ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 128 |
تۆھپىسى: سەر |
|
[align=justify]ئارچا
[align=justify] ئاتۇش دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقى باشلانغان بۈشۈك ماكان بولۇپ، بۇ يەردىن ئاپتونوم رايۇنىمىزغا داڭ چىقارغان تالانتىلىق پۇتبول ماھىرلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس.بۇ ماكاندا بىر قىسىم پۇتبول سۆيەر كىشىلەر ئاممىۋى پۇتبولچلىقىنى تەرەققى قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ئايانماستىن ئىقتىساد چىقارسا،يەنە بىر قىسىم ئوت يۈرەك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرى پىژغىرىم ئىسسىق،قاتتىق سوغۇقلاردىمۇ چىن ئەقىدە ئىخلاس بىلەن مېھنەت تەمەلەردىن خالى ھالدا كىچىك ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنى تەربىيلەشنى توختىتىپ قويماي ئاتۇشنىڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبولچلىقىنى پۇتبول تارىخمىزنىڭ بەتلىرىگە پۈتۈپ كەلمەكتە. شۇ پۇتبۇلدىن پۈتۈلگەن ئىزلارنىڭ شاھىدلىرىنىڭ بىر بولغان بىر يىگىت ئۆزىنىڭ پۇتبول مەيداندىكى مۇساپىسىنى تولىمۇ غەيرەت چىدام،بەل قويۇۋەتمەسلىك روھى بىلەن داۋام ئېتىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ يىگىت-ئۆزى توپ تەپكەن كۇماندىلاردىكى پولات قورغانلىق رولىنى ئويناپ، گاھىدا چىمپىيۇنلۇقنى، گاھىدا ئالقىش مەدەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىلىپ كىلىۋاتقان ئەركەكلىرىمىزنىڭ بىرى -پەرھات ئەبەيدۇللاردۇر.
پەرھات 1986-يىلى ئاتۇشدىكى قەدىمى يۈرت ئارغۇدا تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇش شەھرىدە ئوقۇغان.1999-يىللىرى ئاتۇشتا پۇتبولچلىق تەرەققى قىلىپ، چوڭلار ئارا مۇسابىقلەر ئېلىپ بېرىلىپلا قالماي يەنە ئۆسمۈرلەر ئارا «بىخ»،«بۈركۈت » لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقلىرى ئىلىپ بىرىلغان چاغلار بولۇپ، پەرھات مۇشۇ مۇسابىقلەردە يىتىلىپ چىققان.1998-يىلى پەرھات ئاتۇش شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ بارىجان مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيلىنىشكە باشلايدۇ.1999-يىلى ئاتۇش تىجەنلىك قاراجىم مەبلەخ چىقىرىپ قىزىلسۇ سىفەندە پۇتبول سىنىپى ئىچىپ ئاتۇشتىكى پۇتبولدا تالانتى بار بالىلارنى يىغىپ تەربىيلەشكە باشلايدۇ.پەرھات بۇ مەكتەپكە كېلىپ مۇنتىزىم پۇتبول تەربىسىنى ئىلىشقا باشلايدۇ.2000-يىلى پەرھات بۇ كۇماندا تەركبىدە شىئەندەئىلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك13ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۆتىنچى بولۇپ قايتىپ كىلىدۇ.2003-يىلىغىچە مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيلىنىدۇ. 2004-يىلى 7-ئايدا ئاتۇشتا ئىلىپ بىرىلغان ئىككىنجى قىتىملىق ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش چولپانلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ پىداگۈگىكا ئۇنۋىرستىى كۇماندىسى ئاتۇش كۇماندىسى تەركبىدىكى پەرھاتنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە قىزىقىپ ئۇنى مەكتەپ كۇماندىسىغا ئالدىن تاللاشنى قارار قىلىشىدۇ.ئۇنىڭ پۇتبولدىكى تالانتىنى كۆرگەن ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمىيىتى2004-يىلى پەرھاتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسسىق كۆل تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول بەش كىشلىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇشقا تاللايدۇ.بۇ مۇسابىقىدە پەرھات كۇماندىنىڭ بەشىنچى بولىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.ئارقىدىنلا شىنجاڭ پىداگبگىكا ئۈنۋىرسىتى ئۇنى مەكتەپ كۇماندىسىغا تاللاپ قوبۇل قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن پەرھاتنىڭ ئالى مەكتەپ پۇتبولچىلق ھاياتى باشلىنىدۇ.شۇ يىلى 10-ئايداپەرھات مەكتەپ كۇماندىسى ئەزالىرى قاتارىدا مەملىكەتلىك« لې نىڭ» لوڭقىسىنى تالىشىش ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنىنىڭ چىمپىيۇنى چىقىپ مەكتەپ كۇماندىسى بىلەن غەربى-شىمالنىڭ بوسوغىسىدىن ئاتلاش شەرىپىگە ئىرىشتى. 2005 -يىلى 4-ئايدا«لې نىڭ» لوڭقىسىنى تالىشىش غەربى-شىمال رايۇنى ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە تۆتىنجى چىقىپ،مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ چوڭ مۇسابىقە كۆرۈش، چىنىقىش پۈرسىتىگە ئېرىشتى.
2005-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تاللاش تۈرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ، ئىدارە ئورگان ۋە سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى بىر قىسىم ياخشى ماھىرلارنى تەشكىللەپ پەرھات ئەزىمەتنىڭ يىتەكلىشىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە يۈرۈش قىلىدۇ.پەرھاتمۇ كۇماندىغا قوبۇل قىلىنىپ مەملىكەتلىك مۇسابىقلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.2005-يىلى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى خەينەن كۇماندىسىنى يىڭىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىز تارىخىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بىردىن بىر كوماندا بولۇپ قالىدۇ.بۇ مۇسابىقىدە پەرھات كۇماندىنىڭ ئارقا مۇداپىيىسىنى باشقا ماھىرلار بىلەن بىللە قوغداپ،بۇ تارىخىى نەتىجىنىڭ قولغا كىلىشىگە گۈۋاھ بولىشىدۇ.ئارقىدىنلا جىياڭسۇدا ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىمۇ قاتنىشىدۇ.بۇ مۇسابىقىدە گەرچە ياخشى نەتىجە ئالالمىغان بولسىمۇ، چىنىقىش پۈرسىتىگە ئېرىشىدۇ.2006-يىلى پەرھات قاتارلىق بىر قىسىم ماھىرلار مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىغا تىزىملاتقان شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىپ ،پىداگۇگىكا ئۇنۉىرسىتى پۇتبول كۇماندىسىنىڭ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرىدىكى ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈپ بىرىۉاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.2007-يىلى پەرھات يەنە شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كۇماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك «ب» دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىىدۇ. 2006-يىلىدىكى مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرىدۇ.بۇ يىلقى مۇسابىقىدە كۇماندىنىڭ نەتىجىسى كۆۈڭۈلدىكىدەك بولمىغاچ «ئا» دەرىجىگە ئۆرلەش نىسىپ بولمايدۇ. 2007- يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كۇماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ،كۇماندىنىڭ مۇداپىيە سىپىدىكى قالقانغا ئايلىنىپلا قالماستىن يەنە ئۈچ توپ ئۇرۇپ كۇماندىنىڭ نەتىجە ئىلىشىدىكى يادرۇلۇق كۈچكە ئايلىنىدۇ.بۇ يىلى شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى شىمالى رايون بويىچە ئىككىنچى چىقىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشىدۇ. 10 -ئايدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرپ قويۇپ «ئا »دەرىجىگە ئۆرلەش ئىشى يەنە سۇغا چىلىشىپ، پەرھات كۇماندىدىن ئايرىلىدۇ.
بۇ ئىككى يىلدا پەرھات لاتارىيە كۇماندىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك «لې نىڭ» لوڭقىسى ئالى مەكتەپلەر مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.2006-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر «لې نىڭ »لوڭقىسىنى تالىشىش شىنجاڭ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدەپەرھات قاتارلىق ماھىرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن چىمپىيۇن چىقىپ،كېلەركى يىلى ئىچكىرىدە ئېلىپ بىرىلىدىغان ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى ھازىرلىدى.بۇ كۇماندا ئۇچۇن شىنجاڭ ئىچىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى ئادەتتىكى ئىش بولوپ قالغان.ئەڭ چوڭ نىشان مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئىدى.پەرھات كۇماندىنى يىتەكلەپ2007-يىلى3-ئاينىڭ15-كۆنىدىن25-كۈنىگىچە گۇاڭشىنىڭ بىيخەيدە ئىلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك سەككىزىنجى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ شىمالى رايۇن پوتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بەشىنجىلىككە ئىرىشىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.ئارقىدىنلا 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە خىبىي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھرىدە مەملىكەتلىك «لې نىڭ »لوڭقىسىنى تالىشىش شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۇچىنجىلىككە ئىرىشىپ ئاخىرى غەربى شىمالدىن بۆسۈپ چىقىش پۈرسىتىگە ئىرىشپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.ئىككى سەپتە كۆرەش قىلىۋاتقان پەرھات 2007-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنىدىن25-كۈنىگىچە گۇڭجۇدا ئىلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك سەككىزىنجى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 13-چىقتى.شىنجاڭ پىداگۇكا ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسى 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۇنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «لىنىڭ لوڭقىسى »ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ تاللاش مۇسابىقىسدە ،شىمالدىكى 13 ئۆلكىدىن كەلگەن ئالى مەكتەپلەر كۇماندىللىرى بىلەن كەسكىن ئىلىشتى. شىمالى رايۇندا 3- بولۇپ 9- ئايدا ئۇتكۇزۇلدىغان مەملىكەتلىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.بۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىنىڭ تۇنجى قىتىم شىمالى جۇڭگۇ رايۇنىدىن بۆسۇپ چىقىشى،شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 16كۇچلۇكلەر قاتارىغا تۇنجى قىتىم ئۆتىشى ئىدى.2008-يىلى پەرھات شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىدىن چىكىنىپ چىقىپ ئاساسلىقى مەكتەپ كۇماندىسىدا توپ ئويناشقا باشلىدى. 2008 - يىلى 5 – ئايدا ئىلىپ بېرىلغان مەملىكەتلىك «لې نىڭ »لوڭقىسى شىمالى رايون مۇسابىقىسىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ سىرتىدا قالدى .
2009-يىلى پەرھاتنىڭ پۇتبول ھاياتىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولدى.2009-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم قابىلىيەتلىك ماھىرلارنى تاللاش ئېلىپ بېرىلىپ،پەرھات باشچىلىقىدىكى پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ بىر قانچە ماھىرى ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول كۇماندىسىغا قايتىپ كەلدى.ئەمما ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدا شاللىنىپ قىلىپ.يىرىم يولدا قايتىشقا مەجبۇر بولدى.2009-يىلى6-ئايدا خىخەي ئونۋىرسىتىتىدا ئۇتكۇزۇلگەن جۇڭگو «لىې نىڭ» لوڭقىسى مۇسابىقىسى 16كۇچلۇكلەر گوروپپىسىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى بىيجىڭ تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتى ، غەربى –جەنۇپ ئونۋىرسىتى،ۋۇخەن تەنتەربىيە ئىنىستۇتى پۇتبۇل كۇماندىللىرى بىلەن بىر گوروپپىغا بۆلۈنۇپ ، گوروپپىدىن ئىككىنچى بولوپ ،سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدا ساھىپخان خېىخەي ئۇنۋىرسىتى بىلەن تۇتۇشتى.كەسكىن تىركىشىش ئارقىلىق خېىخەي ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسغا يىڭىلىپ قىلىپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالماي قالدى.6 -ئاينىڭ 14-كۇنى شىنجىن ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن بۇلغان رەت تەرتىپ مۇسابىقسىدا غەلبىنى قۇلغا كەلتۈرۈپ تەييۇەن تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىلەن بەشىنجىلىكنى تالىشىش جىڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ قىتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 6-چىقىپ، شىنجاڭ ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىنىڭ ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۇردى. 2010-يىلى پەرھاتنىڭ مەكتەپ كۇماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىخىمۇ تىرىشىشقا توغرا كىلەتتى.201—يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۇنى باشلانغان جۇڭگو«لې نىڭ»لوڭقىسى مۇسابىقىسى لەنجۇ مۇسابىقە رايۇنىدا رايۇنىمىزدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۉىرسىتىى پۇتبۇل كۇماندىسى قاتناشتى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى تىيەنجىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى، خاربىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى، چىڭداۋ پەن تىخنىكا ئونۋىرسىتىتى قاتارلىق كۇماندىلار بىلەن مۇسابىقلەشكەن.نەتىجىدە تىيەنجىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىنى1گە قارشى2بىلەن يىڭىپ،چىڭداۋ پەن تىخنىكا ئونۋىرسىتىتنى،بىلەن 2-2،بولوپ تەڭلىشىپ،خاربىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتنى2گەقارشى13بىلەن يىڭىپ شىمالى رايۇن سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا قىتىلدى، سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە شىجاجۇاڭ ئىقتىسات ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسىگە 2گە قارشى1بىلەن يىڭىلىپ قالدى.ئەڭ ئاخىرقى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشىش مۇسابىقىسىدە شىئەن مالىيە ئىنستۇتى كۇماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يىڭىپ، شىنياڭدا ئىلىپ بىرىلدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.
2010-يىللىق جۇڭگو«لې نىڭ»لوڭقىسى سىتۇدىنتلار پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقسى جەنۇبىي شىمال ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى 8 - ئىيۇل شىنياڭ سانائەت ئۈنۋېرسىتىتىدا باشلاندى.9-ئىيۇل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسىنىڭ رەقىبى بۇلسا جەنۇپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك كۇماندا خەينەن ئونۋىرسىتى كۇماندىسى بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم ئارقىلىق ئەڭ قىزىغان مۇسابىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن ئىلىشىش ئارقىلىق ھەر 9مىنۇتتا بىردىن توپ كىرىپ ئاخىرى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى كۇماندىسىدىكى ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچى ئابدۇۋەلى ۋە نۇر ئەلى قىزىل تاخىتا يەپ مەيداندىن چىقىپ كەتكەن شارائىتتا پەرھات قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن 4كە قارشى 6 دەك ئاجايىپ نەتىجە ئارقىلىق يەنە بىر كۈچلۈك رەقىبىنى يىقىتتى.6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسنىڭ رەقىبى شىمالى رايونى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى تەييىۋەن تەبىئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى بۇلۇپ ،ئاخىرى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى تۇنجى قىتىم مەملىكەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۇچۇن چۇڭ شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىدىكى 24- نۇمۇرپەرھات ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچى مۇكاپاتىغا ئىرىشىتى.پەرھات ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىچكىرى كۇلۇپلاردا سىناق مەشىقىگە قاتناشتى . 2011-يىلى ئاتۇشقا قايتىپ خىزمەت قىلىش سەۋەبى بىلەن كۇلۇپلار بىلەن توختام تۈزەلمىدى.2012-يىلى 3-ئايدا تاش ئالما كۇماندىسى مەملىكەتلىك «ب» دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى قارار قىلغاندا مەيدان تەجىربىسى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان پەرھاتنىڭ ياش ماھىرلارنى يىتەكلەشتىكى رولىنى تونۇپ يىتىپ ئۇنى كۇماندىغا ئەكەلدى.ئەمما مەشىقتە يارلىنىش سەۋەپلىك دەسلەپكى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى.2012–يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە بىيجىڭ سەنگاۋ كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ بىر نۇقتا توپنى ئۇرۇپ يىڭى كۇماندىدىكى يىڭى رىكۇتىنى باشلىدى.بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە پەرھات پۈتۈن كۇماندىنى يىتەكلەپ ۋە ئىتپاقلاشتۇرۇپ يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى.
[align=justify] |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|