5-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق بولدى ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار! ۋاقتىڭلارنى كۆپ ئالماي گەپنى باشلىۋەتتىم ئەمسە.
شۇنداق قىلىپ بېيجىڭدىن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شېجىياجۇۋاڭ شەھىرىگە قاراپ ماڭىدىغان پويىزىغا ئارانلا ئۈلگۈرۈپ چىقىۋالدىم-دە تەرلىرىمنى سۈرتكەچ ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇردۇم. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە شېجىياجۇۋاڭغا يىتىپ كەلدىم. پويىز ئىستانسىدىن سىرىتقا چىقىپ سائەتكە بىر قارىۋەتتىم، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئىككى سائەت ۋاقىت بار ئىدى. تېلىفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم دە، شۇ كۈنى ئوينىلىدىغان خېبىي ياشلار كوماندىسى بىلەن شېنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقە مەيدانى يۈتوڭ خەلقئارا تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئادىرسىنى ئىلىكتىرۇنلۇق خەرىتىدىن ئىزدىدىم. بارىدىغان ئورۇننى بىكىتىۋالغاندىن كىيىن دەرھال مۇسابىقە مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە مەيدانىغىمۇ بىرىۋالدىم. ئۇ يەردە مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن بالىلارمۇ خىلى كۆپ ئىدى، قوللىرىدا ماھىرلىرىمىزغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن ئىلىپ كەلگەن ھەرخىل پېلاكاتلار بار ئىدى.ئۇلار بىر- بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلارنى قىلىپ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشنى ساقلاۋاتاتتى. مەن ئۇلارنى تونىمايتتىم، قورۇنۇپراق ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىم-دە، ئەسسالامۇئەيكۇم دەپ سالام بەردىم، ھەر بىرەيلەنگە ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ قۇلۇمنى ئۇزاتقىنىمدا قۇرۇنۇشلۇرۇم يوقاپ تۇققانلار، قۇلۇم-قوشنا، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن سالاملىشىۋاتقاندەك ھىسيات شەكىللىنىشكەباشلىدى، دىمىسىمۇ ئۇلار قىرىنداشلىرىم ئىدى.ئۆزۈمنىڭ قانچە قىتىم ئەسسالامۇئەلەيكۇم دىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن، لىكىن شۇنداق دىيىشىم مۇتلەق ھەق ئىدى.
ئارىلىقتا مۇسابىقە بىلىتىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىمنى سۈرۈشتۈرۈپ بىقىش ئۈچۈن شۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن سوراپ كۆردۈم. مەلۇم بولدىكى مۇسابىقە بىلىتى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە سىتىلمايدىغان،لىكىن شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنى ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتۇ، شۇ قاتاردا مەنمۇ بۇ خۇشاللىقتىن شۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بەھرىمان بولدۇم. دىمەك مىنىڭ يىراقتىن كىلىشم بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن زور خوشال بولدۇم. مۇسابىقە باشلىنىشقا 20مىنۇت قالغاندا شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپلىرى بويىچە سەپ تۈزۈپ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشتى. بىزنىڭ توپ مەستانىللىرىمىز مەيدانغا كىرىش ئىشكىنىڭ ئوڭ تەرەپ كۆرۈش سۇپىسىغا، ساھىبخان كوماندىنىڭ توپ مەستانىللىرى مەيدانغا كىرىش ئىشىكىنىڭ سول تەرەپ كۆرۈش سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.مۇسابىقە باشلىنىشقا ئاز قىلىۋاتاتتى، بىز ئەزىمەتلىرىمىزگە مەدەت بىرىش ئۈچۈن ھۇررا توۋلاشنى مەشىق قىلىپ، ئازراقتىن گاللىرىمىزنىڭ تارىللىرىنى تەڭشىۋالدۇق.
مەن بۇندىن بۇرۇنقى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىنى تور دۇنياسىدىكى تاراتقۇلاردىن بىلگەن، تۆتىنجى ئايلانما يەنى شىنجاڭنىڭ ئۆز مەيدانىدىكى مۇسابىقىسىنى پۇتبۇل مۇنبىرىنىڭ ۋاي ۋاي قانىلىدا تۇرۇپ نەق مەيداندىن ئاڭلىغان، لىكىن شۇ چاغدىكى جىددى كەيپىياتنى دىمەيلا قويۇڭ، نەق مەيداندا توپ كۆرىۋاتقان مەستانىلەر بىلەن ئوخشاش كەيپىياتتا بولىدىكەن ئادەم. بۇ قىتىممۇ بۇ مۇسابىقىگە قىزىقىۋاتقان بالىلار قانداق كەيپىياتتىدۇ دىگەننى ئويلاپ، تېلېفۇنۇمدىن ۋاي ۋاي قانىلىنى ئاچتىم، نەتىجە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بالىلار نەق مەيدان خەۋىرىگە تەشنا ئىدى. بىر ھازا بالىلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نەق مەيداندا خەۋەر قىلىپ تارقىتىدىغان بىرەرىنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم - دە، ئاتىكاچىلىق قىلىپ ۋاي ۋايدىكى بالىلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەق مەيدان ئاڭلىتىشنى ئۈستۈمگە ئالدىم.
ئەزىمەتلىرىمىز مەيدانغا بىر- بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى، مەستانىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ شىنجاڭ ھۇررا، شىنجاڭ ھۇررا!!!!! دەپ توۋلىشىپ ماھىرلارنى قارشى ئالدى، ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا چىقىۋاتقان چۇقانلاردىن بىزنى بىلىۋالدى، ئىسمىمىزنى ئەمەس قەلبىمىزنى بىلىۋالدى. قوللىرىنى كۆكسىللىرىگە قويۇپ رەھمىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ چاغدىكى ھاياجاننى پەقەت شۇ نەق مەيداندىكى تۇتاش قەلىبلەر چوڭقۇر ھىس قىلىپ يىتەتتى. مۇسابىقە باشلاندى، ئەزىمەتلىرىمىز چاقماق تېزلىكىدە پاس بىرىشىپ ئەجەللىك ھۇجۇملارنى تەشكىللىدى. مەستانىلەر ئاز مەيداندا بىزنىڭ 60دىن ئوشۇق مەستانىمىزنىڭ ھۇررا ساداسى تاغ ئارسىدا ھۇۋلىغان بۆرىنىڭ ئەكىس ساداسىغا ئوخشاش يىنىپ-يىنىپ ئۆزىمىزگە قايتىپ كىلەتتى، بۇ چاغدا بۇ يىنىپ كىلىۋاتقان ئەكىس سادالىرى خۇددى ماڭا يۇرتىمىزنىڭ تەڭرى تىغىغا بىرىپ شۇ يەردىكى ھۇرراچىلارنىڭ ساداسىنى بىرگە ئىلىپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. شۇ چاغدىكى ھاياجىنىمدا بىر تەرەپتىن ھۇررا توۋلىغاچ بىر تەرەپتىن ۋاي ۋاي قانىلىغا قاتتىق ھاياجىنىم بىلەن سۆزلەۋاتاتتىم. ۋاي ۋاي قانىلى جىمجىت ئىدى، مەن ئارىلاپ قانالدىكى بالىلاردىن :ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋەي ۋەي، ئاڭلاۋاتامسىلەر دەپ سوراپ قويدۇم، چۈنكى ھاياجان بىلەن سۆزلەۋىرىپ، بالىلار ئاڭلىماي ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كاپشىپ ئۆزۈمنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىدن گۇمانلىنىپمۇ ئۈلگۈردۈم، لىكىن بالىلاردىن ناھايىتى ياخشى ئاڭلاۋاتىمىز دىگەن جاۋاپ كەلگەندىن كىيىن گۇمانىم يوق بولدى. توپ كىردى، توپ كىردىى ى ى ى!!! ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قاتتىق ھۇررا توۋلىدۇق، ئەزىمەتلىرىمىز دەقىقە ۋاقىت ساما سىلىپ ئۇرغان توپىنى تەبرىكلەپ قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنى ۋە توپ مەستانىللىرىنى ھەيران قالدۇردى. ۋاي ۋايدىكىلەر كىم ئۇردى، كىم ؟ دەپ قايتا-قايتا سوراپ كەتتى. ئۇ پەيىتتە، ئۇ دەقىقىدە كىمنىڭ ئۇرغانلىقى بىزگە مۇھىم ئەمەس ئىدى(ئەمىلىيەتتە 2-نۇمۇرلۇق مۇستافا، 10-نۇمۇرلۇق ئەخمەتجانلار بىردىن توپ ئۇردى)، ئىچ-ئىچىمىزدىن چىقىۋاتقان ھاياجان ، كۆككە كۆتۈرلەۋاتقان ھۇررا ساداسى، غەلبە شاتلىغى تىخىمۇ مۇھىم ئىدى، بۇ چاغدا تەڭرىتاغدىن يەنە ھۇررا ساداسى كەلگەندەك تۇيۇلدى. بەلكىم مەن قاتتىق ھاياجان پەيتلەردە ۋاي ۋايدا توپ كىردى، توپ كىردىى ى ى ى!!! دەپ بارلىق ئاۋازىم بىلەن توۋلىغاندا بەلكىم ۋاي ۋاينى ئاڭلاۋاتقانلار مىنى ھەقىقەتەن ساراڭكەن دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە شۇ يەردە ھۇررا توۋلاپ گاللىرى قۇرۇپ، ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن ھەربىر توپ مەستانىمىز غەلبە شاتلىغىدا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا بارلىق ئاۋازلىرىنى ئىشقا سىلىشاتتى. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى مەستانىللىرىمىز غەلبە ئۈچۈنلا ھۇررا توۋلىمىدى، ۋارتارىمىزنىڭ چەبدەسلىكىگە، ئەزىمەتلىرىمىز قاتتىق يارلانسىمۇ زەمبىلگە چىقماي ئۆزلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مەيدان سىرتىغا چىقىپ كىتىشى، يەنە بۈركۈتتەك مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ توپ تىپىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈنمۇ، ھەر بىرىنىڭ ئىسمىنى يۇقۇرى ئاۋازدا چاقىرىپ غەيرەت قىل، غەيرەت قىل دەپ، ئىسمىنى چاقىرىپ يارايسەن ، يارايسەن دەپ مەدەت بىرىپ ھۇررا توۋلىشى بولدى. مانا بۇ ھەقىقى مەدەت، مانا بۇ ھەقىقى قوللاش. شۇنداق قىلىپ 100مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت شۇنداق ھاياجان ئىلكىدە ئۆتتى. ئەزىمەتلىرىمىز ئالدىمىزغا كىلىپ سالام قىلدى، بىزگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ھۆرمىتىنى ئەنە شۇ قوللىرىنى مۇبارەك كۆكسىگە ئىلىپ بىزگە ھاياجاندا تىكىلدى، بىراق بىز تىخىچە ھۇررا سادالىرىدىن توختىمىغان ئىدۇق، قاتتىق توۋلاۋاتاتتۇق، پۈتۈن ھۇجۇدىمز بىلەن توۋلاۋاتاتتۇق، بەزىلەر كۆز يىشى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى، بۇ كۆز يىشى ئەمەس ئىدى، قەلىبلەردىن چىقىۋاتقان خۇشاللىق كۈيى ئىدى. يوغان دۇمباقتىن چىققان لەرزان ساما ئاۋازى بىلەن يىگىتلەر- قىزلار ساما سىلىشتى، بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇشمايتتۇق، لىكىن دىلىمىز بىلەن ئانا تىلىمىز بىزنىڭ ناتۇنۇش ئەمەس قىرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇپ تۇراتتى. ئەزىمەتلەر مەيداندىن ئايرىلىشتى. ئەزىمەتلەر ئەمدى قەيەرگە ماڭدىڭلار، دىدىم مەن ئىچىمدە. كىيىنكى بىكەتتە ساقلاۋاتقان ھۇرراچىلارنىڭ يىنىغا دەپ جاۋاپ بەرگەندەك بىز تەرەپكە قاراپ قويدى ئەزىمەتلەر. |