ئېنگىلاند 3-ئايلانما جېڭى :
لىۋېرپول VS ئارسىنال
مۇسابىقە ۋاقتى :( 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:30 )
مۇسابىقە ئورنى : ئەنفىيلىد
كىرىش سۆز : بۇ پەسىل باشلىنىپ 2 ئايلانما ئۆتۈپ بولدى ، بىراق مەيلى لىۋېرپول بولسۇن ، ياكى ئارسىنال بولسۇن تىخى غەلبىنىڭ تەمىنى تىتىپ باقمىدى ... لىۋېرپول 1-ئايلانمىدا مىھمان مەيدان 0 دە 3 نەتىجە بىلەن ئىچىنىشلىق ئۇتتۇردى ، 2-ئايلانمىدا بولسا ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيون مانچىستېر شەھرى كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئۈستۈنلۈكتە كىتىپ بارغان ۋاقىتتا » ئەقىللىق « بىكلىرىمىزنىڭ پايدىسىدا نەتىجىنى ئارقا ئارقىتىن تەڭلەشتۈرۈپ قويۇپ قولغان كەپ بولغان شۇنداق موھىم 3 نۇمۇرنى 1 نۇمۇرغا ئۆزگەرتىپ قويدى ... ئارسىنال بولسا ئالدىنقى 2 ئايلانمىدا تىخى بىرمۇ توپ ئۇرۇپ باقمىدى ... بۇلار ھىلىغۇ غەلبىنىڭ تەمىكەن ، توپ ئۇرۇشنىڭ تەمىنىمۇ تىتىپ باقمىدى تىخى ... شۇڭا بۇ مۇسابىقە بۇ ئىككى كوماندا ئۈچۈن ئوخشاشلا موھىم ... غەلبىگە بولغان تەشنالىق ئوخشاشلا كۈچلۈك ...
قىززىق نوقتا : لىۋېرپول نىڭ ئىككىلا ھۇجۇمچىسى قالدى ... بۇ مۇسابىقىدە ئىككىلا ھۇجۇمچى چۈشەمۇ ياكى بىرەرسىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويامۇ ...
لىۋېرپولغا يىڭىلا كەلگەن تۈركىيەلىك ياش شاھىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن تۇنجى قىتىم مەيدانغا چۈشىدۇ ، بۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى قانداق بولىدۇ ؟ مۇسابىقىدە دەسلەپ قىلالامدۇ يوق ؟
ئارسىنال نىڭ توپ ئۇرماسلىق رىكورتى يىڭىلىنارمۇ ياكى توختارمۇ ؟ ( بۇندىن بۇرۇنقى رىكورتى يىڭى پەسىل باشلىنىپ 224 مىنۇت ئۇدا توپ ئۇرماسلىق ... ) 
بۇلار مۇسابىقىلەشكەن مۇسابىقىلەردە خائىن توپ داھىملا ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، بۇ مۇسابىقىدە قايسى كوماندىدىن ، كىم خائىن توپقا نائىل بولا ... ؟ 
ئارسىنال دا ۋانپېرسى بار ۋاقىتتا بۇنچە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان ئىدى ، ھازىر ۋان پېرسىنى سىتىۋىتىپ يامان كۈنگە قالدى ، بودورسكى ۋان پېرسى نى ئۇنتۇلغۇزالامدۇ يوق ؟
ئاساسلىق مەيدانغا چۈشىدىغان ئەزالار ئالدىن پەرزى :
لىۋېرپول :
رېينا \ جونسون ، سىكىرتىل ، كوئاتېز ، ئېنرىك \ ئالون ، جېرراد ، شېلۋىي \ بورىنى ، سۇيارىز ، سىتىرلىن ( نۇرغۇن تور بىكەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئەزا ئالدىن پەرزىدە ئاگگېر نى كىرگۈزۈپ قوياپتۇ ، ئۇ قىزىل كارتا بىلەن 3 مەيدان مۇسابىقىدىن توختىغاندۇ ؟ تىخى ئەمدى 1 مەيدان ئىجىرا قىلىندى )
ئارسىنال :
سىچىزىنى \ جىبۇس ، ۋېرمالون ، كىسچېرنى ، جىجىسىن \ ئارتىتا ، دىيابى ، كاسۇلا \ بودورسىكى ، جىلو ، ۋولكوت ( كىشى ئىسىملىرىنى بەسەيچىدىن ئۇدۇللام تەرجىمە قىلىۋەردىم ، تۈزىتىپ ئوقىشىۋىلىشالا ... )
نەتىجىنى پەرەز قىلغىم كەلمىدى ... لىۋېرپول نىڭ ئۇتىۋىلىشىغىمۇ كۆزەم يەتمەيدۇ ... قالغىنى سۇيارىز بىلەن رېينا غا ئامانەت ...  |