ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3465 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ،ئاسىيا قىتئەسى رايۇنىدىكى مۇسابىقىسى تۈنگۈن ئومىمى يۈزلۈك باشلاندى .
ئالدىنقى 20كۈچلۈك كوماندىدىن تاللىنىپ چىققان 10كوماندا ئىككى گوروپ بولۇپ، ساھىپخان ۋە مېھمان بولۇپ ئىككى ئايلانمىدىن مۇسابىقە ئوينايدۇ .
A-گوروپ ئىران ،قاتار،ئۆزبىكىستان ،كورىيە ،لىۋان.
B-گوروپ ياپۇنىيە،ئىراق ،ئىئوردانىيە،ئاۋىستىرالىيە،ئومان.
ھەربىر گوروپنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى بىۋاستە 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ .[ئا ]گوروپنىڭ ئۈچىنجىسى بىلەن [ب]گوروپنىڭ ئۈچىنجىسى مېھمان -ساھىپخان مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق ئۇتقىنى ئاسىيا قىتئەسىگە بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى يېرىم ساننى ئالدۇ .
يېرىم ساننى ئالغان كوماندا ،ئوكئانىيە قىتئەسىنىڭ چىمپىيونى بىلەن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى بىرازىلىيەگە باردىغان بىلەتنى تالشىدۇ .
تۈنگۈن ئوينالغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىلەر .
ئۆزبىكىستان 0-1ئىران
لىۋان 0-1قاتار
ياپۇنىيە3-0ئومان
ئىئوردانىيە 1-1ئىراق
ھەربىر ئايلانمىدا ئىككىدىن كوماندا دەم ئالدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ ئايلانمىدا كورىيە كوماندىسى بىلەن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى ئارام ئالدى .
ئۆزبىكىستان كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى قەستەن كارتا يۇيۇش سەتچىلكىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ قېتىملىق ئىران كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى .
زاپاس ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن ئۆزبىكىستان كوماندىسى، پۈتۈن مەيدان ئېران كوماندىسىنى بېسىپلام ئوينىغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي قالدى .ئەپسۇسس مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئېران كوماندىسنىڭ بىر قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى . |
|