- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 254
- نادىر
- 0
- يازما
- 254
  
|
تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتقان pes2013 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى . بۇ قېتىم ئەسلىي تارقىتىش ۋاقتىدىن بۇرۇنلا تورغا تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىلا يوللاي دىسەم بىر قىسىم تورداشلار قانداق قاچىلاشنى بىلەلمەي قالمىسۇن دەپ ، بۈگۈنكىدەك چۈشۈرۈپ بولاقتىن يىشىپلا ئويناشقا بولىدىغان نۇسخىسى چىقىشىنى ساقلاپ يوللىدىم . ئۆزۈممۇ چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم ، 2012 گە قارىغاندا كۆپ ئۆزگىرىش بار ئىكەن ، 2012 دىكى كۆپ قىسىم ئۇششاق خاتالىقلارنى ئۆزگەرتىپتۇ ، پاس بىرىش ، قاپقىغا تىپىش ، شەخسىي تېخنىكا چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۆزگىرىش زور ، 2012 دەك ئۇششاق قائىدىگە خىلاپ ھەركەتلەرگە پۈشتەك چېلىنىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقمايدىكەن ، بىكلەرنىڭ توپ تالىشىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرىتكەن . دەپ كەلسەم ئۆزگىرىش بەك كۆپ ، چۈشۈرۈپ ئالدىرىماي ھىس قىلىۋالارسىلەر .
بۇ نەشىرىنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپلا ئويناشقا بولىدۇ ، ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئويۇننى چۈشۈرىمىز :
شۈنلىي مەنبەسىدىن چۈشۈرۈش :
http://kuai.xunlei.com/d/RSVPDAIXKXUA?p=51185
QQ مەنبەسىدىن چۈشۈرۈش :
http://urlxf.qq.com/?aUBRBvf
چۈشۈرۈپ بولغاندىن rar ھۆججىتىنى پىرىستىن يىشىمىز ، يىشىپ بولۇپ تۆۋەندىكى تىزىملىتىش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ، ئويۇننىڭ باش مۇندەرىجىسىگە قويۇپ بىر قېتىم ئىجرا قىلىۋەتسەك بولىدۇ .
تىزىملىتىش ھۆججىتى ( 注册表 ) :
http://kuai.xunlei.com/d/RKYCBNPTXXIG?p=51185
يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئويۇننى رەسمىي باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ئويۇننى يەشكەن باش مۇندەرىجىدە « 开始游戏 » دەپ بىر دانە ھۆججەت بار ، شۇنى بېسىپ ئويۇننى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ۋە ياكى ئۆزىنىڭ pes2013.exe ناملىق ھۆججىتىنى ئىككى بېسىپلا ئويۇننى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ .
ئويۇن مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە چىققان بولغاچقا تېخى تولۇق خەنچە قىلىپ بولۇنمىغان ، پەقەت ئاساسلىق كۆزنەكلەر خەنچە قىلىپ قويۇلغان ، توپچى ئىسىملىرى خەنچە قىلىنمىغان . تۆۋەندىكىسى ئەڭ دەسلەپكى خەنچە قىلىش يامىقى ، چۈشۈرۈپ بۇرۇنقى ئوخشاش ناملىق ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
خەنچە بولاقنى چۈشۈرۈش :
http://kuai.xunlei.com/d/QHAOZVGISNCR
يەنە نۇرغۇن ئۇششاق ياماقلىرى بار ئىدى ، ھەممىسىنى يىغىپلا يەنە بىر تېما قىلىپ يوللاپ قويىمەن .
كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى :
مەشغۇلات سېستىمىسى:Windows XP/Vista/7
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ( CPU تەلىپى ) : Core 2 Duo 1.8GHz ۋە ياكى AMD نىڭ ئوخشاش چاستوتىلىقى
ئىچكى ساقلىغۇچ : 1GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ .
كۆرسىتىش كارتىسى : GeForce 6300/Radeon X1200/HD Graphics 300 ۋەياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى . ھىس قىلىشىمچە كۆرسىتىش كارتىسىغا بولغان تەلىپى بەك يۇقىرى ئەمەس ئىكەن ، يەككە كۆرسىتىش كارتىسى 128mb , 256mb , 512 mb قانداقلا بولسۇن ئويۇننى نورمال ئوينىغىلى بولىدىكەن . توپلاشتۇرۇلغان كۆرسىتىش كارتىسى بار دوستلار ، ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى تەلىپىنى تۆۋەنرەك تەڭشەپ ئوينىسىڭىز نورمال ئوينىغىلى بولىدۇ .
ئاۋاز كارتىسى : DX9.0
DirectX تەلىپى : 9.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرى
ئىكراننىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى : 800×600 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
باھا خاتىرىسى
|