elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1511|ئىنكاس: 14

دۆلەت پۇتبول كۇماندىسىدا توپ تەپكەن يىگىتلىرىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۆلەت پۇتبول كۇماندىسىد توپ تەپكەن يىگىتلىرىمىز
ئارچا
 
يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەشكىللەنگەن جۇڭگۇ  پۇتبول كوماندىسى شۇ چاغلاردىكى دۇنياۋى كۈچلۈك كوماندا ۋىنگىرىيە كوماندىسى بىلەن ۋىنگىرىيىدە دوستلۇق مۇسابىقىسى ئىلىپ باردى. شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن  رىپقەت بىلەن مىرشانۇپمۇ بار بولۇپ،  شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن تۇنجى ئەزالار بولۇپ قالدى.شۇندىن باشلاپ بىر قىسىم پۇتبولچلىرىمىز دۆلەتلىك بىر قىسىم كۇماندىلاردا توپ ئويناپ ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەلدى.تۆۋەندە مۇشۇ پۇتبولچىلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز
ئىلھام.قاتناشقان كۇماندا:جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى
شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسىدىن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر بىك، ئوتتۇرا مەيدان، ھۇجۇمچىلار يىتىشىپ چىقىپلا قالماي يەنە پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان داڭلىق ۋارىتارلار يىتىشىپ چىققان. ئىلھام ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
   ئىلھام 1957– يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرىدا مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1970– يىللاردا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومىتىتى شىنجاڭ 2–سەپ پۇتبۇل كوماندىسىغا تەنھەرىكەتچى تاللاش ئۈچۈن، لىتىپ ئەزىمەت قاتارلىقلارنى قەشقەرگە ئەۋەتكەن. ئىلھام ئىگىز، قاۋۇل، چاققانلىقى بىلەن بۇ كوماندىغا قوبۇل قىلىنىپ ۋارىتارلىق كەسپىنى باشلىغان. 1971– يىلى شىنجاڭ1–سەپ كوماندىسىغا چىقىپ ئاساسى ۋارىتار بولۇپ شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالەتەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. ئىلھام شۇ چاغلاردىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋارىتار تېرنىرى ئوسمان ۋارىتاردىن نۇرغۇن ئەمەلىي ۋە نەزەريىۋى بىلىملەرنى ئىلىپ ئۆز ماھارىتىنى تىخمۇ بىيىتقان. ئىلھام ئىمىننىڭ ۋارىتارلىق قىلغان يىللىرى شىنجاڭ كوماندىسى ناھايىتى كۈچلەنگەن دەۋىر بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالەتەن نۇرغۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە 1974 ۋە 1977– يىللىرىدىكى  شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسىنىڭ چەتئەل كوماندىلىرى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان ئىككى قىتىملىق مۇسابىقىدە ئاساسلىق ۋارىتار بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن. 1976– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك رەت– تەرتىپ تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشكە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ پىشقان ماھارىتى بىلەن دۆلەتلىك ياشلار پۇتبۇل كوماندىسىغا 1976– يىلى قوبۇل قىلىنىپ سىرتقى ئەللەر بىلەن بولغان مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. جۈملىدىن1977– يىلى دۆلەت ياشلاركوماندىسى تەركىبىدە ئىتالىيە، رومىنىيە، مالتا قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرىگە چىقىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان.  جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى رومىنىيە دۆلەتلىك كوماندىنى 1 گە قارشى2 ،  مالتا ياشلار كوماندىسىنى 0 گە قارشى 5 بىلەن يىڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلھام ئاساسلىق ۋارىتار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پولات قۇرغانىغا ئايلانغان، گەرچە ئىتالىيە كوماندىسىغا 2 گە قارشى 0، سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسىغا 3كە قارشى 2 بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەن.بولسىمۇ دۇنياغا داڭلىق سامپو دۇليا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ توپ كەتكۈزۈپ قويمىغان، ھەمدە ئىلھامنىڭ ئىپادىسىب اشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان. 1982– يىلى ئۇ كوماندىدىن چىكىنىپ شىنجاڭ2– كوماندىسىغا تېرنىر بولغان .ھازىرغىچە تېرنىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ھازىر شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى كۇماندىلىرىدا تىرنىر. 
 ناسىر.  قاتناشقان دۆلەت كۇماندىسى.جۇڭگۇ ياش –ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى.
دىيارىمىزدا قۇيۇق پۇتبۇل مۇھىتىدا يىتىلىپ، پۇتپۇل مەيدانىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىن مەملىكەتكە، مەملىكەتتىن دۇنياغا يۈزلەنگەن پۇتبۇلچىلىرىمىز كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىز تەۋەسىدە مەشھۇر پۇتبۇلچىلار قاتارىدا سانىلىدىغان ناسىر دەل مۇشۇنداق تەنھەرىكەتچىدۇر. 
        ناسىر 1969– يىلى 4– ئاينىڭ 5– كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئۆزىنىڭ پۇتپۇلغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1982–يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق پۇتپۇل كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردىكى ماھارىتى ئارقىلىق 1984–يىلى ۋە 1985– يىلى ئىككى قېتىم دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتپۇل كوماندىسىغا تاللانغان. 1984– يىلى تايلانتتا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئۇ ئىككى توپ ئۇرۇپ، تايلانتتا چىقىدىغان گېزىتلەردە تونۇشتۇرۇلغان.بۇ مۇسابىقىدە جۇڭگو  ئۆسمۈرلەركوماندىسى ئىككىنجى بولدى. 1985–يىلى دۆلەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر 17 – u ياشلىقلار پۇتپۇل كوماندىسى تەركىبى قاتارىدا ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق ياش –ئۆسمۈرلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ جۇڭگۇ  ئۆسمۈرلەركوماندىسىنىڭ ئۈچىنجى بولۇشىغا كۈچ چىقاردى. 
       1985– يىلى ئۇ شىنجاڭ ياشلار پۇتپۇل كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ بۇ كۇماندا تەركىبىدە دۆلەتلىك ياشلار پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە 1987– يىلى شىنجاڭ پۇتپۇل كۇماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 1988– يىلدىن 1993– يىلغىچە مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسىغا ئايلاندى. ھەمدە 1993– يىلى شىنجاڭ پۇتپۇل كۇماندىسىنى يېتەكلەپ قازاقىستاندىكى خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. ھەمدە شۇ يىلى يەنە مەملىكەتلىك 7– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 1994– 1995– يىللىرى ئۇ تەنھەرىكەتچى قوشۇمچە تېرنېرلىق سالاھىتى بىلەن مەملىكەت B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چۇڭچىڭ مۇسابىقە رايۇنىدا ئىككىنجى چىقىپ ھەك قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ھازىرلايدۇ. ئەمما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 3– بولۇپ قېلىپ A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ. شىنجاڭ پۇتبۇل كۇماندىسىمۇ تارقىلىپ كېتىدۇ. ئۈزىنى پۇتبۇلغا بېغىشلىغان ناسىر قارماي پۇتپۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قارماي كوماندىسىدا پۇتپۇلچى ۋە تېرېنېر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەمدە بۇ كۇماندىنى يىتەكلەپ مەملىكەتلىك ئۈچىنجى نۆۋەتلىك نىفىتچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1997– يىلى ئۇ يەنە قايتا تەشكىللەنگەن شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك 8–نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. 1998– يىلى شىنجاڭ پۇتبۇل كۇماندىسى بىلەن ئاۋىستىرالىيە كارتون كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. 
 بۇ ياش تېرىنىر يەنە ئۆزىنىڭ كېيىنكى تېرىنىرلىق ھاياتىدا چۇقۇم بۇ كۇماندىنى يېتەكلەپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرىدا يېڭى– يېڭى سەھىپىلەرنى يارىتالىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل.ئۇ ھازىر شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋنىڭ تىرنىرى.
بارى.توپ تەپكەن كۇماندىسى؛جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى
    دۆلەت ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى بۇلازىۋىچ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى يۇشۇرۇن كۈچى بار تالانتىلىق ماھىرلارنى تاللاپ ئولىمپىك  كۇماندىسىغا سەپلەپ لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەركەت يىغىنى ئاسىيا رايۇنى پۇتبول تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىدى. ئىزچىل دىققەت ئىتبارنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كىلىۋاتقان بارى 2011-يىلى2-ئايدا  يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشكە چاقىرتىلىپ دۆلەت ئولىمپىك كۇماندىسىدىكى تۈنجى سەپىرىنى باشلىدى.2011-يىلى2-ئاينىڭ 24-كۇنى مۇسابىقىدە دۆلەت ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ 11-نۇمۇرلۇق كىيىمىنى كىيىپ مەيدانغا چىقتى.2011-يىلى3-ئاينىڭ8-كۇنى مەركىزى تىلۋىزىرىيە ئىستانسى 5يۇرۇش تەنتەرىيە قانىلى پۇتپۇل كىچىلىكى پىراگىراممىسىدا جۇڭگۇنىڭ يىڭى ئۇمىت چولپانلىرى قاتارىدا بارىنى ئالادە زىيارەت قىلىپ،تۇنۇشتۇردى. ئارقىدىنلا دلەت ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى بۇۋازىۋىچ ئۆزىنىڭ بارىغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىنى بايان قىلىپ كىلەركى قىتىملىق يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشتە ئۇنى چوقوم چاقىرتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.3-ئاينىڭ18-كۇنى يىغىپ مەشىقلەندۇرۇش باشلىنىپ بارى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كىيىمىنى يەنە بىر قىتىم كەيدى. 2011-يىلى3-ئاينىڭ27-كۇنى جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى كۇرىيە ئولىمپىك كۇماندىسى بىلەن كۇرىيەدە بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بارىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارى10-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ مەيدانغا چىقىپ ئاساسلىق ئەزا بولوپ ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ پۇتپۇلچىلىقىدا يەنە بىر رىكۇرت؛دىيارىمىزدىكى ئىككى ماھىر بىرلا ۋاقىتتا ئاساسلىق ئەزا بولوپ دۆلەت كۇماندىسىدا توپ تىپىشى ئەمەلگە ئاشتى .بارى كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئالمىشى چۇشۇپ كەتتى.بۇ قىتىم جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ تىرنىر بۇلازىۋىچ ماھىرلارغا يۇقىرى باھا بەردى،ئەمما بارى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتى ئالدىدا بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنىڭ نۆل بولغانلىقىنى جاكارلاپ،يىڭىلىپ قىلىشنىڭ سەۋەپنى ئۆزىدىن ئىزلىمەيدىغان ماھىرلارغا ئالاھىدە ئۈلگە بولدى. 
  6-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى ئوماننىڭ مەركىزى ماسخاتتا ئومان ئولىمپىك كۇماندىسى بىلەن لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاسىيا رايۇنى پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىنى ئوينىدى. مۇسابىقە 69-مىنۇتقا بارغاندا بارى يەنىلا ئوڭ تەرەپدىن توپنى ئىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ نەپەر ماھىرىندىن ئۆتۇپ توپنى ئىگىز پاس بىلەن ۋارىتار ئالدىغا تاشلىدى.ئومان كۇماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا قىستىپ كىرگەن جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ ياڭ توپنى توختاتمايلا تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى ئالدىغا سۈرۈپ، جۇڭگۇ ئۇلىمپىك كۇماندىسىغا يىڭى ئۆمىت ئىلىپ كەلدى.بارىنىڭ بۇ قىتىمقى چىقارغان توپى ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندىسىدىكى تۇنجى ياردەمچى توپى بولۇپ قالدى. مەيداننى كۈنتۇرۇل قىلىش ھۇقۇقى جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.كۈتمىگەندە جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ مەيداندىن قىزىل تاختا بىلەن چىقىپ كەتتى.جۇڭگۇ كۇماندىسى ئونبىر ئادەمگە قارشى ئون ئادەم بىلەن تىركىشىكە مەجبۇر بولۇپ،قولغا كىلەيلا دەپ قالغان ئامەت خرىسقا دۈچ كەلدى. مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا كىرگەندە بارى يەنە توپنى ئىلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.قارشى تەرەپ  بۇ مەيداندا بارىنىڭ ھەيۋىسىدىن چۈچىگەن بولغاچ،ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرىشىدىن ياكى توپنى تاشلىشىدىن ئەنسىرەپ بارىنىڭ كەينىدىن پۇت سىلىپ ئۇنى يىقىتىۋىتىپ بىر قىتىملىق ھۇجۇمنمى يوق قىلدى.ئەمما جۇڭگۇ كۇماندىسى بارى قولغا كەلتۇرگەن  ئىختىيارى توپ تاشلاش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.توپ تاشلىنىپ جۇڭگۇ كۇمانىسىدىنىڭ ئەزالىرى توپنى كىرگۈزىۋەتتى.مەيداندىكى جۇڭگۇ كۇماندىسى ئەزالىرى تەنتەنە قىلىۋاتقاندا يان رىپىر بۇ توپنى ئىناۋەتسىز قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ،بىر ياخشى توپنى يوق قىلىۋەتتى.بارىنىڭ تىرىشچانلىقى يەنە بىر قىتىم يوق بولۇپ كەتتى.ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئومۇمى نەتىجىدە بىر دە بىر بولۇپ،يەنە ئوتتۇز مىنۇت قۇشۇمچە مۇسابىقە ئارقىلىق كىمنىڭ يىڭىلىشى بەلگىلىنىش باسقۇچىغا كىلىپ قالدى.بۇ چاغدا جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ بەدەن قۈۋۋىتى خۇرىغان بولۇپ،يىڭىپ چىقىشى ئۈچۈن زور غەيۋات كىرەك ئىدى.قۇشۇمچە مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا جۇڭگۇ كۇماندا ئەزالىرى ھالسىراپ قارشى تەرەپكە يىتىشەلمىدى. ئەمما بارى يەنىلا مەيداندا توختىماي يۈگىرەپ پۈرسەت يارىتىشقا تىرىشتى.ئادەم جەھەتتە كۆپ بولغان ئومان كۇماندىسى بارىنى كۈنتۈرۈل قىلىش ئۈچۈن يەنە ئادەم كۇپەيتىپ بارىنىڭ ھەركەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇندى.  دىگەندەكلا سۇرئەت ۋە ئادەم جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ جۇڭگۇ كۇماندىسىنى يىڭىۋىلىپ كىيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى بولسا شاللىنىپ كەتتى.ئەمما جۇڭگۇدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى تور بەتلىرىدە ئوخشاشلا بىر ئىسىم –بارى توختىماي تىلغا ئىلىنىپ ماختىلىپ ئۇنىڭ جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ ئابرۇيى ئۈچۈن تىرىشىشىنى ماختاشتى.
بىز ئىشنىمىزكى بارى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ماھارىتى بىلەن ئاز كۈنگە قالماي دۆلەت كۇماندىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن پۇتىنى ئالىدۇ.
 داۋامى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخرىغا يوللىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 18:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئىشنىمىزكى بارى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ماھارىتى بىلەن ئاز كۈنگە قالماي دۆلەت كۇماندىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن پۇتىنى ئالىدۇ.        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 18:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈرمۇ دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا تېپىۋاتىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 19:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى مىرەخمەتنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت كوماندىسىدا توپ تەپتىمىكىن دىسەم  ئىلامكام 1 -بولۇپ دۆلەت كوماندىسىدا توپ تىپىپتىكەندە...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 19:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەخمەتجاندا تالانت بار.دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلەيدۇ! لىكىن مۇشۇ لۇنىڭ ئۇنى بەك نابۇت قىلىۋىتىپ بارامدىكىن دەيمەن! بولسا يۆتكەلسە بولاتتى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 20:01:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئىشنىمىزكى بارى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ماھارىتى بىلەن ئاز كۈنگە قالماي دۆلەت كۇماندىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن پۇتىنى ئالىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 20:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا    
يىگىتلىرىمىز ئۇتۇق تىلەيمەن     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما!!!
قايسى كۈنى تېخى بىر خەن ساۋاقدېشىم،جۇڭگۇ كوماندىسمۇ مانداق ئوينىيالايدۇ دەپ سامپۇدۇلىيا بىلەن جۇڭگۇنىڭ مۇسابىقىسىنى يوللاپ قويۇپتىكەن ،ئۈچتە نۆلغۇ دەيمەن نەتىجە!ئىلھامكام ئوينىغان مۇسابىقە شۇ ئوخشىمامدا؟!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمان بىلەن ئۇينغان مۇسابىقىدە  بارى ئالامەت كۈچىگىنتى  ئەپسۇس ئۇتتۇرۋاتتى، ئۇتۇپ ئۇلىمپىك ئۇينىغان بۇلسا بەلكىم كىيىن ياۋرۇپادا ئۇيناپ قىلىشىمۇ مۈمكۈنتتى.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 00:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى كۈتىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 14:01:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ  ئىشىنىمىز  بۇئەزالارغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 14:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئىنمېزچۇ.............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش