elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2298|ئىنكاس: 44

ئامرىكىدا پۇتبول كۆرمەڭلار(Jeck)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلاۋە:قارىسام ئولىمپىكنىڭ تەسىرى چوڭمۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭمۇ دىگەن تىمىدا بالىلار ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا قاراپلا پۈتۈن دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى تۇرۇپتۇ. ماۋۇ تىمىنى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز جېك 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ئىزدىنىشتە ئىلان قىلغان. دۇنيادا پۇتبولغا قىزىقمايدىغان، ۋاي دىمەيدىغان دۆلەت بار دىگەنگە مىسالغا بۈگۈن بۇ كونا تىمىنى ئورنىدىن قوزغىتىپ ئەكەپ قويدۇم.



دۇنيا لوڭقىسى باشلىغاندىن بىرى پۇتبۇلغا كىرىپ كىتىۋاتىمەن، مەن ئۈچۈن مۇسابىقە ئەتىگەن سائەت 6 دە بىر مەيدان، 9 دا بىر مەيدان، 12 دې بىر مەيدان. شەنبە يەكشەنبە كۈنى بۇلسا تولۇق 3 مەيدان كۈرۇۋاتىمەن، باشقا ۋاقىتلاردا قوپالىسام 6 دىكى مەيداننى چالا پۇلا بولسىمۇ كۈرىمەن، بۇلمىسا مەكتەپكە بېرىپ قاراپ بېقىپ جىددى ئىشلار بۇلمىسا چۈشتە تاماق يەيمەن دەپ قېچىپ قىلىپ بىر مەيدان كۈرۋىتىپ مەكتەپكە كىتىمەن. لېكىن شۇنچە ھەيران قالغىنىم ئامرىكىلىقلارنىڭ پۇتبۇل توغرىلىق چۈشەنچىسى.

مۇسابىقىگە بىرەر ھەپتە قالغاندا مەن بىلەن بىر بىنادا تۇرىدىغان دوسلىرىمدىم ھەممىسىدىن سوراپ چىقتىم "كۈرىدىغانلار بارمۇ" دەپ. لېكىن سورىغانلىرىمنىڭ كۈپىنچىسى "نىمە ئۇ دۇنيا لوڭقىسى دىگەن" دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئۈزەم يالغۈز 32 سوڭلۇق بىر تېلېۋىزۇر ئالدىم. بېرىپ سىملىق تىلىۋىزىيە ئىستانسىغا سىمىلىق ئۇلىدىم. بىر ھەپتىگىچە ئۇلاپ بىرەلمەيمىز دەپ تۇرۋىلىپ، مەن كۈندە تېل قىلىپ ئۇلارنى زىرىكتۈرۈپ ئاخىرى مۇسابىقە باشلىنىدىغان كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن سىمنى ئۇلاپ بەردى. ئامرىكىغا كىلىپ تېخى تېلىۋىزۇرمۇ تۈزۈك كۈرۈپ باقمىغانىدىم. قىززىق تۇيۇلۇپ بىر كۈن قوپماي تېلىۋىزور كۈرۈپ چىقىپتىمەن. بۇ خەقنىڭ ئىلانلىرىنىڭ تۇلىلىقى. لېكىن ئىلانلىرىمى بىر خىل قىززىق بۇلغاچقا ئادەممۇ ئۇنچە زىرىكىپ كەتمەيدىكەن.

ئادەتتە جۇڭگۇدا دۇنيا لوڭقىسىغا بىرەر ئاي قالغاندا بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە سۇھبەتلەر ھەممە قانالدا باشلىنىپ كىتىدۇ. قاچانلا تېلۋىزور نى ئاچسا پۇتبۇلنىڭ فىلىملىرىنى كۈرگىلى بۇلىدۇ. لېكىن مەن دىققەت قىلغان بىرەر ئايدىن بۇيان پۇتبۇل توغرىلىق بىرەر خەۋەرمۇ بىرىپ باقمىدى. باشلىنىدىغان كۈنىمۇ تاكى 15 مىنوت قالغىچە باشقا بىر گولىف، تور توپ، ۋاسكىتبۇل، كىرىكىت، باسبول دىگەندەك توپلارنىڭ مۇسابىقىسنى بەردى، 15 مىنۇت قالغاندا تەنتەربىيە قانىلى ESPN دا رىياسەتچى ئۈزگىرىپ پۇتبۇل بەردى.

مىنىڭ ئۇلىغان سىملىق قانالدا 66 قانال چىقىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە ئاشۇ بىر قانال مۇسابىقە ۋاختى كەلگەندە مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىپ بەرگەندىن باشقا ھىچقايسى بىرې قانالدا پۇتبۇلغا ئائىت خەۋەر چاغلىق بىر نىمە كۈرۈپ باقمىدىم. ئىچىپ پۇشۇپ مەخسۇس پۇتبۇل قانىلى بارمۇ يا دەپ بىلىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرسەم پۇتبۇلنى جىقراق تارقىتىدىغان بىر قانال باركەن. لېكىن ئۇ قانالمۇ ياۋرۇپانىڭ مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن تارقاتمايدىكەن. بىر ھەپتە ئۈتكەندە كۈچۈرۈپ تارقىتىدىكەن. ئۇ قانالنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخى يەنە پۇل تۈلەيدىكەنمەن. بولدىلا دىدىم.

دۇنيا لوڭقىسى باشلىغاندىن بېرى فاكولتىتتكى ساۋاقداشلار، بۇ يەردىكى باشقا دوسلىرىم نۇرغۇن قېتىم يىغىلدۇق. يىغىلغان سورۇندا پۇتبۇلنىڭ گىپىنى قىلىپ باقساممۇ چۈشىنىدىغان ئادەم يوق زىرىكىپ كەتتىم. بىكار بولساڭلار كىلىڭلار بىزنىڭككىدە كۈرىمىز دىسەم بىر قانچىسى ئەتىسى كەپتۇ. ئىككى سائەت مۇسابىقە تۈگەپ بۇلغۈچە زىرىكىپ تاس قالدى بىر نىمە بوپ قالغىلى."توپ كىرمەيدىغان ئويۇنكەن بۇ. قىززىمايدىكەن. ئىككى سائەت قاراپ ئولتۇرسا كىرگەن توپ ئاران ئىككى ئۈچ" . ھەي، چۇشەنمىسە ئامال يوقتە. ئىككى سائەت كىچىك بالىغا چۈشەندۈرگەندەك ھەممە نىمىنى چۈشەندۈرۈپ چىقتىم.

ئەڭ قىززىقى بۇلارنىڭ توپ چۈشەندۈرۈدىغىنى. بۇلار نەدىن تېپ كەلدىكى ئىككى چالا چۈشەندۈرگۈچىنى تېپىپ كەپتۇ. بۇلارنى چۈشەندۈرگۇچى دىگەندىن كۈرە قىززىتىپ بەرگۇچى دىيىش توغرىكەن. بۇلار ئىشتىن سىرتقى ياكى بۇرۇن ۋاسكىتبۇل چۈشەندۈرگەنلەر ئوخشايدۇ. كەسپى توپ چۈشەندۈردىغان ئادەملەردىن ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدۇ.قاراپ باقسام جۇڭياڭتەينىڭ چۇشەندۈرگۈچىلىرى بۇلارغا دەرىس سۈزلىيەلەيدىكەن. تېخى ئاڭلىغۇچىلارنى چۈشەنمىسۇن قالمىسۇن دەپ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە زىرىكمەي پۇتبۇلنىڭ قائىدىسىنى چۈشەندۈرىدۇ، مەسىلەن، نوپتا توپ دىگەن نىمە، ئەركىن تىپىش دىگەن نىمە. دىگەندەك. ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ توپ چۈشەندۈرۈشلىرى ئالاھىدىن تاشقىرى ماز. ۋاسكىتبۇلنى چۈشەندۈرگەندەك چۈشەندۈرىدۇ. رونالدۇنىڭ ئۇزىنىڭ ۋارتارىغا يىقىن يەردە مۇندالا بىر ئادەتتىكى بىر پاس بەرسە ۋارقىراپ ھالى قالمايدۇ."ئەنە رونالدونىڭ پۇتىغا توپ چۈشتى، ئوڭقا ماڭدى، سولغا ماڭدى، كارلوسقا پوس بەردى، بەك چىرايلىق پوس بەردى، رونالدۇنىڭ چىرايى بىر خىل تۇرىدا، خوشال ئەمەستەك. نىمە بۇلغاندۇ. 60 مىنوت بۇلدى رونالدۇنىڭ پۇتىغا ئاران ئىككى توپ چۈشتى. بىرازىلىيەلىكلار توپنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناپ چوڭ بۇلامدىغاندۇ" . تۈنۈگۈن ئەنگىليەدىن كەلگەن بىر دوستۇم بۇلىدىغان، شۇنىڭ قېشىغا بارسام بۇلارنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرىدىن زىرىكىپ تېلۋىزورنى قويۇپ ئاۋازنى ئىتىۋېېتىپ ب ب سى نىڭ رادىيودا تارقاتقان ئاۋازنى قويۇپ قويۇپتۇ. نىمە قىلىۋالدىڭ دىسەم بۇلارنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرىنى بىر سائەت ساۋاتسىزلار دەپ تىللىدى.



پۈتۈن دۇنيادا پۇتتا ئوينايدىغان بۇ توپنى پۇتبۇل دىسە ئامرىكىلىقلار بۇنى سوكېر دەپ ئاتاپ پۇتبۇل دەپ باشقا بىر توپنى ئاتايدۇ. قىززىق يىرى بۇلارنىڭ پۇتبۇلىنى پۇتتا ئوينىماي قولدا ئوينايدۇ. خەلقارا پۇتبۇل بىرلەشلەسمىدىكلەر "ئۈزەڭلار ئايرىم ئىسم قويۇۋالماي قولدا ئوينايدىغان توپۇڭلارنى قولبۇل دەپ ئاتاپ سوكېر نى پۇتبۇل دەپ ئاتىساڭلار بولمامدۇ، پۈتۈن خەلقارادا شۇندا ئاتىغاندىكىن " دىسە بۇلار "سىلەر پۇتبۇلنى سوكېر دەپ ئاتىساڭلار بۇلمىدىمۇ، نىمانداق مۇرەككەپ قىلىۋىتىسلەر جاۋاپ بىرىپتۇ"
مەن ئۇقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ 40مىڭ ئۇقۇغۇچىسى بار، مەن تۇرۋاتقان باش مەكىتىۋىدە 22 مىڭ ئوقۇغۇچى بار. لېكىن ئۈلچەملىك بىرمۇ پۇتبۇل مەيدانى يوق. قارىسام ئىككى ئورۇنغا ئادەتتىكى مەيداننىڭ يېرىمىغىچىلىق كىلىدىغان يەرگە چىم ئۈستۈرۈپ مەيدان قىلىپ ۋارتار قاداپ قويۇپتۇ. لېكىن ئادەتتە بىرەرسىنىڭ پۇتبۇل تەپكىنىنى كۈرگىلى بۇلمايدۇ. شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئاسىيالىقلار، ئانچە مۇنچە ياۋرۇپالىقلار توپ تىپىپ قويىدۇ.

بۇلار ۋاسكىتبۇل، باسبول، دىگەندەك نەرسىلەر بۇلسا ئۈلەپ بەرمىسىمۇ كىسەل بۇپ بەرگىلى تاس قالىدىكەن. ھەتتا ESPN دا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بىرىۋاتسىمۇ تىگىدە گولىف، ۋاسكىتبۇل، باسبۇل نىڭ ئەڭ يىقى مۇسابىقىسنىڭ خەۋەرلىرىنى مىدىرلىتىپ بىرىپ دىققىتىمنى بەك بۇزىدۇ. جىلە بوپ كىتىمەن. مۇسابىقە ۋاختى توشقاندىلا شۇ ھامان بىرىۋىتىپ تۈگىسە شۇ ھامان يەنە ئۈزىنىڭ تۈگىمەس باشقا توپلىرىغا چۈشۈپ كىتىدۇ. تەھلىللەر، قىززىق خەۋەرلەر، شۇ كۈنلۈك چىرايلىق چۈشكەن توپلار دىگەندەك مۇسابقىنى قىززىتىدىغان گەپلەرنىڭ بىرسىمۇ يوق. ئاڭلىسام بۇلارنىڭ تىلىۋىزييە ئىستانسىلىرى پۇتبۇل خەۋىرى بەرگىلى بەك ئۈچمىش، چۇنكى ئادەم كۈرمەسمىش. ئەڭ مۇھىمۇ 90 مىنوت ئىلان بەرگىلى بۇلماي كىرىمىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزەرمىش. كۈرگۈچىلەرمۇ ئىككى سائەت بۇندا ئۇزۇن، يا چۈشكەن توپنىڭ تايىنى يوق، ھاياجانلىغىل بۇلمايدىغان نەرسىلەردىن زىرىكىپ قالارمىش،

ھەي، ئىشقىلىپ ئامرىكىدا پۇتبۇل پەقەت قىززىمايدىكەن، بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مەن ئۈچۈن پەقەت قىززىمىدى. ھەرگىز بۇ يەردە پۇتبۇل كۈرمەڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىدەك تەرەققى قىلغان دۆلەت ئەسلىدە پۇتبولغا بولغان تەرەققىياتنىمۇ تىزلىتىشى كىرەك ئىدىغۇ ؟
تازىمۇ بىمەنىلىكتە بۇ !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ يەردە ، زەيتۇن توپ ، كالتەك توپ ،ۋاسكىتبولنى ئاساسلىق ئوينايدۇ ، كىنولىرىدىمۇ شۇ توپلار بەك جىق چىقىدۇ .

لىكىن يېقىندا ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان تەشۋىقاتلىرىمۇ خېلى كۆپەيدى . ياۋروپادىكى چولپانلار كۆپلەپ ئامرىكىغا كېتىۋاتىدۇ ، 2010-يىلى ئوباما ئۆزى چىقىپ پۇتبول كوماندىسىنى ئۇزىتىپ قويغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا  قاملاشماپتغۇ
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا    قاراپ ، دۇنياغا ھۆكۈم چىقارغىلى  تۇرۇپتۇ.....

بۇ گەپنى  ياخشى  دەپسىز...   
بىر  ئادەمنىڭ مىكرو بىلوگىغا  يېزىپ قويغان ماقالىسى  ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ  ياكى نوپۇزلۇق ئورگانلار سىتاستىكىلاپ چىققان پاكىتلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟؟

«Jeck»  بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ بۇ ئىسىمنى ئامرىكىلىقلار  ئادەتتە  « ھاماقەت »  دەپ  قوللىنىلىدۇ. لوغەتتىن ئاختۇرسىڭىزمۇ  شۇ  مەنىسى  بار...
   
    ئىسىم  بىلەنغۇ  كارىمىز يوققۇ ....ئەمما  ، مۇشۇ مۇنبەردە  يوللانغان  يەنە  بىر  تىما   بار ئىدى. « چېمپىيۇن بولغىن ئامرىكا »  دەيدىغان...شۇ ماقالىدە ، ئامرىكىلىقلارنىڭ  يېقىنقى يىللاردىكى پۇتبول قىزغىنلىقى ھەمدە ئۈزلۇكسىز ئېشىۋاتقان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئېنىق سىتاستكىسى  بار. ئۇنىڭسىزمۇ ، ئۇ  بىر  ئامرىكا  ئەلۋەتتە  پۈتۈن  دۇنيانىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا  ۋە  دۇنيا لوڭقىسى كۈرۈش  قىزغىنلىقىغا ۋەكىللىك  قىلالمايدىغىنى  ئېنىق....ئەمما ئامرىكىلىقلارنىڭ  بارغانسىرى دۇنيا لوڭقىسىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىمۇ  بىر  ئەمەلىيەت. ئىنگىلىزچە  بىلسەڭلەر ، گوگۇلغا «ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە دۇنيا لوڭقىسى »  دەپ  باسساڭلار  ،  ھازىرقى ئامرىكا جەميىتىدىكى پۇتبول قىزغىنلىقى سىتاستىىكىلىرى  بىلەن  بار...بەيدۇ ئىزدەش قانىلىدا خەنزۇ تىلىدا  ماتىريال ئىزدىسەڭلەرمۇ  بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-15 19:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق چىدىماسلىق قىلساڭلار، ئەمدى گەپ يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:30:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن ئوغلىناخۇن دەششەت سۆزمەن بوپ كىتىپتا،  كەلتۇرگەن  پاكىتلىرىنىڭ ئاساسى با جۇمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېماڭلىنى ئوقۇپ بەزىبىر ئاتالغۇلاردىن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» دىگەن كىتابى ئېسىمگە كېلىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 19:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى nasinدە2012-08-15 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مانداق چىدىماسلىق قىلساڭلار، ئەمدى گەپ يوق
ۋاي بۇ  قانداق چىدىماسلىق بولىدۇ ناسىن موللام...
  مۇنازىرە  دىگەن  شۇ مۇشۇنداق  بولىدىغان گەپ..ھەرخىل  پىكىر بولغاندىلا  مۇنازىرە بولمامدۇ...ھەممىزنىڭ پىكىرى ئوخشاش بوپ  قالسا، ئەتىگىنى رادىئو گىمناستىكىسى ئوينىغانغا ئوخشاش، ھەممەيلەن بىر  قېلىپتا قۇيغاندەك بوپ قالمامدۇق....   مۇشۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ بوپ  تۇرغىنى  ياخشى ئىش  ئەلۋەتتە............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 20:28:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دىدىمغۇ بۇ مۇنازىرىنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ . ھەممە ئادەم ئۆز كۆز قارىشىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 20:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىلى ھەيران قاپتىكەنمەن.بېھكام لوس ئانژىلىس سامان يولى كوماندىسغا يۆتكەلگەندىن كېيىن،بىر مۇخبىر نۇرغۇنلىغان لوس ئانژىلىس پۇخراسىدىن بېھكامنى تونۇيدىغان تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغاندا 70% دىن يۇقىرى شەھەر ئاممىسى « تونۇمايدىكەنمىز » دەپ جاۋاب بەرگەن.پۇتبول ساھەسىدە زور ئابرويغا ئىگە،شۇنچىلىك بىر نوپۇزلۇق بىر پۇتبولچىنى تونۇماسلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.كېيىن ئامېرىكا خەلقى ھەرقانداق بىر داڭلىق پۇتبولچىنى دېسە،«تونۇمايمىز» دەپ جاۋاب بېرىشىگە ھەيران قالمايدىغانمۇ بولدۇم ! چۈنكى ئامېرىكا ئەزەلدىن پۇتبولغا قىزىقمايدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 20:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى پارلاقدە2012-08-15 20:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەينى يىلى ھەيران قاپتىكەنمەن.بېھكام لوس ئانژىلىس سامان يولى كوماندىسغا يۆتكەلگەندىن كېيىن،بىر مۇخبىر نۇرغۇنلىغان لوس ئانژىلىس پۇخراسىدىن بېھكامنى تونۇيدىغان تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغاندا 70% دىن يۇقىرى شەھەر ئاممىسى « تونۇمايدىكەنمىز » دەپ جاۋاب بەرگەن.پۇتبول ساھەسىدە زور ئابرويغا ئىگە،شۇنچىلىك بىر نوپۇزلۇق بىر پۇتبولچىنى تونۇماسلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.كېيىن ئامېرىكا خەلقى ھەرقانداق بىر داڭلىق پۇتبولچىنى دېسە،«تونۇمايمىز» دەپ جاۋاب بېرىشىگە ھەيران قالمايدىغانمۇ بولدۇم ! چۈنكى ئامېرىكا ئەزەلدىن پۇتبولغا قىزىقمايدىكەن
بىرەر ئامرىكىلىق  بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باققانمۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 23:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش