- تىزىملاتقان
- 2010-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7141
- نادىر
- 14
- يازما
- 7141
|
تاكتىكا جېڭى دېسەك ئارتۇق كەتمەس.مۇرىنىئونىڭ ئۆز مەيدانىدا پۈتۈنلەي ھۇجۇم شەكلىدە ئوينىشى،مەنچىنىنىڭ مېھمان مەيداندا ئاساسەن قايتۇرما ھۇجۇم شەكلىدە ئوينىشى دىگەندەك.مەشقاۋۇللاردىن ھېچقانداق خاتالىق چىقمىدى.سول تەرەپتىن مارسېلو بىلەن چىكىت رونالدونىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى مايكوننى ھالسىرتىپ قويدى،مايكون تەرەپتە يەنە بىر ياخشىراق ھۇجۇمچىسىمان يان كىرايدىن بىرى بولغان بولسا مارسېلو بىلەن چىكىت رونالدو مانداق ئېچىلىپ ئوينىيالمايتتى.ھۇجۇم بىلەن ھۇجۇمنى مىخلىۋېتىش مادىرىد سول تەرىپىنى ياتقۇزۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاكتىكا.كومپانى ئورنىنى يوقىتىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىكەن.ئوڭ تەرەپتىكى ئوتتۇرا بېك بىلەن ئوڭ بېكنىڭ ماسلىشىشى بەك مۇھىم تۇرسا كومپانى ئوڭ تەرەپنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە ۋەزىپىللىرىگە ئارتۇقچە ئارىلىشىۋالدى.شەھەرنىڭ ئاساسلىقلىرى تولۇق بولمىغان شارائىتتا مانداق قايتۇرما زەربە تاكتىكىسىغا كۆنۈشى ئانداق ئاسان ئىش ئەمەس،مەنچىنى خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قاپتۇ.مېھمان تەرەپنىڭ نىشانى دەل 1 نومۇر ئىدى.ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا خارتنىڭ ئېغىر خاتالىقى سەۋەبلىك بۇ 1 نومۇر 0 گە ئۆزگىرىپ قالدى.ئاخشام مادىرىدتىن مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوينىغىنى دىمارىيا بولۇپ قاپتۇ.شەھەردىن يايا.تۇرى.
سىلۋا شۇنداق قىلىپ ئىنېستا،رونالدىنىئودىن كېيىن بوناۋۇدا ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشكەن 3-مېھمان كۇلۇب بولۇپ قالدى دە |
|