پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 3165|ئىنكاس: 38

جەڭ مەيدانىدىن توپ مەيدانىغىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

227

تېما

0

دوست

1275

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8404
يازمىسى: 1275
نادىر تېما: 19
ياۋرۇ: 10054796
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 866
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى نادىرچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەڭ مەيدانى بىلەن پۇتبول مەيدانى ماھىيەتتىن ئىككى ئۇقۇم لىكىن ئىككى دۆلەتنىڭ زىدىيتى تۇپەيلى كىلىپ چىققان ئۇرۇشقا يۇغۇرلۇپ كەتكەن مىللى ئاداۋەت ۋە تىرىتورىيە مۇناسىۋىتى ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا ھىلى ھەم ئاچىچق ئەسلىمە بۇلۇپ كىشلەر قەلبىدە بۇلۇپمۇ شۇ ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە توپ مەستانىلىرى ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرنى ئىگىلەپ ئوق دورىسىز ئس - تۇتەكسىز پۇتبول مەيدانىدا بىزگە پۇتبولنىڭ كۆڭۇل ئىچىشلا بولماستىن پۇتبولنىڭ يەنە بىر مەيدان خەلىقارالىق زىدىيەت تۇقۇنۇشنىڭ ئارقا كۇرىنىشنى ئىچىپ بەردى . بۇگۇن بۇ تىمىدا بايان قىلماقچى بولغىنىم ئېنگىلاند ۋە ئارگىنتىنا
ئۆچمەنلىكنىڭ پىلتىسى مالۋىناس ئارىلى

ئالدى بىلەن نەزىرىمىز  30  يىل بۇرۇنقى بىرمەيدان ئۇرۇشتا بولسۇن بۇ ئۇرۇش 1982-يىلى 2-ئاپىرىل ئەنگىلىيە ۋە ئارگىنتىنا ئوتتىرسدا پارتىلغان مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى .مالۋىناس ئارىلىنى ئارگىنتىنالىقلار مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ .ئەنگىلىيلىكلەر فولىتلام تاقىم ئارىلى دەپ ئاتايدۇ.بۇ ئۇرۇش ئەينى يىلى 74 كۇن داۋام قىلغان .ئۇ ئۆتكەن ئەسىردىكى ئاخىرقى ئۇرۇش دەپمۇ ئاتالغان.ئەلۋەتتە مىنىڭ بۇيەردە مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشنى ئەسلەپ بايان قىلىشىم تارىخنى ئەسلەشلا ئەمەس .بەلكى كۆزئالدىمىزدىكى رىيانلىققا كۆڭۇل بۇلۇش شۇنداقلا ئۆچ ئاداۋەتنىڭ پىلتىسنى تىپىپ چىقىشتىن ئىبارەت.بۇ ئۇرۇش ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ شۇ قىتىمقى تالاش تارتىش تىخى ھازىرغا قەدەر تۇگىگىنى يوق .بەلكى كۇنسىرى ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ.ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ 30 يىل بولغان بۇگۇنكى كۇنلەردە ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان بۇ تاقىم ئارالنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ كۇڭۇل بۇلدىغان قىزىق نۇقتىسغا ئايلانغان چۇنكى بۇ  زىمىن بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تاقىلدىغان سەزگۇر نۇقتا ئىدى .مالۋىناس ئارىلى ئارگىنتىنادىن 500 كىلومىتىر يىراقلىقتا .ئەنگىلىيەدىن 13000 مىڭ كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان . بۇزىمىن قەدىمدە ئارگىنتىنانىڭ زىمىنى ئىدى.ئەنگىلىينىڭ مۇستەملىكى بىلەن مالۋىناس ئارىلى ئارگىنتىنالىقلارنىڭ يۇزىگە بىسىلغان تامغىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى  .1982 -يىلى ئۇرۇش پارتىلاشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ باشقۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىدى.شۇيىلى 2- ئاپىرىل زەنگەر ئۇرۇش دەيدىغان ھەربى ھەركەت باشلاندى .ئارگىنتىنانىڭ بىرئالاھىدە قىسمى مالۋىناسنىڭ كۇرۇبىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئەنگىلىيە ئارمىيسىنىڭ گازارمىسى ۋە باش ئالى مەھكىمىسىنى ۋە ئاساسلىق پورتنى ئىگىلىدى .شۇۋاقىتتا ئارگىنتىنالىقلار ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبى ئامىرىكىدىكى مۇستەملىكىمىسى مالۋىناس ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى .ۋە رادىيودا مالۋىناسنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى مەجبۇرى جاكارلاتقۇزدى .بۇ تەسلىم بىلەنلا ئارگىنتىنالىقلار كوچىلاردا بايراق چىقىرىپ تەبىرەكلەشتى .ئەنگىلىيە بايرىقىنىڭ ئىلىۋىتىلىشى ئەنگىلىيلكلەرنىڭ قاتتىق نىرۋىسىغا تەگدى.
قايتۇرما ھۇجۇم ساچىرخانىمنىڭ سىياسىتى.

شۇۋاقىتتىكى ئەنگلىينىڭ باش ۋەزىرى ساچىرخانىم كەسكىن سۆز قىلىپ چۇقۇم مالۋىناسنى قايتۇرۋالدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى .ۋە خانلىق فىلوتنى ئەۋەتىپ ئارگىنتىنا قۇشۇنىنى قوغلاپ چىقردىغانلىقىنى بۇلدۇردى .شۇ ۋاقىتتكى ئەنگىلىينىڭ تەڭداشسز ناملىق ئاۋياماتكىسى بايراقدار بۇلۇپ ئاۋال مالۋىناسقا ئاتلاندى .ئۇچ ئالاھىدە فىلوت ئاۋال يول باشلاپ ماڭدى .1ئايدىن كىيىن ئەنگىلىيە قىسمى مالۋىناس ئارىلىغا يىتىپ كەلدى .ۋە شۇكۇنى ئەنگىلىينىڭ بويسۇندۇرغۇچى ناملىق يادىرو چۆكمە پاراخوتى تورپىدا ئىتىپ ئارگىنتىنانىڭ گىنىرال ۋىرگىنو ناملىق چارلىغۇچى ھەربى پاراخوتىغا تەككۇزۇپ پاچاقلىۋەتتى .شۇقىتىمقى پارتىلاشتا ئارگىنتىنانىڭ 321 ئەسكىرى ئۆلدى ۋە يوقاپ كەتتى.2 كۇندىن كىيىن ئارگىنتىنانىڭ كۇرەشچى ئايرىپىلانى ئەنگىلىينىڭ ئالاھىدەفىلوتىغا ئۇچار بىلىق ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبا قۇيۇپ بىرىپ چۆكتىرۋەتى بۇقىتىمقى پارتىلاشتا ئەنگىلىيدىن نۇرغۇن ئەسكەر چىقىم بولدى. 1 ئايدىن كىيىن ئەنگىلىيە ئارمىيسى ئارالغا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى .ۋە مۇھىم پورتىنى ئىگىلەپ ئۇمۇمى ھۇجۇم قوزغاپ مالۋىناس ئارىلىنىڭ مەركىزىنى ئىگىلىدى .شۇنىڭ بىلەن ئارگىنتىنا ئارمىيسى ئاق بايراق چىقاردى .چۇشتىن كىيىن ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچۇرشىپ ئۇرۇش توختىتىش كىلىشمى ھاسىل قىلدى .شۇنىڭ بىلەن 74 كۇن ئاخىرلاشىقان مالۋىناس ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى .شۇقىتىمقى ھاۋاجىڭىدە ئارگىنتىنانىڭ 21 كۇرەشچى ئايرىپىلانى 3 دىڭىز فىلوتى ۋەيران بولدى ۋە  نۇرغۇن ئەسكەرلىرى ئۆلدى .ئەنگىلىيمۇ مۇئەييەن جەھھەتتە ئادەم ۋە ھەربى كۇچتە چىقىم تارتتى .

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۇنى ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بوئىنس ئايرىستا جەنۇبى ئامىرىكا قىتەسىدىكى چوڭ سائەت دەپ نام ئالغان ئەنگىلىيە سائىتىنى پشقەدەم ئارگىنتىنا ئەسكەرلىرى ئىگىلىدى .بۇ سائەتنى ئۆتكەن ئەسردە ئەنگىلىيە ئارگىنتىنانىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلىگەندە سوغا قىلغان ئىدى .ھازىرغا قەدەر  پۇتۇن ئارگىنتىنا پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە مالۋىناس ئارىلى ئارگىنتىنانىڭ زىمىن تەۋەلىكى دەپ قارىلىدۇ .شۇڭا ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيە ۋە ئارگىنتىنا پۇقرالىرى ئارىسدا ئۆچمەنلىشش قاراسايىسى تاشلىنىپ تۇرماقتا .1982-يىلدىكى غەلبىدىن كىيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ئاندىرى ئۆزى تىك ئۇچار ھەيدەپ مالۋىناستا ھەربى ھەركەتكە قاتناشقان.30 يىلدىن كىيىن بۇيىل 2-ئايدا ئەنگىلىينىڭ ھازىرقى شاھزادىسى ۋىلىيام يەنە ئۆزى ھاۋا ئارمىيسنىڭ ھىمايىسدە مالۋىناستا 6 ئايلىق ھەربى مەشىقكە قاتناشقىلى كەلدى .بۇ ئشقا قارىتا ئەنگىليە پۇقرالىرىمۇ ئارگىنتىنالقلىغا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ كەلمەكتە .بۇ پىلىكى ئۇزۇن بومبىنىڭ پارتىلايدىغانلىقىغا ھازىر ھىچكىم بىرنەرسە دىيەلمەيدۇ.
گالتىرىنىڭ قان يېشى

شۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئارگىنتىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسدە ئولتۇرۋاتقان گالتىرى ئۇرۇشتا مالۋىناسنى تارتقۇزۇپ قۇيۇپ پۇتۇن ئارگىنتىنالىقلىلارنىڭ نەزىردىن چۇشتى .شۇۋاقىتلاردا مالۋىناسقا ھۇجۇم قوزغاپ ئەنگىلىيكلەرنى مالۋىناستىن قوغلاپ چقىرىش تەييارلىقىدا تۇرغاندا 11-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بۇلىدۇ .

شۇ ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ گالىتىرى سۆز قىلىپ 25 مىليون ئارگىنتىنالىق بىر رەڭنىڭ ئارقىدا تۇرۋاتىدۇ ئۇ بولسىمۇ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاق كۆك رەڭگى پۇتبول دۆلىتىمىزنىڭ مۆجىزىسى بىزنىڭ دۆلىتىمىز شۇ قەدەر قالتىس دەپ نۇتۇق سۆزلىدى. شۇقىتىمقى دۇنيا لوڭقىسدىن كىيىن ئارگىنتىنادىكى ئۇمۇمى خەلىق ئۆزدۆلىتىدىن پەخىرلىندىغان ھالەت شەككىلىنىپ پۇتۇن خەلىق كوچىلاردا دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدەتتى .شۇقىتىمقى ئشتىن كىيىن ئەنگىلىينىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق گىزىتى يىڭى سىياسىيونلار گىزىتى ئارگىنتىنا بىر دۆلەتنىڭ مەغلۇبىيتى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سىياسى سىر دىيىلدى . ئەنگىلىيە مالۋىناسنى تارتىۋالغاندىن كىيىن زۇڭتۇڭ گالتىرى ئارگىنتىنانىڭ  ماي مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلەپ چۇقۇم مالۋىناسنى قايتۇرۋالدىنغانلىقىنى جاكارلىدى .بۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتۇن ئارگىنتىنالىقلارنىڭ دىتىغا ياقتى .ۋە شۇۋاقىتتا مارادونا بىلەن بىرگە ئارگىنتىنانىڭ مىللى قەھرىمانىغا ئايلانغان. لىكىن شۇۋاقىتتا ئارگىنتىنا مەغلۇپ بولدى 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۇنى بۇ ئۇرۇش ئارگىنتىنانىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشتى .ئۇزاق ئۆتمەيلا دۇنيا لوڭقىسى مىكسكىدا  باشلاندى مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسىى كىچىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسدە بىلگىيە كوماندىسغا 1-0 نەتىجەبىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى .ۋە كيىنكى مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى كىچىك گۇرۇپپىدا شاللاندى .مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى ئاخىرلشىپ ئارگىنتىنا چوڭ قوش مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى .ۋە پۇتۇن خەلىق ئۇرۇشتا ۋە دۇنيا لوڭقىسدا يىڭىلگەنلىكىگە قارىتا ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى پۇتبول كوماندىسى بىلەن مەنىۋى تۇرۇك قىلىپ تىرەپ كىلىۋاتقان زۇڭتۇڭ گالتىرى بۇقىتىم ئامالسىز قالدى ۋە خەلىقنىڭ نارازىلىقى ئاستىدا تەخىتتىن چۇشۇشكە مەجبۇر بولدى .گالترى تەخىتتىن چۇشۇپلا ئۇرۇشقا خاتا قوماندانلىق قىلىش دىگەن قالپاق بىلەن 12 يىللىق كىسلدى .
تەڭرىنىڭ قۇلى

1986-يىلى 6-ئايدا دۇنيا لوڭقىسى باشلاندى پۇتۇن ئارگىنتىنا خەلىقى پۇتۇن ئۇمۇدنى ئۇرۇشتىن كىيىنكى مەنىۋى تۇرۇكنى ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسغا قاراتتى .شۇ قىتىم ئەڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇسابىقە ئارگىنتىنا بىلەن ئەنگىلىينىڭ مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 22-كۇنى باشلاندى .مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشدا ئاچچىق يۇتكەن ئارگىنتىنالىقلار ۋە ئۇرۇش ۋەھىمىسى چىرمىۋالغان ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ دىققىتتى بۇ مۇسابىقىگە مەركەزلەشتى شۇ ۋاقىتتكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلارمۇ يەنى ئەنگىلىينىڭ شۇ ۋاقىتتتىكى  مالۋىناسقا ئۇرۇش قوزغىغان سىياسى سەھنىدىكى چولپان  پۇتبولغا ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيدىغان ساچىر خانىممۇ بۇ مۇسابقىنى ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن بىرگە كۆردى .شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقە مەيلى تارىخى نۇقتىدىن ياكى ئۆچ ئاداۋەت نۇقتىسدىن ئالغاندا پۇتبولغا قىزىقمايدىغان ئادەملەرگىمۇ بىر كۇرۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك مۇسابىقە ئىدى . شۇ قىتىمقى چارەك ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسدە مارادونا پۇتبول مۇنبىرىدىكى تارىخى مۇنازىرىلىك بىرتوپنى يەنى تەڭرىنىڭ قولى دىگەن توپنى ۋە 5 ئەنگىلىيىلكنى ئالداپ كىرگۇزگەن چىرايلىق توپنى كىرگۇزۇپ   ئىنگىلاندنى  مەغلۇپ قىلدى .

.بۇ مۇسابقىدىن كىيىن ئارگىنتىنالىقلار چەكسىز شادلىققا چۆمدى . مارادونا ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىنى قولىغا ئالدى ۋە  يەنە بىر قىتىم ئارگىنتىنانىڭ مىللى قەھرىمانىغا ئايلاندى . بۇشۇ ۋەزىيەتتە قولغا كەلگەن چىمپىيۇنلۇق ئارگىنتىنا خەلىقىنىڭ مەڭگۇللۇك ئىسدە قالدىغان دەقىقىگە ئايلانغان ئىدى بۇ مۇسابىقە ئارگىنتىنا خەلقىگە نسبەتەن مەنىۋى تۇرۇك بۇلۇپ قالدى. چۇنكى بۇ بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەت ئۇستىدىن قىلىنغان غەلبىسى ئىدى .ئارگىنتىنالىقلار خۇددى يۇزىدىكى قارا تامغىنىڭ خىلىلا سۇسلىشىپ قالغىنىنى كۆرگەندەك بولدى .چۇنكى ئەنگىلىيەنى شاللاپ دۇنيا لوڭقىسغا ئىرىشش شۇ دەۋىردە ئارگىنتىنالىقلارغا نسبەتەن ياكى ئەنگىلىيەلىكلەرگە نسبەتەن بولسۇن بىرتارىخى ئەھمىيەتلىك دۇنيالوڭقىسغا ئايلانغان ئارگىنتىنا چىمپىيۇن بولغاندىن كىيىن 1ئاي دۆلەت ئىچىدە كىچىك بالىلاردىن تارتىپ دۆلەت بايرىقىنى كۆتىرىشىپ شادلىققا چۆمدى بۇنى كۆرگەن خەلىقئارا جەمىيەت ئارگىنتىنا ئۇرۇشتا غەلبە قىلغاندىنمۇ بەك خوشاللىققا چۆمدى دەپ باھا بەردى.


1987-يىلى ئارگىنتىنا قەرىز كىرزىسىگە پىتىپ قالدى . شۇيىلى بىر بوۋاق گىۋارانىڭ يۇرتىدا دۇنياغا كەلدى ئۇ دەل لىئونىل مېسسى ئىدى .مېسسىنىڭ ھازىرقى يىتىشىپ چىققان پەللسگە قاراپ ئارگىنتىنالىقلار ئۆز كۆڭلىدىكى قاراداغنى يۇيۇشنى ئۇنتۇلدۇردىغان يەنە بىر مەلھەم دورىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن پەخىرلەندى ۋە ھازىر مېسسى ئارگىنتىنانىڭ مىللى قەھرىمانىغا ئايلاندى.شۇۋاقىتلاردا ئەنگىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى ئوخشاش رەقىبلەر  ئۇرۇش مەيدانىدا ۋە پۇتبول مەيدانىدا ئۇچۇرشىپ قالغاندا پۇتبول تىپىشنى بىلدىغانلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى بىلىشنىڭ ناتايىنلىقىنى ئۇرۇش قىللايدىغانللارنىڭ پۇتبول تىپىشنى بىلىشنىڭ ناتايىنلىقىنى بايقايسىز .
ئارگىنتىنالىقلار  دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى چىمپىيۇنلۇقى  بىلەن مالۋىناس ئارىلىدا غەلبە قىلالمىدى .ئەسلا پۇتبول مۇسابىقىسگە قىزىقمايدىغان ساچىر خانىم ئارگىنتىنانىڭ غەلبىسىدىن كىيىن  چىكىدىن ئاشقان پۇتبول لۇكچەكلىرىگە جەڭ ئىلان قىلدى ۋە ئىچكى كابىنىت تەشكىللەپ ئەنگىلىيەنىڭ پۇتبولچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش چوڭ خامچوتىغا ئىمزا قويدى . ئۇرۇشتىن كىيىن بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىمۇ كىشلەرگە كىمنىڭ جەڭ مەيدانى ئەمەس بەلكى پۇتبول مەيدانىدا يىڭىدىغىنىنى تەتۇر مەنە بۇيىچە چۇشىنىشكە قىزىقتۇردى .ۋە كىيىنكى يىللاردا خەلىقئارالىق چوڭ مۇسابىقىدە ئىككى دۆلەت مەستانىلىرى .ئۆزلىرىلا چۇشۇنىشىدىغان قاراسايە ئاستىدا مۇسابىقە كۆردى.

ئۇرۇش مەيدانى بىلەن پۇتبول مەيدانىغا كەلسەك قائىدىسى ئوخشىمايدۇ .بۇيىل يازدا ئەنگىلىيدە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلدۇ .بۇ ۋاقىتتا بىز يەنە بىر قەدىمى قائىدىنى ئەسكە ئالىمىز يەنى دۆلەتلەر ئارىسدىكى بۇخىل سىياسى ئىختىلاپ تەنتەربىيە مۇسابىقىسگە ئوخشاش ئادىل مەدەنى ئۇسۇل بىلەن  ھەلقىلغىلى بولامدۇ يوق؟دىگەن مەسىلە ئەكىس ئىتىدۇ .لىكىن رىيانلىقتا سياسسى تەنتەربىيە مۇسابىقىدىنمۇ رەھىمسىز .مانا 30 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتىلالمىغان خەلىق ھەربىر قىتىملىق ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا لوڭقىسدىكى ئۇچۇرششغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارىماقتا 1910-يىلى مالۋىناسنى ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيە ئسپانىيە ئالدى كەينى بىلەن بايقاپ  بۇ زىممىنىڭ ئىگىدارلىق ئۇرۇشى قوزغاپ ئەنگىليە غەلبە بىلەن بۇزىممىنى تارتىۋالغان بۇگۇنگە كەلگەندە ئەنگىلىيدىن 13 مىڭ كىلومىتىر ئارگىنتىنادىن 500 كىلومىتىر كىلىدىغان مالۋىناس ئارىلى قوياش پاتماس ئىمپىرىيە دەپ نام ئالغان ئارگىنتىنانىڭ يىمىرلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى .يىقىنقى 10 يىلدا ئەنگىلىيە ئالىملىرى مالۋىناستا قىدىرىپ تەكشۇرۇشنى باشلاپ 2010-يىلى ئەنگىلىيە خەلىقارالىق ئالىملار بىلەن بىرگە مالۋىناستا 60 مىليارد تۇڭ خام نىفىتنىڭ بايقالغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىينىڭ نىفىت ئھتىياجىنى 25 يىل گەپ يوق قامدىيالايدىغانلىقى ئىنقلاندى .ۋە خەلىقئاراغا ئاشكارلاندى .بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن ئەنگىلىينىڭ بىر يۇك پاراخوتىنى ئارگىنتىنا ئۆز پورتىدا توختىشنى رەت قىلدى .ۋە ئارگىنتنا باش مىنستىر زۇڭتۇڭغا ئەنگىلىيدىن ھەرخىل تاۋارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسى مۇنبىرى يەنەجىددى لىشى مۇمكىن . تىخى يىقىندىلا ئەنگىلىينىڭ ھەربى فىلوتى مالۋىناس ئارىلىغا يىتىپ كەلدى .قارىغاندا بۇنداق سىرى ئىچىلمايدىغان ۋە ئۆزگىرىپ تۇردىغان سىياسى ئختىلاپنى پۇتبول قائىدىسى بۇيىچە ئادىل ۋە مەدىنى ئۇسۇلدا ھەلقىلغىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ . بىز يەنە شۇنى تۇنۇپ يەتتۇق كى پۇتبولنىڭ قاراسىياسى سەھنە ئارىسدىكى كشلەرگە ئاتا قىلغان مەنىۋى ئۇزۇقىنى تۇنۇپ يەتتۇق بۇ ھەم قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى مىللى روھنىڭ گەۋدىلىنىشى ھىسابلىندۇ.
تۇلۇق چۇشەنچە بىرىلىش نۇقتىسدىن باشتا سىياسى پاراڭلار كۆپ قۇشۇلۇپ قالدى توغرا چۇشىنەسىلەر
!!!




.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dilhux + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

پۇتبول خاندانلىقى

141

تېما

32

دوست

2858

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  22
يازمىسى: 2858
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 55422
تۆھپە: 1098
ۋاقتى: 1215
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى رەسىملەر چىقماپتۇ...
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

73

تېما

0

دوست

2770

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2770
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 8509665
تۆھپە: 1288
ۋاقتى: 1678
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنانىڭ ئايال زۇڭتۇڭى بۇدا خېلى بوش كەممەيدىغان چىراي. تارىخ يەنە تەكرارلىنىدىغان ئوخشايدۇ...

268

تېما

20

دوست

4938

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10433
يازمىسى: 4938
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 8948871
تۆھپە: 3769
ۋاقتى: 2763
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بايرىن لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزماڭا بىر تارىخنى ئەسلەتتىڭىز،،
بۇ بىر ياخشى تىما ئىكەن،   

ماخـتاش بىر اللا

18

تېما

0

دوست

676

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10100
يازمىسى: 676
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 5051501
تۆھپە: 307
ۋاقتى: 688
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ۋاقتىدىمۇ  شۇ قىتەدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە كوماندىلار ئوتتۇرسىدا بىر ئاز توقۇنۇش يۇز بەرگەندە  يەنە بىر دولەتنىڭ زوڭتۇڭىغا بۇ ئىش ئىغىر كىلىپ ئارمىيەگە ئۇرۇش قىلىش بۇيرىقى چۇشۇرۇپ يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قوزغىغاندا خەلقارا جەمىيەت بۇ ئىشقا ئارلىشىپ بىسىقتۇرۇپ قويغان. بەلكىم ئىسىڭلادا باردۇ.    پىرۇ بىلەن سالۋادۇر    بۇمۇ پۇتپۇلنىڭ كۇچى  
ماختاش مەدىيھەلەر پەقەت بىر ئاللاغا خاستۇر قەلب پەقەت ئىمان تۇردىغان يەردۇر

‹‹كېرەك›› ‹‹

1

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9183
يازمىسى: 237
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 58
تۆھپە: 149
ۋاقتى: 177
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا ۋە تىنىش بەلگىلىرىگە دېققەت قىلىپ قويساق بولاتتى.

ساراڭ بىلەن تەڭ

1

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10539
يازمىسى: 108
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10049990
تۆھپە: 146
ۋاقتى: 64
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقمىغان رەسىملەرنى تەھرىرلىۋەتسىڭىز ..نادىر تېما بولغىدەك  

پۇتبول خاندانلىقى

141

تېما

32

دوست

2858

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  22
يازمىسى: 2858
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 55422
تۆھپە: 1098
ۋاقتى: 1215
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگىلىيە بىلەن ئارگىنتىنا ئارىسىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى (ئەنگىلىيە فوكلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىغا 30 يىل  بولغان كۈن، ئەنگىلىيە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، باش ۋەزىر كامىرون شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ فوكلاند تاقىم ئاراللىرى ۋە بۇ ئاراللاردىكى ئاھالىلەرگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى.
   كامىرون باياناتىدا: بۈگۈن مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەنگىلىيە، ئارگىنتىنا ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك دىدى. ئۇ فوكلاند تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: ‿بىز بىر مەيدان ناھەق ئۇرۇشنى ھەققانىي ئۇرۇشقا ئايلاندۇرالىغانلىقىمىزدىن خوشالمىز، فوكلاند ئارىلىدىكى خەلقمۇ ئۆزلىرى ياراتقان ئاۋات ھەم خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن پەخىرلىنىدۇ، ئەنگىلىيە فوكلاند ئاراللىرىدىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قەتئى قوللايدۇ. بۇ بىزنىڭ 30 يىل بۇرۇن قوللانغان تۈپ پىرىنسىپىمىز، شۇنداقلا، بۈگۈن ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى كەسكىن ھالدا قايتا تەكىتلىشىمىزدىكى مىزانىمىز.‿BR>   ئەنگىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەنگىلىيىلىك كونا ئەسكەرلەر ھەم ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كراۋفوردتىكى ئەنگىلىيە دۆلەتلىك ئۆسۈملۈكلەر خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، پائالىيەتتە، بىر تال شام ئۇدا 74 كۈن ياندۇرۇلۇپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا سىمۇۋول قىلىندى ھەم ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەر خاتىرىلەندى.
   1982- يىلى 2- ئاپرىل مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغان بولۇپ، ئۇرۇشتا جەمئى 255 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرى ۋە 650 نەپەر ئارگىنتىنا ئەسكىرى قۇربان بولغان، ئۇرۇش ئەنگىلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئارگىنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
   ئەنگىلىيە، ئارگىنتىنا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش- تارتىشىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان  مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا نېفىتلىك ۋە گازلىقلارنىڭ ئېچىلىشى تالاش- تارتىشنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ يىل فىۋرالنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليام مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ 6 ھەپتە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىدى، ئارگىنتىنا بۇنى ‿ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى‿دىدى. مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، ئارگىنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنامۇ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەم ئارگىنتىنادىمۇ ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!

بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانى

98

تېما

25

دوست

2571

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8950
يازمىسى: 2571
نادىر تېما: 12
ياۋرۇ: 4427081
تۆھپە: 1931
ۋاقتى: 1032
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە نادىرچى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى دۆلەت پۇتبول دۇنياسىدا راستىنلا بىر-بىرىگە ئەشەددىي رەقىب ئىكەن.
يېقىنقى زامانلارنى ئەسلەپ باقساق، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ 1986-يىلى، 1998-يىلى، 2002-يىللىرى بىردە ئارگىنتىنا ئۇتسا، بىردە ئېنگىلاند غەلبە قىلىپ ، بىر-بىرنى دۇنيا لوڭقىسىدىن ئۇزىتىپ يۈردى.
بولۇپمۇ  2002-يىلى بېھكخام ھېلىقى جازا نۇقتا توپنى كىرگۈزۋېلىپ 98-يىلىدىكى ئۆچىنى ئېلۋالغانغا ئالەمچە خۇشال بولۇپ كەتكەن كۆرۈنۈشى ھازىرغىچە ئېسىمدىن كەتمەيدۇ.

6

تېما

1

دوست

1694

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8081
يازمىسى: 1694
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10053314
تۆھپە: 661
ۋاقتى: 528
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹پەرۋەردىگارنىڭ قولى ››  بىلەن ئىنگىلاند بوغۇزلاپ تاشلانغان ئەمەس ، ئۇ تۇنجى توپ  . ئىنگىلاندلىقلار رىپىرغا نارازى بولۇپ بەش مىنۇت ئۆتمەيلا  مارادۇنا ‹‹ ئەسىر ھالقىغان توپى ›› ئارقىلىق بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى مۇتلەق يەڭگۈچىنىڭ ئارگىنتىنا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان .

ئىككى دۆلەتنىڭ بىرازىليىدە يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ. !

ئەڭ شىپالىق دورا- ئۈمىد

76

تېما

1

دوست

2460

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9983
يازمىسى: 2460
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 246393
تۆھپە: 545
ۋاقتى: 794
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇلغۇسىز  تارىخنى يېزىپسىز، رەھمەت سىزگە

0

تېما

0

دوست

14

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10242
يازمىسى: 14
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: -2
تۆھپە: 100016
ۋاقتى: 58
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 21:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )