akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3101|ئىنكاس: 16

YY دېتالىدا ئۇيغۇرچە يېزىش دەرسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
/read.php?tid-26005.html
YY دېگەن دېتالنى ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي، تېخىچە چۈشەنمىگەن تورداشلار بولسا يۇقارقى ئادرىسقا كىرىپ چۈشىنىۋېلىڭلار.
گەرچە بۇ قانال قۇرۇلغان ئۈچ كۈندىن بۇيان كىرگەن ئادەم سانى ئاز بولغاندا 10، كۆپ بولغاندا 30 دىن ئاشمىغان بىلەن، مۇشۇ سورۇندا ئۆز ئارا پاراڭلاشقان، خەت يېزىشقان تورداشلار چوقۇم باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدى دەپ ئويلايمەن.
گەپنىڭ نېگىزلىك يېرىگە كەلسەك، بۇ دېتالدا قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ؟ شۇ توغرىسىدا تەپسىلىي دەرسلىك ھوزۇرىڭلاردا.

1.ئالدى بىلەن سىز بۇ دېتالنى قوزغىتىپ، پۇتبول كۇلۇبىنىڭ YY قانىلىغا كىرگەندىن كېىيىن، قانالنىڭ تاشقىرى ئۆيىگە كىرىسىز.
كۆپچىلىك ئادەتتە «مۇنازىرە كۆڭۈل ئېچىش» دېگەن سەھىپىدە مۇنازىرىلىشىمىز.(شۇ خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى تېز تېز ئىككىنى بېسىۋەتسىڭىز كىرەلەيسىز.)



2.ئاندىن كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 公告 ئۇقتۇرۇش دېگەن جاينى باسسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇيغۇرچە ئەسكەرتىش ھەم ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بار.



3.بۇ دېتالدا تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە چېكىپ ئاچقاندا، بۇ توربەتتە خەتەر بولۇشى مۇمكىن... دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇش باركەن، لېكىن سىز كارىڭىز بولماي، 继续访问 داۋاملىق زىيارەت قىلىمەن دېگەننى باسسىڭىز بولىدۇ.(بەزىدە تور بەتنى ئاچقاندا ئاپپاقلا تۇرىۋالىدىكەن، ئۆچۈرىۋېتىپ،قايتا سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.)



4.ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپىيوتۇرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدىكى تىل ۋە كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يەرگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 属性 خاسلىق دېگەننى تاللايسىز.(مەن ھازىر ئىشلەتكەن بۇ كومپىيوتۇردا كىرگۈزگۈچنىڭ بەلگىسىCH بولسا،ئوخشىمىغان كومپىيوتۇرلاردا ئوخشىمىغان بەلگە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن سوگو كىرگۈزگۈچى بولسا S ھەرپى بار ، بەزى كومپىيوتۇرلاردا كىچىك كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ بەلگىسى دېگەندەك.)



5.语言 دېگەن يەرنىڭ 详细信息 دېگەننى باسىسىز.



6.بۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن، كومپىيوتۇرىڭىزغا لازىم بولغان بىر ئېنگلىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە بىر خەنزۇچە كىرگۈزگۈچنىلا قويۇپ قويۇپ قالغىنىنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.ئاندىن 添加 قوشۇش دېگەننى بېسىڭ.



7.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەلكاتىپ 5.7 扩展 دېگەننى تاللاڭ.



8.ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن كومپىيوتۇرىڭىزنىڭ كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يېرىنى باسسىڭىز(مائۇس سول كۇنۇپكا جەمئىي ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچ بار،بايا قاچىلىغان ئەلكاتىپ ۋە سېستىمىدا ئەسلىدىن بار بولغان ئىككى كىرگۈزگۈچ.
(مېنىڭكىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئېنگلىزچە كىرگۈزگۈچنىڭ بەلگىسى ئوخشاش چىقىپ قاپتۇ، ھېلى كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئىككىسىدىن بىرسىنى سىناپ باقسىڭىز، قايسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز بىلىۋالالايسىز.)



9.ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن YY نى قايتا قوزغىتىڭ(چوقۇم)، بەزىدە ئەھۋاللاردا كومپىيوتۇرنى قايتا قوزغىتىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. دېتالنى قوزغىتىپ، قانالغا كىرگەندىن كېيىن ئىپادە يوللايدىغان يەرنى باسسىڭىز، ئىپادىنىڭ ئۈستىدە خەت شەكلىنى تاللايدىغان ئورۇن بار، شۇ جايدا ئەلكاتىپنىڭ ئون نەچچە خىل ۋە باشقا خەت شەكىللىرى بار، ئەلكاتىپنىڭ ئۆزىڭىزگە يارىغان بىر خىلىنى تاللايسىز.



10. ئەمدى دېتالدا خەت يېزىپ سىناب بېقىڭ، ناۋادا ئېنگلىزچە ھەرپ ياكى خەنچە چىقىۋالسا 8 - باسقۇچتا دېيىلگەن ئورۇندىن كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتىڭ. ئەمدى ئۇيغۇرچە يازغىلى بولسا، مۇبارەك بولسۇن،ھوزۇرلىنىڭلار.




دەرسلىكنى ئىچۈرۈپ ئىچكۈزگۈدەك دەرىجىدە يازدىم دەپ ئويلايمەن، ئەگەر چەندە يەنە چۈشەنمىدىم، قىلالمىدىم دەيدىغانلار بولسا، مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يازساڭلار ياكى مۇنبەرنىڭ كۇلۇب قانىلىغا كىرىپ مەندىن سورىساڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +40 يىغىش سەۋەبى
Яiwαyat + 40 ئەجىر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-2 04:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال بولسا جاۋاب....

سەنسىز ۋە ئەنقەر528 دېگەندەك بۇرۇن كومپىيوتۇرىغا ئەلكەتىپ ، خىيال ياكى باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغانلار بولسا، 9- باسقۇچنى تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 06:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پانتىگىن ھەزىرتىم ئەسلى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋىتىپتىكەن ئەمەسما...... 久仰久仰。。。。

قىنى بىزمۇ بىر سىناپ باقىلى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 06:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتىرىدا ئەلكاتىپ  خەت شەكلى بارلار شۇيەرنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ يېزىۋىرىڭلار...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 08:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ سىناپ باقايلى قىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 09:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناقنى ئاز قىلىپ ئاۋال YY غا بىر كۆنەيلى دەڭلا ماندا ... كۆنىۋالساڭلىلام قالغاننى ئاستا ئاستا ئۆگىنىپ كىتىدىغان گەپ ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 12:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى زەرەپشاندە2012-05-02 06:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كومپيۇتىرىدا ئەلكاتىپ  خەت شەكلى بارلار شۇيەرنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ يېزىۋىرىڭلار...  



توغرا .

كومپىيوتىرغا ئۇيغۇر سوفىت ئەلكاتىپنى قاچىلىغان بولسىڭىزلا ، خەت شەكلىنى ئۆزگەرتسىڭىزلا يازغىلى بولىدۇ .
ئىنتايىن ئوڭاي ھەم قولايلىق !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 16:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى网吧  قىلساكمۇ  بۇلامدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 19:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى noyearدە2012-05-02 08:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىزمۇ سىناپ باقايلى قىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 19:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىلدىم لىكىن بەزى باللارنىڭ ىېتى نورمال كۈرۈندى، بەزىلەرنىڭ نورمال كۈرۈنمىدى. بۇنى قانداق قىلىمەن.
نورمال كۈرۈنمىگەن خەتلەرنى كۈچۈرۈپ خەت يېزىش ئورنىغا قويسام نورمال چىقىدۇ. يەنە ئاۋۇ ئەلكاتىپ چىشىرىش ئىلانىمۇ نورمال چىقمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-3 00:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى ئۇستازدە2012-05-02 19:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مەن قىلدىم لىكىن بەزى باللارنىڭ ىېتى نورمال كۈرۈندى، بەزىلەرنىڭ نورمال كۈرۈنمىدى. بۇنى قانداق قىلىمەن.
نورمال كۈرۈنمىگەن خەتلەرنى كۈچۈرۈپ خەت يېزىش ئورنىغا قويسام نورمال چىقىدۇ. يەنە ئاۋۇ ئەلكاتىپ چىشىرىش ئىلانىمۇ نورمال چىقمايدۇ.


سىزگە بەزى باللارنىڭ خېتى ئۇچۇق  كۆرۇنۇپ بەزى باللارنىڭ  كۆرۇنمىگىنى  سىزنىڭ كومپىيوتىرىڭىزدىكى  چاتاق ئەمەس بەلكى خېتى
ئۇچۇق چىقمىغان شۇ كىشىنىڭ كومپىيوتىرىنىڭ چاتىقى .  شۇ ئۇچۇق چقمىغان خەتنى ئوزىڭىزنىڭ خەت يازدىغان يېرىگە چاپلىغاندا
ئۇچۇق چىققان بولسا  سىزنىڭ نۇرمال  دىگەن گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-3 01:08:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى سىناپ باقاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 08:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش