akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: Яiwαyat

چىڭخەي VS شىنجاڭ +پۇتبول كۇلۇبى زىيارەت فىلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-9-13 23:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم ...بەك  پىچەت  چىقىپتۇ...زىيارەت قىلىشلار  فىلىم تارتىش ئەھۋاللىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي بوپتۇ....
بۇ ئىشلار ئۈچۈن جاپا چەككەن ھەممىڭلارغا ئاپىرىن...
بەلكىم بۇ كىين  مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ، ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ تاتلىق ئەسلىمە بولوپ قالغوسى ...
ئادەم قولىدىن كەلسە  مانا  مۇشۇنداق مەنىلىك ياشاش كىرەك.

ھۇررا  شىنجاڭ.........نادىرلايمىز بۇ تىمىنى ....نادىرلىمىساق قەتتى بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-13 23:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى ئامېرىكادە2012-09-13 23:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم ...بەك  پىچەت  چىقىپتۇ...زىيارەت قىلىشلار  فىلىم تارتىش ئەھۋاللىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي بوپتۇ....
بۇ ئىشلار ئۈچۈن جاپا چەككەن ھەممىڭلارغا ئاپىرىن...
بەلكىم بۇ كىين  مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ، ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ تاتلىق ئەسلىمە بولوپ قالغوسى ...
ئادەم قولىدىن كەلسە  مانا  مۇشۇنداق مەنىلىك ياشاش كىرەك.

.......
رەھمەت ساڭا ، مۇشۇ ئىنكاسنىڭ ئىچىدە ماڭا بىر جۈملە سۆزۈڭ بەك يارىدى .  ئۆزەڭ بىلىسەن ....
ئەلۋەتتە مەنمۇ كەسپىي خادىم بولمىغاندىكىن سۈرەتكە ئېلىشتا نۇرغۇن سۈپەتسىز جايلىرى بار بۇنى بىلىمەن ، ئەمما بۇ قېتىم بىر تەجىرىبە بولدى ، پۇرسەت يەنە بار ، ئاللا  خالىسا  كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ ياخشى ئېلىشقا ئىشەنچىم بار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-13 23:51:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى  ئۇزۇن سەپەر ئىشقىلىپ بەك پەيزى بولدى.....
گەرچە ئۈلكەر.....تانكىچاقلار بىلەن بۇرۇن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ خۇددى  يېقىن دوست بۇرادەرلەردەك  .....ناھايىتى قىزغىن  ھال مۇڭلىشىپ  كەتتۇق  .يۈرەك تۇيىدىكەن .  مانا بۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ مېھرى

        بۇ فىلىمنىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى توي شېشاڭقىلىدىغان تىپتىكى كامېرادا سىنغا ئالغان بولساقمۇ  لېكىن  يوۇكۇ  تورىغا چىقارساق  ئېنىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ.   
      فىلىمنى تەھرىرلەپ ئىشلەشكىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقمىدى... بۇ قېتىم مۇشۇنداقراق ئاددىراق چىقىپ قالدى توغرا چۈشىنەرسىلەر .   
ئەمما  ئاۋۇ زىيارەتكە كەتكەن مىكروفۇننى  ئىشلەشكىمۇ مۇز بىلەن ئىككەيلەن توپتوغرا يېرىم كۈن ئىشلەپتىمىز .      خېلى پىچەت ھە بولمىسا ؟؟
گەپنى خۇلاسىلسام  بۇ قېتىمقى سەپەر بەك كۆڭۈللۈك بولدى .........   
ئەمما ئىككى كۈندە  ئۈچ ئۆلكىنى ئاتلاپ ئوينىمىغان ئويۇنلار قالماپتۇ    ھە ئۈلكەر ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-13 23:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر

6-ئاينىڭ 11-چېسلاغۇ دەيمەن ،  مەن نەق مەيداندىن كۆرگەن تۇنجى ھەم ئاخىرقى ئالۋاستى ساھىپخان  مۇسابىقىدە چىڭخەيلىكلەرگە گەرچە 2-0 ئۇتتۇرغان بولساقمۇ ،نەق مەيدانغا 70 مىڭ توپخۇمار كىرگەن چاغدىكى قورقۇنۇچلۇق مەنزىرە چىڭخەيلىكلەرنىڭ ئىسىدىن چىقماپتۇ   ..........

سىلەرمۇ چوقۇم دىققەت قىلدىڭلار ، فىلىمدىكى «شىنجاڭ توپخۇمارلىرى بىز غەربى شىمال توپخۇمارلىرىنىڭ پەخىرى» لوزۇنكىدىكى مۇشۇ خەتلەرنى كۆرگەندە قەلبىم لەرزىگە تولدى .........................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 00:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىلەر !  كۆپ تەشەككۈر !  
  
ئاۋۇ مىكروفىن ، لوزىنكىلاردىكى پۇتبول مۇنبىرى دىگەن خەتلەر بەك ئېسىل چىقىپتۇ      
فىلىممۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپتۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 00:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىلەر ئاللا سىلەرنى ئامان قىلسۇن قىرىنداشلىرىم  ،،


بۇنداق زىياراتلەرنى شىنجاڭ تىلۋىزيە ئىستانىسىمۇ قىلمىغانتى سىلەر ئۇلارغا  ئوزۇڭلارنى مەقسىتىڭلارنى بۇلدۇرۇپ قويدۇڭلار يارايسىلەر

