- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7605
- نادىر
- 17
- يازما
- 7605
|
دۆلىتىمىز كۇلۇپلىرى چوڭ سودىغا تەيارلاندى،دەسلەپتە قىزىل ئالۋاستى ھۇجۇمچىسى رۇنىنى،ئاندىن مېسسىنى يۆتكەپ كەلمەكچى !
يېقىندىن بۇيان دۆلىتىمىز بىرلەشمە كۇلۇپلىرى يۇقۇرى سوممىلىق مەبلەغ چىقىرىپ بەس-بەس بىلەن ياۋرۇپادىكى،يەنى ئېنگىلاندىنىڭ چېلىسى كوماندىسىدىكى ئانىلكا،دېرۇگبا،گېرمانىيەنىڭ دورتىموند كوماندىسىنىڭ مەرگىنى بالىئۇس قاتارلىق داڭلىق پۇتبولچىلارنى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن يۆتكەپ كەلدى.كىشىلەر ئەمدى نۆۋەتتە قايسى داڭلىق پۇتبولچى دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىگە كىلىدۇ دىگەن مەسلە ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىۋاتقاندا،ئېنگىلاندنىڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات ئورنى بولغان « كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» ھەيران قالارلىق بىر خەۋەرنى ئاشكارلىغان.خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە،مانچىسىتىر بىرلەشمىسنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق مەرگىنى، قاتىل ھۇجۇمچى رۇنى دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە كۇلۇپلىرىنىڭ يۆتكەش نىشانىغا ئايلانغان.رۇنىدىن كېيىنكىسى كىم ؟ بارېسلونا كوماندىسىدىكى ئارگىتىنالىق داڭلىق پۇتبولچى مېسسىمۇ دۆلىتىمىز كۇلۇپلىرىنىڭ رۇنىدىن كېيىنكى يۆتكەش پىلانى بۇلۇپ قالدىكەن.ئىلگىرى مۇشۇنداق خەۋەر چىقسا ئەلۋەتتە ھىچكىم ئىشەنمەيتى.چۈنكى جۇڭگۇ بىرلەشمىسنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ھەم سەۋىيسى تۆۋەن بولغاچقا داڭلىق پۇتبولچىلارنى قىزىقتۇرالمىغان.لېكىن ھازىر دۆلىتىمىز كۇلۇپلىرىنىڭ چەتئەللىك داڭلىق پۇتبولچى سېتىۋېلىش قىزغىنلىغى پەيدىنپەي ئۆرلىمەكتە.ھەتتا بەزى پۇتبولچىلارغا قويغان باھاسى رۇسىيە،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى،قاتار،ئامىركا قاتارلىق بىرلەشمە كۇلۇپلىرىنىڭ چىقارغان باھاسىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.
« ئەينەك گېزىتى» مۇنداق خەۋەر بەرگەن،جۇڭگۇدىكى بىر نەچچە كۇلۇپ چوڭ بىر سودىغا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ.بۇ سودا دەل رۇنى،يېقىندا چېلىسى كوماندىسنىڭ ياۋرۇپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىسدا چىمپىيۇن بۇلۇشىغا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن دېرۇگبانى ئامىركا ۋە قاتار بىرلەشمە كۇلۇپلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە يېڭىپ جۇڭگۇغا ئەكەلدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئېنگىلاندنىڭ بىلەكبورۇن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ياكۇبۇنىمۇ مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە يۆتكەپ كەلمەكچى،بۇ سودا ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى.ئەمدى دۇنياۋى سەۋىيىلىك ۋە نامى ئەڭ چوڭ بولغان بىر پۇتبولچىغا ئېھتىياجلىق،جۇڭگۇ كۇلۇپلىرى ھازىر رۇنىغا تىكىلىپ قالدى.
شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا بۇلىدىكى، داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىگە كىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى،بۇلار يۇقۇرى كىرىمگە ئىگە بۇلىدۇ.بۇ پۇتبولچىلار ئاساسلىق مۇشۇ يۇقۇرى كىرىمنى دەپ كىلىدۇ.ئانىلكا شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسدا يۆتكەلگەندىن كېيىن،بۇ كوتىدوۋالىقنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 10 مىليۇن 600 مىڭ ياۋرۇ بولغان.ھەمدە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى بۇلۇپ يىللىق ئىش ھەققى 10 مىليۇندىن ئاشقان پۇتبولچى بۇلۇپ قالغان.دېرۇگبانىڭ يىللىق ئىش ھەققى 12 مىليۇن ياۋرو بۇلۇپ،دېرۇگبا بۇ ئىش ھەققى بىلەن دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىلا ئەمەس،بەلكى ئاسىيادىمۇ بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۆتكەن.
 |
|