- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2843
- نادىر
- 0
- يازما
- 2843
|
تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇلتۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگەقايتۇرىمەن“-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخىتۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.
بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە مايتېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلارئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغاكېلىپ :“ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلە“-دېگىدەك.
ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە “جام“ دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىنبۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگەبىر قارىۋىتىپ ،“ بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممەئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ“-دىگىدەك.
قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟
باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىرگىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنىسورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا …
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
-600 كوي.
- 300 كويغا كىلەما؟ – دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغانئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگراپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماششىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى.
”بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇباھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنىئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇگەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.“
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، ”بۈگەنسەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟“ دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپبولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى ”تەرجىمە“ قىلىپدەپتۇ: ”ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەنگەپ ئاۋۇ“، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى ”تىرىڭ“ قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپكېتىپتۇ.
قەشقەرنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ. < ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس > دەپتىكەن. مەنمۇ بىرنى دەپ قوياي:
ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرىبولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكىنەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىرئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي…
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دەقاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپبىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەنئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ.
ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغاكېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپقاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگەباياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇدىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇتويۇلا>>دەپتۇ……
ۇ چاغدا بىز 4بالا قوغۇن ئالماقچى بولۇپ <ئۆستەڭبويى> بازىرىغا چۈشۈپ ، بىر دىھقان ئادەمدىن 3چىلگە قوغۇن سىتىۋالدۇق . بىز بەكلا تۆۋەن باھاقويۇپ تۇرىۋالغاچ ، ئۇ ئادەم رەت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىز چىلگىلەرنى قويۇپمىڭىشىمىڭزغا ، ئۇ بىزنى چاقىرىپ < ماڭ قايلاڭلا ئۇكىلۇرۇم ، ئىلىڭلابولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!! …..دىگەنىدى
بىر كۈنى بىر قەشقەرلىك غۇلجىغا بېرىپ خەنزۇ بازىرىدا قوغۇن يەي دەپ قوغۇنپىچىپ سېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوغۇندىن بىر تىلىم دەپتىكەنھېلىقى قوغۇنچى قەغەزدەك قىلىپ بىر تىلىپ كېسىپ بېرىپتۇ.قەشقەرلىك كىشىقوغۇننى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ بېقىپلا شاپاق تاشلايدىغان سىۋەتكەتاشلاپتۇ،قوغۇنچى يەنە بىرنى يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە شۇنداق نېپىزقىلىپ بىر تىلىم كېسىپ بېرىپتىكەن ئۇنىمۇ ئېلىپلا ئۇدۇل سىۋەتكەتاشلاپتۇ.قوغۇنچى 3-تىلىمنى كىسەي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشىسوراپتۇ-دە:ئۇستووووووووووم نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟
- سىلىگە قوغۇن تىلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ .
-ھە…………..مەن تېخى قوغۇننى قىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن
بىركۈنى ئۈرۈمچىدىن ئىككى خىزمەتداش قەشقەرگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپتۇ، كەچبولغاندا بازار ئايلىنىپ باقايلى دەپ ،ئۆستەڭبويىغا بىرىپ ، پالەكسېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ دە : پالەكنى قانداقساتتىڭىز ؟
-بىژكويغا 5باغدىن بەردىم
-10باغدىن ئالمامدۇق؟دىيىشىگە.
-غوجوووم، تايىنلىق بىكاغىلا بەمەيما … ؟؟؟
ئەتىسى ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك يەنە كەچكە يىقىن بازار ئايلىنىپ ئۆستەڭبويىغابىرىپ قاپتۇدە ،قارىسا بىر قېرى بوۋاي پالەك سىتىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەنئويلاپتۇ دە ، قەشقەرلىكنىڭ ياشلىرىغۇ ئاشۇنداق سىسىق گەپ قىلىدىكەن، قىرىلىرىمۇ شۇنداق گەپ قىلامدىغاندۇ؟ دەپ بىر سوراپ باقماقچى بولۇپ :
-تاغا ، پالەكنى قانداق ساتتىڭىز؟
-بىژكويغا 8دىن بەردىم بالام.
قارىسا بۇ بوۋاي خىلى ئەرزان سىتىۋاتقان ،شۇنىڭ بىلەن بىر باغ پالەكنىئىلىپ ،ئۇيان ئۆرۈپ ،بۇيان چۆرۈپ سوراپتۇ دە: -تاغا بۇ پالەكنىڭ توپىسىباركەنغۇ؟
ھىلىقى بوۋاي سوراپتۇ دە : بالام سىلە قەشقەرلىك ئەمەس ئوخشىماملا ؟
-شۇنداق ،مەن ئۈرۈمچىدىن .
-سىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە پالەكنى يەرگە تىرىماي،گىلەمگە تىرامدا؟؟
ئاتۇشنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ئاسقان بىر ماشىناقەشقەردە يولنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سېرىق سىزىققا دەسسەپ ساپتۇ.
بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى شوپۇردىن – قەشقەنىڭ سېرىق سىزقى ئاتۇشنىڭكىدىن تومراق ئوخشىمامدا ،دەسسەپباققىللىرى كەپتەھە؟ دىگۈدەك
بىر ئۆسمۈر سىياسەت دەرىسدىن چىقىپلا ئۇبۇرنىغا كىرۋىلىپ تازا موخوركاشوراپ ئولتۇرۇپتۇ .دەل شۇ چاغدا مۇئەللىمى كىرىپ قېلىپ يېرىلغۇدەك بولۇپۋارقىراپتۇ:
-ھېي شۇم ، كىچىككىنە تۇرۇپ نېمە تاماكا ساڭا؟..
بالا قورقۇش تۈگۈل قاتتىق ئۇھسىنغان ھالدا مۇئەللىمىگە قاراپ دەپتۇ :
-ئەپەندۇم ، شۇ جوڭگۇ ھازىرغىچە بىرلىككە كېلەلمىگەچ كۆڭلۈم بەك يېرىم!
بىر قېتىم ئاتۇشتا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ : جانابىي ئىسمائىل ئەھمەد رەئىسئاتۇشقا كەلگەندە داڭلىق ئۆلىما رۇستەم قارىھاجىم ئۇنىڭغا بېغىنىكۆرسىتىپتۇ ، رەئىس :
- قارىھاجىم ، بۇ يىل ئەنجۈر بەك كۆپ تۇغۇپتۇ – ھە ؟؟ – دەپتۇ .
رۇستەم قارىھاجىم مۇنداق دەپتۇ :
- ئەمدى ، ھە ، باشلىق ئالىيلىرى ، ئەنجۈرگە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغاقويمىغاندىن كېيىن ، كۆپ تۇغدى !! ( پىلانلىق تۇغۇت ئىسمائىل ئەھمەددەۋرىدە يولغا قويۇلۇپتىكەن . )
مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا بىرزالىم سېكرىتار (كەنت شۇجىسى) ئۆتكەنئىكەن. دائىم دېھقانلارنىقاخشىتىدىكەن. مەلۇم بىر كۈنى كەنت كىشىلىرىگە سياسەت تەشۋىق قىلىش ئۈچۈندېھقانلارنى چاقىرغىلى ئۆيمۇ ئۆي كەپتۇ ، ۋە يىغىنغا بارمىسا قاتتىق جازاقوللىنىدىغانلىقىنى دەپتۇ. شۇ ئارىدا بىر ئايال دېھقان دەپتۇ:
-ۋاي سېكرىتار ، سىلى كۈندە بۇنداق ئىتتەك قاۋاپ ، قۇلىقىمىزنى ئاغرىتقىچە ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەسىلىرىمۇ بوپتىكەن…
بىر ئادەم يېڭى بازادا چويلا ئاماقچى بوپ بىر دۇكانغا كىرىپ چويلىنىڭپۇلىنى سورىسا ئون كوي بەسىلە دەپتۇ،ئۇ ئادەم ياندىكى دۇكاننى كۆرەپ باقايدەپ ماڭسا:
-غوجوم!!!ئىلىۋەسە!ئۇ يەدە چۆپىنى قوشاپ ساتمايدا!
رەيھان ئابلىز رول ئالغان ”ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى “ دىگەن كىنوھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كىرەك . فىلىم رىژىسورى شىرزات ياقۇپ قەشقەربۇلاق بىشى كوچىسىنى فىلىم ئىلىش ئورنى قىلىپ بىكىتىپتۇ ، تۇنجى كۈنى بۇلاقبىشى كوچىسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى ئىتىپ رىژىسورنىڭقۇماندانلىقىغا بويسۇنۇپ دىگەندەك شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ ، بىر كۈنئۆتۈپتۇ ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئۇلارمۇ تىجارەت قىلمىسا بولمايدۇ دە ، ئۈچىنجى كۈنى بىر ئادەمنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ دە شىرزات ياقۇپقا :
- ماڭا قايلاشسا ، نىمە ئىش قىلىشۋاتىلا
- كىنو ئىشلەۋەتقان
- نىمە كىنوكەن ئۇ
- ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىگەن كىنو
- ئانىسى ما كوچىدا تۇغۇلۇپتىكەنما
ياتاقدىشىم بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قوغۇن سىتىۋاتقانباققالنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ قوغۇن يىگۈم كەپ قالدى . بىر توپ خەنزۇ ئوقۇزۇچىلارئورىۋاپتىكەن قىتىلىپ يۈرۈپ سورۇدۇم : – ئاكا قانداق ساتتۇق قوغۇننى .
- تاللىۋىلىڭلا ، بىرسى ئىككى كوي ئۇكام .
- بىزمۇ مۇشۇ باھادا ئالامدۇق .
- ھە بولدى ، ئىككىنى ئۈچ كويغا ئەكىتىڭلا .
ئىككىنى تاللاپ پۇلىنىمۇ بىرىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ تىتىپ بىقىشى ئۈچۈن پاچىلاپ قويغان قوغۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
- ھەي ئاكا ، ئېنىڭدىن بىژ تىلىم پىچىۋەتسە ، تىتىپ باقاي ، تەمى قانداقراق .
- قوغۇندا سو يوق جۇما ئۇكام ، مەكتىپىڭلىغا ئىچىرىپ خاتىرجەم يەڭلا .
- شۇنداق بوسىمۇ ، پىچسا بىژ تىلىم
شۇندا يىسەم پەقەت تەمى يوق ، ۋاشاڭغا قالغان قوغۇنكەندە بۇ ..
- ھەي ئاكا ھوي ، نىماداق تەمى يوق قوغۇن بۇ .
- ئۇكاموي ، ناۋاتتا چاي دەملەپ ئىچىپ چىققان ئوخشىماملا .
بىزنىڭ قورادا دىلشاد دېگەن ئادەم بولىدىغان ،قەشقەردە قايتا تەربىيەئالغان، شۇ ئادەم بىركۈنى ئۆز ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ قەستەن قەشقەرشېۋىسىدە سۆزلەيدىكەن:
ۋەي، تېژلىقما؟ دىلشاد بامۇيا؟
ئايالى تېلىفوننى ئېلىپ ، ئۆز ئېرىنى تونۇيالماي قالىدىكەن:
ياق دىلشاد يوق، سىز كىم بولىسىز؟
مەن ئاغىنىسى، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئۆزىڭىز چىم بولىسىز؟
مەن ئايالى بولىمەن.
ھە…. شۇنداما؟ قايسى ئايالى ؟
ۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان! قانچە ئايالى بار ئىدى؟!
بىر قېتىم قەشقەرگە قايتقۇچە قەشقەر شەھرىلىك بىرچوكان بىلەن پاراڭلىشىپقالدۇق. بىردەمدىن كېيىن ئۇ چوكان ئاغىنەم بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى، ئاغىنەم جىلە بولۇپ، “ ماڭ قايسا خېنىم، سىلى قەشقەرنىڭ قانداراقيېرىدىن؟“ دەپ سورىۋىدى، ئۇ چوكان بۇيۇنلىرىنى شاپتۇل قېقىپ تۇرۇپ: “ قەشقەرنىڭچا، تازا كىندىكىدىن، قايدا ، ئۆزلىرىچا؟ “ دېدى. شۇنىڭ بىلەنئاغىنەم ؛“ كىندىكىدىن دېسىلە، مەن تېخى بىر غېرىچ تۆۋەنرەك يېرىدىنمىكىندەپ قاپتىمەن …“ دېمەسما، كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان.
ما ئىككى ئادەم قەشقەردە بىر دوغچى دۇكىنىغا كىرىپ بىر كويلۇق دوغ ئېلىپئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ . دۇكاندىكى لۇشاڭ بەك قىزىپ كەتكەنمۇ قانداق ئىككىيلەنبىر كويلۇق دوغنى ئۇيان – بۇيان قىلىپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ .كىنو تۈگىشىگەماڭايلى دەپ تۇرۇشىغا دوغچى دەپتۇ :
- غوجام …. يەنە بىردەم ئولتاماملا …ئاخىرىدا << تۈگىدى >> دەپ خېتى چىقىتى ئەمەسما ؟!
ئۇيغۇر تۇرۇپ پىچاق ئاسمىسام قانداق بولىدۇ دەپ ۋىجدانىم ئۆركەشلەپ ،پىچاق ئېلىش ئۈچۈن پىچاق ساتىدىغان دۇككانغا كىردىم.
-كۆسە ئۇكام ،كۆسە …
بىرنى تاللاپ بولغاندىن كىين سورىدۇم.ما پىچاق نەچچە پۇل؟
-xx كوي.
-غىلىپى باردۇ-ھە.
-بوممامدىغان، مانا كۆسە.
شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە غىلاپلار ئارىسىدىن تاللاپ يۈرۈپ مۇۋاپىق كېلىدىغاندىنبىرنى تاللىدىم.پىچاقنى غىلاپلا سېلىپ،باھاسىنى سۆزلىشىپ ئېلىپ ماڭىدىغانداسورىدى ، غىلاپنىمۇ ئالامتىلى ؟ غىلاپلا 5 كوي بەسىلە …
-بايا ‘غىلىپى بار دەۋاتقانتىلىرغۇ ؟ ئايرىم پۇل تۆلەيمەنما ؟ (غېلىپىنىمۇقوشۇپ بېرىدۇ،دىيىشكەن باھا غىلاپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئويلغانكالۋادە مەن … )
- نېمە دەيدىغاندۇ ما ئۇكام، ئى شاڭچاڭغا چىرىپ كەش ئالسىلىرىمۇ پايپاقنى قوشۇپ بەمەيدۇ سىلىگە.
شۇ چاغدا ‘بوممامدىغان’ دېگەن گەپنى دېگەندىكى بىر خىل بوپكەتكەن چىرايى ئېسىمگە كەلدى
بىر كۇنى كوچا ئاپتۇزىغا بىر دوستۇم بىلەن چىقسام بىرسى دوستۇمنىڭ دولىسغابىر قولىنى قويىۋالدى ، بىر ئۇزۇنغىچە قويىۋەتمىدىدە دوستۇم سەلئاچچىقلىغاندەك قىلىپ : ما دولام بەك تىلىپ كەتتى ئەمدى قوللىرنى ما دولامغاقويىۋالسىلا . دىمەسمۇ.
بىر قەشقەرلىك ئۇرۇمچىگە كىلىپ بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپتۇ.
تاماق سەل-پەل تۇزلۇق بولۇپ قالغان چىغى ھىلىقى قەشقەرلىق:-
ئۇستۇۇۇۇۇم -ئاشخانلىرىدا تۇز بامۇ يا ؟
خوجايىن تاماق تۇزسىز بولۇپ قالغان چىغى دەپ ئويلاپ تۇز بار بار دەپتۇ.
قەشقەرلىق- مەن تىخى تۇزنىڭ ھەممىنى مىنىڭ ئىشىمغا سىلىۋەتكەنمىكىن دەپتىمەن دىگۇدەك.
بىژ كۇنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بىژ ئاشخانىغا چىرىپ تاماق يىدۇق ، تاماقنىيەپ بولۇپ ، پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قاپتىمىز ، كۇتكۇچى قىز كىلىپ قاچا -قۇچىلارنى يىغىشتۇرپ ئىلىپ كەتتى ، بىژ چاغدا ھىلىقى كۇتكۇچى قىز كىلىپ :
نىمە تاماق يەيسىلە دىمەسما
( گەپ سۆزقىلالماي چىقىپ كەتتۇق )
مىنىڭ چوڭ ئاكاممۇ شۇنداق گەپكە ئۇستا . ئاشۇنداق سىسىق گەپنى تولا قىلىدۇ.
بىر قىتىم بىرەيلەن ئاكامغا قارىم گىپىمگە ئىشەنسە ، بىلىلا مەن يالغان گەپقىلمايمەن دىۋىدى ، ئاكام قوپۇپ ، ۋاي مەن سىلىنى بىلىمەن سىلە يالغان گەپتاپالمىغاندا راس گەپ قىلىلا دىگەنتى.
خوشنىمىزمۇ چۇپەيرەك كىشىنى كۆرسە ئىتنىڭ قانىغا كىرىپ جەسەت يەيدىغان دەيتى
بىر كۈنى چىرايلىق بىر چوكان ئوسما سىتىپ ئوتتاسا بىر ئاغىنىمىز ئۇچوكاننى گەپكە سەپ قويماقچى بولۇپ :
ھە-! ئاچا ئوسما سېتىپ كەتلىما !؟
-ھەئە! ئاياللىرىغا ئاغاچ كەتمەملا!؟
-نىمە!؟ھۇي باللا جۇما بىز دىگەنتېخى !
-ھە! ئاچىللىرىغۇ بادۇ!!؟
-سەللاتتەك ئىككى ئاكام با ،ئاچىسى باغا چوڭ بولاتقان!!
-ئاناڭغۇ بادۇ پىشىت يەپقاغان ماز……….
بىر كۈنى بىر ئايال رەخ ئالماقچى بولۇپ ،رەى دۇكىنىغا كىرىپ ،ئۇنى -بۇنى كۆرۈپ ھىچقايسىسى يارىماي،چىقى كىتىۋاتسا ،رەخ سودىگىرى سوراپتۇ:
–قايلىسىلا خىنىم رەخ ئالامتىلە يا؟ ئايال:
-كۆرۈپ باقتىم
–ئىچىللىرى پۇشقان بولسا،بازارغا كىرىپ رەخ كۆرىمەن دىمەي، باغچىغا كىرىپ مايمۇن كۆسە جۇما بىر ئاشخانىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن تاماق يەۋاتقان . تۇيۇقسىز بىر جۈب ئوغۇل- قىز كىرىپ قالدى . گېپىگە قۇلاق سالسام ئۈرۈمچى پەدىسى . كىرىپ بىزنىڭ يېنىمىزدىكى ئورۇندا ئولتۇردى-دە كۈتكۈچىنى چاقىردى :
– يې فۇۋۇيۈەن …
بۇنى ئاڭلىغان 18 ياشلار چامىسىدىكى كۈتكۈچى قىزبالا كۆزىنى ئالامەت سەت ئالايتىپ ئاستا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە قورۇما تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى . ھېلىقى بالاڭزا بولسا قاراپمۇ قويماستىن :
– نېمە نېمە بار ؟
– شۇ تاماق با شۇ …
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرىنچى بولۇپ ئاچامنىڭ ئاغزىدىكى گۆش چۈشۈپ كەتتى .
ئوڭايسىزلانغان بالاڭزا ئۆزىنى ئوڭشاپ :
– يې شۇ نېمە تاماق بار دەيمەن ؟
– شۇڭا ئى ئالدىلىرىغا تىزىملىكنى قوياپ قويغان …
تاقەتسىزلەنگەن بالاڭزا تىزىملىكنى ئېچىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
– ئۆي لەغمىنى ئىككى …
– پۈتۈنمۇ يېرىممۇ چارەكمۇ ؟
بالاڭزا ئۇقالماي :
– چارىكى قانچىلىك ؟
– شۇ سىلىدەك باللىغا لايىق …
بۇ گەپنىڭ چىقىشى بىلەن ئاكامنىڭ ئاغزىدىكى تاماق چېچىلدى ، مەن بولسام كۈلكەمنى زورلاپ تۇتۇپ بولالماي كۆزۈمگە ياش كەلگىلى تۇردى .
بالاڭزىنىڭ سەل خۇيى تۇتۇپ قىز دوستىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
– يېرىمدىن بىر چارەكتىن بىر ، يەنە كاۋاپتىن ئالتە زىخ …
قىزچاق تاماقلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن بۇيرىتىۋېتىپ ، كاۋاپدانغا ئەپچىقىش ئۈچۈن توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈزۈكلۈك كاۋاپتىن ئالتە زىخ ئېلىپ ئەمدى بۇرۇلىشىغا بالاڭزا ئالدىراپ توۋلايدىغان گەپ :
– يې كاۋاپ قىززىق بولسۇن جۇما بىڭشىياڭدىكىنى يېمەيمىز …
پۈتۈن ئاشخانا پىخىرلاپ كۈلۈشتىن گۈلدۈرلەپ كۈلۈشكە ئۆتۈشكە باشلىدى . ئاپامنىڭ قولىدىكى چاي ئۈستەلگە تۆكۈلدى .
باياتىندىن بېرى بىر چەتتە ھەممىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان تاڭجاڭ ئورۇندۇقتىن قوپماي تۇرۇپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ بالاڭزىغا :
– خاتىرجەم بوسا ئۇكېم ، خام كاۋاپ ساتمىدۇق …
لەغمەن چىقىپ ھېلىقى بالاڭزا راست دېگەندەك يېرىم لەغمەننى ئىنجىقلاپ يەپ بولالمايدىغان گەپ ، قىز دوستى پىچىرلاپ :
– يې نومۇسۇمنى كەلتۈرمە يې ، يېرىم لەغمەننى يەپ بولالمايۋاتامسەن ؟
ئوڭايسىزلانغان بالاڭزا قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ :
– باياتىندىن بېرى ماۋۇ خەقتىن گەپ يەپ قورساقنىڭ يېرىمى تويۇپ بولغان تۇرسا …
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالغان كۈتكۈچى قىزچاق زىل ئاۋازى بىلەن :
–ھۇيت غوجام ! شۇڭا ھاللىرىنى ئۇقۇپ چارەك لەغمەنگە لايىقكەنلا دېگەندىمە ؟ |
|