akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4170|ئىنكاس: 76

مۇنبەردىكىلەر كىرىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :

ماڭىمۇ شۇنداق قىلىپ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى بىر يىلدىن ئېشىپ كىتىپتۇ .ئىلگىرى بىر نەچچە تور بەتلىرىدە يۈرۈپ ئاخىردا مۇشۇ مۇنبەردە توختاپ قاپتىمەن .شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل مۇشۇ مۇنبەردە ،بۇنىڭغا  بۇ مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ پۇتبول بىلىمىنىڭ يۇقىرىلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولدى دەپ قارايمەن .بۇ جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرنى بىلىۋالدىم .ھەمەيلەنگە ئايان ،پۇتبول مۇنبىرى بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مۇنبەر ،زىيارەت سانىمۇ باشقا پۇتبول مۇنبىرىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى چوڭ سالماقنى ئىگەلەيدۇ .
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،مەن ئانچە -مۇنچە خەۋەر يېزىپ بېقىپتىمەن ،لېكىن تەكلىپ- پىكىر بېرىپ باقماپتىمەن .كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ئىش ئانچە ياخشى ئەمەس، يېقىندىن بۇيان بەزى ئۆزەم ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمىنى دەپ ئۆتمەكچى ،چۈنكى مۇنبەردە ھازىر جىددى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان .ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ ھېس قىلغان بۇلىشى مۇمكىن .مېنىڭ ئاساسلىق تەكىلپ پىكرىم : تېما يېزىش جەھەتتىكى ئىملا خاتالىقى بەك ئېغىر ،مۇنبەردە كۆپلىگەن دوستلىرىمىز پۇتبولنى ،شۇنداقلا ئانا تىلىنى ھەقىقى سۆيىدۇ .ھەر بىر خەۋەر يوللىغاندا ،ياكى ئىنكاس يازغاندا خاتا يېزىپ قويماسلىققا شۇنداق كۈچەيدۇ .ھەم بۇ جەھەتتە راۋان ،يازغان تېما ئىنكاسلىرىمۇ شۇنداق ئۆلچەملىك ،خاتا خەتلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ .لېكىن يەنە بىر قىسىم دوستلارنىڭ ئىملا جەھەتتە خاتالىق بەك ئېغىر ،كۈلكە -چاقچاقنىڭ ئورنىدا يېزىپ قويىدىغان ئىشلار مەۋجۇت.مىسال ،مەنمۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر تېمىنى يوللېۋىتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن قارىسام بىر سۆزنى خاتا يېزىپتىمەن .2000 دەك ئادەم كۆرۈپتۇ .شۇلار كۆڭلىدە نىمە دىيىشىپ كەتكەندۇ ،-دەپ ئويلاپ قالدىم .بۇنداق ئىشلار ئېھتىمال باشقىلاردىمۇ كۆرۈلدى .شۇڭىلاشقا كۆپچىلىككە تەكلىپ :ھەر بىر خەۋەر، ئىنكاس يازغاندا قاتتىق دىققەت قىلساق ،يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك بۇ مۇنبەرگە كىرىدىغان ئادەم سانى جىق ،كىشىلەر ھەيران قالمىسۇن .دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا تور بەتلىرىگىمۇ كىرىپ تۇرىدۇ ،بەزى تور بەتلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ھازىر خېلى كۆپلىگەن بىكەتلەردە تىل -يېزىققا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ .خەۋەر يېزىشتا تەرجىمىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئەگەر بىرەر ئىملادا خاتالىق كۈرۈلسە،ياكى پەش -چېكىت جايىدا قۇيۇلمىسا دەرھال ئالدىڭىزغا قايتىپ كىلىدۇ .خەۋەر يوللىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس ،مۇنبىرمىزدىمۇ باشلىقلار كۈچەۋاتىدۇ ،تەھرىرلەپ مېڭىۋاتىدۇ ،لېكىن بەزىدە ئۇلارمۇ يىتىشىپ بۇلالمايدۇ ،مۇنبەردىكى كۆپلىگەن دوستلار ئۇقۇغۇچى ،ئۇقۇشتا قايسى تىلنى كۆپ ئىشىلتىدۇ ؟خەنچە ،مەيلى ئۇقۇغۇچى بولسۇن ياكى خىزمەتچى بولسۇن بىز ھازىر شۇنى كۆپرەك ئىشلىتىپ كىتىۋاتىمىز ،خىزمەت ۋە ئۇقۇش ئېھتىياجى شۇنداق ،بۇ ھەمىمىزگە ئايدىڭ ،ئەگەر مۇشۇنداق يېزىپ ماڭساق كېيىن ئۆزگەرتمەك سەل تەسكە توختىشى مۇمكىن .شۇڭا بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ كەتسەك ( مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە )يەنە بىرسى ،خەۋەر يازغاندا بەزى سۆز ئىبارىلەرگە دىققەت قىلساق ،بۇلۇپمۇ جۇغراپىيەلىك يەر ناملىرى ،داڭلىق شەخىسلەر ،دۆلەت ئىسىملىرى دىگەندەك ،ئۈزىمىزنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن خەۋەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ رەڭدار چىقىرىشقا تىرىشساق ،
مەن يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سەزدىم ،بەزى دوستلار تېما يازغاندا تېمىنىڭ ئىسىمىغا ( ئۇرايىماخۇڭ ) ياكى ( دىۋە ) ( تۆگە) دىگەندەك بەزى ئىسىم بىلەن خەۋەر يوللايدىغان ئىشلار بار ،بىزدەك كۈندە مۇنبەردە ،شۇنداقلا پۇتبول بىلەن ھەپىلەشكىلى ئۇزۇن بولغانلارغا نىسبەتەن بىرلا قاراپ قايسى پۇتبولچى ئىكەنلىگىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ،بىراق مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرگەن ۋە يېڭىدىن پۇتبول بىلەن ئۇچراشقان بەزى دوستلار بۇنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي قالىدۇ ،ھەم خەۋەرنىمۇ تازا چۈشىنەلمەي قېلىشى ئېنىق ،شۇڭىلاشقا تېما ئىسمىغا ئامال بار ئۆز ئىسمى ياكى باشقا ئىسىم بىلەن يېزىلسا ،ئىنكاس يازغاندا ئۇ چاغدا شۇ ئىسىم بىلەن يازساق دىگەن پىكىردە ،
يەنە بىر ئىش ،ئىلگىرى مادىرد بىلەن باسا ،رونالدو بىلەن مېسسى توغىرسدا گەپ بەك كۆپ ئىدى ،نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ كەتكەن .ھەتتا بەزىلەر مۇنبەردىن قېچىپ قالغۇدەك ھالەتكىمۇ يېتىپ قالغان .يېقىندىن بۇيان ھىس قىلىشمىچە ،مۇنبەر ئىتپاقلىغى بەك ياخشى ،بالا كۈندىن -كۈنگە چوڭ بولغاندەك ،مۇنبەردىكىلەرنىڭمۇ تۇنۇشى ئۆسكەندەك ھىسىياتقا كىلىپ قالدىم .بۇ ياخشى ئىش ،يېقىندا بىر تېما يېزىۋىدىم ،ساق 10 بەت ئىنكاس يېزىلدى .يازغان تېمام قىسقىچە ھەم ئاددى،لېكىن بۇ 10 بەتتىكى ئىنكاس ئاز دىگەدىمۇ 15 خەۋەر يېزىشقا يەتكىدەك چىقىپتۇ،شۇنداق جانلىق ،قايىل قىلارلىق ،نۇرغۇنلىغان پۇتبول بىلىملىرى دەل شۇ ئىنكاسقا يىغىنچاقلاندى ،تۇنجار ،تەقدىرىم ،سەرسان ،ئەلبارىس ،يەنە بىر نەچچە دوستلار قىزغىن ئىنكاس جېڭى قىلىشتى .خېلى بوپتىكەن بۇنىداق ئىنكاس كۆرمىگىلى ...باشقىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ شۇنداق ياخشى بولدى ،مەنمۇ قاتتىق سۆيۈندۈم ،مۇشۇنداق ھالەتتىنىڭ يەنە داۋاملىشىشنى ئۈمد قىلىمەن .
ماڭا يېقىندا مۇنبەردىكى كۈلكە ئىسىملىك دوستىمىز بىر يۇمشاق دىتالنى يوللاپ بەرگەن ، ( http://imla.uyghurdev.net/ )قارىسام خېلى بۇلىدىكەن .مەخسۇس ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشايدۇ ،ئىشىلتىش ناھايتى ئاسان ،خەۋەرنى يېزىپ شۇ بوشلۇققا چاپلاپ يۇقۇردىكى ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاش دىگەن يەرنى چىكىپ قويساقلا بىز يازغان خەۋەرنىڭ خاتا يەرلىرىنى كۆرستىپ بىرىدۇ ،كۆرسەتكەن يەرنى يەنە بىر چەكسەك بىر قۇر ئۆلچەملىك تىزىملىك چۈشىدۇ ، ماس كەلگەن سۆزنى تاللاپ قويساقلا بۇلىدۇ .كۆپ دىگەندە پەقەت بەش مىنۇت ۋاقىتلا كىتىدۇ .سىناپ باقارسىلەر ! 10 خەۋەر يازغۇچە چاپلاپ ماڭساق ،ئاندىن كېيىن چاپلاشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدىكەن .چۈنكى بۇ جەريانىدا ئۆزلۈگىمىزدىن ئۈگۈنۈپ كىتىدىكەنمىز ،مەن مۇشۇنى بىلىدىكەنمەن ،مۇنبەردە كۆمپىيوتېر بىلەن ھەپلىشىدىغان دوستلار خېلى كۆپ ،بۇنىڭدىن ياخشى دىتال بولسا يوللاپ قۇيارسىلەر !
بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلمىساق بولمايدىكەن .ئىلگىرىمۇ بۇنداق تېمىلار يوللانغان .بۈگۈن مەن يەنە يوللاپ قالدىم .دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاستا-ئاستا ئۈگۈنۈپمۇ قالارمىز ،بۇنىڭ ھەمىسى يەنىلا مۇنبەر ئۈچۈن ،ئۈزىمىز ئۈچۈن .
ئاخىردا دوستلارنىڭ مۇنبەر ھاياتىنىڭ كۈڭۈللۈك بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 00:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان پىكىركەن ، راسىت دىمىسىمۇ ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 00:59:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن توغرا دىدىڭىز ھازىر مۇشۇنداق ئەھۋالار بەك ئىغىر مەن مۇ بەزى چاغلاردا خەتنى يىزىپ بىر ئىككى كۇندىن كىيىن بەزەنلىرىنىڭ خاتالىقىنى بايقايمەن ۋە تەھرىرلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 00:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ..   ياخشى پىكىر بوپتۇ...قوللايمەن ،،،،،       
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا دىتالى بەك ياىشىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئامېرىكادە2012-08-08 01:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىر چوڭنىڭ بىر كىچىكنىڭ گىپىنى ئاڭلا دەپتىكەن كونىلار...ياخشى تەكلىپ پىكىرلەركەن.
ئىملا خاتالىقى مەنمۇ ئاستا ئاستا ئوڭشاپ ماڭىمەن ئىملا خاتالىقىمنى


بەزى ئىنكاسلاردا ئۈزئارا  چاخ چاخلىشىپ ياپىلاق  تىللىرىمىزنى چىقىرىپ دىيىشىپ قويدىغان ۋاقلىرىمىز بار.
.......
ئەمىركىجانمۇ « ۆ ، ۈ ، ۇ ، و  » ھەرىپلىرىنى جايىدا ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالسا ئىملادا ماشتاق بولاپ كىتىتى . ئېنگلاند بىرلەشمىسى خەۋەرلىرىنى ھەر بىر ئايلانمىنى بىر تەھرىرلەپ چىقىمەن جۇما ، سىلە بىلمىگەن بىلەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفوندا بەزى ھەرىلەر چىقمايتكەن
ەپوقىلارسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ئۆزىمىزدىن باشلايلى،مەنمۇ شۇنداق خاتا يىزىپ قۇيمەن،ئەمدى دىققەت قىلاي.     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-8-8 01:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ئامېرىكادە2012-08-08 01:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

بىلىپ تۇرىمەن،ئارقا سەپتىكى جاپاكەش  باشلىق
ئادەتتە قەغەز  يۈزدىمۇ ئۇيغۇرچە خىتىم  سەترەك  ،دادام كۈرسىمۇ تىللاپ كىتىدۇ.دىدىمغۇ ئاستا ئاستا ئوڭشىلىپ قالىمەن دەپ.
كىچىك ۋاقلىرىمىدا موئەللىمىز 32ھەرىپنى ئۈگەتكەندە  نىمىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولغىيتۇق دەيمەن.
ئەمدى بالاڭلارنى ياخشى تەربىيلىسەڭلەر ، بالاڭلار ئولتۇرۇپ 32 ھەرپنى قايتا ئۈگەتسە بولىدىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-8 01:27:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ « ۆ ،ۇ،ۈ ،و » ھەرىپلىرىنى تېخى يېقىندا ئۈگەندىم ،بىرازىلىيە ئىسىملىك بىر ئۇكىمىز دەل ۋاختىدا ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدى ،ھازىر سەل ياخشى بۇلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىمەن ،لېكىن يەنىلا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەر بار .
ئىنكاس يازغاندا ئەلۋەتتە قىزىقارلىق قىلىپ يازىمىز ،
توپ تەپكۈچى ئارتۇق ئىشلارنى ئويلاپ كىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار ....ئاستا-ئاستا كۈنۈپ قالارمىز .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش