akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5775|ئىنكاس: 32

شىنجاڭنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەكرەم !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


2012-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن تاش ئالما گۇرۇھى قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ  كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقتى ،ھازىر بۇ كوماندىدا ئۇيغۇر ،خەنزۇ،قازاق ،قىرغىز بۇلۇپ تۆت مىللەتىن تەركىپ تاپقان جەمى 30 نەپەر پۇتبولچى بار،بۇنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن،باشقىلارنىڭ ھەمىسى شىنجاڭلىق،كوماندىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى بولسا قازاقىستانلىق سېرگىي ئۈستىگە ئالغان.2002-يىلى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبولچىلىغا بەزى تەرەقىياتنى ئېلىپ كەلدى،بۇلۇپمۇ 2010-يىلدىن باشلاپ ئەكرەمجان،ئابدۇل بارى،مىرئەخمەت،دىلمۇرات،يەھيا،ئابدۇۋەلى،شەۋكەت قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە توپ ئويناپ تالانتىنى نامايەن قىلدى،ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە توپ ئويناۋاتقان پۇتبولچىلار ھازىرغا قەدەر 10 دىن ئېشىپ كەتتى،
شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى ئارلىقتىن 4 يىل ئۆتكەندە يەنە تەشكىلەندى،تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسى بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان،شۇ چاغدا بىر پۇتبولچى يۇقۇرى سەۋىيەدە توپ ئويناپ توپ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان،ئۇ بولسىمۇ تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ پۇتبول ئەپەنىسى» بۇلۇپ باھالانغان داڭلىق پۇتبولچى ئەكرەم ! بۇ پۇتبولچىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن،ئەمدى بىز ئەكرەم بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ چىقىمىز، ئەكرەمگە ئالاقىدار ماتىريالنىمۇ بەك تەستە تاپتىم، ئەكرەم توغۇرلۇق ئىلگىرى تېما يېزىلغانمۇ يوق،مەن بۇنى بىلمىدىم،ئېھتىمال يېزىلغان بۇلۇش مۈمكىن، بۇ پۇتبولچىنى ھىچكىم ئۇنتۇپ قالمايدۇ دەپ قارايمەن،يېزىلغان بولسىمۇ يەنە يېزىشنى قارار قىلدىم،داۋاملىق يېزىشىمىزغا ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئەكرەم بىزنىڭ چولپىنىمىز !




ئىسمى : ئەكرەم  
تۇغۇلغان ۋاقىتى: 1981-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئىگىزلىگى :بىر مىتىر 85 سانتا
مىلىتى: ئۆزبېك
يۇرتى : قەشقەر
كەسپى:1. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى جەمىيەت ۋە پەن -تېخنىكا پىرۇگىرامىسنىڭ سىنئالغۇ مۇخبىرى،2.ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچى
مەيدانىدىكى ئورنى : ھۇجۇم
ئىلگىرى توپ ئوينىغان كوماندا :شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى كوماندىسى
ھازىرقى كوماندىسى:خۇنەن شىياڭتاۋ
ئېرىشكەن شان شەرىپى:2009-يىل جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك بىرلەشمە چىمپىيۇنى،(ئا دەرىجىگە ئۆرلىگەن) ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن ( 8 توپ)،شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى (2006 يىل)




ئەكرەم شىنجاڭنىڭ بۈشۈگى بولغان قەشقەردە تۇغۇلغان.6 يېشىدىن باشلاپ توپ ئويناشنى باشلىغان،ئەكرەمنىڭ دادىسى بولسا ئىلگىرى قەشقەر تەنتەربىيە ئىنىستوتىنىڭ تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇپ،ئەكرەمنىڭ پۇتبول ئوينىشىغا بىرىنچى بۇلۇپ ئاساس سالغان ،توپ ئويناش قىزغىنلىغى يۇقۇرى بولغان ئوغلىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ،ئۆز مەكتىۋىدىكى 10 نەچچە شاگىرتىنى ئەكرەم بىلەن بىرگە توپ ئويناشقا تەشكىلىگەن،بۇ ئۇقۇغۇچىلار ئەكرەم بىلەن دائىم بىرگە توپ ئوينىغان،ئارلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەكرەمنىڭ توپ ئويناش تېخنىسكىمۇ تېز ئۆسكەن،7-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان مەزگىلدە جەنۇبى شىمال ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسغا قاتناشقان،تۇلۇقسىز ئۈچۈنچى يىلىقتا ئۇقىۋاتقان چېغىدىلا شۇ تۈردىكى مۇسابىقىدا ئۈچۈىنچى بولغان،كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇدا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، بىراق ئەكرەم ئالى مەكتەپكە ئۈتۈشنىڭ ئالدىدا، ئەزەلدىن سېستىمىلىق بولغان ياش -ئۆسمۈرلەر مەخسۇس تەربىيىنىلىشنى قۇبۇل قىلىپ باقمىغان،ئېھتىمال شۇ چاغدىكى ئەمىلى شارائىت يار بەرمىگەن بولسا كىرەك،ھازىرقى مۇۋاپىقىيەت پۈتۈنلەي ئۈزىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن ئىشتىياقى نەتىجىسدە قولغا كەلگەن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ،كېيىن قەشقەر دارىلمۇئەلىمگە ئۇقۇشقا كەلگەن،شۇ چاغدا مەكتەپتىكى تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچۇسى ئەكرەمنىڭ توپ ئويناش تېخنىكىسىغا قايىل بۇلۇپ قالغان،ئارقىدىن ئەكرەمگە كۈڭۈل بۈلۈپ تەربىيلەشنى باشلىغان،بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈش بىر تەرەپتىن پۇتبول مەشقى قىلىپ ئەكرەم ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۈرۈنۈپ مەكتەپتە نامى چىقىشقا باشلىغان،1999-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدا ئەكرەم ئۈزى ئۇقۇۋاتقان مەكتەپكە ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىغا قاتناشقان،بۇ مۇسابىقىدا ئەكرەمنىڭ ئىپادىسى بەك قالتىس بولغان،ھەمدە نەق مەيداندا مۇسابىقە كۈرىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى ياڭ چۈئەنبىڭنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان.كېيىن بۇ تېرىنىر بىر نچچە قېتىم مەخسۇس ئەكرەم ئۇقىۋاتقان مەكتەپ بىلەن سۆزلىشىپ ئاخىردا ،يەنى 2000 يىلى ئەكرەمنى شىنجاڭ كوماندىسغا تاللاپ ئېلىپ كەتكەن،بۇ ئەكرەمنىڭ تۇنجى قەدەمنى مۇۋاپىقىيەتلىك بېسىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.2001-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدا، ئەكرەم تۇنجى قېتىم شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان،گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ،لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى شۇ چاغدا گۇرۇپتىلا شاللىنىپ كەتكەن،
شىنجاڭ كوماندىسى گەرچە شۇ قېتىم گۇرۇپتا شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن ئەكرەمنىڭ مەيدانىدىكى ياخشى ھالىتى ئەكرەمنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا يول ئېچىپ بەرگەن،شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدن كېيىن ئىچكىردىكى بىر نەچچە كۇلۇپ ئەكرەمگە قىزىقىپ قالغان،بىرىنچى بۇلۇپ دۆلىتىمىز ئا دەرىجىدىكى چۇڭچىڭ لىفەن كۇلۇبى ئەكرەمنى ئەكىلىشكە تەيارلانغان،بىراق ئەكرەم مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ تەكلىپنى رەق قىلىۋەتكەن،2001-يىلى 2-ئايدا بىر تۈركۈم شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتالىيەگە بېرىپ قىسقا ۋاقىت مەشىققە قاتنىشى پۇرسىتىگە ئېرىشكەن،بۇ يەردىكى تەربىيلىنىش ئەكرەمنىڭ كېيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا چوڭ ئاساس سالغان،شۇ يىللىرى ئەكرەمنىڭ يېشى تېخى كىچىك بۇلۇپ 6 ئايغىچە ئۆيگە قايتالمىغان،ئەكرەم مۇنداق دىگەن،راستىنى دىگەندە مەن ئۆينى بەك سېغىندىم،بىز توختىماي مەشىق قىلىۋاتىمىز،دەرۋەقە چۇڭچىڭ لىفەن كۇلۇبى مىنى تەكلىپ قىلدى،سەبداشلىرىمىنىڭ ھەمىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۈزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن،مەنمۇ ئۇ يەرگە بېرىشنى ئويلىمىدىم،شۇ چاغدا پىشقەدەم پۇتبولچىلار ماڭا مۇنداق دىگەن،ئەكرەم سەن قاتتىق ئويلان،بۇ سەن ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت،سەن بەك ئاخماقكەنسەن،لېكىن مەن ئاخىردا يەنىلا ئۇ كوماندىغا بېرىشتىن ۋاز كەچتىم،
شۇنداق قىلىپ 2003-يىلى قەشقەردىكى ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدى،ئەكرەمنىڭ تەلىيىگە تېلىۋىزىيە ئىستانىسنىڭ باشلىغى پۇتبولغا ئوتتەك قىزىقىدىغان ئادەم بۇلۇپ،ئەكرەمدەك بۇنداق پۇتبولچىنىڭ تەقسىم بولغىنى ئاڭلاپ قاتتىق خۇشال بۇلۇپ كەتكەن،ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي 9 -نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسغا قاتنىشىپ تارقىلىپ كەتكەن بىر تۈركۈم پۇتبولچىلارنى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىغا چاقىرتىپ كەلگەن،ھەمدە بۇلارىدىن بىر كوماندا تەشكىللەپ چىققان،ئەكرەم باشچىلىغىدىكى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە كوماندىسى شۇ چاغلاردا ھەقىقەتەن كۈچلۈك بۇلۇپ،شىنجاڭ ئىچىدە ھىچ قانداق بىر كوماندا بۇلارنى يېڭەلمىگەن.


