پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 4467|ئىنكاس: 44

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەت ( قىسقىچە تەھلىل ۋە ماتىريال )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 02:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !  
مانا مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ مۆرىنى -مۆرىگە تىرەپ بىر يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئامراق كۇلۇبلىرىمىزنىڭ (شىنجاڭ كوماندىسىدىن باشقا ) مۇسابىقىلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن كۆرۈپ ھوزۇرلىنىپ بولدۇق ۋە مۇنبەردە خەۋەر قىلىپ تۈگەتتۇق !  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق تۆھپىكارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن     جاپا چەكتىڭلار   
ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك : ئالدىمىزدا  ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول  مۇسابىقىسى تۇرۇپتۇ ! ياۋروپا لوڭقىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاشلا 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىدا ئېلىپ بېرىلىرىغان دۇنيادىكى ئەڭ قىززىيدىغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرسى .   شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇيىللىق يەنى 2012-يىللىق پولشا ۋە ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 14-قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 16 دۆلەتنىڭ  ئومۇمىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !


  

ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىختىن بۇيان جەمئىي13 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ  تۇنجى قېتىملىقتا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى چىمپىيون بولغان !  تۆۋەندە مۇشۇ 13 قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !

1. 1960– يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن   --------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى
2. 1964– يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن --------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : ئىسپانىيە
3. 1968– يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن -----------  چىمپىيون بولغان دۆلەت : ئىتالىيە
4. 1972– يىلى بېلگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن   ----------- چىمپىيون بولغان دۆلەت  : غەربىي گېرمانىيە
5. 1976– يىلى يۇگۇسلاۋىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن -------- چىمپىيون بولغان دۆلەت  : چېخوسلوۋاكىيە
6. 1980– يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن  ------------چىمپىيون بولغان دۆلەت  :  غەربىي گېرمانىيە
7. 1984– يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ------------ چىمپىيون بولغان دۆلەت : فىرانسىيە
8. 1988– يىلى ئىتتىپاقداش گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ------------ چىمپىيون بولغان دۆلەت : گوللاندىيە
9. 1992– يىلى شېۋىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ------------  چىمپىيون بولغان دۆلەت : دانىيە
10. 1996– يىلى ئېنىگلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ----------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : گېرمانىيە
11. 2000– يىلى گوللاندىيە بىلەن بېلگىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ---------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : فىرانسىيە
12. 2004– يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن -------------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : گىرىتسىيە
13. 2008– يىلى ئاۋىستىرىيە بىلەن شېۋىتسارىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ---------- چىمپىيون بولغان دۆلەت : ئىسپانىيە



ئەمدى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان 14-قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 16 دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :


1. گېرمانىيە   

گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ جەمئىي 3 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ، 3 قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ! بۇيىللىق گېرمانىيە كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تالانىتلىق ياش ماھىرلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، جەڭگىۋارلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك ! چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كوماندىنىڭ بىرسى ! گېرمانىيە كوماندىسى بۇ قېتىملىق چەك تارتىشتا گوللاندىيە ، پورتىگالىيە ، دانىيە كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە ب گۇرۇپپىغا بۆلۈندى !
ھەقىقەتەن ئىسمى -جىسمىغا لايىق ھالاكەت گۇرۇپپىسى !  

دۆلەت ئەھۋالى : گېرمانىيەنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 81 مىليون 799مىڭ 600 بولۇپ (2011-يىلدىكى سىتاتىستىكا ) ، ئومومى يەر كۆلىمى357مىڭ 21 كۇۋادرات كىلومىتىر !  ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومۇمى قىممىتى : 3تىرلىيون 628 مىليارد دوللار !  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدغان نىسبىتى : 37935 ئامىرىكا دوللىرى !  
پايتەختى : بېرلىن  
ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرى : مىيۇنخىن ، ھامبۇرۇگ ، فىرانكىفورىت قاتارلىقلار .
دۆلەت تىلى : نىمىس تىلى
ياۋروپادىكى ئورنى :

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : لېف  


كوماندا بەلگىسى :
  


  

2.  ئېنگىلانىد   

ئېنگىلانىد كوماندىسىمۇ دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، داڭلىق چولپانلار توپلاشقان .  تارىختىن بۇيان بىرلا قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن . تا ھازىرغىچە ياۋروپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇپ باقمىغان .  ئىنگىلانىد كوماندىسىدا رونىي ، تېررى ، لامپارد ، ئاشلى كول ، جىراد .... قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئىستىقباللىق ياش چولپانلار توپلاشقان ، بۇلارنىڭمۇ بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى .  ئىنگىلانىد ، فىرانسىيە ، شىۋىتسىيە ، ئۇكرائىنا كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە  د گۇرۇپپىغا بۆلۈندى !  ئازراقلا دىققەت قىلمىسا گۇرۇپپىدىن چىقىشى تەسكە توختايدۇ
دۆلەت ئەھۋالى : ئىنگىلانىد بولسا ئۇلۇغ بېرتانىيە ۋە شىمالى ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (قىسقارتىلىپ ئەنگىلىيەدىيىلىدۇ) قارمىقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ ئومومى يەر كۆلىمى 130 مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر ،  ئومومى نوپوسى 51 مىليوندىن ئارتۇق . 2011-يىلدىكى ئىچىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى : 2تىرلىيون 480مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 36مىڭ 120 ئامىرىكا دوللىرى  ( ماۋۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ۋە ئوتتۇرچە قىممىتى پۈتۈن ئەنگىلىيەنىڭكىكەن ! ئىنگىلانىدنىڭكىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم !  شۇنداق بولسىمۇ يېزىپ قوياي ، بىكا خاتاكەن دەپ تۇرىۋالماڭلا )   پۇل بىرلىكى : فونىستىرلىڭ .  
پايتەختى : لوندون
ئاساسلىق شەھەرلىرى : مانچىستىر ، لېۋىرپول ، نىيۇكاستىل ...... قاتارلىقلار
دۆلەت تىلى : ئېنگىلىز تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى :خوچسىن
  
كوماندا گىربى :




3. ئىتالىيە

ئىتالىيە كوماندىسىنى تارىختىن بۇيان 4 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن .  بىر قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى !  بىراق يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىپادىسى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ چىمپىيون بولۇش يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا زور دىيىشكە بولىدۇ !
ئىتالىيە كوماندىسى : ئىسپانىيە ، كىرودىيە ، ئېرلاندىيە كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە  س  گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، بۇگۇرۇپپىدىكى كوماندىلارمۇ بىر -بىرىدىن كۈچلۈك كوماندىلار ، ئىتالىيەمۇ سەللا دىققەت قىلمىسا 2010-يىلدىكى پاجىئە يەنە تەكرارلىنىشى مۇمكىن !
دۆلەت ئەھۋالى : ئىتالىيەنىڭ ئومومى نوپۇسى 60مىليون 114مىڭ .  يەر كۆلىمى 301مىڭ 338 كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2010-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 2 تىرلىيون ئامارىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى : 33مىڭ 828 ئامىرىكا دوللىرى ،
پايتەختى : رىم
ئاساسلى شەھەرلىرى : تۇرىن ،  مىلان ، ناپولى .... قاتارلىقلار .
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
دۆلەت تىلى : ئىتالىيان تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :
  

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى :  پۇراندىلى
  

كوماندا گىربى :




4. ئىسپانىيە   


ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇلارمۇ بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى ، 2 قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .  بىرنەچچە يىلدىن بىرى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ دەرىجە رەت تەرتىپىدە ئىزچىل بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كىلىۋاتقان كوماندا شۇنداقلا بۇيىللىق ياۋروپا چىمپىيوننى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان كوماندىنىڭ بىرسى .   ئىسپانىيەمۇ ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە س گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن !  ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ئىپادىسىگە قارىغاندا گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كىتىشى مۇمكىن !
دۆلەت ئەھۋالى :  ئومومى نوپوسى 46مىليون ،  يەركۆلىمى : 505مىڭ 925 كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2011-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى : 1تىرلىيون 413مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرچە قىممىتى : 30مىڭ 622دوللار .
پايتەختى : مادرىد
ئاساسلىق شەھەرلىرى : بارسىلونا ، ۋالۈنسىيە ، سېۋىللا .... قاتارلىقلار
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
دۆلەت تىلى : ئىسپان تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بوسىك


كوماندا گىربى :





5. فىرانسىيە   


فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، داڭلىق چولپانلارمۇ ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ !  بۇ كوماندىمۇ بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ، ئىككى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . بىراق فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئوخشاشلا يىقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىپادىسىنى جارى قىلىدۇرالمايۋاتقان ئەمىلى كۈچى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى .  فىرانسىيەمۇ ئىنگىلانىد بىلەن بىرلىكتە  د گۇرۇپپىغا بۆلۈندى .  2010-يىلدىكى ئىچكى جىدەلنى يەنە تەكرارلاپ قالسا بۇلارمۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىن دۆلىتىگە قاراپ داۋاي
دۆلەت ئەھۋالى :  ئومومى نوپۇسى 65مىليون 500مىڭ ،   ئومومى يەر كۆلىمى : 543مىڭ 965 كۇۋادرات كىلومىتىر ،  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 2 تىرلىيون 865مىليارد 700مىليون دوللار ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 46مىڭ 16 ئامىرىكا دوللىرى ،
پايتەختى : پارىژ
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
دۆلەت تىلى : فىرانسۇز تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بۇلەنكا


كوماندا گىربى :





6. پورتۇگالىيە


پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ دۇنيادىكى ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىى بولۇپ ،  يۇشىبىئو ، رۇي كوستا ، فىگو ، دېكو ، ۋە ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدو يىتىشىپ چىققان كوماندا !   پورتۇگالىيە تارىختىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ لىكىن بۇيىل بۇ كوماندىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمۇ ناھايىتى زور !  بىراق بۇ كوماندىنىڭ ئورۇنلىشىپ قالغان گۇرۇپپىسى بەكلا خەتەرلىك ، جاننى تىكمىسە كىچىك گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كىتىشى مۇمكىن
دۆلەت ئەھۋالى : ئومومى نوپوسى : 10مىليون 647مىڭ ،  ئومومى يەر كۆلىمى : 92مىڭ 90 كۇۋادرات كىلومىتىر ،  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 247 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى : 23مىڭ 222دوللار ،
پايتەختى : لىسبون
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
دۆلەت تىلى : پورتىگال تىلى
ئاساسلىق شەھەرلىرى : پورتۇ . كىيىنبول ، گاياسىن
خەرىتىدىكى ئورنى :
  

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بىنتو


كوماندا گىربى :





7. پولشا


پولشا بولسا بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ، پولشا كوماندىسىنىڭ ئەمىلى كۈچى يۇقىرىدىكى دۆلەت كوماندىلىرىغا قارىغاندا سەل ئاجىزراق بولسىمۇ بىراق ساھىبخان كوماندا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇيىللىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن !  پولشا كوماندىسىمۇ ھازىرغىچە دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقىدە لوڭقا كۆتۈرۈپ باقمىغان .  لىكىن پولشا كوماندىسىنىڭ جايلىشىۋالغان گۇرۇپپىسى ئانچە خەتەرلىك ئەمەس ، ئازراق كۈچىسىلا گۇرۇپپىدن چىقىپ كىتەلىشى مۇمكىن !  
دۆلەت ئەھۋالى : ئومومى نوپۇسى 38مىليون 130مىڭ ، يەر كۆلىمى 312مىڭ 683كۇۋادرات كىلومىتىر ،  
پايتەختى : ۋارشاۋا
ئاساسلىق شەھەرلىرى : كىراكوف ، لوز ، فولۇزىۋاف ...
دۆلەت تىلى : پولىشا تىلى  ، ئاساسلىقى پولەك مىللىتىدىن تەركىب تاپقان .
پۇل بىرلىكى : زىروت
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : سىمۇدا

كوماندا گىربى :





8. ئۇكرائىنا   
  

ئۇكرائىنامۇ  بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ ئەمىلى كۈچىمۇ يۇقىرىدىكى دۆلەت كوماندىلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئاجىز،  ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرى يۈز بەرگەن دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى تىموشىنكونىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىچكى سەۋەبلەر ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن !  ئۇكرائىنا كوماندىسىمۇ ھازىرغىچە دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقىدە لوڭقا كۆتۈرۈپ باقمىغان .  
د گۇرۇپپىغا جايلىشىپ قالغان ئۇكرائىنانىڭمۇ گۇرۇپپىدىن چىقىشى بەسى مۈشكۈل
دۆلەت ئەھۋالى : ئومومى نوپۇسى 46مىليون 886مىڭ ، يەر كۆلىمى 603مىڭ 700كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2011-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 164مىليارد 873مىليون ئامىرىكا دوللىرى .  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 3067دوللار .
پايتەختى : كىيىف
ئاساسلىق شەھەرلىرى : سىۋاستىپول  
دۆلەت تىلى : ئۇكرائىنا تىلى بىلەن روس تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ  
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بۇلوسېن

كوماندا گىربى :






9. روسسىيە


روسسىيە دۆلەت كوماندىسى بولسا تېخنىكىسى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان جەڭگىۋار كوماندىلارنىڭ بىرسى ،  تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ مۇشۇ روسلار چىمپىيون بولغان .
دۇنياغا داڭلىق چولپانلىرى جىق بولمىسىمۇ لىكىن ھەر قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدا نەتىجىسى خېلى يامان ئەمەس ھەم تۇراقلىق !  ئىزچىللىقنى ساقلىغان كوماندىنىڭ بىرسى .  بۇ كوماندىمۇ ياخشى بولغان ئىپادىسىنى تاپالىسا گۇرۇپپىدىن خاتىرجەم چىقىشتىن ئۈمىد با
دۆلەت ئەھۋالى : ئومومىي نوپوسى 141مىليون ،  ئومومى يە كۆلىمى 17مىليون كۇۋادرات كىلومىتىر !  2011-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 1تىرلىيون 885مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 12مىڭ 900دوللار !  
پايتەختى : موسكىۋا
ئاساسلىق شەھەرلىرى : سانكىت پىتىربۇرىگ ، مورمانىسكى ، ۋىلادىۋوستوك
دۆلەت تىلى : روس تىلى
پۇل بىرلىكى : رۇبلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : ئىيدېۋوكات


كوماندا گىربى :





10. چېخ


چېخ دۆلەت كوماندىسى ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كوماندىلارنىڭ بىرسى بولۇپ  نەتىجىسىمۇ ھەر ھالدا تۇراقلىق !  بۇيىلقى ياۋروپا لوڭقىسىدىكى رەقىبلىرىمۇ ئانچە كۈچلۈك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ !  ئازراق كۈچىسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كىتىشى مۇمكىن !
دۆلەت ئەھۋالىغا كەلسەك ئومومى نوپوسى 10مىليون 267مىڭ ئادەم ،  ئومومىي يەر كۆلىمى 78مىڭ 866كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2010-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 191مىليارد 973مىليون دوللار ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى  18مىڭ256 ئامىرىكا دوللىرى .
پايتەختى : پىراگا
ئاساسلىق شەھەرلىرى : بېرسىن ، بۇرنو ، روسىتلاف
دۆلەت تىلى چېخ تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بىلەيىك


كوماندا گىربى :




11. گوللاندىيە


گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزەلدىن دۇنياغا داڭلىق چولپانلار توپلاشقان كوماندا بولۇپ ، بۇ كوماندىدىنمۇ دۇنياغا داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس !   گوللاندىيە كوماندىسىنىڭمۇ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇيىلمۇ ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كىتەلىسە لوڭقا كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى ناھايىتى يۇقىرى !   گوللاندىيەمۇ 88-يىلى بىر قىتىملا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، گېرمانىيەگە ئوخشاش كۈمۈش مىدالغا  ھۆ بولۇپ كەتكەن دۆلەت.  بۇلارمۇ جاننى تىكمىسە كىچىك گۇرۇپپىدىلا گوللاندىيەگە داۋاي
دۆلەت ئەھۋالى : ئومومى نوپۇسى 16مىليون 500مىڭ ئادەم ،  يەر كۆلىمى 41مىڭ 526 كۇۋادرات كىلومىتىر ،  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 868مىليارد 940مىليون ئامىرىكا دوللىرى ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 52مىڭ ئامىرىكا دوللىرى .
پايتەختى : ئامىستىردام
ئاساسلىق شەھىرى : روتتىردام
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
دۆلەت تىلى : گوللاندىيە تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :
  

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : ۋان مارۋىك

كوماندا گىربى :





12. شىۋىتسىيە
  

شىۋىتسىيە دۆلەت كوماندىسى ھازىرغىچە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياكى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ باقمىغان ، لىكىن بۇ دۆلەتتىنمۇ داڭلىق چولپانلار ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ !  چوڭ مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسىنى بەك ياخشى دەپكەتكىلى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ كوماندىنىڭ ئەزالىرىمۇ خېلى سەرخىل .  كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى سەل تۆۋەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۈمىد يوق دىيىشكە بولمايدۇ !  ئاساسلىقى ئىبرايىم تۆگىنىڭ ئىپادىسىگە قارايمىز !
دۆلىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى :  ئومومىي نوپوسى 9مىليون 110مىڭ ئادەم ، يەر كۆلىمى 450مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 484مىليارد 500مىليون ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 57مىڭ 156 ئامىرىكا دوللىرى .
پايتەختى : سىتوكھولىم
ئاساسلىق شەھەرلىرى : گېدباۋ ، مارمو
دۆلەت تىلى : شىۋىتسىيە تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : ئېرىك . خامرۇن


كوماندا گىربى :






13. گىرىتسىيە   


گىرىتسىيە كوماندىسى 2004-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ لوڭقا كۆتۈرۈپ ئىسمى-جىسمىغا لايىق قارا تۇلپارغا ئايلانغان سىرلىق بىر كوماندا .  بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ۋە يۇقىرى قاتلامنىڭ بەزى مەسىلىلىرى تۇپەيلىدىن  قالايمىقانچىلىق ۋە نامايىشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ !  شۇنداقتىمۇ بۇيىل گىرىتسىيە كوماندىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا 16كۈچۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ ياۋروپا لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .
گىرىتسىيە تۇرىۋاتقان كىچىك گۇرۇپپىمۇ مىنىڭچە ئۇنچىۋالا خەتەرلىك گۇرۇپپىمۇ ئەمەس ،  گۇرۇپپىدىن چىقىشتا خېلى كۆپ پۇرسەت بار ، قېنى بۇقېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ گىرىتسىيە ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ قارا تۇلپارغا ئايلىنىپ كىتەمدۇ ياكى كىچىك گۇرۇپپىدىلا بىرتەرەپ بولامدۇ  ؟ بۇنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەيلى !
دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى : 2011-يىلدىكى ئومومىي نوپوسى 10مىليون 787مىڭ 690 ئادەم ،  ئومومى يەر كۆلىمى 131مىڭ 957كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2010-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 305مىليارد 144مىليون ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 20مىڭ 360 ياۋرو !
پايتەختى : ئافىنا
ئاساسلىق شەھەرلىرى : سېسالونىس ، پاتىرى
دۆلەت تىلى : گىرىك تىلى
پۇل بىرلىكى : ياۋرو
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : فېرنادو . سانتوس

كوماندا گىربى :





14.دانىيە



دانىيە  كوماندىسىمۇ 1992-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا  نۇرغۇن مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ لوڭقا كۆتۈرۈپ ئەشەددى  قارا تۇلپارغا ئايلانغان سىرلىق بىر كوماندا .  بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۈچلۈك كوماندىلار توپلاشقان ياۋروپادا سەل كۆمۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ، بۇيىل پورتىگالىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى ! بۇ كوماندىنىڭ ئەزالىرىنىڭ بەدەن قوۋۋىتى كۈچلۈك ھەم قاۋۇل !  بىراق ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا كىرىپ قالغان بولغاچقا گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى بەكلا تۆۋەن !
دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى : 2011-يىلدىكى ئومومىي نوپوسى 5مىليون 520مىڭ  ئادەم ،  ئومومى يەر كۆلىمى 43مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر ،  2011-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 333مىليارد 238مىليون ئامىرىكا دوللىرى ،  كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە قىممىتى 59مىڭ 928 دوللار !
پايتەختى : كوپىنھاگىن
دۆلەت تىلى : دانىيە تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : ئورسېن

كوماندا گىربى :






15. كىرودىيە   



كىرودىيەدۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ تىپىدۇ ، بۇيىل كىرودىيە كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ خېلىلا ئۈستۈن ! ھەرقېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىغا ئاساسى جەھەتتىن توللۇق قاتنىشىدۇ ، كوماندىنىڭ ئىپادىسىنى خېلى يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ ، بىراق بۇلارمۇ تېخىچە تىرناقتا توختىغىدەك لوڭقىدىن بىرەرنى كۆتۈرۈپ باقمىدى . كىرودىيە كوماندىسى : ئىسپانىيە ، ئىتالىيە ، ئېرلاندىيە كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە س گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن .  بۇ قېتىم بۇ گۇرۇپپىدىنمۇ ئوت چىكىتىشى مۇمكىن   
دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى : 2011-يىلدىكى ئومومىي نوپوسى 4 مىليون 500مىڭ ئادەم ،  ئومومى يەر كۆلىمى 56مىڭ 538 كۇۋادرات كىلومىتىر .
پايتەختى : زاگىرىپ
دۆلەت تىلى : كىرودىيە تىلى
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : بىلىچ  
  

كوماندا گىربى :





16. ئېرلاندىيە


ئېرلاندىيە دۆلەت كوماندىسى  ماڭا نىسبەتەن سەل ناتونۇش كوماندا !  س دەرىجىگە بۆلۈنۈپ قالغان بۇ كوماندىنىڭمۇ ياۋروپا لوڭقىسى سەپىرى ئانچە يىراققا بارالماسلىقى مۇمكىن !
دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى : 2011-يىلدىكى ئومومىي نوپوسى 4 مىليون 200مىڭ ئادەم ،  ئومومى يەر كۆلىمى 70مىڭ 282 كۇۋادرات كىلومىتىر .  2005-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 164مىليارد 600 مىليون ئامىرىكا دوللىرى !  كىشى بېشىغا توغرا كەلگىنى 41مىڭ دوللار .
پايتەختى : دۇبلىن
دۆلەت تىلى : ئىنگىلىس تىلى
پۇل بىرلىكى : ياۋرۇ
خەرىتىدىكى ئورنى :


دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى : ۋوسىتون


كوماندا گىربى :







تامام !  
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلبارىس + 14 ماتىريال قىلىشقا بولغۇدەك ياخشى يېزىپسىز
پارلاق + 13 ساقلاشقا تىگىشلىك تېما
ئەسلىمە + 30 ئەجىرلىك تىما.......

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 57   باھا خاتىرىسى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ۋاقىت ھەممىنى ئۇ

9

تېما

0

دوست

1222

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9706
يازمىسى: 1222
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50786
تۆھپە: 186
ۋاقتى: 184
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 03:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر................
ئۈزىل ئۈچۈن گىرمانيەنىڭ،بىنىزما ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ  رونالدۇ ئۈچۈن پورتىگاليەنىڭ،چىمپىيۇن بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    مۇشۇ 4تى 4 كۇچلۇككە كىرىپ سىناشسىمۇ مەيلىتى
777
مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ،سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.777

ئاخىرقى چىمپىيۇن

1

تېما

0

دوست

2309

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9170
يازمىسى: 2309
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10054117
تۆھپە: 889
ۋاقتى: 525
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 03:34:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دىسەم يەنە شۇ ئالغا ئىنگىلاند

يىڭنە قىلغاننى خەنجەر قىلالماس

34

تېما

8

دوست

2508

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8919
يازمىسى: 2508
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 84
تۆھپە: 1603
ۋاقتى: 896
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش بارسىلونا لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:35:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !

قىسقىچە ئەھۋالى دېسەك بولغۇدەك ، جاپا تارتىپسىلە
قالغىنىنى تۇلۇقلاپ قويساڭلە نادىرلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك

يىڭنە قىلغاننى خەنجەر قىلالماس

34

تېما

8

دوست

2508

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8919
يازمىسى: 2508
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 84
تۆھپە: 1603
ۋاقتى: 896
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش بارسىلونا لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە كىرەلىگەن بولسا شۇنىڭغا مەدەت بېرەتتىم ، ئەمدى گېرمانىيە ھۇررا !!!

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 07:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى jasur007دە2012-05-28 04:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
[align=justify]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !

قىسقىچە ئەھۋالى دېسەك بولغۇدەك ، جاپا تارتىپسىلە
قالغىنىنى تۇلۇقلاپ قويساڭلە نادىرلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك
سىز دىگەندەك تەھرىرلەپ قويدۇم !
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

266

تېما

20

دوست

4932

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10433
يازمىسى: 4932
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 8948845
تۆھپە: 3761
ۋاقتى: 2757
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بايرىن لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 07:47:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ قىسقىچە ماتىريالى

ساقلاپ قۇيغىدەك  ماتىريال  تىمىكەن.بەك تەپسىلى يىزىپسىز.     

ئۇيغۇرۇم!!!

36

تېما

0

دوست

5034

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8094
يازمىسى: 5034
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 50216
تۆھپە: 852
ۋاقتى: 1388
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئىنتىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 09:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىم . داۋامىنى تولاقلاپ قويساڭلار نادىرغا لايىق بوپتۇ .
توپ دېگەن يۇمىلاق!

رونالدو

7

تېما

0

دوست

976

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7780
يازمىسى: 976
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1099608
تۆھپە: 404
ۋاقتى: 804
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 09:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش پۇتتۈرۈش  ئالدىدا  باكاچىلىقتىن  نادىر  تىمىدىن  بىرنى  يىزىۋىتىپ  كىتەي  دەپسىلەن دە     
سەھراغا  كىتىۋىلىپ  يوقاپ  كەتمەي  مۇشۇنداق  پايدىلنىش  قىممىتى  يۇقرى  تىمىنى  داۋاملق يوللاپ  تۇراسىلە  ،  تور  بولمىسا  دەپتىرىڭلىگە  يىزىپ  ماڭغا  ئەۋەتىپ  بەرسەڭلا  نامىمنى  قوشۇپ  سىلنىڭ  نامىڭلىدا  ئىلان  قىلىپ  قويۈشقا  قولۇم  كۆسۈمدە  
مادىرىد!!!

0

تېما

0

دوست

413

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10559
يازمىسى: 413
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3050448
تۆھپە: 131
ۋاقتى: 101
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىدىن بىرىنى يېزىپ قۇيۇپىسىز.
مۇشۇ گىرمانلارىنىڭ لوڭقا كۆتۇرىشىنى بەكلا ئۇمۇت قىلمەن.
ئالغا گىرمان.
بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ، بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن.

غەلبە بىزگە مەنس

59

تېما

0

دوست

229

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8563
يازمىسى: 229
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50036
تۆھپە: 165
ۋاقتى: 174
h
ھالەت

بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن جاپا تارتىپسىز ئالغا گىرمانىيە ،تىرىشىڭلار يەنە ئىككىنچى يا ئۈچىنچى بولۇپ يۈرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

تەن ساقلىق،زور ب

33

تېما

0

دوست

783

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6852
يازمىسى: 783
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 202311
تۆھپە: 131
ۋاقتى: 438
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركىيە كىرەلمىدى ھە بۇ قىتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )