elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1242|ئىنكاس: 12

مادىرىت Vs سىۋىللىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گودىئاۋلا بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندا ، بارسىلۇنادىن ئايرىلدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھامان ، ئالدىنقى قىتىملىق دىربىي نەتىجىسىنىڭ  ئەھمىيىتىنى  يەنە بىر قىتىم ھىس قىلدىم . نىمىلا دىگەن بىلەن گۇدىئاۋلانىڭ بارسىلۇناسىغىمۇ مەغلۇبىيەت تەمىنى بىلدۈرۋالدۇق . گودىئاۋلانىڭ رىكۇرتىنى داۋاملاشتۇرغان ھالەتتە ئىسپانىيەدىن ئايرىلىشىنى ھىچ قانداق مادىرىت مەستانىسى خالىمايتتى ئەلۋەتتە .  

بايرىن مىيۇنخىن  تەرىپىدىن ھەل قىلغۇچقا بىر قەدەم قالغاندا   شاللانغاندىن كىيىن ، مادىرىت مەستانلىرى نەچچە كۈننى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزۋەتتۇق  . ئويلاپ باقسام بۇ پەسىلگە تەۋە بۇ خىل ھالەتتىن  بىزدە ئىككى قىتىم يۈز بېرىپتىكەن .  
                                             
2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 16 - ئايلانما  ، لەيۋەنىتنىڭ مەيدانىدا ئۇتتۇرغاندىن باشلاپ كىيىنكى مۇسابىقىلەر  ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالەتتە ئىلىپ بېرىلدى ، مەيلى بىرلەشمىدە بولسۇن  ياكى ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بولسۇن ‹‹ئۇدا ئۇتۇپ ›› كەلگەن مادىرىتنىڭ دىربىي ئالدىدىكى كەيپىياتىمۇ ناھايتى ياخشى ئىدى . كۆپۈنچە كىشىلەر بۇ دىربىيدا  مادىرىتنىڭ يىڭىدىغانلىقىغا شەك - شۈبھىسىز   ئىشەنگەن .  باشلىنىپ 22 سىكۇنت بولغاندا بىنزىمانىڭ ئۇرغان توپى بىلەن  بۇ تۇيغۇنىڭ خاتاسى يوقلىقىنى ئىسپاتلىغاندەك باشلانغان بۇ مۇسابىقە ، ئاقىۋەت يەنىلا بارسىلۇنانىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى .
                                                           
2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ - 26 كۈنى    ،  ئاق رەڭگە تولغان بىرنابو  .   نەچچە كۈن ئىلگىركى بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەممىڭلارنىڭ ئىسىدىن تېخى كۆتۈرۈلمىدى ھەقىچان ، ئارتۇق گەپ بىھاجەت  ، يەڭگۈچى بايرىن مىيۇنخىن .  بىرنابو بۇ پەسىل ئىككىنچى قىتىملىق ئازاپ چەككەن ۋاقىتلىرىنى  ئۆتكۈزدى .
                                                                                                     مادىرىت Vs سىۋىللىيە
مادىرىت كىلاسسىكۇدا ئۇتتۇرغاندىن كىيىن بۇلتۇرقى ئەڭ ئاخىرقى مەيداندىكى رەقىبى سېۋىلىيەئىدى ، بۇ قىتىم مىيۇنخىنغا ئۇتتۇرغاندىن كىيىن ، بىرلەشمىدە ئۇچرايدىغىنى يەنە مۇشۇ سېۋىلىيە  .   نوكاپمۇدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان دىربىي غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن  ، مادىرىتنىڭ پەسسىللىك چىمپىيۇن بولۇشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ ، گودىئاۋلا ياراتقان بىرلەشمىدە ئەڭ يوقرى نۇمۇر ئىلىش رىكۇرتىنى بۇزۇش ئۈچۈن ، بۇنىڭدىن كىيىنكى قالغان تۆت مەيدان مۇسابىقىنى ئەستايدىل ئويناش  ،  ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇيغۇلارنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،  بۈگۈن بوناۋۇغا يىغىلدىغان مەستانىلەرگە خوشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك !
                               

گودىئاۋلا كەتتى  ، ئۇ ئايرىلىش ئىلان قىلغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭغا ئىچىمدە يەنە بىر قىتىم قايىل بولدۇم  ، ئۇ قارارىنى ئىلان قىلىش ۋاقتىنى ئىنتايىن توغرا تاللىدى ، ئەمدى بارسىلونا پەقەت گودىئاۋلا ئۈچۈن شاھلىق لوڭقىسىغا جېنىنى تىكىدۇ  . ئۇ رەقىبىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان تېرنىر ، مۇرىنىئۇ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ ئايرىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان رىقابەتچىدىن مەھرۇم قىلىشىدىن دىرەك بېرىدۇ .  مەن گۇدىئاۋلانىڭ ئىسپانىيە ~ بارسىلونادىكى  ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يەنىلا مەنلىك ئۆتۈشىنى تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇرىنىئۇنىڭ گودىئاۋلا ئىسپانىيىدىن ئايرىلغۇچە رىقابەتلىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ~ تاكى ئاخىرقى ئايلانمىغۇچە !
                                                            
                                                  
بۈگۈن راھۇل شالىك  مەستانلىرىنىڭ ئالقىشى ئاستىدا مەيداندىن ئايرىلدى ، ئەينى ۋاقىتتا بوناۋۇدىنمۇ مۇشۇنداق ئايرىلغان  . بۇ بىر  خاتىرە كۈن  ،  بوناۋۇ سىنى ساقلايدۇ سىۋىللىيە !
                                      
                                             
                                                                                                            
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 19:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلاما خەۋەر دەپ يوللاڭلا
] گىتاف1-3مالوكا
گىتاف ئۆز مەيدانىدا مالوكاغا بىرگە قارشى ئۈچ ئۇتتاردى،

ئىسپانىيلىكلەر0-3شىخۇڭ
ئىسپانىيلىكلەر ئۆزمەيدانىدا دەرىجە چۈشۈش رايۇندىكى شىخۇڭغا ئۇتتاردى.

لەۋەنت3-1گىرانادا
لەۋەنىت ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلىپ ۋاختىنچە مالاگا بىلەن ئۇمۇمى نۇمۇردا تەڭلەشتى ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى مالاگا بىلەن تالىشىپ قالىدىغاندەك

مادرىد رىقابەت3-0سانتادىررىقابەت
سانتادىر رىقابەت دەرىجە چۈشۈپ كەتتى

ۋىلىيالىيار1-1ئوساسۇنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 19:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يېڭى خەۋەر!

چىلسى 25 مىنۇت ئىچىدىلا 4 توپ ئۇرۋىتىپتۇ... توررىس 2 توپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 19:27:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالاگا ئۇتۇپ ئۇزغۇنلۇق  سالاھىيتىگە ئىرىشىنى ئۇمۈد قىلمەن.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-29 19:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى زەرەپشاندە2012-04-29 19:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەڭ يېڭى خەۋەر!

چىلسى 25 مىنۇت ئىچىدىلا 4 توپ ئۇرۋىتىپتۇ... توررىس 2 توپ
ئۇرسا بوپتۇ ، نىمە ئەنسىرەيسەن   ئەتە كەچكىچە كەيپىياتنى ياخشى ساقلاش ئەڭ مۇھىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 19:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد  ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 19:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىس  قالپاق  

چىلسىغا كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قالپاق...!!! رەمەتلىك ئاكا ئاغىنەم ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن... ۋەششى توررىس مەستانىسى ئىدى...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 20:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررس بۇ بالا پەسىل ئاخىرلىشاي دىگەندە پارتىلاپ قالىدىدە ، بۇرۇندىن مۇشۇنداق ئوينىغان بولسا مەرگەنلىكىنى تالشاتتى بۇ ئەسىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-29 20:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمپىيونلوققا بىرلا قەدەم قالدى    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-30 11:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گو تىرنىرغا سالامەتلىك تىلەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-30 13:47:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-30 13:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن مادىرىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش