akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5972|ئىنكاس: 59

شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق


2012- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدىن كىيىنكى ھاياجان شىنجاڭلىق پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا تېخى بىسىققىنى يوق. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا «ھەي... شۇ بىر نۇقتا توپنى ئۇرالىغان بولساق...» دېگەن ئارمان ۋە پۇشايمان بىلەن تولغان بىر جۈملە گەپ. كۆپ ساندىكى تاماشىبىنلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىز ئۇتىمىز دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن تۇرغان، كوماندىمىزدىن كۆپ ئۈمىتلەرنى كۈتكەنىدۇق،  كوماندا ئەزالىرىمىزدىمۇ چوقۇم ئۇتىمىز دېگەن ئىشەنچ بار بولغان بولغىيتى، ئەپسۇس تەڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنداقتا يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا بىز ئۇتتۇق دەپ ماۋزۇ قويۇپ قەلەم تەۋرىتىمەن، مېنىڭچە توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە تەڭلەشكەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇتتۇق.

1. تەڭلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلىبە. مۇسابىقە قائىسى بويىچە تەڭلىشىپ 1 نومۇر ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي رايۇندا 1- ئورۇنغا ئۆتتۈق. ئۇتتۇرغان بولساق 0 ئالاتتۇق. رەقىبىمىز 3 نومۇر ئالاتتى. ئەمدى ئىككى كوماندىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.

ئىككى كوماندىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق تاش ئالمىنىڭ قۇرۇلۇپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى، تيەنجىنلىكلەرنىڭ كوماندىسىنىڭ تارىخى بىزنىڭكىدىن ئۇزۇنراق، ئەزالارنىڭ يېشىغا قارىساق بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىمىز 20 ياش ئەتراپىدا، ئىرادە، بەدەن ساپاسى، چىدامچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە رەقىبىمىزدىن ئۈستۈن ئورۇندا بولسىمۇ، مۇسابىقە تەجىرىبىسى كەمچىل، مۇنداق چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالار كۆپ ئەمەس، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولىشى مۈمكىن، 20 نەچچە كۈندە ئىچكىرىدە ئىككى مەيدان ئوينىدى، تاماقتىن قىينالغانلىقى، بەدەن قۈۋىتىنىڭ خورىغانلىقى ئېنىق، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغان بولسىمۇ، بىر ۋاقلىقىغا ئۈچ ۋاقلىق  تاماق يىگىلى بولمايدۇ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاستا- ئاستا تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەن قۈۋىتى ئەسلىگە كېلىپ بولمىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەڭلىشىشنىڭ ئۆزىمۇغەلىبە.

2. ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەشنىڭ ئۆزىمۇ غەلىبە. شىئەن، شىنىڭدىكى مۇسابىقىدە شۇ يەردە ئوقۇۋتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويدى، ئەينى چاغدا شىئەندە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىنلا توپ مەيدانى شىئەنلىكلەرگە ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەستانىلار تارقاپ كەتمەي، شىنجاڭ- شەنشى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن 25 مىڭ ئادەملىك رىكورتنى ياراتقان،  ئەگەر مۇشۇنداق توغرا كېلىپ قېلىش بولمىسا، 25 مىڭ ئادەم كىرەرمىدى؟ 12- چىسلادىكى مۇسابىقىگە كەلسەك، دەسلەپ بىلەت ھەقسىز دېگەن گەپ بولدى، كىيىن 3500بىلەت ھەقسىز تارقىتىلدى، قالغانلار ھەقلىق كوردى. شۇنداقتىمۇ كۆرۈرمەنلەر 35مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، رىكورت يارىتىلدى. ھەقىقى ئالۋاستا مەيدان تەشكىللەندى، تاراتقۇلاردىن ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ھەيران قالدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى خەنزۇ تورلاردا «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئادەمنىڭ مۇنداق كۆپ بولىشى، مەيدان ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن» دەپ تەشۋىق قىلىندى، بىلەت 10~100يۈەنگىچە بولغاچقا، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە قاتناش قىستاڭ بولغاچقا ئېھتىمال قىسمەن ئادەملەر بارالمىغان بولىشى مۈمكىن، ئىچكىرىدە ناھىيە بىلەن ناھىيە شەھەر بىلەن شەھەرنىڭ ئارلىقى يېقىن، سىز ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىپ بولغىچىلىك ئارىلىقتا، نەچچە ناھىيە شەھەرنى بېسىپ ئۆتىسىز، ئادەم زىچ، شەھەر- شەھەر، ناھىيە- ناھىيىدىن مەستانىلارنىڭ يىغىلىشىغا پايدىلىق. بىزدىچۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىچە. يەنىلا قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىن مەستانىلار كەپتۇ. ئارلىقىمىز يېقىن بولسا، ھەممە يەردىن مەستانىلار يىغىلىپ  ھازىرقىدىن بەكرەك ئوت چىقىرىۋىتەتتۇق.

12- چىسلادىكى مۇسابىقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش، شىنىڭدىكى مۇسابىقىدە لەنجۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يىنىدىن پۇل چىقىرىپ شىنىڭغا بېرىپ توپچىلىرىمىزغا مەدەت بەرگەنلىكىدەك ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىش. ئەينى ۋاقىتتا مەيدان كەيپىياتىنى، ھۇررا سادالىرىنى كۆرۈپ تاراتقۇلاردا «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ساھىپخان شىنجاڭمۇ چىڭخەيمۇ» دېگەن گەپلەر تارقالدى، لەنجۇدىكى بالىلارنىڭ بۇ روھى 12- چىسلادىكى مۇسابىقىگە بىر قوزغاتقۇچ بولدى. ئۇلارغا ئۆز نامىمىدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

3. تەشۋىقات جەھەتتە بىز ئۇتتۇق. رايۇنىمىز ئىچىدە: ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ، ياكى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ئوتتۇرىغا چقىپ گىزىت ياكى تاراتقۇلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلمىدى، پۇتبول كۇلۇبى توربىكىتى، ئۇررا كۇلۇبى تور بىكىتى  ۋە باشقا ئۇيغۇر تورلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ئالاھىدە تەشۋىقات مۇھىتى يارىتىپ بەردى، ئەلبەتتتە، كەڭ تورداشلارنىڭ تۆھپىسى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ. تورداشلار توردا، تىلىفونىدا، ئاغزىدا نۇرغۇن تەشۋىقات ئېلىپ باردى، تورداشلار بولمىسا، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايتى، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقمايتى، تاماشىبىنلار ئۆزلىرىدە بار سايمانلاردىن پايدىلىنىپ نەخ مەيداندىن ئالغان، تارتقان، يازغان ئۇچۇرلارنى كۆردۇق، ھۇررا ساداسىنى ئاڭلىدۇق، ھاياجانلاندۇق، قارىغاندا بىزدىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە تەشۋىقات قوشۇنى شەكىللىنىپتۇ. مەن ئۇچراتقان فىلىملەر ئىچىدە «چىمبۇلاق» تورىنىڭ بەك ياخشى ئىشلەپتۇ. رىياسەتچىرىلىنى ئىۋۇ شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىنىڭكىدىن ئىقتىدارلىق كۆردۈم. چىمبۇلاقجانغا كۆپ تەشەككۈر، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، بەرىكەت  تىلەيمەن، ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۇنتۇلمايدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن دەل ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم ئاشتى.

رايۇنىمىز سىرتىدا: ئىچكىرىدىن نۇرغۇن مۇخبىر، ئىختىيارى مۇخبىر كېلىپ مۇسابىقە ئەھۋالىنى تارقاتتى. مەمەلىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇل قىزغىنلىقىنى كۆردى. نۇرغۇن ياخشى باھالارنى بەردى، سوخو تورى ئۇيۇشتۇرغان «سىز 2013-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىگە كىرەلەيدىغان ئەڭ ئۈمىتۋار ئىككى كوماندا قايسى دەپ قارايسىز» دېگەن تىمىدىكى ئەل رايىنى سىناشتا بۈگۈن (5- ئاينىڭ 15-كۈنى) سائەت 4تىكى نەتىجىدە شىنجاڭ تاشئالما 13505 ئاۋاز (34.29%) بىلەن 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ۋاقتىدا دەۋالاي، بۇ يەرگە كىرىپ سىزمۇ كۈچ چىقىرىپ قويۇڭ
http://rrurl.cn/l5lGhO


بىر قىمار شىركىتى 12- چىسلادىكى مۇسابىقىنى دو تىكىش تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپتۇ. بىر توردا مۇخبىر، ئۇيغۇرلاردا 1850- يىللاردا پۇتبۇل ئوينالغانلىقى، 1927- يىلى قەشقەردە (ئاتۇش كوماندىسى) خەلقئارالىق مۇسابىقە ئوينالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭ پۇتبولدا ئاق يەر ئەمەس، تارىخى ئۇزۇن، ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، ئادەملىرى پۇتبولغا ماس كېلىدۇ، جۇئىنلەي 1955- يىلى ۋاڭجىنغا ئېغىر تەنھەركەتنى شىنجاڭدا تەرەققى قىلدۇرۇشنى تاپىلىغان دېگەندەك ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ. ھازىرچە ئېكىساق كوماندىسى بىلەن  ئەنگىلىيە، شىۋىت كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنى خەنزۇلار ئارىسىدا بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىم بۇ مۇسابىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تەشۋىق قىلىنىپتۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش بىزگە پايدىلىق گەپلەر، ئىشلار خەنزۇچە تورلاردا كۆپ بولغاچقا ھەممىنى دەپ بولالمىدىم، بەڭدۇغا كىرىپ新疆海棠دەپ بېسىڭدە، ئۆزىڭىز كۆرۈۋىلىڭ، پايدىلىق گەپلەردىن ئىلھام ئېلىڭ، بەزى گەپلەر ئۇچرىسا، ئەدەپ بىلەن قايتىپ چىقىڭ. يۇقىرىقىلارنى ئەمەلىي ئىپادىمىزدىن باشقا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4. روھىمىز ئۆستى، ئىشەنچىمىز ئاشتى، ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنى، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى نامايەن قىلىپ قويدۇق، رەقىپلىرىمىز ۋەسۋەسىگە چۈشتى.

مەيلى كۆرۈرمەنلەر بولسۇن، مەيلى توپچىلار بولسۇن شىنجاڭنىڭ پۇتبول روھىنى نامايەن قىلىپ قويدۇق. توپچىلىرىمىز پۇلنى تاش ئالما چىقارغان بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ (قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك ۋە باشقا  قېرىنداشلار بۇ قاتاردا سىلەرمۇ بار، يېشىل مەيداندا سىلەرمۇ ئوينىدىڭلار، كۆردىڭلا، ئوخشاش تىلدا ھۇررا توۋلىدىڭلار، كۆڭلۈڭلەرگە كەپ كەتمىسۇن، بىزدە باشقا نەرسە بولمىغاندىكىن 22 ئادەم ئاشكارە ئېلىشىدىغان مۇشۇ توپتا بولسىمۇ كۆڭلۈمنى خوش ئەتكۈم كەپقالدى) بارلىقىنى بەخت ئىچىدە ھېس قىلدى، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، تاش ئالما بەرگەن پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلقى ئۈچۈن توپ تىپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، قەلبى ئىشەنچكە تولدى. تيەنجىن كوماندىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ توپ ئويناشنىڭ تەمىنى تېتىدى، قايتا كېلىدىغان پۇرسەت بولسا، ئۈرۈمچى دېسە يۈرىكى ئاغىدۇ. ئالدىمىزدا ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان باشقا كوماندىلار بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزدىن، ھازىرقى نومۇر ئەھۋالىمىزدىن، ھۇرراچىلىمىزنىڭ ھەيۋىسىدىن مۇھىمى يەنە بىر قېتىملىق ئالۋاستى مەيداندىن تەمتىرەپ يۈرگەن بولىشى، تاكتىكىسىنى تەڭشەۋاتقان بولىشى، روھى بىسىمنى يىنىكلىتىشنىڭ كويىدا بولىشى مۈمكىن. رەقىبلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ، روھى بېسىم پەيدا قىلدۇق، روھى جەھەتتە ئۇتتۇرۇش ئەڭ يامان ئۇتتۇرۇش، روھ يوق تەن- قۇرۇق ئىسكىلىت،  بۇ جەھەتتىمۇ بىز ئۇتتۇق

5. ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىدۇق، بىرىنچى: 2011-يىلى ھۆكۈمىتىمىز دىيارىمىزنى مەملىكەت بويىچە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايۇن قىلىپ بىكىتكەندىن بېرىقى نەتىجىمىزنى نامايەن قىلدۇق. ئىككىنچى: خەلقىمىزنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىنى، پۇتبول ئاممىۋى ئاساسىنى نامايەن قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭلىدە بۇ يەردە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرىمىز دەپ خاتا قىلماپتۇق، دېگەن توغرا قاراشنى تىكلىدۇق. 80- يىللاردا بالىلىرىمىز ئىچكىرىگە مۇسابىقىگە باراتتى، توپ كىرگۈزسىمۇ، ئۇتسىمۇ، شۇ چاغدىكى قائىدە بويىچە شەخسى تېخنىكا، ماھارەت، بەدەن ساپا دېگەندەك مۈجىمەل بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ شللىۋىتەتتى، قۇرۇق قايتاتتى، ئەينى چاغدا پۇتبول قىزغىنلىقمىزمۇ، ئومۇملىشىش دەرىجىسىمۇ خېلى  يۇقىرى ئىدى. بىر قېتىم ئىچكىرىگە خىزمەت بىلەن بېرىپ بىر ئۆلكىدە بىر مەكتەپنىڭ كەسپىي كوماندىسى بىلەن توپ ئوينايدىغان بولۇپ قالدۇق، بىز ھەر قايسى جايلاردىن بارغان بارغىچە تونۇشقان بالىلار ئىدۇق، كەسپى تەنھەركەتچى ئەمەس ئىدۇق، يامان ئەمەس ئوينىدۇق، ئۇتتۇردۇق، ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكىنى مۇسابىقىدىن كىيىن رىپىرلارنىڭ «گەرچە ئۇتتۇرغان بولساڭلارمۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبولنى چۈشەنگىنىگە رەھمەت» دېگەن تەشەككۈر سۆزى بولدى، ھازىرمۇ ئويلىسام ئاچچىغىم تۈۋىدىن تۇتىدۇ، شۇ چاغدا خەنزۇچىنىمۇ تولۇق سۆزلىيەلمەيتىم، بولمىسا يۈز يىل بۇرۇن سەن مايمۇن ئوينىتىپ يۈرگەندە بىز توپ تەپكەن، دېھقانلىرىمىزمۇ كۇلۇپ تەشكىللەپ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن، پۇتبولنى كۆرسەڭ شاختا بولامدۇ، يەرگە تېرىمدۇ، قانداق يەيدۇ دەيدىغان ۋاقتىڭدا توپ تەپكەن بىز....دەپ ئىچىمنى بوشۇتىۋالاتتىم. دېمەك بۇ قېتىم بىر قىسىملارنىڭ كاللىسىدىكى خاتا قاراشلارنى يوقاتتۇق.

6. ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەتسىز سۆز ھەرىكەت، ئامانلىققا خىلاپ ۋەقە كۆرۈلمىدى، 5مىڭ يىللىق مەدىنىيىتى بار خەلقنىڭ قەدىمى ئاستانىسى بولمىش شىئەندە شىئەنلىكلەردەك تاماشىبىنىڭ 5000دىن ئاشمىسۇن دېگەن ئاقىۋەتكە قالمىدۇق. 100يىلدىن ئارتۇق پۇتبول تارخى بار خەلقنىڭ 100يىللىق پۇتبول ئەخلاقى بارلىقىنى نامايەن قىلدۇق. بۇ جەھەتتىمۇ بىز ئۇتتۇق.

7. تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىدۇق، توپچىلىرىمىز ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەرنى تونۇۋالدى. كەمچىلىكنى تونۇماسلىق خۇددى ئارقىسىدىن خەنجەر كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان دۈشمىنىنى بايقىمىغاندەك بىر ئىش. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق، بۇندىن كىيىن تەشۋىقاتنى قانداق قىلىش قانداق تەشكىللىنىش، قانداق فىلىمغا ئېلىپ يوللاش قاتارلىقلاردىمۇ تەجىرىبىگە ئىگە بولدۇق، ئى...شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى بولمىسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. ماۋزىدوڭنىڭ  سۆزى بويىچە «خەلق ھەقىقى قەھرىمان» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدۇق. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق

8. مەن نەخ مەيداندا يوق، فىلىمدە كۆردۈم،  مۇسابىقىدىكى ھۇررا ساداسى مېنى بەك ھاياجانغا سالدى، رەتلىك، ياڭراق چىن يۈرەكتىن چىققان ھۇررا ساداسى كۆك بۆرە توپىنىڭ ھۇۋلىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى، باشقىلارنىڭ پۇتبول ناخشىسى بولسىمۇ بىزنىڭ «ھۇررا» دېگەندەك ھەيۋەتلىك،  بىرلىككە كەلگەن سۆزىنى ئۇچراتمىدىم، بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق.

خوش، يەنە نېمە ئۈچۈن تيەنجىن بىلەن تەڭلەشتۇق دەيمىز؟

مۆھتىرەم تورداشلار، بۇ پەقەت دىلكەشنىڭ شەخسى قارىشى، مەن كەسپىي پۇتبول ئوبزورچىسى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى قاراشلىرىم ئاشۇرۇۋىتىلگەندۇ، ھاياجاندا خاتا سۆزلىگەندۇرمەن، قاغىمۇ بىلىشىچە سايرايدۇ دېگەندەك بلىشىمچە قاقىلداپ باقتىم، ئىشائاللاھ، مەستانىلىرىمىزگە ئانچە- مۇنچە نەپ تەگەسە دېگەن ئۈمىتتىمەن.

ھۇررا، ھۇررا، ھۇررا!!! ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھۇررا!!!  

كىيىنكى قېتىمدا ئاللاھ خالىسا ئالدىمىزدىكى مۇسابىقە، «ھۇررا» سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىسى ھەققىدە يازاي دېگەن نىيەتتە، يازالىسام ئورتاقلىشارمىز.

 

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ankar528 + 50 ئىجادى ئەجرىڭىز ئۈچۈن . كىيىنكى نادىر ت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:27:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tun ji  enkasni yizwalay muxdak  gap  kip siz  rah mat  siz  ga japa qikip siz    galba mang gu biz ninig
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:35:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ئۇرۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز.
نەق مەيداندا بىرىنچى قىتتىم كۆرۈشۇم  بۇندىن كىيىن بىرمۇ مەيدان قالدۇرماي كۆرىمەن.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق

تىپىك ئاكيۇ ۋە دۇنكخۇتچە قاراش بۇلۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزپىسز ، قەلىمڭىز بەك ئوتكۇركەن ،  توغىرا بىز پەقەت نەتجىدە تەڭلىشپتۇق

                     ئۇنىڭىدىن باشىقا ھەرقانداق جەھەتتە ئۇلار بىزگە موما بىلەن سەي بولالمايدۇ

    خۇدا خالسا بۇدا قتىمىقى مۇسابىقە بىزنىڭ غەلىبىمز ئارقلىق ئاخىرلاشقۇسى ، ھۇررا شىنجاڭ ،ھۇررا ئۇيغۇرۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:44:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تەھلىل قىپسىز، ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇرۇنلۇق گەپ قىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى iksaklikدە2012-05-15 22:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق :
تىپىك ئاكيۇ ۋە دۇنكخۇتچە قاراش بۇلۇپتۇ
‹‹ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ›› ئىدىيىسگە ياخشى ئۇچراپسىزكەنمۇ دەيمەن .  قىنى مۇشۇ مۇسابىقە توغۇرلۇق تىمىمۇ  ئەمەس   ئىنكاسىڭىزنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىپسىز ، بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە تەشۋىقاتنى تىخىمۇ كۈچەيتەيلى !!!!
ئاندىن ئەڭ موھىم بىر ئىش بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە سىياسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق
گەپنى قىلماي مۇشۇ قىتىمقىغا ئوخشاش مەيدان كەيپىياتى شەكىللەندۈرەيلى!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 22:56:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى iksaklikدە2012-05-15 22:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق :
تىپىك ئاكيۇ ۋە دۇنكخۇتچە قاراش بۇلۇپتۇ
سىزنىڭچە ئاشۇ تەھلىللەرنىڭ ھەممىسى  AQ چە قاراشتەك قىلامدا ؟   
نۇرغۇن يەرلىرى شۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك يېزىلىپتۇ !    شۇ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم يەرلەر سىز دىگەندەك بوپ قاپتۇ !   
تىپىك AQ چە دونكىخوتچە قاراش دەپ كەتكۈدەك يىرى يوقكەنغۇ !   مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمىز راس، ئۇنىسى ئېنىق (ساھىبخان تەڭلەشسىمۇ ئۇتتۇرغانغا ھېساب) ..  لىكىن قالغان يەرلىرىدىن مەن ھېچ بىر سىز دىگەندەك قاراشلارنى ئۇچرىتالمىدىم يا ؟  بولسا ئېغىر كۆرمەي كۆرسۈتۈپ قويامسىز ؟  
بىزمۇ بىلىپ قالايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 23:08:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت شۇ 1- كۆز قاراشتىكى بەزى باھانە سەۋەبلەر (بەزىلىرى ئورۇنلۇق بولسىمۇ يەنە بەزىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ ) پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ ، يەنى مەيداندىكى ۋە باشقا يۇرتلاردىكى نەچچە مىليون ئۇيغۇر مەستانىلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش رولى بار ، باشقا رول ئوينىيالمايدۇ !  
لىكىن قالغان 90 پىرسەنىت يازما ھەقىقەتەن ئوبدان يېزىلىپتۇ !  ئاشۇ جانلىق تەھلىللەرنى كۆرۈپ مىللىتىمىز پۇتبولىنىڭ كەلگۈسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇپ يەتتىم ،يەنە بىر قېتىم ئىدىيەمنى ئويغاتتى !  بەلكىم مۇشۇ تېمىنى ئوقۇغان كۆپ قىسىم  تورداشلار ھازىر ماڭا ئوخشاش تەسىراتتا بولغان بولىشى مۇمكىن !   شۇڭا تومتاقلا بىر نەرسە يېزىپ قويماي ، زادى تېمىنىڭ نەرى بولماپتۇ ، قايسى تەھلىللەر خاتا ، ئەسلى قانداق يازسا بولىتى ... دىگەندەك بىر سەل تەپسىلىرەك بىر نەرسە يازىلى ،   ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ بىر گېپى بولىدىغان     «10 ئىشنى ياخشى قىلىپ بىر ئىشنى خاتا قىپ قويساڭ بولدى . تۈگەشتىڭ ! » دەيدىغان      
شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ مېغىزىنى ھەزىم قىلىۋالساق بولىۋېرىدىغۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-15 23:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق ئىجادى كۈڭۈل سۈزلۈك  تىمىلارنى نادىرلايمىز  ھۇي  ئەپەندىلەر   ...

راسىت بىز ئۇتتۇق ..بىز ھەممە جەھەتتىن ئۇتتۇق...بىزنى كۈزگە ئىلمايۋاتقانلارغا ئۈزىمىزنى كۈرسىتىپ قويدوق.

گەرچە بۇ ب دەرىجىلىك موسابىقە بولسىمۇ مەستانىلىرىمىز  پۈتۈن  مەملىكەتنى زىل زىلگە  سىلۋەتتى.

ئالدىنقى كۈنى تىلفۇنىمغا [تىلفۇنىم  电信] خەنزۇچە  خەۋەر ئۇچۇرىدا شىنجاڭدا  ساھىپخان مەيداندا ئۈتكۈزۈلگەن شىنجاڭ كوماندىسى  بىلەن تىيەنجىن كوماندىسنىڭ موسابىقىسىدە توپ مەستانىلىرى 35مىڭدىن ئىشىپ  پۈتۈن مەملىكەتنى زىل زىلگە  سىلۋەتتى  دەپ خەۋەر رتارقىتىپتىكەن ئوقۇپ كۈزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كىلپ كەتتى.

电信نىڭ   پۈتۈن مەمىلىكەتتە نەچچە يۈز مىليۇن ئابونتى بار..دىمەك ھەممىسىنىڭ تىلفۇنىغا مىنىڭكىگە ئوخشاش  مۇشۇنداق ئۇچۇر كەلدى ...ھەممسى   كۈردى دىگەن گەپ....

بۇ خەۋەرنى تارقاتمىغان  cctv ،شۇنداق داڭلىق تور بىكەتلەر بولغان . سىنا .ۋاڭيى.  تىڭشۈن. سوخۇ.. دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ئويغۇرچە تەنتەربىيە ھەم ئۇنۋىرسال مىدىيالار قالمىدى.
پەقەت  شىنجاڭ تىلىۋىيە ئىستانىسى نەدە  يىغىن بار.نەدە مەشرەپ بار.نەدە ناۋا بار  شۇلارنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.

ھەقىقەتەن قالتىس  يىزىپسىز .دادامغىمۇ ئوقىتىپ قويسام ژورنالغا باسقىدەكلام چىقىپتۇ بۇ تىما دەپ ماختاپ كەتتى .
بۇنڭىدىن كىين شىنجاڭ  كوماندىسغا بولغان كۈز قاراشلىرىڭىزنى ھەم ئويلىغانلىرىڭىزنى  داۋاملىق مۇشۇنداق يىزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد  قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:29

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش