akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4790|ئىنكاس: 25

خانلىق مادرىد تارىخى ( بۇغرا )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2007-11-12 14:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
     خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان كۇلۇبلارنىڭ بىرى،ئۇنىڭ ئەسلى كوماندىسى سىكاي پۇتبول كوماندىسى بولۇپ،1896-يىلى قۇرۇلغان،ئۆز ۋاقتىدا كوماندا تەشكىلى ئارانلا 30 نەپەرچە ئادەم،كوماندا ئەزالىرى ئارانلا 7-8 ئىدى. مۇسابىقىلىرى رىسىتا بازىرىدىكى بىر داق بوشلۇقتا ئۆتكۈزۈلەتتى.
  
     1902-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ھالدا مادرىد كۇلۇبى قۇرۇلدى،ئەنگىلىيەلىك يوھانسون بىرىنچى قېتىملىق كوماندا تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

    1920-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسپانىيە پادىشاھى < خان جەمەتى > يەنى < Real > دېگەن سۆزنى كۇلۇب ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇپ بېرىپ، پايتەخت -- مادرىد شەھىرىنىڭ پۇتبولچىلىقىغا قوزغاتقۇچ كۈچ قوشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۇلۇب نامى <خان جەمەتى مادرىد > يەنى < Real Madrid > دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
 
   خانلىق مادرىد كوماندىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەتلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئىسپانىيەدە < ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى> تېخى يوق ئىدى، پەقەت خانلىق ئۇيۇشتۇرىدىغان <ئىسپانىيە شاھلىق مۇسابىقىسى>  بار ئىدى. 1905-يىلى مادرىد تۇنجى بولۇپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى،ئۇندىن كېيىنكى 06،07،08 -يىللىرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ،ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىدىكى تۇنجى يانغىن كوماندا بولۇپ قالدى.

   1928-يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. دەسلەپتە بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە 10 كوماندا قاتناشتى. 1932-يىلى خانلىق مادرىد ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالدى،1933-يىلىمۇ لوڭقىغا ئېرىشتى، بىراق شۇندىن كېيىنكى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا خانلىق مادرىد بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېلىپ باقمىدى، 1950-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ھېنرى،دىستىفانو..قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى سېتىۋېلىپ،21 يىلدىن بۇيان ئېرىشەلمىگەن ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا قايتا ئېرىشتى. 1954- يىلىدىن باشلاپ ھەقىقىي ھالدا خانلىق مادرىدنىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلاندى...

   1955-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى <ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى> مۇسابىقىسىنى رەسمىي ھالدا باشلىدى. خانلىق مادرىد ئىسپانىيەگە ۋەكىل بولۇپ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قاتناشتى، ھەمدا تۇنجى قېتىمدىن تارتىپ ئۇدا بەش يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ مۆجىزە ياراتتى، بۇ رېكورت تا  ھازىرغا قەدەر يېڭىلىنىپ باقمىدى.شۇندىن خانلىق مادرىد ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقىدىكى سەردار بولۇپ قالدى

   خانلىق مادرىد 1970-يىللىرىغا ئالتۇن دەۋرىنىڭ قالدۇق روھى بىلەن كىردى، گەرچە بۇ مەزگىلدە ئالتۇن دەۋر ئەزالىرى ئاساسەن قالمىغان، كوماندىدا بەك داڭلىق دېگۈدەك توپچىلار بولمىغان بولسىمۇ، كوماندىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىسپانىيە بۇقا چەۋەندازلىرىغا خاس بولغان جاسارەت بىلەن1972 1975、1976、1978、1979 -يىللىرى ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى.


1980-يىللىق بىرلەشمە ۋە شاھلىق لوڭقىسىغا تەڭ ئېرىشكەندىن باشقا 1982-يىللىق شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى، شۇندىن كېيىن خانلىق مادرىدنىڭ زېرىكىشلىك 5-6 يىللىق دەۋرى باشلاندى....
  
  1985-1986-يىللىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى، 1986-يىلدىن 1990-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا ئۇدا ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىمۇ ئىزچىللىق رېكورتىنى ياراتتى. خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيەدىكى ئىككىنچى ئالتۇن دەۋرى 80-90 يىلىغىچە داۋاملاشتى.

  1990-يىللىق بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىدىن كېيىن،مادرىد ھوقۇقدارلىرىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىزلاپ ئۇدا تۆت يىل بارسېلونانىڭ لوڭقا كۆتۈرگىنىگە قاراپ تۇردى،1995-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى، بىراق بىر يىل ئۆتۈپلا بىرلەشمىدە ئالتىنچىگە چۈشۈپ قالدى. كېيىنكى يىلى داڭلىق تېرىنېر كاپېرونى مادرىد تېرىنېرى قىلىپ 1997-يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ۋە 1998،2000-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.

  21-ئەسىر كىرىشى بىلەن مادرىدنىڭ رەئىسى فىرورۈندىنو زور تۈركۈمدە داڭلىق پۇتبولچىلارنى سېتىۋالدى. خانلىق مادرىد فىگو،زېدان،بېكخام،رونالدو،ئوۋېن... قاتارلىق داڭلىق پۇتبولچىلارنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، كوماندىنىڭ ئومۇمىي سېپىدە زور دەرىجىدە ناچارلىشىش يۈز بەردى....
  
    شۇندىن ئېتىبارەن خانلىق مادرىد 01-02 يىللىق چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ،02-03، 06-07 يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى، كۆپ قېتىملىق پۇتبولچى ۋە تېرىنېرلارنى ئالماشتۇرۇش يۈز بەردى.....


   ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشلانغاندىن تارتىپ 2006~2007-مۇسابىقە پەسلىگىچە خانلىق مادرىد 30 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىغا ئېرىشىپ،ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىغا ئېرىشىش قېتىم سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا  تۇرىۋاتىدۇ،ئۇلاردىن كېيىنلا تۇرىدىغان بارسېلونا بولسا 18 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىپ   باقتى.

   چېمپىيونلۇق لوڭقىسى باشلانغاندىن تارتىپ خانلىق مادرىد 9 قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كۇلۇب سانىلىدۇ،ئۇندىن قالسا مىلەن 7 قېتىم ،لېۋىرپۇل 5 قېتىم ئېرىشكەن.....




  خانلىق مادرىدنىڭ مەيدانى سانتىياگو بېرنابۇ ( Santiago Bernabeu )




   بېرنابۇ 1974-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،جەمئىي 74634 تاماشىبىن سىغىدۇ.




 

 
       مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋاقىت،  ئۇنتۇلماس كۈنلەر ! ! !

                          



  
   خانلىق مادرىدنىڭ 07-08 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ يېڭى ئەزالار تولۇق نۇسخا رەسىمى



                                          07-08 يىللىق كىيىمى
             








 

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +19 يىغىش سەۋەبى
baggio + 9 ئىجادىي يازم ..
totti + 10 ئىجادىي يازم ..

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 15:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كوماندىنىڭ ھەقىقى يامان كوماندا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، لېكىن ھازىر ئەھۋالى سەل تاچاق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 15:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نۇرغا ئوخشاش قاراشتا. بۇ يىل چىمپىيونلوقنى ئالالمايدۇ.   روبىخو سەل چوڭ بولغاندا قانداق بولاركىن ئەمدى.،  تىما ئىگىسىگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-11-12 15:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئەھۋالى چاتاق ئەمەس، ھازىرقى مادرىدنى يېقىنقى 5-6 يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ھالىتىدە دېسەكمۇ بولىدۇ، بىرلەشمە باشلانغاندىن تارتىپ ئۆز مەيدانىدا تولۇق يېڭىپ كەلدى، ھازىرقى بىرلەشمە نومۇرىمۇ بىرىنچى ئورۇندا. ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىمۇ گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ،ئىككىنچى كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 3
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 15:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىرمۇ چىمپىيونلوق لوڭقىسىدا تۆت مەيدان ئويناپ 12 نومور بىلەن تۇرۋاتىدىغۇ . بۇ يىل مانچىستىر چىمپىيون بولدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-11-12 16:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مادرىدنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىنى ياخشى دەپلا يۇقارقى ئىنكاس ئارقىلىق چۈشەندۈردۈم.
كىچىك گۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى ياخشى باشلىۋالغانغىلا چېمپىيون بولۇشى مۇقىملىنىپ كەتسە كېيىنكى مۇسابىقىلەرنى ئوينىمايلا لوڭقىنى بېرىۋەتسە بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 16:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى پەسىلدە كاپىرو بار ۋاقىتتا بەك كۈچۈپ كەتكەچكىمۇ ، خانلىق مادىرىد ئەزالىرىدا بىر خىل چارچاش پىسخىكىسى مەۋجۇت...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 16:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈمران -ئەزگۈچى سىنىپنىڭ تىپى ۋەكىلى.....خان  جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى.....

يەنە  ئىسپانىيەلىكلەر كۇلۇبىمۇ ئوخشاش.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-11-12 16:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبىنى قانداقمۇ بىر سىنىپنىڭ يەنە كېلىپ ئەزگۈچى سىنىپنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېيتقىنى بولسۇن ؟  پۇتبول مۇسابىقىسىدە يا ئېزىپ-ئېزىلىش بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت مەيداندا توپ ئويناش. بۇنداق ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە تارىخ ۋە شۇ خەلق بىر نېمە دەيدۇ،   بىز شەخسەن مەن ئۇلارنىڭ زىددىيەتلىك تارىخىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن،پەقەت پۇتبول تارىخى، كوماندا ئەزالىرى ۋە ئويناش ئۇسلۇبى جەھەتتىن مادرىدنى ياقتۇرىمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-11-12 16:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن6- قەۋەتتىكىruslan007نىڭ2007-11-12 16:14دە يوللىغان يازمىسى  :
ئالدىنقى پەسىلدە كاپىرو بار ۋاقىتتا بەك كۈچۈپ كەتكەچكىمۇ ، خانلىق مادىرىد ئەزالىرىدا بىر خىل چارچاش پىسخىكىسى مەۋجۇت...

    بىر ھەپتىدە ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئويناشقىمۇ توغرا كېلىدىغان پۇتبولچىلارغا ،بىر مۇسابىقە پەسلى بىلەن يەنە بىر مۇسابىقە پەسلى ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش پۇرسىتى ھەر خىل چارچاشقا يېتەرلىك بولار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 17:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-11-12 20:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئال مادرىد داۋاملىق ئالغا!!!!!!!!!!!!
مەن  مادرىدنىڭ  7 بۆرىسى بار ۋاقىتنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
رونالدو، ئوۋىن، رائۇل، زىدانى، فىگو، كارلوس، بېكخام
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش