ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 35 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ تىمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى....ئۆتكەن يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە مۇسابىقە باركەن دەپ مەكتىپىمىزدىن بالىلارنى تاللىدۇق، بۈگۈرنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر قاتنىشىدىغان مۇسابىقە ئىكەنتۇق، مەكتىپىمىزدىكى بالىلارنى ئازراق مەشىققە سالىدىغان ئادەم يوق ،(مەن بولسام تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇمىغان بىر قىز ئوقۇتقۇچى ، تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئايال مۇئەللىمنىڭ يا چولىسى تەگمەيدۇ، )ھېلىقى بالىلار دەرستىن چۈشۈپ تازلىق قىلاتتى، ئاخىر مەكتەپ مۇدىرىغا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بالىلارغا مەشىق قىلىش پۇرسىتى بەرمەمدۇق؟دىسەم بۇ باللا قانچىلىك توپ تەپمەكچىتى دەپ گېپىمنى بىر تىيىن قىلىۋەتتى، تاللانغان بالىلار ئارىسىدا نەۋرە ئىنىم بولغاچقا ،ئاداشلىرىڭىغا دەپ قوي،چۈشتە بالدۇر كېلىپ توپ مەشق قىلسۇن دىسەم،چۈشتە بالدۇر كەلسەكمۇ دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدۇ،شۇڭا كەتمەيلى دىيىشىۋاتىمىز دەيدۇ، قېنى كىم كىرگۈزمەيدىكەن، مەنمۇ تەڭ كېلەي، مەن كىرگۈزۋىتەي سىلەرنى دەپ ئىككى كۈن مەشىق قىلىۋالدى......
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى ، كۆزگە ئىلمىغان چوماق باشنى يارغاندەك باللىرىمىز مەكتەپكە شان شەرەپ ئېلىپ كېلىپ ناھىيە بويىچە 2-دەرىجە بوپتۇ......ئۇكام كېلىپلا قاقشاپ كەتتى، چۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ كوماندىسىدىكىلەر تولىشى تۇلۇقسىزنىڭ باللىرى ئىكەن، ھەم تېخى بىزنىڭ يېزىدىن (چۈنكى بىزنىڭ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يوق).
بۇ باللا قانچىلىك توپ تەپمەكچىتى دىگەن مۇدىرىمىز كالچاراپ تۇرۇپ شۇ بىچارە بالىلار غېرىپسىنىپ تۇرۇپ ئالغان مۇكاپاتىنى يانچۇقىغا سېلىۋالدىغۇ.....خەپ پۇل تاپسام، مۇشۇ بالىلارغا كوماندا كېيىمى ئېلىپ بېرىمەن دەپ نىيەت قىلدىم.
ناھەقچىلىك بەك كۆپكەن، ئىچىم بەك سىقىلدى.... |
|