توپ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى ئەكرەم :



2006-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ( شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى) قۇرۇلدى،شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى،بۇ كوماندىدا چۇقۇم ئەكرەم بۇلۇشى كىرەك ئەلۋەتتە،ئەكرەم شۇ چاغدا يەنىلا تېلىۋىزىيە كوماندىسدا بۇلۇپ،شىنجاڭ كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى لو دىڭ رېن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئەكرەمنى ئىككى يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ئەكرەمنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى رەسمى باشلىنىپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى.شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئاغزىدىن « ئەكرەم..ئەكرەم..ئەكرەم ..» دىگەن سادا قايتىدىن ياڭراشقا باشلىدى.2006-يىلى مۇتلەق يۇقۇرى ئۈستۈنلۈك بىلەن « شىنجاڭ پۇتبول ئەپەنىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى.پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى 3000 مىڭ سوم نەق پۇل بىلەن ئەكرەمنى مۇكاپاتلىدى،مۇسابىقىدا توختىماي توپ ئۇرۇپ كارامىتىنى نامەيەن قىلدى.2010-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە شىمالى رايۇن دائىرسدە جەمى 10 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بۇلۇپ باھالاندى.2008-يىلى ئەكرەم بىلەن پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى ئوتتۇرسدا ئازراق ئىش كىلىپ چىقتى،ئەكرەم تۇيۇقسىز توپ ئويناشتىن ۋاز كېچىشىنى قارار قىلدى.تېرىنىر لودىڭرېن ئەكرەمگە كۆپ نەسىھەت قىلدى،ھەمدە ئەكرەمدىن كوماندىدىن ئايرىلماسلىقنى،شۇنداقلا بۇنداق بولغاندا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلىدىغانلىغىنى ئېيتى.ئاخىردا ئەكرەمنىڭ پىكرگە ھۆرمەت قىلىپ گۇاڭدوڭدىكى بىر كوماندىغا قۇشۇلۇشنى تەۋسىيە قىلدى. ئەكرەم بۇ تەكلىپكە قۇشۇلدى،لېكىن يەنىلا ئۇ كوماندىغا بارالمىدى.سەۋەبى ئۇ چاغدا ئەكرەم تۇنجى بۇلۇپ ئىچكىردىكى كۇلۇپتا توپ تەپمەكچى بولغان پۇتبولچى ،بىراق ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،ئەكرەم بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەي قالغان،يۆتكىلىش مەخسۇس بەلگىلىمىسدە ،شىنجاڭ تەرەپ ئەكرەمنى سېتىش تىزىملىگى قاتارلىق بەزى ئىشلارنى ئېلىپ بارمىغانلىغى ئۈچۈن، گۇاڭدوڭ تەرەپ ئەكرەمنى يۆتكەپ كېلىشكە ئامالىسز قالغان.شۇنداقلا ئەنگە ئالالمىغان.شۇنىڭ بىلەن ئەكرەمنىڭ ئىچكىرى كۇلۇپلاردا توپ ئويناش ئىشى مەغلۇپ بولغان،بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئەكرەممۇ ئۇ جايدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى،



2008-يىللىرى ئەكرەم يوق ھالەتتىكى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچىنچى قېتىم ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە يۈرۈش قىلدى،بىراق نەتىجىسى بەكلا چۈشۈپ كەتتى.ئىچكىرى كۇلۇپلاردا توپ ئويناش ئارزۇسى بەربات بولغان ئەكرەممۇ ئامالسىزلىقتىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.ئەكرەم شۇ چاغدا مۇنداق دىگەن،مەن شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ بىر قېتىم شىنجاڭ كوماندىسنىڭ مۇسابىقىسنى كۆرگىلى باردىم،نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتتى.شۇ مۇسابىقىدن كېيىن بىر تۈركۈم توپ مەستانىلىرى قاتتىق ئازاپلانغان ھالدا پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى خادىملىرىغا ،سىلەر نىمىشقا ئەكرەمنى باشقىلارغا بېرىۋىتىسىلەر،ئەكرەمنى چۇقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىشىڭلار كىرەك دىدى، بۇ كۈرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ قاتتىق ئازاپلاندىم،كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.ھەمدە ئۈن-تۈنسىز مەيدانىدىن ئايرىلدىم.
2009-يىلى ئەكرەمنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا يەنە بىر بۇرۇلۇش بولدى،يىلنىڭ بېشىدا ئىچكىرىدىكى بىر نەچچە كۇلۇپ دەرھال ھەركەتكە كېلىپ ئەكرەمنى تالاشتى،ئاخىردا ب دەرىجىدىكى سىچۈەن كوماندىسغا كەلدى،لېكىن بۇ كۇلۇپنىڭ شارائىتى بەك ناچار بۇلۇپ ،يىمەك -ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتتلەردە ئەكرەم كۈنەلمەي قالدى.مۇشۇنداق شارائىتتا خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسنىڭ قاپقىچى تېرىنىرى شىنجاڭ پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسىدىن ئەكرەمنىڭ ئەينى چاغدىكى كىيىم نۇمۇرنى سوراپ ئاندىن ئەكرەمگە تېلىفۇن قىلىپ كوماندىغا قۇشۇلۇشقا دەۋەت قىلغان،ئەكرەممۇ قۇشۇلغان،ھەمدە خۇنەنگە قاراپ ئاتلانغان،(يەنى 3-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى) بۇ يەرگە كىلىپلا مۇھىتىغا ماسلىشىپ قالغان،خۇنەن تەرەپمۇ ئەكرەمنىڭ توپ ئويناش تېخنىكىسنىڭ ئۈزلىرى ئويلىغىنىدەك ھەقىقەتەن يۇقۇرلىغىنى كۈرۈپ قايىل بولغان،ئارلىقتىن 10 كۈن ئۆتمەيلا ئىككى تەرەپ رەسمى توختام ئىمزالىغان.




شۇ يىللىرى ئەكرەم خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسغا ۋاكالىتەن ب دەرىجىلىك مۇسابىقىغا قاتنىشىپ تالانتىنى نامەيەن قىلغان،ئەڭ ھالقىلىق چاغدا ئەجەللىك توپ ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە باشلاپ ماڭغان.ئاخىردا ئەكرەمنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئا دەرىجىگە ئۆرلىگەن.ئەكرەم چىمپىيۇن كوماندىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپلا قالماي بەلكى شۇ پەسىلدە بىربىرسىدىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان توپتىن8 نى ئۇرۇپ خۇنەن توپ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق پۇتولچىغا ئايلانغان.شۇ پەسىلدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بۇلۇپ باھالانغان.مانا مۇشۇنداق يۇقۇرى پەللىدە كېتىۋاتقاندا ئەكرەمنىڭ يۇلىىدا يەنە توسالغۇ پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئاخىردا چېكىنشنى قارار قىلدى،سەۋەبى بولسا،ئەسلى ئەكرەمنىڭ خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسدا توپ ئوينىشى پۈتۈنلەي رۇخسەت سوراش ئارقىلىق قولغا كەلگەن.شۇ چاغدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسنىڭ رەھبەرلىرى 2010-يىلدىن كېيىن ئەكرەمنىڭ يەنە داۋاملىق پۇتبول ئوينىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.ئەكرەم ئىدارىسنىڭ قايىتىپ كېلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ئۈمۈتسىزلەنگەن،سەبداشلىرمۇ ئەكرەمنىڭ كوماندىدا قېلىپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلغان.بۇ ئىشقا كۇلۇپمۇ ئامالىسز قالغان،كېيىن ئەكرەم يەنە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن،ئارلىقتىن بىر يىل ئۆتكەندە خۇنەن تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسدە ئەكرەم يەنە ئۈزىگە تۇنۇشلۇق بولغان بۇ كوماندىغا  قايتىپ كەلدى.ئالدىنقى پەسىلدە ئەكرەمنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ئاز بولدى.ئۈزىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەيدىن-پەي يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كەلدى.كۇلۇپ ۋە سەبداشلىرىمۇ كۆپ ياردەم قىلدى.يېرىم پەسىل ئۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەكرەم ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مۇسابىقە ئوينىدى.ئىپادىسى ھازىرمۇ يەنىلا ياخشى بولماقتا ....نىشان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسگە چىقىش،

خۇنەن شىياڭتاۋ توپ مەستانىلىرنىڭ قەھىرمانى :



ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ،مەن ئادەتتە ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ،ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق چوۇ مۇسابىقىلارنى تېلىۋىزوردىن بىر مەيدانىمۇ ئۆتكۈزۋەتمەي كۈرۈپ تۇرىمەن.شۇ مۇسابىقىلارنى كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە يەنە،دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان شۇ داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىدىكى توپ ئويناش تېخنىكىسى،توپ ئېلىپ مېڭىش،قاپقىغا توپ ئۇرۇش،قاتارلىق ھەركەتلىرىنى ئۈزەمگە ئۈلگە قىلىمەن،ئۈگىنىمەن،مەن شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالدىم،مەن بۇ جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى،يەنى ھۇجۇمچى بولغان ئادەم توپ ئېلىپ مېڭىش،بۈسۈپ كىرىش ۋە قاپقىغا توپ ئۇرغاندا چۇقۇم نەپەسنى تەڭشەش ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن،بۇ ھالەت تەڭشەلگەندە ھەممە ئىش ئۇڭۇشلۇق بۇلىدۇ.ئەكرەمنىڭ ئارزۇسى بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە توپ ئويناش،يەنى بىز چۇقۇم بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇمىز،بىراق بۇ ئاسان ئەمەس،بۇ نىشان ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەمىسى چۇقۇم تىرىشمىسا بولمايدۇ،ئەگەر بىز ياخشى ئوينىساقلا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسگە چىقىش تەس ئەمەس،بىزگە يەنە پۇرسەت بار،مەن بۇ يىل توپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن كۇلۇپ يۇقۇرى قاتلىمى بىلەن سۆھبەتلىشىمەن،يەنى ئىككى يىل مۇشۇ كوماندىدا توپ ئويناش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرمەن،
ئاخىردا ئەكرەمنىڭ كېيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ئۈتۈشىنى،شۇنداقلا ئۈزى ئارزۇ قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمسدە ،ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولغان كۇلۇپلاردا توپ ئويناپ زەپەر قۇچۇشۇنى ئۈمۈت قىلىمىز !




ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن پۇتبولچىلىق ھايات :

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +25 يىغىش سەۋەبى
پارلاق + 25 ئاپىرىن ساڭا ئەكرەم

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 19:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەمنىڭ مىللىتى ئۆزبېك ؟!  مانى تۇنجى بولۇپ ئاڭلاۋاتىمەن،ئۇنداق ئەمەستۇ ؟!

ئەكرەمنى شىنجاڭ پۇتبول مەستانىللىرى قانچىلىك كۆتۈرسە ئەرزىيدۇ،نۇرغۇن مەستانىلەرنى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا قىزىقتۇردى،ئەكرەم ئالدىمىزغا كەلسە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمىز،ھەتتا بەزىلىرىمىز ھاياجىنىمىزنى باسالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن،مانا بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئارىسىدىكى تەسىر دائىرىسى.شىنجاڭلىق توپچىلار ئىچىدە ئەكرەم 1-بوۇپ ئېلانغا چىقتىدۇ دەيمەن،ھېلىقى ئارماننىڭ ئېلانى

ئىشقىلىپ ئەكرەم دېسە نۇرغۇن مەستانىلەر سۆيۈنىدۇ ! ئاپىرىن ساڭا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-2 19:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى پارلاقدە2012-06-02 19:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەكرەمنىڭ مىللىتى ئۆزبېك ؟!  مانى تۇنجى بولۇپ ئاڭلاۋاتىمەن،ئۇنداق ئەمەستۇ ؟!

ئەكرەمنى شىنجاڭ پۇتبول مەستانىللىرى قانچىلىك كۆتۈرسە ئەرزىيدۇ،نۇرغۇن مەستانىلەرنى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا قىزىقتۇردى،ئەكرەم ئالدىمىزغا كەلسە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمىز،ھەتتا بەزىلىرىمىز ھاياجىنىمىزنى باسالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن،مانا بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئارىسىدىكى تەسىر دائىرىسى.شىنجاڭلىق توپچىلار ئىچىدە ئەكرەم 1-بوۇپ ئېلانغا چىقتىدۇ دەيمەن،ھېلىقى ئارماننىڭ ئېلانى

ئىشقىلىپ ئەكرەم دېسە نۇرغۇن مەستانىلەر سۆيۈنىدۇ ! ئاپىرىن ساڭا
شۇنداقكەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 19:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزبەك ~~~~ ئشقىلپ تۈرۈك قەۋمىدىن پەخىرلنىۋىرمز ~  بولسا تاشئالمىغا بىر كەلسە بولتى ~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 19:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خەنلەرنىڭ تورىدا  ئەكرەمنىڭ مىللىتىنى ئۆزبېك دەپ تولا ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۆزى ئۆزبېك ،ئايالى ئۇيغۇر دەپ ...مەنغۇ تا ھازىرغىچە ئىشەنمەي يۈرۈيمەن...
مەيلى ئۆزبېك بولسۇن مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن،شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن قان تەرىنى سىڭدۈرگەن،شىنجاڭنى جۇڭگۇغا تونۇتقان توپچى. ھەممىزنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئەرزىيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 19:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەم ھەقىقەتەن ياخشى پۇتبۇلچى.ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدۇ.ئەكرەم پۇتۇن شىنجاڭلىق پۇتبۇلچى باللاغا ئۈلگە بولۇشقا تىگىشلىك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 20:19:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇنجى بولۇپ شىنجاڭلىق پۇتبولچىلاردىن ئەكرەمنى تۇنىغان
ئەكرەم نىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 20:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى توپچى ، ئىسىمدە قىلىشچە ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا ئەكرەم بىلەن قارشى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينغان ، ئەكرەم بىلەن قول ئىلىشپ كورۇشكەندە يۇرۇكۇم شۇنداق سىلىپ كەتكەن ، ياخشى توپچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 20:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەكىرەمنىى ئىلاندىلا كۆرەگەن  ئىش ئىزلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان. بىزنىڭ ھەقىقى پەخىرلىك ئۇغلانىمىزكەن.
ئەكىرمنىڭ نەق مەيدان ئۇينىغان مۇسابىقىسىنى بىر كۆرسەك بۇلتتى.   
شىنجاڭ كۇماندىسى ئا دەرىجىگە  ئۇرلىسە كۆرەلەمىز ھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 21:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەم تاشئالىمىنى كىچىك كۆرمەي قايتىپ كەلسە ، بىزنىڭ ئا دەرىجىگە ئۆرلىشىمىزدە گەپ يوقتى ..
قايسى كۇنى بىر خەۋەردە ، تاشئالما رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان بىر قانچە توپچىنى تاشئالمىغا قۇشۇۋىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ، ئىچكىرىدىكى باللارنىڭمۇ ب دەرىجە بولسىمۇ ئۆز ئانا كوماندىمىز ئۇچۇن توپ ئوينايمىز ، دەپ ۋەدىلەرنى بەرگىنىنى ئاڭلىدىم، لېكىن قايسى بالىلارنى ئەكىلىدۇ تېمىدا ئەسكەرتىلمەپتۇ .
مېنىچە بارى ، شاۋكەت ، يەھيا ئۇچىنى ئەكىلەلمەيدۇ ، لېكىن مىرەخمەت قاتارلىق بىر قانچىسىنى ئەكىلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 21:27:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى bawdunدە2012-06-02 21:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەكرەم تاشئالىمىنى كىچىك كۆرمەي قايتىپ كەلسە ، بىزنىڭ ئا دەرىجىگە ئۆرلىشىمىزدە گەپ يوقتى ..
قايسى كۇنى بىر خەۋەردە ، تاشئالما رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان بىر قانچە توپچىنى تاشئالمىغا قۇشۇۋىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ، ئىچكىرىدىكى باللارنىڭمۇ ب دەرىجە بولسىمۇ ئۆز ئانا كوماندىمىز ئۇچۇن توپ ئوينايمىز ، دەپ ۋەدىلەرنى بەرگىنىنى ئاڭلىدىم، لېكىن قايسى بالىلارنى ئەكىلىدۇ تېمىدا ئەسكەرتىلمەپتۇ .
مېنىچە بارى ، شاۋكەت ، يەھيا ئۇچىنى ئەكىلەلمەيدۇ ، لېكىن مىرەخمەت قاتارلىق بىر قانچىسىنى ئەكىلىشى مۇمكىن.


خاتا ،
مىنىڭچە ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئەڭ تالىشىپ تۇرىۋالىدىغىنى، ئەڭ تەسكە توختايدىغىنى  مىرئەخمەت .

جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىغا ھەممىدىن يىقىن بولغىنى دەل مىرئەخمەت ، لۇنېڭ كۇلۇبى بۇ ئەتىۋرلىق ئوقوغۇچىسىنى ئالدىراپ قويۇپ بەرمەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-6-2 21:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما مەندىن بىر بىلەت كەتتى ...........

ئاۋۇ خەنزۇ يولداشلار ئەكرەمنىڭ مەستانىسى ئىكەن ، لىكىن بىز چۇ ،،،،،، رونالدونىڭ ... مىسسىنىڭ ، رۇنىينىڭ ........ ھەي تەڭشەلمىگەن جاھان دە بۇ .........


مەن قارامايدىكى پائالىيەتتە ئەكرەم بىلەن ھەمسۆھپەتتە بولۇپ قالدىم ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كەمتەر ئىكەن ، جىسمىدىن تىرىشچانلىق ، خەلىقىنى ئويلايدىغان بىر قەيسەر ئەزمەتنى كۆرگەن ئىدىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش