elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2755|ئىنكاس: 29

تاش ئالما ھۇجۇمچىسى ئەسقەر!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدىقى ۋە بۇقىتىمقى  ئىككى  قىتىملىق  مۇسابىقە  جەريانىدا  نۇرغۇن  پۇتبول  خۇمار  دوسلىرمىز  شىنجاڭ كوماندىسى  ۋە كوماندىدىكى  بەزى ئەزالار  توغۇرلۇق  نۇرغۇن  بەس -مۇنازىرلەرنى قىلىشتى  ،كۆپچىلىك  ئەڭ كۆڭۈل بىلىدىغان مەسلە  ئەلۋەتتە  شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىنىڭ  غەلبىسى ، غەلبە  قىلىشتا  ھۇجۇمچىڭ رولى  ئەڭ  مويىم ئەلۋەتتە ،  چۇنكى ھۇجۇمچى  توپ  كىرگۇشتە  ئاساسلىق  ئورۇندا  تۇردۇ .  شۇ  ۋەجىدىن  كۆپچىلىك   تەبىلا  تاش ئالما  ھۇجۇمچىللىرغا  دىققەت  قىلىشقا  باشىلىدى ، ئۇلارنىڭ  توپ كىرگۇزۇپ كوماندىنى  غەلبىگە  باشلىشى  ئادەمنى  سەل  ئەنسىرتىدۇ .  شۇلارنىڭ  ئىچىدىكى  7-نۇمۇر  ئەسقەر  ھازىرغىچە  مىنىڭ  بىلىشىمدە  ئىككىنچى  ئايلانما  مۇسابىقىدە  زاپاس  ئەزا  بولۇپ  مەيدانغا چىققاندا  بىر  توپ  ئۇرغانچە  توپ  ئۇرۇپ  باقمىدىغۇ دەيمەن  ،  ئالدىنقى  قىتىم  ۋە بۇقىتىمقى  شىجاڭ  تاشئالما  كوماندىسىنىڭ  مۇسابىقىسىدىن  كىيىن  بەزى  توپ  مەستانىلىرمىز  ئەسقەردىن  رازى  بولمىغىنى  مۇنبەر  ئۈستىدە  ئىپادىلەپ  كەلدى .  ھەتتا  ئۇنىڭ  ئورنىغا  باشقا  توپچى  تەۋسىيە قىلغانلار  ،ئۇنى  ھاقارەت  قىلغانلارمۇ  ئاندا -ساندا ئۇچقىغانمۇ  بولدى  ،  ئەسقەر  زادى  قانداق  ھۇجۇمچى ؟ بۇ توغۇرلۇق  ئىلگىرى  مۇنبىرمىزگە ‹‹ شىنجاڭ  تاش ئالما  ئەزالار  ئارخىپى ›› دەپ  تىما  يولللانغان  ، ھازىر  بەزى دوسلىرمىز  ئۇتىمىنى  كۆردىمۇ ياكى  كۆرمىدىمۇ   بۇنى  بىلمىدىم   لىكىن  كۆزنى  يۇمۇپلا  سۆزلەپ  كەتتى  شۇڭا   ئەنقەركام  يوللىغان  تىمىدىن ۋە  ئۆزەمنىڭ  ئەسقەت توغۇرلۇق  ئاڭلىغان  كۆرگەنلىرىمگە  ئاساسەن  بۇتىمنى  يىزىشنى  لايىق  تاپتىم  

ئەسقەر  

( بوي ئىگىزلىكى : 176 ،شىنجاڭ قەشقەردىن ، 2002-يىلدىن2004-يىلغىچە شىنجاڭ كوماندىسىدا تۇرغان . مەملىكەتلىك 17 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان ، مەملىكەتلىك 19 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدا 2- بولغان ، مەملىكەتلىك « كوكاكولا لوڭقىسىنى تالىشىش » پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4- بولغان . مەملىكەتلىك “Nike” لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3- بولغان ، 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە يىپىك يولى پۇتبول كوماندىسىدا تۇرغان ، 2007-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان ، 2008-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ، 2009-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 8-نىڭ ئىچىگە كىرگەن ۋاقىتتا 8 توپ ئۇرۇپ ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان . 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىداچىمپىيون بولغان ، ۋە 12 توپ ئۇرۇپ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇپ باھالانغان . 2012-يىلى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا قىتىلغان . (ئەنقەركام  يوللىغان  تىمىدىن  ئىلىندى )

ئەمدى  ئۆزۈم كۆرگەن  ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى  سۆزلەپ  باقاي .
ئەسقەر  پىداگوگىكا ئونۋىرستىتى  2008-يلى بىۋاستە  قوبۇل  قىلغان (تىجاۋ) توپچى  ،  كەسپى  خەنزۇتىلى،  2008-يلىدىن  بىرى  پىداگوگىكا كوماندىسىنىڭ  ھەرخىل مۇسابىقلىرىدە ئۆزنىڭ  بىر كىشلىك  كۈچىنى  چىققرىپ  كەلدى  ئۇنىڭ  كوماندىدىكى ئورنى  موقىم  ،  مويىم  مۇسانىقىلەرنىڭ  ھەممىسىدە  ئۇ  مەيدان بار  ، مەيداندا  ئوتتۇرا  ھۇجۇم  ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ  مەكتەپ  كوماندا كىيىم  نۇمىرى 10  .   پىداگوگىكا كوماندىسىنىڭ  مۇسانىقىسىنى  كۆرگەنلەر  بەلكىم  ھىس قىلغان  بولىشى  مۇمكىن  ئەسقەرنىڭ  مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئىپادىسى  بۆلەكچە  گەۋدىلنىپ  تۇردۇ  2010-يلىدىكى  ئالىمەكتەپلەر  ئارا ئۆتكۈزىلگەن  لىنىڭ  مۇسابىقىسىدە  10مەيدانغا  يەتمىگەن  مۇسابىقىدە 12توپ  كىرگۈزۈپ  ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن  بولۇپ  باھالانغان .
ئەسقەر  مىجەزى  ئوچۇق  چىقىشقاق  كىچىك پىئىل يىگىت  پىداگوگىكا  كوماندىسىدىكى  ئۇنىڭدىن  كىچىكلەرنىڭ  ھەممىسى  ئۇنى  ئەسقەركا دەپ  چاقىردۇ  (بۇ  بەلكىم  كۆپچىلىكنىڭ  ئۇنىڭغا  بولغان  ھۆرمىتىدۇ ) پاداگوگىكا كوماندىسى  تىرىنىرى  دىلمۇرات  مۇئەللمۇ  ئۇنىڭغا  بۆلەكچە  كۆڭۈل  بۈلىدۇ  ،  ئۇ  مەششىقتىمۇ  شۇنداق  ئەستايدىل، توپ ئوينىسىمۇ بەكلا بىرلىپ  ئوينايدۇ  .(  بۇنى  مۇشىنچىلىك  يازاي   ماختاۋەدى  دىمەڭلا )
ئالايدىلىكى ،  پۇت ئاستى  تىخنىكىسى  ياخشى   بۆسۈپ  كىرىشكە  ماھىر ، ھۇجۇم ۋە  ئوتتۇرا  مەيداننىڭ  ھۆدىسىدىن  تامامەن  چىقىدۇ   ،ئورۇن ئىلىش ، توپقا ئىنتىلىش ياخشى  جددىلىشىش  ئاز .(ھازىر  سۇرەت  سەل ئاستىلاپ  قالغاندەك  تۇردۇ  ،   س رونالدو  مەستانلىر ئامراق ھىلقى  س رونالدو  چىقىردىغان  قايچا شەكىلدە  پۇتنىڭ كەينىدە  ئوتتۇرغا  تاشلاپ پاس ئاتىدىغان  ھەركەتنى  س لو دىن  ياخشى ئشلەيدۇ  )
ئەمدى  ھازىر  نىمە  سەۋەپتىن  توپ  ئۇرۇش  ئۈنىمى  شۇنچە  ناچارلىشىپ  كەتتى ؟
مىنىڭچە 1- شىنجاڭ  كوماندىسى ئوتتۇر مەيدان  ئاجىزلىقىدىن  ،  ئوتتۇرا مەيدان ئاجىز  شىنجاڭ  كوماندىسى  ھەرقىتىم  ھۇجۇم تەشكىللىگەندە  بەكلا  رەتسىز  ، بۇنداق  رەتسىز  ھالەتتە  قايسى  ھۇجۇمچى  ئۆزئورننى  تىپىپ  ئۈنۈملۈك  توپ  ئۇردۇ  ،  شۇ  سەۋەپ  ئەسقەردە  ھەرمەيدان  ئالدى  كەينىگە ئۈنۈمسىز  يۈگرەش  كۆپيۈپ  ئۇنىڭ  مەيداندىكى  ھاللىتىنىڭ  تۆۋەنلىشىنى  كەلتۇرۇپ  چىقىرشى  تەبى ، بۇنداق  بولغاندا  ئۈزلۈكسىز  مۇسابىقە  ئويناۋاتقان  بىر  توپچى  جسمانى ۋە  رويى  جەھەتتىن  تەڭلا  چارچاشنى كەلتۇرۇپ  چىقىردۇ.
2-سايىپخان مەيدان  ئەرگوڭ،
ئەرگوڭ  مەيدانى  ئوتتۇرا  ئاسىيا  بويىنچە  چوڭ  مەيدان  بولسىمۇ  لىكىن  مەيدان  تەكشىلىكى  ۋە  چىمنىڭ  سۈپىتى  چوڭ  مۇسابىقە  مەيدانىدىن  خللىالام  ئارقىدا ، چىم سۈپىتى تۆۋەن ھەم  قاتتىق  ئۆسۇپ  كەتسە  تەكشىلمەك تەس   ، بارغانلا  كۆردى  توپ  پۇتبولچىللىرمىز  پۇتىدا  بەكلا  جانسىز  ماڭىدۇ  (مەن  بىر قىتىملىق  مۇسابىقىدە  بەلەت  تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىدىم ،  مۇسابىقە  تۇككەندىن  كىيىن  مەيدانغا  كىررىپ  لوبەننى  ساقلىدۇق  شۇ  جەرياندا  بىرىپ  چىمنى  تۇتۇپ دەسسەپ  سىلاپ  باقتىم   يىرىكلام  چىمكەن   پۇت  چۆكەپ  تۇردۇ )
ئەسقەر  بۇيىل  مەكتەپ  پۇتتۇردى  ئۇنىڭ  كەسپى ھازىر  شىنجاڭدا  بازارلىق  كەسىپ  ئۇ  توپ  تەپمىسىمۇ  خەنزۇ  تىلى  بىلگەندىكىن  خلى ئشلارنى  قىلالايدۇ  ئائىلىسمۇ  تىجارەتچى  دەپ  ئاڭلىدىم   شۇڭا ئۇنى  قارسىغىلام   ئۇنى  بۇنى  دىمەي  سەل  سەۋىرچان  بولىشىمىزنى  ئۆمۇت  قىلىمەن  (مەن  پەقەت  ئۇنى  تۇنىيمەن ھەم كۆرگەن  بىللە  توپمۇ ئويناپ  باققان  لىكىن  ئۇمىنى  تونىمايدۇ  ،  مىنى  نىمە  ئۇنى  ماختاۋىرسەن  دەپ  قالماڭلا  يەنە )    

جىقمۇ  سۆزلەپ  كەتتىم  ،
ئاخرىدا   بۇ  ئەزمىتىمىزنىڭ  بۇندىن  كىيىنكى  ئىشلىرغا  ئامەت  تىلەيمەن  
بۇ ئەزمىتىمىز  توغۇرلۇق  تولۇقلاپ  قويۇشنى  يەنىلام  كۆپچىلىك  بىر نىمە  دىسە  دىگەن  ئۆمۈتتىمەن . بەزى  يەرلەر  خاتا  بولغان  بولسا  ئەپۇ  قىلارسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 01:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاتايىتەن  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ  مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارغان.     سەل شەخسىيەتچىكەن.(  شەخسى قاراش)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 01:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپدېشىم توغرا دەيدۇ !   ئەسقەرنىڭ قانداق توپ ئوينايدىغانلىقىنى پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقىغان ۋە مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلار ئوبدان بىلىدۇ ، ئەمىليەتتە ئەسقەرنىڭ كاللىسى بەك ئوچۇق ، ھەم بەك چاققان بالا ، تېخنىكىسىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ، تاشئالمىنىڭ باش تېرىنىرىنىڭمۇ ئەسقەرنى بۇنچىلىك ئەتىۋارلىشىنىڭمۇ ئاساسى بار ،  بەلكىم ئەسقەرنىڭ كەيپىياتى ۋە ياكى پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن !  
مىنىڭچە ئەسقەر چوقۇم ئۆزىنى ئوڭشىيالايدۇ !   
غەيرەت قىل  ئەسقەر !   ئۆزەڭنى قايتىدىن نامايەن قىلغىن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 01:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ ئۇرالمايدىغان ھۇجۇمچى!!!!!!!!!  ھەر مەيداندا 5-6 توپنى ئىسراپ قىلىدۇ( مەن كۆرگەن مۇسابىقىلەردە) توپ مۇشۇ  بالا  بىلەن يەنە  بىرى  بار 31- نۇمۇر مۇ ئىككىسىنىڭ پۇتىغا چۈشسىلا ھۇجۇم بۇزىلىدىكەن.  توپ تاتتۇرۇپ قۇيىدىكەن! مىنىڭغۇ  بۇلار بىلەن يا ئاداۋىتىم ياكى تۇنۇشلۇقۇم يوق! شۇ ھەق گەپنى قىلىپ  قويدۇم!!!!!! 7- نۇمۇر تىزراق ئۆزىنى ئىسپاتلىسا بولاتتى!!!!!!!!!!! ئەسقەرنىڭ تورىستەكلا ، ۋارتا ئالدىدا روبىنيۇدەكلا  خۇيى باركەن!!! مەن  سەل  سولچىلراق كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىسىلەر!!!!!! ھىلىقى بىر گىپىمىز  بارغۇ  ( ياخشى ئوينىسا چاۋاك چىلىپ مەدەت بىرىمىز!! ياخشى ئوينىمىسا ئانچە مۇنچە تىللاپ تۇرىمىز!! مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر  مەڭگۈ قوللايمىز)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 02:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇينىشى ياخشى...............لېكىن بەكلام شەخسىيەچچى....بۇگۇنمۇ نەخمەيدان  كۆرگىلى بارخانلامۇ كۇردىخۇ دەيمەن ........بۇگۇنمۇ 5.6تۇپنى بىكاكىلىۋەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-28 02:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس  بۇ  بالا  سولچى   ئۇنتۇپ  قاپتىمەن  ،  توپنى  خلى  بىسىملىق  تىپىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 02:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىنىڭ ياخشى ئوينايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ، ئەمما بۇرۇن ياخشى ئوينىغانلىقى ھازىر ياخشى ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ، ھەرقانداق توپچىدا روھىي ھالەتتە ھەرخىل ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ ، ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تېپىۋالسا ياخشى بولاركەنتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-28 02:09:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى jasur007دە2012-07-28 02:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بۇ بالىنىڭ ياخشى ئوينايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ، ئەمما بۇرۇن ياخشى ئوينىغانلىقى ھازىر ياخشى ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ، ھەرقانداق توپچىدا روھىي ھالەتتە ھەرخىل ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ ، ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تېپىۋالسا ياخشى بولاركەنتۇق
شۇ  مەنمۇ  شۇنداق  بولىشىنى  ئۆمۈت  قىلىمەن  ، لىكىن  ماختىگىچىلىكى  باتى  ،  ھازىىرمۇ  ئۈنچە  ناچار  ئەمەس    پۇرسەت،  ھەي  پۇرھەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 02:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن، بۇرۇن ياخشى ئوينىغىنى بىلەن ھارىرقى ئەھۋالنىڭ ھىچقانداق مۇناسىىۋىتى يوق، ياخشى ئىپادىسىنى تېپىىۋېلىشىنى تىلەيمەن ، بەك شەخسىيەچىىلك قىلشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-28 02:53:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىليەتتە  ئۇنچە  شەخسىيەتچى  ئەمەس  ،  باشقىلا  پاسقا  چىقالمىغان  ئوخشايدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 03:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى ronaldo922دە2012-07-28 02:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەمىليەتتە  ئۇنچە  شەخسىيەتچى  ئەمەس  ،  باشقىلا  پاسقا  چىقالمىغان  ئوخشايدۇ  
       كوماندا بۇ بىر ئەزمىتمز ئۈچۈن قۇرۇلمىغان .... بۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئىچىلشىنى ساقلاۋەرسەك  كۆردىغانغا تاماشىبىن قالماي قالدىنغان ئوخشايدۇ .... بۇ بالا مەشقتە ئىچىلسا ئاندىن ئىچىلپ بوپ مەيدانغا سالسا بولغدەك .......  نى نى ئەزمەتلىرمىز بارتى نەگە كەتتىكىن تاڭ ............تەنتەربىيە لاتارىيەسنەڭ 9 نۇمۇرلىق بىر بالسى بولدىغان  ئوتتۇرا مەيداننى شاۋى كەبى ئويناپ قۇيدىنغان ...بۇ بەگزادىللرمىز ھۇشۇنى تاپقىچە شۇلارنى ئەكەپ تۇرسا بولدىغان گەپ .....بىز رىئال مادرىدەتك ، ئارسىنالدەك ئۆزىمىزنى ئسپاتلاپ بولغان ئەنئەنۋى كۈچلۈك كوماندا بولساقتۇق بۇ بەگلىرمزنىڭ ئىچلشىنى ساقلساق .... لىكىن بىز ئۇدا ئۇتتۇرۋەتسەك  لوبەننىڭ خۇيى تۇتسا تارقىتىۋەتسە تارقىتىۋىتىۋېردىغان قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارسىدىكى كوماندا ..... بۇنداق سەل قارساق بولمايتى ....... ئاللانىڭ ئۆزگە ئامانەت ........ ئەسقەر ئەپەندىم دۇئانى جىق قىلڭلا بۇرادەر ئاللا تىزراق ئىچىلىپ كىتشنى نىسپ قىلسۇن !!!!!!1
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-28 03:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   لەيھۇۇۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 20:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش