ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1689 |
تۆھپىسى: سەر |
|

تۈنۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ غەلبە قىلىشىغا چوڭ كۈچ چىقارغان تېۋىز مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تەبرىكلەرنى تاپشۇرۇۋالدى. لېكىن بىر سىرلىق دوستىدىن كەلگەن تەبرىك ئۇچۇرى ئۇنى ئەڭ خوشال قىلدى،بۇ سىرلىق كىشى بارېسلونا پۇتبول چولپىنى مىسسى. تېۋىز بارېسلونانىڭمۇ غەلبە قىلغىنىىنى بىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ خوشال بولدى چۈنكى بۇ ئىككى ئارگىنتىنالىقنىڭ ھازىرقى مەقسىدىن ئوخشاش يەنى چېمپىيونلۇق.
تېۋىز مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدە : مەن ناھايتى خوشال، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە كوماندا ئۈچۈن توپ كىرگۈزۈشنى ئۈمۈت قىلىمەن،ئەمىليەتتە بىز بىر چېمپىيون بۇلۇشقا مۇناسىپ كوماندا .
مەستانىلەرنىڭ ئۆزىگە ئالقىش ياڭراتقانلىقىغا قارىتا تېۋىز : مەن ناھايتى تەسرلەندىم، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ،مەن ئەزەلدىن كوماندىدىن ئايرلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. مېنىڭ باشقا بارىدىغان يېرىم يوق ئەمەس ۋە ياكى پۇل ئۈچۈنمۇ ئەمەس، مېنىڭ قارىشىمچە مەستانىلەر مېنىڭ توپ كىرگۈزۈشۈمنى ساقلاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە مېنىڭ بىر ئۆمۈر مانچېستېردا قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھازىر مەن پەقەت كوماندا ئۈچۈن كىچىكىكىنە بولسىمۇ بىر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايمەن.
تېۋىز بىلەن كوماندا ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ۋاقىتتا ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ 5 كوماندا تېۋېىزغا باھا قويغان بۇلۇپ لېكىن تېۋىز يۆتكىلىش تەكلىبىىنى رەت قىلغان.
تېۋىز بىلەن مىسسىنىڭ كوماندىلىرىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەھۋالى ھازىر ئوخشاش. شەھەر ھازىر مانچېستېرنىڭ نەتىجىسىگە قاراشلىق،بۇنىڭغا تېۋىز ھېچقانداق مەيۈسلەنمەيدۇ.بۇنىڭغا قارىتا تېۋىز : مەنچە مانچېستېرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، بىراق بىزگە مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك،بىز ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىمىز،مەستانىلەرمۇ بۇ نۇقتىنى بېلىپ يىتەلەيدۇ ھەم بىزنى توغرا چۈشىندۇ ،بىزنى كەچۈرىدۇ، داۋاملىق بىزنى قوللايدۇ. |
|