- تىزىملاتقان
- 2010-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7141
- نادىر
- 14
- يازما
- 7141
|
ئىككىلى تەرەپ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئوينىۋەتتى،بولۇپمۇ پورتۇگالىيە،تەلەي پورتۇگالىيەگە سول كۆزى بىلەن قاراپ سالدى،ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇسابىقىسىدىنلا ھېس قىلغان،ئىسپاننىڭ پەقەت ۋە پەقەت توپ كونتىرول قىلىشتىنلا ئىبارەت بۇ تاكتىكىسى كوزۇر بولۇپ قاپتۇ.
پورتۇگالىيە ھەل قىلغۇچقا كىرىپ كەتكەن بولسا ھەل قىلغۇچتا ئېنىقلا چاتاق چىقاتتى،ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭمۇ ھەل قىلغۇچتا پورتۇگالىيە بىلەن ئۇچرىشىشىپ قالغۇسى يوق،ئەمما يەنىلا پورتۇگالىيەنىڭ كىرىشىنى ئۈمۈد قىلغان،ئەمما ئاخىرىدا ئىسپانلار يەنىلا كۈلۈپ چىكەتتى،رونالدوغا قاراپ بەك ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،بۇرونۇ.ئالۋېسقا قاراپ نىمە دىيىشمنى بىلمىدى،2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇشۇ ئالۋېس ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا بىر كاللا توپ ئۇرۇپ پورتۇگالىيەنى جەنۇبىي ئافرىقىغا ئاپارغان،ئەمدى تېخىمۇ ھالقىلىق ۋاقىتتا نۇقتا توپنى ئۇرالمىدى.تەلەي دىگگن نەرسە ھەجەپ نەرسىكەن !
ھېچقىسى يوق پورتۇگاللار،سىلەرنىڭ كەلگۈسۈڭلار پارلاق،مۇشۇنداقلا ماڭسا پورتۇگالىيە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىر ئىش تېرىيدۇ
ھەل قىلغۇچقا ئىتالىيەنىڭ كىرىشنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن،ئىسپانىيە شانلىق دەۋرىنى 2008-يىلى ئىتالىيەنى ئۇتۇپ باشلىغان،ئەمدى ھەل قىلغۇچتا ئىسپاننى ئۇتۇپ بۇ دەۋرىگگ خاتىمە بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن |
|