مەن مۇنبەر باشلىقلىردى بۇ تىمىنى نادىرلىساڭلار بولىدۇ  يەنە بىر گەپ بۇلارنى مۇكاپاتلاش كىرەك                        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 00:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەت ئۈلكەر سىلەر بىلەن بىزمۇ كۈرۈشسەك يىقىن بۇلۇپ كىتىمىز.   
سىلەرگە قاراپ ئىچىم قىزىپ كەتتى، بىزگە ئىچكىرلەردە ئۇقۇش نىسىپ بۇلماپتىكەندۇق،سىلەر بىر مەنىلىك ئۈتكەن ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇڭلار تارىخ ياراتتىڭلار،    مۇنبەر ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن جاپا چەكتىڭلار.........رەخمەت سىلەرگە    سىلەر باشقا پۇتبۇل مۇنبەرلىرى قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ باشلامچىلىق رۇلىنى جارى قىلدۇردىڭلار،     رەخمەت سىلەرگە دۇسلار ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق تىنىڭلارنى سالامەت ماڭغان يۇلىرىڭلارنى گۈل قىلغاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 00:41:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كورۇڭلار  بەسەيلار دۇنيا  سورايدەپتۇ http://www.xjfifa.com/bb/forum.p ... ad&tid=8522
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 01:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي....رىۋايەت ئىنىم ،سەل ئالدىراپ يوللاپ قاپسىلە،  مەن تېخى تۈزۈك ئىشلىمىگەن تېخى بۇ فىلىمنى، تازا بىر بەلەن قىلىپ بولۇپ يوللاشنى ئويلىشىپ تۇرغانتىم، بوپتۇ مەستانىلەرنىڭ كۆڭلى ئېچىلغان بولسىلا بىز رازى

مەنمۇ  بىر نەچچە جەھەتتىن كۆز قارىشىمنى دەپ ئۆتەي، بىز مۇشۇ مۇسابىقىگە پىلان بىلەن مۇشۇنداق بېرىپ مۇشۇنچىلىك بولسمۇ ئەمەلىي ئىش قىلالىشىمىزدا مۇنبەرداشلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە رەھمەت.
ئۈلكەر بۇرادىرىمىزمۇ كىيىنىشى ۋە چىراي ئىپادىسىدىن باشلاپلا بىر خىل كەسپىي سۈرەتكە ئېلىش ئۇستىسى بولۇپ چىقىپتىكەنتۇق،سۈرەتكىمۇ ناھايىتى بەلەن ئاپتۇ،كېيىنچە پۇرسەت بولسا تېخىمۇ پەچەت چىقىرۋىتىشەلىگە ئىشىنمەن.
تانكىچاق ئىنىم بىلەن رىۋايەت ئىنىم بولسا توختىماستىن ۋاي ۋاي دا نەق مەيدان رەسىملىرىنى يوللاش ۋە نەق مەيدان چۈشەندۈرۈش ئىشلىرى بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولدى.
مەن بولسام  ئۆزىمىز ياسىۋالغان‹‹مودىل+كەسپىي››مىكروفۇننى كۆتۈرۈپ ئۇنى بۇنى زىيارەت قىلىش ۋە ھۇررا توۋلاش، ھە راست كېيىنكى مەيداندا بىر ئاز نەق مەيدان چۈشەندۈرۈشى قىپتىمەن، ئۈلۈشكۈن بىر كېچە ئولتۇرۇپ ئۈلكەر يوللاپ قويغان فىلىمنى چۈشۈرۈپتىمەن ۋە مۇشۇنچىلىكلا پىششىقلاپ ئىشلەپ تورخانىدىلا ئۇخلاپ قاپتىمەن ،مەن ئەسلى تېخىمۇ ياخشى بولغان كىرىشتۈرۈشلەرنى قىلماقچىتىم ،  ئەپسۇس،  رىۋايەت  ئىنىمىز بەكلا ئالدىراپ بۇ خام فىلىمنى يوللىۋىتىپتۇ.

نېمىلا بولمىسۇن ناھايىتىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە مەنىلىك بولغان بىر سەپەر بولدى. ئاللا خالىسا بۇندىن كېيىن يەنە بىر مۇشۇنداق پۇرسەت بولۇپ قالسا بىز شىنجاڭ كوماندىمىز ۋە شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن يەنە سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييارمىز.  

ئاخىرىدا ئۈلكەر ، مۇز، تانكا ۋە رىۋايەتلەر بىلەن يەنە بىر  قول ئېلىشىپ كۆرۈشكۈم  كېلىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 01:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى nijatدە2012-09-13 22:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كۆپ جاپا تارتىپسىلەر    . مۇشۇنداق زىيارەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىرەر ئامال قىلىپ باشلىۋالساق بولاتتى .

بەلەن گەپ قىپسىز، مۇنبەر ئەزالىرى ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قىلىپ تۇرىۋاتقاچقا بىزمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ قىلالىدۇق، بولسا مۇنبەر نامىدىن قىلىۋاتقان ئىش بولغاندىكىن مۇنبەر تەرەپمۇ جىم تۇرىۋالمىسا ياخشى بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 01:38:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىلەن ، فىلىمنى كۈرۈپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم ،ياخشى باشلىنىش ...
ئەسلى رىۋايەت مىنىڭ ئۇقۇتقۇچىمنىڭ بالىسىكەن ،تېخى خوشنا بىنا ،ئالدىنقى يىلى ئىشخانامغا بىر كىىرگەن ئىدىڭ ئۇكام ،ئەمدى ئېسىمگە كەلدى ...ئىشلىرىڭ جايىدا ئۇكا ،خەقنىڭ يۇرتىدا سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-9-14 03:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىلدىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!
بۇ فىلىم ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەھمىيەتلىك فىلىم بوپتۇ. ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 11:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش