elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1147|ئىنكاس: 16

كىلاسسىكۇ ئالدىدىكى ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز ››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۈگۈن كىچە يەرلىك ۋاقىت 12 دە  241 - قىتىملىق  ‹‹ دۆلەت دىربىيسى ›› ئوينالماقچى . گۇدىئاۋلا كوماندىنى قولغا ئالغاندىن بېرى    ، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ھالەتتىكى  نۇمۇر تەرتىپىدە  ،   تۇنجى قىتىم مادىرىتنىڭ كەينىدە  قېلىپ دىربىيگە قاتنىشىشى  .  تۆت نۇمۇر پەرىق  بۇ قىتىملىق  كىلاسسىكۇنىڭ قىممىتىنى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ  ‹‹ پەسىللىك چىمپىيۇن ›› لىقى ۋە ئۇزغۇنلۇق سەپىرىگىمۇ  تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ قويدى . بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەنتەربىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىلىمىزنىڭ قەدىمكى زامانىدىكى تۈرلۈك ئىقىملاردەك ‹‹ بەس - بەستە سايرايدۇ ›› ئىھتىمال ، بۇ ھالەت تاكى مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ، نەچچە كۈن   ‹‹ بەس  - مۇنازىرە،  تالاش - تارتىش ›› تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ .  بولۇپمۇ ئىسپانىيە  ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كىتىشى مۇمكىن  ،   مانا بۇ كىلاسسىكۇنىڭ قىممىتى  .  مۇسابىقىدە قىززىق نوقتا كۆپ  ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈم مۇھىم دەپ بىلگەن  بىر نەچچىسىنى   مادىرىت مەستانىسى سۈپىتىدە يىزىپ باقتىم .
                                                  
بىرىنچى قىززىق نوقتا : كىم چىمپىيۇن بولالايدۇ  ؟
مادىرىتنىڭ ئۈچ مەيدان ئارقىمۇ - ئارقا تەڭلىشىپ قىلىشىشى ‹‹ ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن ›› بارسىلۇنا كوماندىسىغا قايتا ئۈمۈد ئاتا قىلۋەتتى  .  مادىرىت كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇ پەسىل ئىككى يۆنىلىشتە ئاساسەن كۆڭۈللۈك مۇسابىقە ئوينىغان بىر پەسىل بولۇپ كەلدى  ، بىرلەشمىدە  مىھمان مەيداندا ئۇتتۇرغىنىغىمۇ يىرىم يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش ،  ئەمدىكى دۇچ كىلدىغىنى نوكامپۇ   .بارسىلۇنا كوماندىسىنىڭ  بۇ پەسسىللىك مىھمان مەيداندىكى نەتىجىسىنىڭ ناچارلىشىشى  روشەن بولغان بولسىمۇ ، نوكامپۇدا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ . ھازىرغا قەدەر ئەڭ ناچار نەتىجىسى بىر مەيدان تەڭلىشىش ، 15 مەيدان ئۇتۇش ، سەككىز توپ كەتكۈزۈپ - سەككىز ھەسسە توپ كىرگۈزۈش  ... بارسىلۇنانىڭ  بۇ پەسسىللىك ساھىپخان مەيدان نەتىجىلىرى                                               تەڭلىشىش ئىھتىماللىقىنى چىقىرۋىتىپ ئويلاشقاندا ، بۇ قىتىملىق نوكەمپۇ غەلبىسى مادىرىتنى 37 ئايلانما گىلانىدانىڭ مەيدانىدا چىمپىيۇن قىلالىشى  ،  بارسىلۇنانىڭ غەلبىسى چىمپىيۇنلۇقنى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىلارغىچە ئۇزارتىپ ، ئالدىنقى يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى ئىسىمىزگە سېلىشى مۇمكىن . ئۇ چاغدا بارسىلۇنا ئالدىدا ئىدى .
                                                            
ئىككىنچى قىززىق نوقتا : ئىككى رىكۇرتچى
گودىئاۋلانىڭ بارسىلۇنانى قولغا ئىلىشى ئاخىردا فۇ بۇۋاينى قايتىدىن تەخىتكە چىقاردى ، رونالدۇنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىشى مىسسىنى  رىقابەت ۋە تېخىمۇ  كۆپ تەرەقىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى . رونالدۇنىڭ بۇلتۇرقى  ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يۈز يىللىق رىكۇتىنى بۇزۇشى ھازىر يىڭىلىق ئەمەس . چۈنكى بۇ يىل  يەنە نەچچە ئايلانما مۇسابىقە بار ھالەتتە مىسسى ئىككىسى  ئۇ رىكۇرت بىلەن تەڭلشىپ بولدى  . يېڭى رىكۇتنىڭ قانچىدە توختايدىغانلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىسىگە باغلىق . باشقا بىرلەشمىدە ئوتتۇزدىن كۆپ توپ ئۇرغۇچىلارنىڭ مەرگەن بولدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالسىمۇ ، رنالدۇ بىلەن مىسسى مەۋجۈت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 41 توپ ئۇرۇپ بولۇپمۇ  ،    ‹‹مەرگەنلىك تالىشىش جېڭى ›› تېخىمۇ يوقرى پەللىگە چىقىۋاتىدۇ  . ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ كەچتە مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇپ ، رىكۇتنى تۇنجى بۇزغۇچى بولغۇسى بار  [/colo

ئۈچۈنچى قىززىق نوقتا : مۇسابىقە ئەھمىيىتى  
مادىرىت ئۈچۈن ‹‹ بوسۇغىغا كىلىپ قالغان ›› لوڭقىنى بارسىلۇنانىڭ تارتىپ ئىلىپ كېتىشىدىنمۇ ئازاپ ئىش يوق ، بارسىلۇنا ئۈچۈن ئىككى مەيدان كىلاسسىكونىڭ غەلبىسى ئالالمىسىمۇ ~ بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا تەڭ .  ئەگەر بۈگۈن كەچ مادىرىت بارسىلۇناغا يەنە ئۇتتۇرۋىتىپ ، ئاخىرىدا يەنىلا بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشسە  ، بىز مادىرىتنىڭ ئىككى مەيدان دىربىيدىكى ئىپادىسنى چىقىرۋىتىپ قالغان پۈتۈن پەسىللىك  ئىپادىسنى ماختاش بىلەن بىرگە ، يەنە خىتافى بىلەن ئوساسۇنا كوماندىلىرىغىمۇ رەھمەت ئىيشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە . بۇ چاغدا مەن بىرلەشمە لوڭقىسى خوشاللىغىدا يۈرسەممۇ ، يېڭى پەسىل باشلانغۇچە مۇنبەردىشىم سىرىق ھەرىگە ھەۋەس قىلىشىم مۇمكىن .
گودىئاۋلا بارسىلۇنانى قولغا ئالغاندىن بۇيان ، بىرلەشمىدە تېخى  مادىرىتقا ئۇتتۇرۇپ باقمىدى . مۇرىنىئۇ يىتەكلىگەن مادىرىتنىڭ ھىلىقى ‹‹ بەشتە نۆل ›› نەتىجىدىن كىيىنكى ئۈچ قىتىملىق نوكامپۇ مەيداندىكى نەتىجىسى يامان ئەمەس ، بوناۋۇدىكىدىن ئازراق ئىشەنچلىك بولۇپ قالدى تېخى

                                                                        

ھازىرقى ھالەتتىكى بارسىلۇنانى ئۇتۇشنىڭ  زادى قانداق تۇيغۇ بولدىغانلىقىنى بەكلا  بىلگۈم بار ! Hala Madrid
(بىشىدا يازغىنىم   ئۆچۈپ كىتىپ  ، ئاغىنەمگە ۋەدە قىلىپ قويغاچقا  ، ئىسىمگە كەلگەنلىرىنى تاققا - تۇققا قىلىپلا يىزىپ قويدۇم ، دىربىي باشلانغۇچە ۋاقتىم يەتسە  تۈزىتىۋىتىمەن )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 21:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچتە قانداق ئىشلار يۈز بىرەر ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 21:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسانى ئۇتماي ئالغان لۇڭقىنىڭ مادىرىتقا نىمەئەھمىيىتى دەيمەن...ئەمما كۇڭلۇمدە بىر مەيدان موسابىقە ئەمەس بەلكى بىر مەيدان ئويۇننى كۇردىغاندەك ھىسيات بار مەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 21:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيقۇنى ھار ام قىلغانغا چۇشلۇق مۇسابىقە كۆرسەك بولاتتى بۇ قېتىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 21:54:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد قا ئامەت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بولدىلا ئىنكاس يازماي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:30:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىدچىلارنىڭ مەدەت سۆزىنىڭ « ئوبۇرنى مادىرىد» يەنى خالا مادىرىد ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن .

چاقچاق .... كەچتىكى مۇسابىقە بۇرۇنقىدەك قىززىماسمىكىن دەيمەن ، پېپې بولمىغان دېربىينىڭ قىززىقى يوق ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلاسسىكو دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:34:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ توپ دىگەننىزە  ئالدىنقى يىلى 5  نى يىگەندە نەچچە كۈنگىچە  توپنىڭ قىلچە  خاتالىق پەرقى يوق يۇملاق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنتىم  ئۇ چاغدا ھەممىسى مادىرىتنى ئۇتۇشى 100% ئۇتىدۇ دەپ ئىشىنىشكەن شۇنىڭ قاتارىدا مەنمۇ با   ھازىر مادىرىت ئۇ چاغدىن جىق كۈچەيدى يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەلىرى بىر قانداق   قىنى كەچتە كۆرەمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى exaniqدە2012-04-21 21:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
باسانى ئۇتماي ئالغان لۇڭقىنىڭ مادىرىتقا نىمەئەھمىيىتى دەيمەن...ئەمما كۇڭلۇمدە بىر مەيدان موسابىقە ئەمەس بەلكى بىر مەيدان ئويۇننى كۇردىغاندەك ھىسيات بار مەندە.


مېنىىڭچە مۇشۇنداق دىيىش ئانچە توغرا ئەمەس، بارسانى ئۇتمىساقمۇ بۇ يىل بىرلەشمىنىڭ شاھلىق ئورنىدىن تارتىپ چۈشۈرۋالساقلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، قىساس دىگەن ھامان بىر كۈنلىرى ئېلىنىدۇ، چېلسىمۇ 3 يىل تەخىر قىلىپ ھېچبولمىسا ئۆز مەيدانىدا ئۇتۇپ ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقى چىقتى. مېنىڭچە مۇ تېرنىرنىڭمۇ ئويلايدىغىنى شۇ ، نۇمۇر پەرقىنى ساقلىيالماي قالسا بارسانىڭ شاھلىق ئورنىنى تەۋرىتىش سەل تەسكە توختايدۇ . شۇڭا بۈگۈنكى مۇسابىقىدە مۇ تېرنىر باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر ئۈچ ئارقا بەل ئىشلىتىپ  مۇداپىيەسىمان ھۇجۇم ئوينىماقچى.

مەن شەخسەن دۆلەت دېربىيسىنى تولا كۆرۈپ ھۆ بوپ كەتتىم ، ھازىر ماڭا نىسبەتەن مۇشۇ پەسىل جەريان كىرەك ئەمەس ، ئاخىرقى نەتىجە ، ىرلەشمە لوڭقىسى كېرەك، قالغان ئىشلارغا ئاستا-ئاستا كېلىمىز، قىساس كىچىكمەيدۇ ، ئۆلۈپ قالمىساقلا..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرېتچىلانىڭ مۇسابىقىدىن كىيىن رېپىردىن ئاغرىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-21 22:41:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 250 - قىتىملىق كىلاسسىكوغۇ دەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش