akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3681|ئىنكاس: 35

شۇنداق بىر كىشلەر بار ③

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شۇنداق بىر كىشلەر بولغان، ‹‹كىم بىز ئۈچۈن توپ تەپسە، بىز شۇنىڭ مەستانىسى›› دېگەن شوئارنى توۋلاپ، مەيلى ئىسسىق، ۋە ياكى مەيلى سوغۇق دېمەي، ئۆز كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ھەرقانداق توسالغۇلاردىن ھالقىپ بولسىمۇ ئۆز كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈدىغان، ھەتتا ئاشۇ پىشغىرىم ۋە قەھرىتان سوغۇقلاردىمۇ، ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن ، جېنىنىڭ بارىچە قوللاپ، جىنىنىڭ بارىچە مەدەت بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدەتلىرىدىن كىممۇ تەسىرلەنمىسۇن؟ ياق، كىملا كۆرسۇن بەلكىم ‹‹ئېلىشپ قالدىمۇ نېمە؟›› دېيىشى تۇرغانلا گەپ، ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك ئۆسەك سۆزلەر بۇلار ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مەستانە، چۈنكى ئۇلار پۇتبولغا ھېرىسمەن، بەلكىم پۇتبولغا بۇنچىلىك قىزىقىش ۋە بۇنچىلىك ئىشتىياقى بار مىللەتنى بەلكىم تاپقىلى بولماسلىقى مۇمكىن، مانا بۇلار پۇتبول سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتى، مانا بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر مىللەت، ئالغا ئۇيغۇرۇم، ئالغا!!!


شۇنداق بىر كىشلەر بولغان، ئۆز كوماندىسى جۈملىدىن ئۆز مىللىتى ئۈچۈن توپ تېپىدىغان، ئاجايىب بىر كىشلىرىمىز بار، مىللەت ئۈچۈن شان-شەرەپ ئېلىپ كىلىۋاتقان، پۇتبول مەيدانىدا ھەممىنى ھاڭ-تاڭدا قالدۇردىغان ئاجايىب ئەزىمەتلىرىمىز بار، مىللەتنى بارا-بارا ئىچكى ئۆلكىلەرگە تونۇتىۋاتقان....بەلكىم يەنە شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، يەنى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ پۇتبولچىلىق دۇنياغا داڭ كېتىشى مۇمكىن، شۇ كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئارزۇلاپ كىلىۋاتقان....بۇ ئەزىمەتلىرىمىز يىڭىلمەس باتۇرلار، مۇسابىقىدە يىڭىش-يىڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئىرادە، ئۇلار ئىرادىگە يىڭىلمەيدۇ، ئىردىسىنى ، ئىشەنچىسىنى يوقاتمايدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر يېڭىش...مانا بۇلار ئۇيغۇر توپچىلىرى، مانا بۇلار شىنجاڭنىڭ ئەزىمەتلىرى، مانا كەلگۈسىدە بۇلار دۇنيانىڭ ئەزىمەتلىرى بولغۇسى......


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز باركى، بىز ئۇيغۇرلار ھەر يۇرتقا جايلاشقان، ئارلىق يىراق بولسىمۇ ئارلىقنى يىراق قىلماي كىلىۋاتقان كىشلىرىمىز، شىنجاڭ كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىنى نۇرغۇن ئۇيغۇر مەستانىلىرىمىز كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئارلىق يىراق....ئەمما شۇنداق ياخشى نىيەتلىك كىشلىرىمىز باركى، ھەربىر مۇسابىقىنى ھاردىم-تالدىم دېمەستىن، بار كۈچى بىلەن نۇرغۇن رىياسەتچىلەردىنمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى روياپقا چىقىرۋاتقان، چۈنكى ئۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئاڭلىدۇق ۋە  خۇددى كۆز ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىدەكلا بىلىنىدۈرۈپ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ، ناۋادا ئۇلار بولمىسا نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى كۆرەلمەي ئىچىمىز پۇشىشى ئېنىق ئىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ئىشلارنىمۇ ئىزچىل ياخشى قىلىۋاتقان كىشلىرىمىزدۇر، ئۇلار نەچچە سائەتلەپ گەپ قىلسىمۇ، بىر ئېغىز ھاردىم دېمەيدۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقان، مانا بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرىدۇر...........


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز باركى، پۇتبول ئوينىسا تۇلپار كەبى ۋە ئالاھىدە سەۋىيەدە ئوينايدىغان، بەلكىم نۇرغۇن توپچىلارمۇ ئۇنىڭدەك ئوينىيالمايدۇ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرى، ئۇ ئەگەر ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈرسە مىللەتكىمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈرسە، مىللەتمۇ بارا-بارا تونىلىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ، ناۋادا ئۇ خۇشال بولسا ، مىللەتمۇ كۈلىدۇ، ناۋادا ئۇ قايغۇرسا مىللەت ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدۇ، ‹‹ ۋاھ، بۇ قانداق مىللەتتۇ ؟ ›› دەپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن، مانا بۇ  بىز ئۇيغۇر مىللىتى، قەيسەر ، چىدامچان ئۇيغۇر مىللىتى، بىزدە مۇشۇ ئىقتىدار بولغاچقا مىللىتىمىزدىن مۇشۇنداق تالانتلىق كىشلەرنىڭ چىقىشى ھەرگۈز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن توپ تەپمەيدۇ، ئەكىسچە مىللىتى ئۈچۈن توپ تېپىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر!


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز باركى، مىللىتىنىڭ پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان، مىللىتىنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنى روياپقا چىقىرۋاتقان، مىللىتىدىن تالانتلىق پۇتبولچىلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارتىپ بېرىۋاتقان ، تالانتلىق مىللىي پۇتبولچىلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئاشۇ مايسىلارنى تەربىيلەۋاتقان، بەلكىم ئۇلار تەربىيەلەۋاتقان مايسىلار كەلگۈسىدە جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىدىكى تەسىرى زور پۇتبولچى بولۇشى مۇمكىن، ياق، بەلكىم دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنى بەلكىم قانداق شارائىت ھازىرلاۋاتقاندۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇلار مەخسۇس پۇتبول مەكتىۋى ئېچىپ، پۇتبول سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئارزۇسىنى قاندۇرۋاتقان، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ كىشلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، يەنى مىللەتنىڭ پەخرى، بىز پۇتبول جەھەتتىن بارا-بارا ئالغا بېسىۋاتىمىز، بىز ئۇلارنى قوللايمىز، مەڭگۈ قوللايمىز، چۈنكى بىز ئۇيغۇر!


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز بار، گەرچە كىچىك بولسىمۇ نۇرغۇن چوڭلاردىنمۇ ياخشى توپ تېپىدىغان، مەن چوڭ ۋە ياكى كىچىك دېمەي ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كىشلەرنى ئاجايىب - غارايىب ئويلارغا سېلىۋەتكەن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ خەقنىڭ يۇرتىدا كۆنەلمەسلىكى ۋە كىلىماتىغا ماسلىشالماسلىقى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇلار چىدامچانلىق روھى بىلەن ، كۆنەلمىدىم ، قىلالمىدىم دېمەي ، شۇيەردىكى ھېچقانداق كوماندىغا يىڭىلمەي چىمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان، ئۆسمۈر توپچىلىرىمىزدۇر، ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە مۇنۇ بىر كۆز قاراشنى قالدۇردى يەنى ‹‹ باللىلىرى بۇنچىلىك ياخشى ئوينىغان يەردە ، چوڭلىرى قانچىلىك ئوينار؟›› دېگەندەك، ئەنسىرەشلەرنى قالدۇرۇپ قويدى، قىسقىسى ئۇلار شۇ يەردىكىلەرگە ئۇيغۇرنىڭ قانداقلىقىنى تونۇتۇپ قويدى، ھۇررا كىچىك ئەزىمەتلىرىمىز داۋاملىق ئالغا!!!


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز باركى، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن بىر نەرسىسىنى ئاياپ ئولتۇرمايدىغان، مىللىتى ئۈچۈن قىسقىسى مىللىتىنىڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن قوللاشلارنى ئايىمايدىغان، جۈملىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان، ئەگەر شۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسا، نە پۇتبول كىيىمى نە پۇتبول ئايىغى نە پۇتبول مۇسابىقىسى، ئۇلارنىڭ ياردىمى كىچىك جەھەتتىن بالىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلسە چوڭ جەھەتتىن مىللەتكە شەرەپ ۋە شاد-خۇراملىق ئېلىپ كىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياردەملىرىنى ھەرگۈز ئۇنۇتمايمىز، كونىلاردا ‹‹ بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ›› دەيدىغان گەپ بار،بىز ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ئۇنۇتمايمىز، چۈنكى بىز ئۇيغۇر!!!


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز بار، تېلۋىزور ھەممە ئائىلىگە ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئادەم تېلۋىزور كۆردىغان بولدى، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردەك پۇتبول خۇمار خەلىقنىڭ تېلۋىزوردىن پۇتبول رىياسەتچىلىرىنىڭ بولۇش ئارزۇلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنلەردە ئەمەلگە ئاشتى، بىرقىسىم جاپاكەش رىياسەتچىلىرىمىز كەچ ۋە ياكى كۈندۈز دېمەستىن ، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ تۇرۋاتقان، توختىماي چۈشەندۈرۈپ ئېغىزىنىڭ تېلىۋاتقىنىنى ۋە مەڭزىدىن چۈشۈۋاتقان تامچە-تامچە تەرلەرنى سەزمىگەن ھالدا ئۇيقۇسىنىمۇ قازا قىلىپ ، خەلىقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۋاتقان ئاجايىپ كىشلىرىمىز بار، ئۇلار نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىۋاتماقتا، بارچە ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارغا رەھمەت دېگۈسى كىلىۋاتىدۇ.....


شۇنداق بىر كىشلىرىمىز بار، ۋاقتى بولسىلا پۇتبول ئويناپ خۇشاللىق تاپىدىغان، بۇ ئاغىنىلەر بىر يەرگە يېغىلىشسا، پۇتبول خۇمارىنى باسالمايدۇ، كۈلۈشۈپ -تېلىقىپ، سائەتنىڭ نەچچە بولغىنىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تېپىپ، توپ تېپىپ ھارغاندا، پۇتبول توغۇرلۇق مۇنازىرىگە چۈشۈپ چاقچاقلىشىپ بۇ بىر كۈنىنىنى ئاجايىپ خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ،ئۇلار بىر يەرگە يېغىلسا، دېيىشمەيدىغان گېپى قالمايدۇ، پۇتبول توغۇرلۇق پاراڭلىرى تۈگىمەيدۇ، مانا بۇلار پۇتبول سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتى ، مانا بىز ئۇيغۇر پۇتبول سۆيەر خەلىقدۇرمىز، پۇتبول بىزنىڭ بىردىنبىز كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنىمىز، چۈنكى بىز پۇتبول سۆيەرلەر!!!


ئاجايىپ كىشلىرىمىز بار، بۇرۇنلاردا پۇتبول خەۋەرلىرى تېلىۋىزوردا ئاندا-مۇندا ئۇچىراپ تۇراتتى، پۇتبول بىلىمىگە تېلىۋىزوردىنلا خەۋاردار بولالايتتۇق، ئەممە شۇنداق بىر كىشلىرىمىز بىزگە ئاجايىپ قولايلىقلارنى ياراتتى، ئەلۋەتتە بۇ شارائىتنى بىزگە ھەقسىز يارىتىپ بەردى، پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىمىز شۇنىڭدىن تارتىپ باشلانغان بولسا كېرەك، ئۇ بىزگە تور دۇنياسىدىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا ، ئۇيغۇرچە بولغان ، پۇتبول مۇنبىرىنى ھازىرلاپ بەردى، ئەلۋەتتە بۇ مۇنبەردە تېلىۋىزوردىمۇ كۆرەلمەيدىغان پۇتبول خەۋەرلىرىنى مۇشۇ مۇنبەردىن بىلەلەيمىز، ئۇيغۇرچە ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ قولايلىق بىر خەۋەر ئامبىرى، مۇنازىرە جەڭگاھىنى يارىتىپ بەردى،شۇ كىشى بولغاچقا ، بىزنىڭ پۇتبولدىن ئىبارەت تەنھەركەت چۈشەنىچىمىز تېخىمۇ بېيىدى، شۇ كىشى بولغاچقا، پۇتبول توغۇرلۇق بەس مۇنازىرىگە قاتنىشالىغانىدۇق، شۇ كىشىنىڭ قولىغا دەرت بەرمىگەي..........


تامام!
ياختۇرۇپ ئوقۇغايسىزلەر

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +80 يىغىش سەۋەبى
ئاتېللا + 50 ئىجادىي يازما
سىرداش + 30 ئىسىل يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىڭمۇ قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي،راس دەيسىز   
  ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ بۇتىمىنى مىنىڭچە چوقوم نادىرلايدۇ   شۇنداقمۇ............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:07:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تىمىلار جىق چىقىپ تۇرسا دەيمەن ..مۇزىكا بىلەن شۇنداق ماسلىشىپتۇ !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر كىشىللىرمىزمۇ بار
ئۈزى باشقا تىللىق تىمىلارنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا تەرجىمە قىلىپ مەندەك ئۇيغۇرچىنى ئاران بىلىدىغان پۇتبول مەستانىللىرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇدىغان ،ئۈزىگە قىلچە پايدىسى تەگمىسىمۇ ھاردىن تالدىم دىمەي بىزنى ھۇزۇرلاندۇرۋاتقان،سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر          
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماندىمىزنىڭ مۇسابىقىسىنى بىر نەخمەيداندا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم، ئارلىقتا ئۈرۈمچىگە بارغاندىمۇ ۋاقىت توغرا كەلمەي قالدى، بۇ پەسىل ئاياغلاشقىچىمۇ پۇرسەت يوق ئوخشايدۇ، ئاللا خالىسا كىلەركى پەسىل بىر بارامەن.
تېما ئىسىل چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:19:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازراقلا يىرى چالا قاپتۇ...تاسلا قاپتىكەن نادېر تىمە بولاپ كەتكىلى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتىمىنىڭ ئگىسىگە كۆپرەھمەت ئاللاقولۇڭلىغادەرت بەرمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-14 23:36:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ئۇيغۇرزادەدە2012-08-14 23:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئازراقلا يىرى چالا قاپتۇ...تاسلا قاپتىكەن نادېر تىمە بولاپ كەتكىلى   

قانداق يېرىنى دەيسىز؟ تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەنى دېسىڭىز ، تولۇقلاپ تەھرىرلىۋەتسەم بولىدۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى ئسىل يىزىپسىز....ئىشلەتكەن جۈملىلەرمۇ ئادەمنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككۈدەك چىقىپتۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-14 23:50:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىسىل چىقىپتۇ ...كىچىك پالۋاننىڭ مۇشۇ كۈنلەردە  كارامەتلىرى ئىسىل بوپ كىتپ بارىدۇ جومۇ.

بۇلار ھەممىسى بىز ئۈچۈن سۈيۈملۈك كىشلەر.

لىكىن بىر ئۇيغۇر بىز ئۈچۈن توپ تەپسە  بىز شۇ ئۇيغۇرنىڭ توپ مەستانىسى دىگەن پەقەت ئاغزىدىلام بار قوروق شوئار..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 00:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىپسىز ،  نادىر تىما !  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-15 01:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر كىشلىرىمىز بار كىچىنى كىچە ، كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي ، ئىش ۋاقتى ياكى دەم ئىلىش دىمەي بىز ئۈچۈن بارلىقىنى قوربان قىلىپ يىڭى يىڭى بىلىملەردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تورىدىغان ( توپ تەپكۈچىنى دىمەكچى ) رەخمەت توپ تەپكۈچى جاپا چەكتىڭىز !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش