ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2047 |
تۆھپىسى: سەر |
|
چىلسى كىلەر ھەپتە مادرىت ئاتلىتكا بىلەن ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئوينايدىغىنى ئۈچۈن چىلسى بىلەن يىڭىدىن دەرىجە ئاتلاپ چىققان رىددىن بىلەن چىلسى ئوتتۇرىسىدىكى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 3- ئايلانما مۇسابىقىسى بۆگۈن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 0:45 تە سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىدا ئۆتكۈزىلدى
رىددىن كۇلۇبىنىڭ 51 %پاي چېكىنى روسسىيەلىك ياش خۇجايىن ئانتون.ئابراموۋىچ ئاران 25 مىليۇن فونىد سىتىرلىڭغا سېتىۋالغان بولۇپ مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا پۈتكۈل كۇلۇپنىڭ 100% پاي چېكى بىر توررىسنىڭ باھاسىدىنمۇ ئەرزان بولغان بولىدۇ. 30 ياشلىق بۇ خۇجايىن نۆۋەتتە ئېنگىلاندتىكى ئەڭ ياش كۇلۇپ خۇجايىنى بولۇپ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 3.4 مىرىليارد فوند سىتىرلىڭ بايلىقى بار دىيىلگەن بۇلۇپ بۇ يەنە نۆۋەتتە روسسىيە پۇل مۇئامىلە سىستىمىسىنىڭ ئىچكى جېڭى دىيىلىدۇ
ئابلامۇۋىچنىڭ بايلىقى بولسا 7.6 مىرىليارد فوند سىتىرلىڭ ئىكەن
رىددىن كوماندىسى بىلەن چىلسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان 6 قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ چىلسى 4 ئۇتۇق 2 تەڭلىشىش بىلەن ئۈستۈنلۈكتە
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىلسى سەھرالىقلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن بولۇپ پەقەت يارلانغان دۇئاخاننىڭ ئورنىغا كاھىل چۈشكەن
مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا خارزاد چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يېقىتىۋېتىلىپ لامپارد بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيانقى 2- نوختا توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى
ئەمما قارشى تەرەپ 25- مىنۇتتىكى قايتۇرما ھۇجۇمدا قالتىس چىرايلىق كاللا توپتىن بىرنى 29- مىنۇتتا چىرايلىق ئىختىيارى توپتىن بىرنى ئۇرۇپ چىلسىدىن ئېشىپ كەتتى ، چىلسى مەيداننى كونتورول قىلىپ ئوينىدى رىددىنمۇ بىرقانچە خەتەرلىق قايتۇرما ھۇجۇملارنى تاشكىللىدى ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشقىچە نەتىجە ئۆزگەرمىدى ، چىلسىنىڭ ۋىجىك ئالدى بەللىرى قارشى تەرەپنىڭ بەدەن تىركىشىشى ئاستىدا كۆپ قېتىم يېقىتىۋىتىلدى
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 56 مىنۇت بولغاندا ئوسكار رامىرىسنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى چىلسى يەنىلا نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرەلمىگىنىدىن ئىچى پۇشقان دىماتىئو تەۋەككۇللۇق بىلەن 63 مىنۇت بولغاندا مۇداپىيەدە ئاكتىپ ھۇجۇمدا پاسسىپ بولغان بىردىنبىر ئارقا بەل مىكىلنى چۈشىرىۋېتىپ سىتورىچنى چىقاردى
چىلسىدا لەمپارد ئارقا بەل ئورنىدا تۇرغان بولسىمۇ ئۆزلۈكسىز ئالدىغا بېسىپ كىرىپ پۇرسەت ئىزدىدى
69 مىنۇت بولغاندا چىلسى ئوتتۇرا بىكى كاھىل ئالدىنقى مەيدانغا بېسىپ كىرىپ خارزادنىڭ بەرگەن پېسىنى 25 مىتىر يىراقتىن تىپىپ ۋارتاغا كىرگۈزدى
82 مىنۇت بولغاندا ماتا خارزاد قاتارلىقلار چەكلەنگەن رايۇنندا پاسلىشىپ ئاخىرىدا ئا كولنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغان توپىنى توررىس ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتىن ۋارتاغا كىرگۈزدى توپتا توررىسنىڭ ئۇرۇندىن ھالقىش گۇمانى بولسىمۇ باش رىپىر توپنى ھىساپ قىلدى
83 مىنۇت بولغاندا ئۇدا قاپقا دائىرىسى سىرتىغا توپ تەپكەن ماتا چۈشىرىۋېتىلىپ مىرالىس مەيدانغا چىقتى ۋا ئارقا مەيداندىن ئالدىنقى مەيدانغا ناھايىتى ئۆلچۈملىك بىر ئۇزۇن پاس تاشلىدى.
قۇشۇپ بىرىلگەن مىنۇتلاردا رىددىن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ 94- مىنۇتتا بىر بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئىرىشتى رىددىن كوماندىسىنىڭ ۋارتارىمۇ كىلىپ ھۇجۇمغا قاتناشتى
ئەمما توپ چىلسىنىڭ كونتوروللىقىغا ئۈتۈپ خارزاد 40 مىتىر ئارلىقتا توپنى ئېلىپ يۈگىرەپ قارشى تەرەپ ۋارتاسى يوق پەقەت بىرلا توپچى ۋارتانى قوغداۋاتقان ئەھۋالدا تۆت بەش مىتىر ئارلىقتىن توپنى ئۈزى ئۇرمايشەخسىيەتسىزلىك بىلەن ئارقىدىن يىتىشىپ كەلگەن ئىۋانغا پاس بەردى قورقۇنىشلۇق ئىۋان 2 مەيدان بىرلەشمىدىكى 2- توپىنى ئۇردى
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىلسى ئالدىنقى مەيدان ئەزالىرىدا ئازتۇلا ماسلاشماسلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ خارزاد2 پاس چىقىرىپ بىر نوختا توپقا ئىرىشتى، ئوسكارمۇ يىراقتىن بىر خەتەرلىك توپ تەپتى.
مۇسابىقە جەۋھىرى:
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|