىشىپ توپنى ھەش-پەش دىگۈچە قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۇتبول توپنى كۆكلىتىپ توتتىغا پاس بەردى.
توتتى باش بىلەن ئۈسسۈپ زەرب بىلەن ۋاراتارغا ئۇردى ...سەردار بۇ 90گىرادوسلۇق بۇلۇڭغا ئۇرۇلغان توپقا ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى....توپ كىرىپ كەتتى..نەتىجە ..2:1 بولدى...
سەردار بەك ئەپسۇسلاندى..
توتتى بولسا خوشاللىقىدا رىم كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى «توتتى»نىڭ توپ كىرگۈزگەندە باش بارمىقىنى چىشلەپ تۇرۇپ تەبىرىكلەش ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ . كاس يانچۇقىدىن بىر ئىمزەكنى باش باشمىقىغا كىرگۈزۋېلىپ لەززەتلىك بىلەن باش بارمىقىنى شوراپ تەبىرىكلىدى...ھى ھى
پۇتبول بىر قېتىم پاس بېرىپ قويغىنىغا خۇددى 10توپ كىرگۈزۋەتكەندەك خوش بولۇپ كىلوزنى دوراپ ئۇيان - بۇيانغا يۇمىلاقشىپ خوشاللىقىنى ئىپادىلەۋاتاتتى..
ئەزالار كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئوتتەك ئارزۇسى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.
ئەمما ئەزالار كوماندىسىدىن بىر كىشى يەنى نۇر مۇئەللىم بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ . مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئاپىسى.....بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن ....تاراق - تۇرۇق دىگەن پەلسەپەلىرى ۋە مەيدان سىرتىدا توختىماي ئەزالار كوماندىسىغا مەدەت بېرىۋاتقان roseنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئەزالار كوماندىسى زور ئۈمىدتە يەنە مۇسابىقىگە كىرىشىپ كەتتى. ئەزالار كوماندىسى بىلىنى چىڭ باغلاپ بىردىنلا يەنە بۇرۇنقىدەك جانلىنىپ كەتتى.
نىمە بولغاندۇ ؟ پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىدا كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ ھە راست باياتىن مەيدان سىرتىدا دىك ...دىك..دىك شاپاشلاپ كىتىۋاتقان بىر قىزنى چالا كۆرۈپ قېلىپلا ئۇيغۇر-ئايغا ئوخشىتىپ قېلىپ شۇنىڭ كەينىدىن كەتتى..ھەي...ياشلىق دىگەن يەنىلا ياشلىقتە..
مۇسابىقىگە قايتىپ كىلەيلى...ئەزالار كوماندىسى توپنى باشلىماق بولۇپ تەييارلاندى.
ئەزالار كوماندىسى نەتىجىنى ئۆزگەرتىپ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرالامدۇ يوق ؟
باشقۇرغۇچىلار كوماندىسىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ ؟ ئەگەر بىلىشنى خالىساڭلار تېمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلىڭلار ! شۇ ئىسىڭلاردا بولسۇن ھەممىسى قىزىقارلىق بولسۇن ئۈچۈن يوللانغان . قىلچە يامان نىيەت يوق |