ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1822 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇگۈن سەھەر خانلىق مادىرىد ئامىرىكا سەپىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى شوتلاندىيە بىرلەشمىسىدىكى كېلتىكلىقلار ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى نەتىجىدە مادىىرىد ئالدىنقى مەيدان كالىخوڭنىڭ كىيىنكى مەيدان بېنزىمانىڭ بىردىن توپى بىلەن 2:0 يىڭىپ ئۇدا 4 قىتىم يىڭىشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئامىرىكا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى ،بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر پاجىئە يۈز بەردى .يەنى ئەمدىلا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن ساھىن مەيدانغا چۈشۈپ 2مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسى ماكجىئوچنى يارلاندۇرۇپ قويدى . 19ياشلىق بۇ ياش ماھىر شۇ زامان ھوشسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلدى .
ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق ، مۇسابىقە ئوينىلىپ 70 مىنۇت بولغاندا مۇرىنىئو كونتىراۋنى مەيداندىن چۈشىرىپ ئورنىغا ساھىننى چىقاردى ، ساھىن سول بىك ئورنىنى ئوينىدى 2مىنۇتتىن كىيىن ئوتتۇرا مەيداندا ماكجىئوچ يۇقرىدىن كەلگەن توپنى كاللا بىلەن ئۈسسىگەن ،بىراق توپ تالىشىشتا كىيىن سەكرەپ قالغان ساھىن ئۇنى ئۈسسۈپ سالغان ،ساھىننىڭ سول دولىسى ماكجىئونىڭ يۈزىگە قاتتىق سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ شۇ زامان مەيدانغا يىقىلغان .
ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىكلىنى سەزگەن ساھىن شۇ زامان مەيدان سىرتىدىكى داۋالاش ئەتىرتىگە ئىشارەت قىلىپ قۇتقۇزۇش تەلەپ قلىغان ، داۋالاش ئەتىرتى دەرھال مەيدانغا يىتىپ كەلگەن ،بۇ ۋاقىتتا ماكجىئوج ھوشسىز ياتقان بولۇپ دوختۇرلار ئۇنىڭ ئىڭەك سۆڭىكىنىڭ سۇنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ نەق مەيداندا ناسىلكىغا مۇقۇملاشتۇرۇپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان .
گەرچە رىپىر ھىچقانداق جازا ھۆكۈم قىلمىغان بولسىمۇ لىكىن ، قارشى تەرەپنى مەقسەتسىز يارلاندۇرۇپ قويغان ساھىن بۇ ئىشتىن كۆڭلى ئىنتايىن پەرىشان بولغان . |
|