ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
چېلسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشى 1904-يىلى كۈزنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى ھەمدە ھېنرى-ئاگۇستۇس-مېرس ( Henry Augustus Mears ) دېگەن كىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېرس چېلسى كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇچىغا چىققان تەنتەربىيە مەستانىسى ئىدى. پۇتبول ھەرىكىتى ئېنگىلاندتا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق لوندوندا بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئوينىغۇدەك بىرەر كوماندا يوق ئىدى. مېرس پۇتبول بازىرىغا قىزىقسىنىپ، بۇ بازارغا كىرىش قارارىغا كەلدى ھەمدە سىتامفورد پۇتبول مەيدانىنى سېتىۋالدى. مېرسنىڭ باشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى پۇتبول كوماندىسى تېپىپ سىتامفورد مەيدانىغا ئېلىپ كېلىش ئىدى. ئۇ ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان فۇلھام كۇلۇبىنى تېپىپ، سىتامفوردقا تەكلىپ قىلدى، بىراق مەيداننىڭ ئىجارە پۇلىدىكى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن فۇلھام كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەيدانى كراۋېن مەيدانىنى ئىشلىتىۋەردى. (ھازىرمۇ شۇ مەيداننى ئىشلىتىۋاتىدۇ)
مېرس سىتامفورد پۇتبول مەيدانىدىن پايدىلىنىپ بىر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇش قارارىغا كەلدى. 1905-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى سىتامفورد مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەيخانىدا مېرس ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش توغرىسىدا يىغىن ئاچتى.يىغىندا يېڭى بىر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش رەسمىي قاراق قىلىندى. دەسلەپتە پۇتبول كوماندىسىنىڭ نامى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر چىقتى. <سىتامفورد پۇتبول كۇلۇبى>،<لوندون كۇلۇبى> ... دېگەندەك ناملار ئوتتۇرىغا چىقىپ تەستىقلانمىدى، ئاخىرى كوماندا نامىنى <چېلسى پۇتبول كۇلۇبى> قىلىش بەلگىلەندى.
چېلسىنىڭ باشقا ھەر قانداق پۇتبول كۇلۇبلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى چېلسى كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەيدانى باشتا قۇرۇلۇپ،ئۇنىڭدىن كېيىن پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغان.
1905-يىلى چېلسى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلۇپ،كوماندىنىڭ تۇنجى تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى جون-تەيت-روبېرتسون ( John Tait Robertson ) ئۈستىگە ئالدى،كوماندا ئەزالىقىغا ئازراق نامى چىققان بىر قىسىم پۇتبولچىلار سېتىۋېلىندى. چېلسىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن چېلسى كوماندىسى دەسلەپتە <جەنۇبىي بىرلەشمە> مۇسابىقىسىگە قاتناشسا بولاتتى، بىراق كۆپ قىسىم شىمال تەرەپ كوماندىلىرى قاتنىشىدىغان < پۇتبول بىرلەشمە ئىتتىپاقى > چېلسىنى ئۆز ئىتتىپاقىغا قوشۇۋالدى.1905-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چېلسى پۇتبول بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە رەسمىي ھالدا قوشۇلدى.ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چېلسى كوماندىسى بىر قېتىممۇ رەسمىي ھالدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ باقمىغانىدى.
1905-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى چېلسى كۇلۇب قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى ئوينىدى، نەتىجىدە مېھمان ھالىتىدە ئوينىغان چېلسى 0-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولدى،بىراق شۇندىن كېيىنكى مۇسابىقە تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقىۋالدى.
چېلسى كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوتتۇرا-ئاجىز،ئوتتۇرا-كۈچلۈك... دېگەندەك جەرياندا يۈردى،ئالتۇن دەۋر دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك مەزگىلىمۇ بولمىدى.
چېلسى كۇلۇبىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى پارچە-پۇرات ئىشلار بىلەن ئانچە ئېقى كېلىشمەيدۇ. شۇڭلاشقا كوماندا قۇرۇلغان 50- يىلدا بىر قېتىم ئەنگىلىيە بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى،100-يىلىدا يەنە بىر قېتىم ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى بولدى.[s:12]
چېلسىنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ،ھەقىقىي كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان مەزگىلى بولسا، روسىيەلىك باي ئابلايىموۋىچ 2003-يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى چېلسى كوماندىسىنى رەسمىي سېتىۋالغاندىن كېيىنكى يىللار. ئابلايىموۋىچ چېلسىنى سېتىۋالغان تۇنجى يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ زور دەرىجىدە مەبلەخ سېلىپ پۇتبولچىلارنى سېتىۋالدى.
گېرۈن-يوھانسون،جوكول، بۇرىچ قاتارلىق يەرلىك ياشلارنى، گېرىمى،ۋېرون،داف،كىرېسبو،ماكېلېلې قاتارلىق چەتئەللىك پۇتبولچىلارنى سېتىۋېلىپ،بىرىنچى يىلىلا 1 مىليارد فونېستېرلىڭدىن كۆپرەك مەبلەخ سالدى.
شۇ يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولۇپ كونا تېرىنېرنى ئىشتىن بوشاتتى.
كونا تېرىنېر ئىشتىن بوشالغاندىن كېيىن،ئابلايىموۋىچ نورمال بىر كوماندىنى بىر يىلدا ئۈچ لوڭقىغا تەڭ ئېرىشتۈرگەن پورتۇگالىيەلىك ياش تېرىنېر مورىنىئونى چېلسىغا باش تېرىنېرلىققا سېتىۋالدى.
مورىنىئو كېلىپ تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا 50 يىلدىن بېرى ئېرىشەلمىگەن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتۈردى. بۇ لوڭقا چېلسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100-يىلىغا توغرا كەلگەچكە چېلسى پۇتبول مەستانىلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خوشاللىققا ئېرىشتۈردى.
مورىنىئو چېلسى كوماندىسىغا تېرىنېرلىق قىلغان ئۈچ يىل ئىچىدە ، ئىككى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىنى، ئىككى قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنى، بىر قېتىم < 足总杯 > ، بىر قېتىم < 慈善盾杯 > لوڭقىسىغا ئېرىشتۈردى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چېلسى تارىخىدا بولسا،چېلسى بىرلا قېتىم بىرلەشمە ۋاقتىدىكى لوڭقىغا ئېرىشكەنىدى.
يېقىندا ئابلايىموۋىچ بىلەن مورىنىئو ئوتتۇرىسىدىكى كونا زىددىيەت سەۋەبلىك،ئابلايىموۋىچ يېڭى پەسىلدىكى ناچار باشلىنىشنى باھانە قىلىپ مورىنىئونى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى !
چېلسى كوماندىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئېرىشكەن شان - شەرەپلەر
1954~1955-مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە چېمپىيون
2004~2005- مۇسابىقە پەسلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چېمپىيونى
2005~2006- ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`~~
1955،2000،2004 -يىللىرى 慈善盾冠军 بولغان.
1970،1997،2000،2006-يىللىرى 足总杯冠军 بولغان.
1965،1998،2006-يىللىرى بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان.
1905~1952-يىلىغىچە بولغان چېلسى كوماندىسى بەلگىسى

1952~1953-يىلىغىچە ئىشلەتكىنى

1953~1986-يىلىغىچە
1986~2005-يىلىغىچە
2005-يىلىدىن بۇيان

چېلسى كوماندىسىنىڭ مەيدانى سىتامفوردنىڭ ھەر تەرەپتىن كۆرۈنۈشى

سىتامفوردقا سىغىدىغان تاماشىبىن سانى : 42420



1905-يىلى چېلسى يېڭى قۇرۇلغاندىكى سىتامفورد

1955-يىلىدىكى چېمپىيون ۋاقتى

05-06 مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيون- چېلسى !


خەير-خوش مورىنىئو !

چېلسىنىڭ 07-08 پەسىللىك كىيىملىرى




چېلسىنىڭ 07-08 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەزالار تولۇق نۇسخا رەسىمى

چېلسى كوماندا ناخشىسىنىڭ تېكىستى :
Blue is the colour,
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain
Because Chelsea Chelsea is our name.
Here at the Bridge whether rain or shine,
We can shine all the time.
Oh,for a way come and see us play
You're welcome anyday.
Hey, blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name.
Come to the shed and we'll welcome you.
Wear your blue and see us through.
Sing loud and clear till the game is won.
Sing CHELSEA everyone.
Oh, blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name.
Blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name...
Blue is the colour,
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain
Because Chelsea Chelsea is our name.
Here at the Bridge whether rain or shine,
We can shine all the time.
Oh,for a way come and see us play
You're welcome anyday.
Hey, blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name.
Come to the shed and we'll welcome you.
Wear your blue and see us through.
Sing loud and clear till the game is won.
Sing CHELSEA everyone.
Oh, blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name.
Blue is the colour
Football is the game.
We're all together and winnig is our aim.
So cheer us on through the sun and rain.
Because Chelsea Chelsea is our name...
|
|