ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7092 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا بېسىم قىلىپ دوللار قىممىتىنى چۈشۈرۈشكە قىستىغانلىقىغا خېلى بولۇپ قالدى،ھېلىغۇ 6 يۈەن ئەتراپىدىكەن،ئامېرىكىنىڭ 3.5 يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرگىسى بار.بۇ قارار بۇلتۇر مۇشۇنداق ۋاقىتتىلا پىلانلانغان.ئەمما بۇنداق پىلان جۇڭگوغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ،ئەكسىچە بولسا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى سوممىلىق قەرىزلىرىنى تۈگىتىۋېلىشىغا زور ياردىمى بولىدۇ.ئەمما غوجامنىڭمۇ غوجىسى بار،تاغدىن كېيىن تاغ بار دىگەندەك جۇڭگو ھۆكىمىتى بۇ ئىشلارغا پۇت قولىنى سۇنۇپ قاراپ تۇرمايدۇ.ئامېرىكا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا پۈتۈن دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى،مۇشۇ تۈۋرۈك ئۆرۈلسە دۇنيا ئىقتىسادىمۇ تۈگىشىدۇ دىگەن گەپ بار.ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ،جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ مۇنۇ پەللىگە يەتمەكچى،مۇشۇ ئاساستا جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرىدىكى تورداشلار دىگەندەك شۇنچىلىك بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىسا ھېلىغۇ جۇڭگوكەن مانا مانا دىگەن دۆلەتلەرمۇ شۇ زامات يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.جۇڭگونىڭ قانچىلىغان دۆلەتلەرنى تەبىي نېفىت،بايلىقلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى،قانچىلىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم، جۇڭگو ئىقتىسادى ئارقىغا چىكىنسە خېلى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىمۇ توختاپ قالىدۇ ۋە ئىقتىسادىمۇ ئاجىزلىشىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا جۇڭگو نېفىنى ئۆز دۆلەتكە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ
ئەمدى جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىساق،بۇ تەبىكىي پۇل يۇيۇش ئەندىزىسى بىلەن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى.ئېلىپ كەلسەك شېنخۇا خوجايىنى جۇجۈننىڭ ئەينى يىلى لىۋېرپۇلنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى،9-شەھەر شىركىتىنىڭ باش لېدىرلىقلىقى،شېڭخۇانى سېتىۋېلىش ئىشلىرى،ۋە يەنە شىياڭگاڭدا ئەينى يىلى 500 مىڭ دوللار بىلەن قۇرغان پايچەك شىركىتىنىڭ ھازىرقى 9-شەھەرگە ئۆزگىرىشى دىگەنلەر،ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى،تېخى مەيدانغا چۈشۈپ توپ تېپىشى قاتارلىق ئىشلار بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ ئارىلىقلاردا پۇل يۇيۇشمۇ بار،قىزىقىشمۇ،ئىشتىياقمۇ بار،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا قوشقان تۆھپىللىرى.ئۇلاردا پۇل كۆپ،ئەمما بۇ پۇللارنىڭ زادى قانداق يەردىن كەلگەنلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرسە ئۇلارمۇ جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن،شۇڭلاشقا ئۇلار ئاشۇ كېلىش مەنبەسى نامەلۇم بولغان پۇللار ئارقىلىق كوماندىلارغا پاي قوشۇپ،سېتىۋېلىپ،توپچى يۆتكەپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق ئۇلار جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا تۆھپە قوشىدۇ،ھەمدە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىن سۇ ئىچەلمەي تۇرغان چاڭقاپ كەتكەن پۇتبول جەمىيىتىگە بىر سوۋغا بولۇپ قالىدۇ،بىردىنلا ئۇلار پۇتبولچىلىقنىڭ تۆھپىكارلىرى بولىدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىبىر ساختىلىقلىرىنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمەيدۇ.
ياپونىيە - كورىيە بىرلەشمىللىرى ساپلا ياۋروپادىن پىنسىيەگە چىققان،ياۋروپادا توپ تەپكۈدەك سالاھىيىتى ۋە ماغدۇرى قالمىغان توپچىلارنى ئەكىرگەن،ئەمما جۇڭگو بىرلەشمىسى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ.يەنى ئۇلار ياۋروپادا يەنە 2 يىلدىن 3 يىلغۇچە گەپ يوق ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىيالايدىغان،پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان دىروگبا،كېيتا،كانۇت،ياكۇب قاتارلىقلارنى ئېلىپ كىردى،لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىن بىۋاستە ياۋروپاغا كېتەلەيدىغان كونكانى ئېلىپ كىردى،ياۋروپا زەردار كوماندىللىرىدا يۇقىرى مۇئاش،ئاساسلىق ئورۇنلارغا ئېرىشەلەيدىغان بارىئوسنى ئېلىپ كىردى.دۇنياغا داڭلىق مەشقاۋۇل كاماچو،تېرۇسسىئې ۋە لىپپىلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇلارنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا بىۋاستە تەسىرى بار،بۇ ئارقىلىق توپچىلارنىڭ تاكتىكا ئوقۇش سەۋىيەسى ئۆستى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدە ئويناۋاتقان داڭلىق جۇڭگو توپچىللىرىنىڭ ھەمىسى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كەلدى.دىمەك بىرلەشمىىنىڭ سەۋىيەسى كۈندىن كۈنگە ئاشتى،مەستانىلەر سانى ئاشتى،تارقىتىش سانى ئاشتى.يەنە كېلەركى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ مەيدانلار سېلىنغۇسى.مۇشۇ تەرىقىدە قېرىنداشلارنىڭ پۇتبول سەۋىيەسى بىراقلا ئېشىپ ماڭدى،چەتئەللەرنىڭ داڭلىق پۇتبول مەكتەپلىرى جۇڭگو بىلەن توختام تۈزۈپ مەكتەپلەرنى قۇردى ۋە بالىلارنى تەربىيلىمەكتە.مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىق مېڭىۋەرسە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى راۋرۇس ئاشقۇسى، شۇڭا مەن دائىم دەيمەن،ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھەقىقەتەن قېرىنداشلارنىڭ كەينىدە قالدى. ئەمما بۇ يەنە پۇل بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر.يەنىلا ئاشۇ پۇل يۇيغۇچى كارخانىچى خوجايىنلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئاڭلىسام روسىيە ئامېرىكا ، قاتار ، جۇڭگونىڭ كۆيدۈرۈش سىياسىتىنى سېلىشتۇرۇشتا جۇڭگولۇقلار روسىيەلىكلەرنىڭ ئازراق ئارقىدا قاپتۇ،روسىيە 1-ئورۇنغا تىزىلىپتۇ،ئەمما مەن بۇنى پۇل كۆيدۈرۈش ئەمەس،پۇل يۇيۇش دەپ چۈشىنىمەن |
|